0:00 / 0:00
بىز يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىن چەتئەلگە چىقىپ، مەلۇم بىر دۆلەتتە ئوقۇۋاتقان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بىلەن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر ياشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى، ئىنكاسىنى بىلىش مەقسىتىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ياش، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قانۇنسىز سىياسەتلىرى ۋە تۇتقۇن قىلىشى، ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ياشاش مۇھىتىنىڭ تارىيىش ئەھۋاللىرى ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىشتەك سىياسىي مەقسەتلىرىنى ئاشكارىلىدى.