ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون ئەتراپىغا جايلاشقان «2049 قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتى» ناملىق ئاقىللار ئامبىرى يېقىندا «خىتاي ساقتا ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ شىنجاڭدىكى باستۇرۇشنى قانداق قانۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك بىر دوكلات ئېلان قىلدى.
دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇق» ۋە «دىنىي ئاشقۇنلۇق» نى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇۋاتقانلىقى، باستۇرۇشنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقى تەكىتلىنىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ تېررورلۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى رەت قىلىشقا، خەلقئارا جەمئىيەتنى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قىلمىشىنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرغان.
مەزكۇر دوكلاتنى «2049 قۇرۇلۇشى ئىنستىتۇتى» نىڭ تەتقىقاتچىسى دىرېۋ جونېس قەلەمگە ئالغان بولۇپ، دوكلاتتا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ قانداقلارچە ھازىرغا ئەھۋالغا كېلىپ قالغانلىقى ئەتراپلىق ئانالىز قىلىنغان. دوكلاتتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك سىياسىي «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نى قۇرۇپ، ساقچى قىسىملىرىنى كۆپەيتكەنلىكى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك تەقىب ئاستىغا ئالغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، خىتاينىڭ بۇ كەمسىتىش خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى «تېررورلۇق» ۋە «دىنى ئاشقۇنلۇق» قا قارشى تۇرۇش نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئېچىپ كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ھازىرقى بۇ ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشى خىتاينىڭ 2001-يىلى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللىي توقۇنىشنى «تېررورلۇق» دەپ شەرھلەپ، ئۇيغۇر خەلقىنى «تېررورلۇق تەھدىتى» دەپ بېكىتىشىدىن باشلانغان. دوكلاتتا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نىڭ تېررورلۇق تەشكىلات ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ش ت ئى ھ نى «تېررورلۇق تەشكىلات» دەپ ئېتىراپ قىلىپ، خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئېتنىك توقۇنۇشنى «تېررورلۇق» دەپ كۆرسىتىشىنى قانۇنلاشتۇرۇشى خىتاينىڭ بۇنى سۇيىئىستېمال قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
دىرېۋ جونېس پەيشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ رايوندا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى ش ت ئى ھ گە باغلاپ «تېررورلۇق» دەپ ئېلان قىلغانلىقى، ھالبۇكى بۇ ۋەقەلەرنى قاتتىق سىياسىي بېسىم كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي كومپارتىيەسى 2001-يىلى ‹11-سېنتەبىر ۋەقەسى› يۈز بېرىپ ئارقىدىنلا ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇرۇن يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى ‹تېررورلۇق› دەپ جاكارلاپ، بۇ ۋەقەلەرنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە باغلاپ كۆرسەتتى. مېنىڭ دوكلاتىمدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ تەشكىلاتنى باھانە قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى قانۇنلۇق قىلىپ كۆرسەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئەمەلىيەتتە بۇ رايوندىكى نۇرغۇن ۋەقەلەر تېررورلۇق ئەمەس بولۇپ، خەلقنىڭ كەڭ كۆلەملىك تەقىب قىلىش ۋە باستۇرۇش سىياسىتىگە قايتۇرغان ئىنكاسى ئىدى. چۈنكى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن باشقا بىر يولى قالمىغان ئىدى.»
لېكىن دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇش، تەقىپلەشكە قارشى ئېلىپ بارغان مىللىي ئىسيانلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇپ، تەقىپلەشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان. دوكلاتتا يېقىنقى 60 يىلدىن بېرى رايوندا نۇرغۇن ئىسيانلارنىڭ پارتلىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، يېقىنقى يىللاردا يۈز بەرگەن «ئۈرۈمچى، قەشقەر، كۈنمىڭ بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردىكى ئاتالمىش ‹تېررورلۇق ھۇجۇملىرى› ئۇيغۇر قوراللىقلىرىغا چېتىشلىق دەپ كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھۇجۇملارنىڭ تەشكىلسىز، مەقسىتى ئېنىق ئەمەس،» دېيىلگەن.
دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ 2016-يىلى ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ رايوندا ساقچىلارنى كۆپەيتىپ، ئاتالمىش «قولايلىق ساقچى پونكىتلىرى» نى قۇرغانلىقى، 2016-ۋە 2017-يىلى بىر يىل ئىچىدە 90 مىڭ ساقچى قوبۇل قىلغانلىقى، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى قاتتىق تەقىبلەش، دىنىي ئېتىقادنى كونترول قىلىش، پاسپورتلارنى يىغىۋېلىش، ئۇيغۇرلارنى سىياسىي «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا قاماشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
دوكلاتتا خىتاينىڭ 2017-يىلى «دىنىي ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش نىزامى» ماقۇللاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نېگىزلىك ئىسلامى ئەنئەنىلىرىنىڭ نىشانغا ئېلىنغانلىقى، «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈپ تاشلىنىپ، قەرەلسىز سىياسىي ۋە ئىدېئولوگىيەلىك «تەربىيە» گە تۇتۇلغانلىقى، ئۇيغۇرلارنى ھېچقانداق قانۇنى رەسمىيەتسىز لاگېرلارغا يوللاشنىڭ خىتاي ئاساسى قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. دىرېۋ جونېس پەيشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نىڭ بەزى جەھەتلەردە ناتسىستلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «(ناتسىستلارنىڭ) يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ئۇنىڭ ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرنى كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئىدى. ئىتتىپاقداش ئارمىيە تاكى بۇ لاگېرلارنى ئىشغال قىلغىچە ئۇنىڭ ئىچىدە يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنى ھېچكىم بىلمەيتتى. ‹تەربىيەلەش لاگېرلىرى› بۇ جەھەتتە ئۇنىڭغا بەك ئوخشاپ كېتىدۇ. بىز ‹تەربىيەلەش لاگېرلىرى› نىڭ قۇرۇلۇشتىكى مەقسىتى، ئۇنىڭ ئىچىدە نېمىلەر يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلمەيمىز. بۇ لاگېرلاردا قايتا تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلىپ، كىشىلەرنى ياخشى پۇقرالاردىن قىلىپ چىقىمىز، دېيىلسىمۇ، لېكىن ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇنىڭ ئىچىدە بىر ئىشلار بولۇۋاتىدۇ. بىز ئۇنىڭ ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىشنى ئىستەيمىز. بۇنىڭدا ب د ت ئالاھىدە تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرىنى ئەۋەتىپ، بۇ لاگېرلاردا ۋە مەزكۇر رايوندا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلىشى كېرەك.»
يەنە بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالغا كېلىپ قېلىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ئۇزۇن يىللىق خىتاي شوۋېنىزىم تەشۋىقاتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن. ئامېرىكىدىكى يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات خىتاي شوۋېنىزىمىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كونترولدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
قاھار بارات مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ۋەقەلەر، بۇ ئىشلار خىتاي ئىچكى سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە كونترولدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇلار قورسىقى تويغاندا خىتاي مىللەتچىلىكى ۋە شوۋېنىزىمىنى ھە-دەپ تەرغىب قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ھە-دەپ بوزەك قىلدى. بۇنداق قىلىۋېرىپ بۇ نەرسە ھازىر كونتروللۇقتىن چىقىپ كەتتى دېسەك بولىدۇ.»
دوكتور قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، لاگېرلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور يوقىتىش بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ئۈچۈن ياخشىلىقنىڭ بېشارىتى ئەمەس ئىكەن. ئۇ كەلگۈسىدە خىتاينىڭ سوراققا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. قاھار بارات مۇنداق دەيدۇ: «ئون پىرسەنت ئەقلىي بار خىتايلار بۇ نەرسىنى چۈشىنىشى كېرەك. بۇنداق ناتسىستلارچە ئۆلۈم لاگېرلىرى ئەڭ ئاخىرى خىتاينىڭ ‹يىپەك يولى ئىقتىسادى› دېگەن پىلانلىرىنى ۋەيران قىلىۋېتىدىغانلىقىنى، خىتاي مىللىتىنى فاشىست بولۇپ ئەڭ ئاخىرى سوراققا تارتىلىدىغان مىللەتكە ئايلاندۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك. شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭمۇ ئەڭ ئاخىرىدا مۇشۇ لاگېرلار سەۋەبلىك تارىخنىڭ سورىقىغا قالىدىغانلىقىنىمۇ بىلىشى كېرەك. ئەمما بۇنى تۈزىتەلەمدۇ ياكى تۈزىتەلمەمدۇ، توختىتالامدۇ ياكى توختىتالمامدۇ، بۇ بىز ئۈچۈن بىر پۈتمەس-تۈگىمەس يوقىلىش، ئەمما بۇ خىتايلار ئۈچۈنمۇ ھېچقاچان ياخشى ئىش ئەمەس.»
دىرېۋ جونېس دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بەزى تەكلىپلەرنى بەرگەن. دوكلاتتا ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خىتاي بىلەن بولغان ئۆز ئارا ئۇچرىشىشلاردا ۋە ب د ت دا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى، خىتايدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشكە بېسىم ئىشلىتىشىنى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ب د ت قاتارلىق ئورگانلاردا تېخىمۇ كەڭ ئورۇن بېرىشنى، ب د ت نىڭ ئۇيغۇر رايونىغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ۋە «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دىكى تۇتقۇنلارنى تەكشۈرۈشىنى، «ماگنىتىسكىي قانۇنى» نى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىردەك رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىدە مەسئۇلىيىتى ئەمەلدارلارنى جازالىشىنى تەلەپ قىلغان.
0:00 / 0:00