مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات پىلانى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.11.12
tyenanmen-uyghur-qarshiliq-6.jpg 3 نەپەر ئۇيغۇر تيەنئەنمېندە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى پايدا قىلغاندىن كېيىن ئامانلىق ساقلاۋاتقان خىتاي قوراللىق كۈچلىرى. 2013-يىلى 31-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.
AFP

شان روبېرتىس ۋە سىكات رادنىز «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان بۈگۈنكى ماقالىسىگە «ئېغىز مايلاش نېمىشقا كارغا كەلمىدى» دەپ ماۋزۇ قويغان بولۇپ، ماقالىنىڭ قوشۇمچە ماۋزۇسىغا بولسا «خىتاي ھۆكۈمىتى ئېتنىك ئاز سانلىقلارنىڭ كىرىمىنى ئازراق ئاشۇرۇش ئارقىلىق مۇقىمسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئالىمەن، دەپ ئويلىدى. ئەمما بايلىق ئارقىلىق ساداقەتمەنلىكنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ» دېگەن بىر جۈملە خەت يېزىپ قويۇلغان. ئۇلار ماقالىسىدە، 28-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىكى ۋەقەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ ئاتىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ بۇنى ئۇيغۇر-خىتاي ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى مىللىي زىددىيەتنىڭ ئۆتكۈرلىشىشىنىڭ نەتىجىسى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ ماقالىسىنى مۇنداق دەپ داۋام قىلغان:
-ئۇيغۇرلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئۆزىنىڭ زېمىنى دەپ قارايدۇ. مانا بۇ ئىدىيە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ئەڭ ئاساسىي مەنبەسى. بۇ زىددىيەت ئۆتكەن 20 يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىچىگە قوشۇۋېتىش ئۈچۈن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىپ ماڭدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قوشۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق قول ۋاسىتىلەرنى قوللاندى. ئۇلار ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتىنى ياخشىلاش ئارقىلىق يەنى ئۇلارنىڭ ئېغزىنى مايلاش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دۆلىتىگە بولغان ساداقەتمەنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىپ باقتى. ئەمما، خىتاينىڭ بۇ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن تاكتىكىسى تېخىمۇ كۆپ مۇقىمسىزلىق يارىتىشتىن باشقا ئىشقا يارىمىدى.

ماقالىنىڭ ئاپتورلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دۆلىتىگە قوشۇلۇشىنى تېزلاشتۇرۇش ئۈچۈن يۈرگۈزگەن ئەڭ مۇنازىرە قوزغايدىغان سىياسىتىنى ‏-ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكىنى، 1990-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكىنى چەكلىگەنلىكىنى، ھەرقانداق سىياسىي كۆز قاراشلارنى قاتتىق چەكلەپ، پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغقانلىقىنى، يۈزلىگەن كىشىنى «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» بىلەن شۇغۇللىنىش، «تېررورلۇق» «بۆلگۈنچىلىك» دېگەن نام بىلەن قولغا ئالغانلىقىنى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنى چەكلەپ، خىتاي تىلىنى زورلىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوشۇۋېتىشنى تېزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىچكىرىدە مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئوخشاش «يۇمشاق كۈچ» نىمۇ قوللانغانلىقىنى، ئەمما بۇ سىياسەتنىڭمۇ مەغلۇپ بولۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي دۆلىتى ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ مۇلاھىزىسىنى مۇنداق دەپ داۋام قىلغان:

-بۇنداق سىياسەتلىرىنىڭ ئىشقا يارىمىغانلىقىنى كۆرگەن خىتاي سىياسەتچىلەر ناھايىتىمۇ جىددىيلىشىپ كەتتى. ئەمما ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قارشىلىقىغا ھەيران قالماسلىقى كېرەك، چۈنكى دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىلىق تەسەللى بېرىش سىياسىتى ئىشقا ياراپ باققان ئەمەس. ئۇلاردىنمۇ ئوخشاش نەتىجە كېلىپ چىققان. ئۇنداقتا نېمىشقا بايلىق ئارقىلىق ساداقەتمەنلىكنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ؟ ئاپتور مۇلاھىزىسىنى داۋام قىلىپ بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تۆۋەندىكىدەك چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن :

-بىرىنچىدىن، ئىقتىسادىي تەرەققىيات كىشىلەرنى سىياسىي جەھەتتىن پاسسىپلاشتۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنى تېخىمۇ سىياسەتكە يېقىنلاشتۇرىدۇ. مودېرنىزم ئالىملىرى نەچچە ئون يىللار ئىلگىرىلا شەھەرلىشىش، مائارىپ ۋە خۇسۇسىي كىرىمدىكى ئارتىشنىڭ كىشىلەردە تېخىمۇ بەك ئۆز مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان ھالەت شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى بايقاپ بولغان. مانا بۇ ھەم 19-ئەسىردە ياۋروپادا مەيدانغا كەلگەن ئىنقىلابلارنىڭ سەۋەبىدۇر...

ئىككىنچىسى، تەرەققىيات تەكشى بولمىغان مىللەتچىلىكنى يوقىتالمايدۇ. بولۇپمۇ ئۇ دۆلەت تەرىپىدىن يېتەكچىلىك قىلىنغاندا تېخىمۇ شۇنداق. تەرەققىياتنىڭ مېۋىسى كۆپىنچە ھاللاردا ئاز سانلىقلارغا تەگمەيدۇ. ئۇنىڭ مېۋىسى كۆپ سانلىقلار ئىچىدە ياكى دۆلەتكە يېقىن تۇرىدىغانلار ئارىسىدا بۆلۈنىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بارا-بارا كۆپ سانلىقلار بىلەن ئاز سانلىقلار ئارىسىدىكى پەرقنىڭ زورىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەرەققىيات داۋامىدا كۆپ سانلىقلار ئاز سانلىقلارنىڭ زېمىنلىرىغا يەرلىشىشكە باشلايدۇ. بۇ كۆپىنچە ھاللاردا ئاز سانلىق گۇرۇپپىلارنىڭ ئۆز زېمىنىدا تۇرۇپ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي جەھەتتىن چەتكە قېقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مانا بۇ پەرقمۇ زىددىيەت پەيدا قىلىدۇ.

ئۈچىنچىدىن، مودېرنىزم ئىستراتېگىيىسىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى يەنە بىر سەۋەب بولسا، ئىنسان تەبىئىتى. ئىنسانلار بەزى قىممەتلەرنى ھەممە نەرسىدىن بەك ئۈستۈن كۆرىدۇ. پۇل، مال-دۇنيا دېگەن ياخشى نەرسە. لېكىن ئادالەتكە، باراۋەرلىككە، ئۆزىنى-ئۆزى ئىدارە قىلىش ۋە ئىنسان غۇرۇرىنىڭ قەدىرلىنىشىگە بولغان ئىنتىلىش بولسا ئىنسان ئۈچۈن تېخىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە. مانا بۇ ئۈچ نۇقتىدىن چىقىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە قارايدىغان بولساق، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويغان تەرەققىيات پىلانى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىدا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چەتكە قېقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇلارنىڭ ئۆز ئانا ماكانلىرىدىن كۆچۈشىگە سەۋەب بولدى. بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى، قەشقەر كوناشەھەر رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆچۈرۈلۈشىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇن قۇرۇلۇش پىلانلىرى باھانىسىدە ئۇيغۇرلارنى يېرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرمەكتە. بۇنىڭغا قوشۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە خىتاي كۆچمەنلىرىگە نۇرغۇن ئىمتىيازلارنى بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچۈشكە ئىلھاملاندۇردى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئېرىشىدىغان پايدىنى تېخىمۇ ئازايتىۋەتتى. نەتىجىدە، ئۇيغۇرلار شەھەرلەردىكى خىزمەتكە ئورۇنلىشىشتا مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچرىدى ۋە رايوندىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن كېلىۋاتقان پايدا ئاساسەن خىتايلارغا قاراپ ئاقتى.

ئاپتور مۇلاھىزىسىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېگەن :
-خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزگەن زامانى ئۆتۈپ كەتكەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسى پەقەت كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ. ئەمما، ئۇ پۇقرالارنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزگەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانىنى ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇدىيىتىگە قىلىنغان بىر ھۇجۇم دەپ قارىدى... بۇنداق بىر مىللەتنىڭ كىملىكى ئارىلاشقان مەسىلىلەردە، ئادەتتە تەرەققىيات پىلانى چوقۇم بارلىق مىللەتلەرنى تەڭ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك، بايلىق تەڭ باراۋەرچە بۆلۈنۈشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، خىتاي ھۆكۈمىتى ياخشى بولمىغان ئاقىۋەتلەر بىلەن يۈزلىشىدۇ. تيەنمېندىكىگە ئوخشاش ھۇجۇملار بەلكىم ئادەتتىكى بىر ئىشلارغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

تاشقى سىياسەت ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ بىرى بولغان شان روبېرتس جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولۇپ، ئۇ تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى. شۇنداقلا ئۇيغۇرشۇناس. شاۋن روبېرتس ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تۈرلۈك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىنى ئورتاقلىشىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە ئېچىلغان يىغىنلاردىمۇ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بېرىپ كەلمەكتە. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا 2011-يىلى ئېچىلغان شەرقىي تۈركىستان ئالىي كېڭىشىنىڭ يىغىنىدىمۇ مەخسۇس دوكلات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات پىلانى ئۈستىدە توختالغان ئىدى. ئۇ سۆزىدە، ھازىر كۆپلىگەن خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە بۇ خىل مەبلەغ سالىدىغانلارنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ شىركەتلەرگە ۋە شۇنداقلا ب د ت نىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىغا ئۇيغۇر ئېلىغا مەبلەغ سېلىشنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.