خىتاي پائالىيەتچى: چاغاننى ئۇيغۇرلارغا تېڭىش چوڭ خىتايچىلىق سىياسىتى

0:00 / 0:00

دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمى بولغاندەك ئەنئەنىۋى يېڭى يىل بايرىمى بار. خىتاي ۋە باشقا بىرمۇنچە مىللەتلەر ئۆتكۈزىدىغان چاغان، ئۇلارغا نىسبەتەن ئۆزلىرىنىڭ كالېندارى بويىچە «يېڭى يىل بايرىمى»، «باھار بايرىمى» ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭغا داڭلىق ئۇيغۇر شائىرى مەرھۇم روزى سايىتنىڭ «نورۇزنامە» ناملىق شېئىرىدىكى «بۈگۈن نورۇز، بۈگۈن بايرام، بۈگۈن ئۇيغۇرچە چاغاندۇر» دېگەن مىسراسى كۇپايە.

ئەمما، چاغان ھازىر خىتاي تەشۋىقاتى بويىچە ئېيتقاندا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يەنى خىتايدىكى 56 مىللەتنىڭ ئورتاق بايرىمى سۈپىتىدە كۆتۈرۈپ چىقىلغان.

خىتاي مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيەت ئىشخانىسى يېقىندا تارقاتقان بىر ئۇقتۇرۇشتا چاغان مەزگىلىدە «بىزنىڭ بايرام» ئاساسىي تېمىسىدىكى پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش، پائالىيەتلەردە «قويۇق جۇڭخۇا ئەنئەنىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش»، «ھەر مىللەت خەلقىنى ئۇلۇغ ۋەتەن، جۇڭخۇا مىللەتلىرى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كومپارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئېتىراپ قىلىشقا يېتەكلەيدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىش» كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر خىتايغا خاس بولغان «چاغان بايرىمى»، «تاۋۇز چاغىنى»، «تاڭزۇڭزا بايرىمى»، «چوكانتال بايرىمى» دېگەندەك خىتاي ئەنئەنىۋى مىللىي بايراملىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئاممىۋى بايرام سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن مەخسۇس تەشكىللىك پىلانلىق پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلۇپ كەلمەكتە. ھەتتا بۇ خىل خىتاي ئەنئەنىۋى بايراملىرى «جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرى» دېگەن سۈپەتتە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇشلۇقىغىمۇ كىرگۈزۈلگەن.

خىتاينىڭ «دۆلەتنىڭ ئاساس مائارىپ بايلىق تورى» دا تارقاتقان باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئىدىيىۋى ئەخلاق دەرسلىكىنىڭ ئىچىدىكى «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرى» دېگەن دەرسنىڭ ئوقۇتۇش لايىھەسىدە چاغاننى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تونۇش، قەدەم-باسقۇچلۇق ئايدىڭلاشتۇرۇش ئوقۇتۇش ۋە پائالىيەت پىلانى كۆرسىتىلگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ 2010-يىلى بۇنىڭغا مۇناسىپ تارقاتقان ئوقۇشلۇقىدا چاغان بايرىمىنىڭ «تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىنتايىن موللىقى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىدە ئۈزۈلمەي داۋاملىشىۋاتقان ئەنئەنىۋى يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىگىچە ئۆگىتىلىشى، دەرسلىكتىن باشقا يەنە ھەر قېتىم بايرام ئۆتكۈزگەندە، ئىنتايىن قويۇق مەدەنىيەت پۇرىقىنى ھېس قىلدۇرۇش ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش» تەلەپ قىلىنغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقىتىلىدىغان شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى دۈشەنبە خەۋەر قىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تور ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. 5-نۆۋەتلىك شىنجاڭ تور چاغانلىق ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى 29-يانۋار ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 520 زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە نەق مەيداندىن تارقىتىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك كېچىلىك «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرايلى» دېگەن تېمىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئۆتكۈزۈلگەن.

«شىنجاڭ رادىئو تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ئۇنسۇ ناھىيەسىنىڭ 2016-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى 1-فېۋرال ناھىيەلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن. يەنە شۇنىڭدەك شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى 1-فېۋرال «چاغاننىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، قەشقەرنىڭ كوچىلىرىدا بايرام كەيپىياتى قويۇقلاشتى» دەپ خەۋەر بەرگەن.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە 28 يانۋار قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پوسكام ناھىيىسى يىما يېزىسىدا ئۇيغۇر دېھقانلارنى يىغىپ، خىتاينىڭ «چاغىنىنى كۈتۈۋېلىپ، بەخت ناخشىسىنى ياڭرىتىش» تېمىسىدا قىزىل ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولغاندەك خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چاغان بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتلەرگە ئۇيغۇرلارنى قاتنىشىشقا مەجبۇرلىشى، يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر تور مۇنازىرە مەيدانلىرىدا «ئۇيغۇرلار چاغان بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش كېرەكمۇ-يوق؟» دېگەن تېمىدا مۇنازىرىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئىدى.

بۇ ھەقتە تورداشلار مۇنداق ئىنكاسلارنى يازغان: «ئەقلىمگە كەلسەم ئاتا-بوۋام چاغان بايرىمىنىڭ قانداق بايراملىقى ئەمەس ئۇنىڭ بايرام ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇقمايدىكەن... مەن چوڭ بولدۇم، ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندە ئاندىن بۇ بىر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بايرىمى ئىكەنلىكىنى بۇ بايرامدا نەچچە كۈن خىزمەت قىلماي دەم ئالىدىغان بايراملىقىنى ئۇقتۇم.»

يەنە بىر تورداش مۇنداق يازغان: «يۈزەكى چۈشەنچەم بويىچە بۇ خەنزۇلارنىڭ بايرىمى بولۇپ خەنزۇلار بايرام قىلسا بىز مىللىيلار خىزمەت قىلماي ئارام ئالىدىغان بايرام دەپ قاراپ خېلى كۆپ ئىشلىرىمنى قىلىۋالاتتىم...»

يەنە بىر تورداش مۇنداق يازغان: «ھازىر بالىلىرىمىز چاغاننى بىلىدۇيۇ، بىراق ئۆزىمىزنىڭ نورۇز بايرىمىنى ياكى رۇزا ھېيتنى بىلمەيدۇ... ئىشنى قىلىپ يېرىم كېچىدە قاق سەھەردە پۈتۈن مەھەللىنى پوجاڭزىنىڭ سەت ئاۋازى قاپلاپ كەتكىنىنى بىلىمەن... دۇنيادا خۇشۇم يوق شۇ بىرنېمىنىڭ ئاۋازى بىلەن...»

مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىنكاسلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ چاغاننى ھېچقاچان بايرام سۈپىتىدە ئۆتكۈزمەيدىغانلىقى، بەلكى بۇ خىل سۈنئىي بايرام كەيپىياتىدىن بىزار بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.

ئۇنداقتا چاغان بايرىمى ئۇيغۇرلاردىن قانچىلىك يىراقلىقتىدۇ؟ بۇ سوئالنى ئامېرىكىدىكى تارىخ پەنلىرى دوكتورى قاھار بارات ئەپەندىگە مۇراجىئەت قىلدۇق.

قاھار بارات ئەپەندى ئىقلىم، جۇغراپىيىلىك شەرت شارائىت، تارىخىي ئەنئەنە، ئېتىقاد ۋە باشقا ھەر جەھەتلەردىن چاغان بايرىمىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ماتېرىياللاردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ چاغان ئۆتكۈزگەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق خاتىرە تاپقىلى بولمايدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چاغاننى زورلاپ تېڭىشى بىلەنلا ئۇنى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتىگە، مەدەنىيىتىگە سىڭدۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى.

ئامېرىكىدىكى «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ياڭ جيەنلى ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان چاغان بايرىمىنى ئۇلارغا تېڭىش، ئەمەلىيەتتە ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سىياسىتى› گە قارشى، ‹چوڭ خىتايچىلىق› نى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى» دېدى.

ياڭ جيەنلىنىڭ قارىشىچە يەنە، خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى باشقا مىللەتلەرگە زورلاپ تېڭىش باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان يەنە بىر خاتا سىياسەت. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ نورۇز بايرىمى بار، ئۆزىنىڭ كىيىنىش ئادەتلىرى بار، بۇلارنى چەكلەپ، خىتاي ئۆزىنىڭكىنى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرى تاڭغاندا بىزارلىق نارازىلىقتىن باشقا نەتىجە بەرمەيدۇ. 56 مىللەتنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ، سۈنئىي بايرام كەيپىياتىنى ياراتقىنى بىلەن خەلق ئۇنى ئىچىدىن قوبۇل قىلمايدۇ.