خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بەزى غەرب ئانالىزچىلىرى تەرىپىدىن، سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئېھتىمالى بولغان رەھبەر، دەپ قارىلىۋاتقان كىشى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي خەلقى نەزىرىدە قانۇن بويىچە دۆلەت باشقۇرۇپ، «جۇڭگو چۈشى» ئارقىلىق خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان رەھبەر دەپ زور ئۈمىد كۈتۈشكە ئېرىشكەن بىر ئادەم ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ يېقىندا ئالىي مەكتەپلەرگە چۈشۈرگەن«يەتتىنى سۆزلىمەسلىك» پەرمانى، ئۇنىڭ خۇ جىنتاۋدىنمۇ مۇستەبىتلىكىنى ئاشكارىلاپ قويدى.
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 5-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى «بەشنى قىلماسلىقتىن ئېشىپ كەتتى» ناملىق خەۋەر بىلەن «بەشنى قىلماسلىقتىن كېيىن، يەتتىنى سۆزلىمەسلىك كېلىپ چىقتى» ناملىق خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي مەركىزى كومىتېتى يېقىندا خىتايدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە «يەتتىنى سۆزلىمەسلىك» يوليورۇقىنى چۈشۈرگەن. شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇقنى قولغا ئالغاندىن بۇيانقى خەلقئاراغا ۋە خىتاي خەلقىگە ئۈمىد بېغىشلاپ كەلگەن سۆزلىرى بۇنىڭ بىلەن قارا تۇمان ئاستىغا كىرىپ قالغان.
خىتاي زىيالىيلىرى بۇنىڭغا قارىتا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ «ئەگەر شى جىنپىڭنىڭ بۇ يوليورۇقى ھەقىقەتەن راست بولسا، ئۇنداقتا جۇڭگو چۈشى دېگەن گەپ، شى جىڭپىڭنىڭ شەخسى چۈشى دېگەن گەپ. خۇددى شىنخەي ئىنقىلابىدىن ئىلگىرىكى پادىشاھلارنىڭ چۈشىگە ئەگەشكەندەك، جۇڭگولۇقلار ئەمدى شى جىنپىڭنىڭ خۇسۇسىي چۈشىگە ئەگىشىدىغان بولدى» دېگەن. بەزىلىرى، شى جىنپىڭ يولغا قويغان «يەتتىنى سۆزلىمەسلىك» پەرمانىنىڭ، ئىلگىرى خۇ جىنتاۋ يولغا قويغان «بەشنى قىلماسلىق» پەرمانىدىنمۇ قەبىھ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، شى جىنپىڭنىڭ خۇ جىنتاۋدىن ھالقىپ، ماۋ زېدۇڭ دەۋرىگە قايتىپ بارغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
نۇرغۇنلىغان خىتاي زىيالىيلىرى ئالىي مەكتەپلەرگە «يەتتىنى سۆزلىمەسلىك» يوليورۇقىنىڭ يەتكۈزۈلگەنلىكىدىن گۇمانلانغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ خۇادۇڭ سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ پروفېسسورلىرىدىن جاڭ شۆجۇڭ، ۋاڭ خۇڭسۇڭ قاتارلىقلار بۇنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ داڭلىق تور بەتلىرىدە، شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو چۈشى» دىن گۇمانلىنىش، ئۇنىڭ جۇڭگو تارىخىدا ئۆتكەن مۇستەبىتلەردىن ھېچ پەرقى يوقلۇقىنى تەكىتلەش، شى جىنپىڭنىڭ خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇۋاتقان ھاماقەت ئىكەنلىكىنى پاش قىلىش دولقۇنى قوزغالغان.
«يەتتىنى سۆزلىمەسلىك» يوليورۇقىنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە يەتكۈزۈلگەنلىكى خىتاي تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ھەيرانلىق، گۇمان، تېڭىرقاش ئىچىدە قالغان خىتاي زىيالىيلىرى دۆلەتنىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەلق گېزىتى قاتارلىقلارنىڭ دەرھال ئىنكاس بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ راست ياكى يالغانلىقى توغرىسىدا بىر نەرسە دېيىشىنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئىنكاس ئوتتۇرىغا چىقمىغان. ئەكسىچە، «يەتتىنى سۆزلىمەسلىك» پەرمانىغا مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن يازمىلار خىتاي تور بەتلىرىدىن بىردەك ئۆچۈرۈلگەن. ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى ئىنكاسلارغا كۆرە، خىتاينىڭ يېڭىدىن ھوقۇق بېشىغا چىققان رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ ئادالەت بىلەن ئەل ئىدارە قىلىشىدىن بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ زور ئۈمىدلەردە بولغان بولۇپ، «يەتتىنى سۆزلىمەسلىك» پەرمانىنىڭ خەۋىرى چىققاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۈمىدلىرىمۇ سۇغا چىلاشقان. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق بىر خىتاي رەھبىرىدىن ئۈمىد كۈتۈشىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، تارىختىن بۇيانقى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا بىر -بىرىدىن ئەشەددىي سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى، ئۆز خەلقىگە كەڭرى سىياسەتنى راۋا كۆرمەيدىغان خىتاي رەھبەرلىرىدىن ئۇيغۇرلارغا ھېچبىر زامان ياخشىلىق كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
خىتاي مەركىزى كومىتېتى تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان ئالىي مەكتەپ دەرسلىكلىرىدە «يەتتىنى سۆزلىمەسلىك» يوليورۇقىدا مۇنداق مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان؛ 1. ئۇنىۋېرسال قىممەت قارىشىنى سۆزلىمەسلىك. 2. ئاخبارات ئەركىنلىكىنى سۆزلىمەسلىك. 3. پۇقرالار جەمئىيىتى توغرىلىق سۆزلىمەسلىك. 4. پۇقرالار ھوقۇقىنى سۆزلىمەسلىك. 5. پارتىيىنىڭ تارىخى خاتالىقلىرىنى سۆزلىمەسلىك. 6. ھوقۇقدارلار كاپىتالىزمنى سۆزلىمەسلىك. 7. ئەدلىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى سۆزلىمەسلىك.
مەلۇمكى، «يەتتىنى سۆزلىمەسلىك» يوليورۇقى، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇش، بۈيۈك جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش چاقىرىقىغا ئۈمىد بىلەن ئەگەشكەن بىر مىلياردتىن ئارتۇق خىتاينى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپلا قالماي، خىتاي خەلقى ئارىسىدا ئۆز كەلگۈسىدىن گۇمانلىنىش روھى ھالىتى پەيدا قىلغان، خىتاي زىيالىيلىرىنى نۇرغۇنلىغان سوئاللار قوينىغا تاشلىغان. كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئۆلچىمى بولغان بۇ نۇقتىلارنى ئالىي مەكتەپلەردە تىلغا ئالماسلىقنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇپ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يېتىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغانلىقى ئايان بولغان.
خۇ جىنتاۋ دەۋرىدە «بەشنى قىلماسلىق» پەرمانى دەۋر سۈرگەن بولۇپ، 2011-يىلىدىكى ئىككى ئومۇمىي يىغىندا ۋۇ باڭگو تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ پەرماننىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: بىرىنچىسى؛ يېتەكچى ئىدىيىنى كۆپخىللاشتۇرىدىغان ئىشنى قىلماسلىق، ئىككىنچىسى؛ پارتىيە، ئارمىيە، ھۆكۈمەتتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ ھوقۇقتا تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش دەيدىغان ئىشنى قىلماسلىق، ئۈچىنچىسى؛ سوت بىلەن ئەدلىيىنى ئايرىش دەيدىغان ئىشنى قىلماسلىق، تۆتىنچىسى؛ فېدېراتسىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇش دەيدىغان ئىشنى قىلماسلىق، بەشىنچىسى؛ خۇسۇسىيلاشتۇرۇش دەيدىغان ئىشنى قىلماسلىق.