غەربنىڭ خىتاي چۈشەنچىسىدىكى كەمتۈكلۈكلەر ۋە ئەپسانىۋى تەسەۋۋۇرلار

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى 2015-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان «2025 خىتايدا ئىشلەنگەن» چاقىرىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 13- ۋە 14-«بەش يىللىق پىلان» باسقۇچلىرى ئارقىلىق ھازىرقىدەك دۇنيانىڭ تۆۋەن تېخنىكىلىق ۋە ئەرزان باھالىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان «ئەمگەك كۈچى بازىرى» بولۇشىدىن «دۇنياۋى تېخنىكا دۆلىتى» گە ئايلىنىش ئارزۇسىنى نامايان قىلدى. ھالبۇكى ئارىدىن ھېچقانچە ئۆتمەي كۆپلىگەن مۇتەخەسسسسلەرۋە سىياسىيونلار بۇنىڭ ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل شىركەتلىرىنى مەجبۇرلاش تۈسىنى ئالغان ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۇنيانىڭ پەن-تېخنىكا يېتەكچىسى بولۇۋېلىش ئۇرۇنۇشى ئىكەنلىكىنى تېزلا بايقىۋالدى. نەتىجىدە غەرب دۇنياسى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دەسلەپكى سۈركىلىشنىڭ پەردىسى ئېچىلدى. ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى بولسا بۇ سۈركىلىشنى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردى. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت مۇشۇ تەرىقىدە بارغانسېرى يىرىكلىشىۋاتقاندا بىر قىسىم ئامېرىكا دىپلوماتلىرى، جۈملىدىن 1970-يىللىرى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك ئالاقە ئورنىتىشتا مۇھىم رول ئوينىغان سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېنرىي كىسىنگىر ئاشكارا ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەرىپلەپ «نۆۋەتتە بىز ئۈچۈن خىتاي بىلەن قايتىدىن سۆھبەتلىشىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى دوستلۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەڭ ئاقىلانە چارە» دەپ كۆرسەتتى.

نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى قاراشلار قىسمەنلىككە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشى نۇرغۇن سىياسىيونلار ۋە ئانالىزچىلارنىڭ تەنقىدىگە دۇچ كەلدى. كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى پېررىي لىنك ئالدىنقى ئايدا «ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى» نىڭ مۇھاكىمە يىغىنىدا بۇ ھەقتە مەخسۇس توختىلىپ «خىتاينىڭ چىن سۇلالىسى ۋە سۈي سۇلالىسى ئۆمرى كوتا خانىدانلىقلار ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ھوقۇقنى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈشى ھەمدە سەددىچىن ئارقىلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى چەتكە قېقىشى دەل خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە ئوخشايدۇ» دېدى. كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئاندرېۋ نېيسېن بولسا «خىتاي كومپارتىيەسى ئەنە شۇ خىل ئەنئەنىۋى قاراشلارنىڭ ئورنىنى ئەركىنلىك قاراشلىرىنىڭ ئىگىلىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيدۇ. چۈنكى ئەركىنلىك قارىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا بەكمۇ زىيانلىق» دەپ كۆرسەتتى. ئامېرىكادىكى ئۆكتىچى خىتاي زىيالىيسى، خىتاي مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ سابىق پروفېسسورى سەي شيا بولسا بۇ ئەھۋاللارنى خۇلاسىلەپ: «ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرى خىتاي ھەققىدىكى بۇ خىل ساددا چۈشەنچىلىرىنى چۆرۈپ تاشلىشى، شۇنىڭدەك مۇستەبىتلىك شەكلىدە ئامېرىكا ۋە باشقا دېموكراتىك ئەللەردىكى قىممەت قارىشى بىلەن قارشىلىشىۋاتقان بۇ ھاكىمىيەتكە تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىر يۈرۈش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىشى لازىم» دېدى.

غەرب دۇنياسىدىكى شۇنچە كۆپ كىشىلەردە نېمە ئۈچۈن خىتاي توغرىسىدا ئەنە شۇنداق «كەمتۈك» چۈشەنچىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رانا مېتىرنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزە ماقالىسىدە تەپسىلىي يورۇتۇلدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭدا خىتايدا ئۆتكەن 30 يىل مابەينىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما غەرب دۇنياسىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى قاراشلىرىدا ھېچقانداق يېڭىلىنىشنىڭ بولمىغانلىقى تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتورنىڭ بۇ ھەقتىكى سېلىشتۇرۇشلىرى شۇنى نامايان قىلغانكى، غەرب دۇنياسىدا «ئىقتىسادىي ئىسلاھاتنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۆز نۆۋىتىدە سىياسىي ئەركىنلىككە يول ئاچىدۇ» دېگەن مەركىزىي چۈشەنچە ئىزچىل ئاساسىي ئېقىمنى تەشكىل قىلىپ كەلگەن. ئەمما بۇ ھال خىتاي دۆلىتىگە كەلگەندە ئۇنداق بولماي قالغان.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ئوينىتىۋاتقان «ھاكىمىيەت تەڭگىسى» نىڭ ئىككى يۈزى پۈتۈنلەي پەرقلىق بولۇپ، بۇنىڭدا دېموكراتىيە بىلەن ئىقتىسادىي گۈللىنىشنىڭ پۈتۈنلەي پەرقلىق ھەمدە بىر-بىرىگە باغلانماس ھادىسە بولىدىغانلىقى مۇقىملاشتۇرۇلغان. خىتايدىكى پۇقرالار ئەمەس، ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىمۇ ئ‍ۆزلىرىنىڭ قانچىلىك باي بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھېچقاچان سىياسىي جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى دېموكراتىك شەكىلدە مۇلاھىزە قىلىش ياكى ئۆز پىكرىنى بىلدۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىنمىغان. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىل كلىنتون ئېيتقاندەك «دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولغاندىن كېيىن خىتاي غەربتىن تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىش بىلەن بىرگە تېخىمۇ ئىلغار ئىدىيەلەرنىمۇ ئىمپورت قىلىدۇ» دېگەن ھۆكۈم ئەمەلگە ئاشماي قالغان. شۇ سەۋەبتىن «خىتاي كەمبەغەللىكتىن قۇتۇلۇپ باي بولسا تەبىئىي ھالدا دېموكراتىيەگە قاراپ ماڭىدۇ» دەيدىغان ساددىلارچە قاراشنىڭ خاتا بولغانلىقى ئاشكارا ئىسپاتلانغان. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئەندىزىسىدە خىتاينى ئىدارە قىلىشتا چەتئەلنىڭ ئىدېئولوگىيەسى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ نەچچە مىڭ يىل داۋام قىلغان خىتايچە ھۆكۈمرانلىق ئەندىزىسى يېتەكچى بولۇشى لازىم، دەپ قارىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ھېچكىممۇ خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىق ئەندىزىسى ھەققىدە ئ‍ۆزگىچە پىكىر قىلىشنى خالىمايدۇ. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا پروفېسسور رانا مۇنداق دەيدۇ.

«ھاكىممۇتلەق ھاكىمىيەت ھەققىدە سۆز بولغاندا گۇمان قىلىش ھېچقانداق ھاجەت بولمىغان بىر نۇقتا شۇكى، خىتاي كومپارتىيەسى 1949-يىلى ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا پۈتكۈل جەمئىيەتنى تولۇق كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن. شۇڭا غەرب دۇنياسىنىڭ خىتاينى بۇ ھالدىن قول ئۈزۈپ جەمئىيەتتىكى ئەركىنلىككە رۇخسەت قىلىدۇ، دەپ قارىشى ئەسلىدىنلا خاتا بولغان بىر قاراش. چۈنكى ھاكىممۇتلەقلىق ھېچقاچان ئەركىنلىككە بوشلۇق ماكانى قويمايدۇ. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن 1989-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەركىنلىك تەلەپ قىلىپ چىققان ئوقۇغۇچىلارنى قانلىق باستۇرۇپ ‹تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى›نى پەيدا قىلدى. بۇ بەكمۇ تىپىك بولغان بىر مىسال. بۇ ھال تاكى خۇ جىنتاۋ رەئىسلىككە چىققۇچە ئاشۇنداق داۋام قىلدى. خۇ جىنتاۋ دەۋرىدە كىچىككىنە بولسىمۇ ئەركىنلىكنىڭ ھىدلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. مەسىلەن ئالساق، بىر قىسىم چەتئەل مۇخبىرلىرى بېيجىڭغا بېرىپ خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ پارىخورلۇق دېگەندەك بەزى ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈپ ماقالە يازالايدىغان بولدى. خىتاينىڭ ئۆزىدىمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كومپارتىيە ۋە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ھەققىدە قىسمەن بولسىمۇ تەنقىدىي پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقالىدى. ئەمما شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن ھەممىلا نەرسە پۈتۈنلەي يەنە خېمىغا يېنىپ كەتتى. بولۇپمۇ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلىش قەتئىي مەنئى قىلىندى. دۆلەت تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى پىكىرلەر قەتئىي چەكلەندى. بۇنىڭغا بويۇنتاۋلىق قىلغانلار كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئېغىر جازالارغا دۇچ كېلىشكە باشلىدى.»

ئاپتورنىڭ پىكرىچە، خىتاي خەلقى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نەچچە ئون يىللاپ داۋام قىلغان «تەشۋىقات ئۇرۇشى» دا خىتاي خەلقىنىڭ نامرات ۋە بىچارە ھالەتتىن قۇتۇلغانلىقى، شۇنىڭدەك دۇنيادىكى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىقتىسادىي قۇۋۋەت ساھىبى بولغانلىقى، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاجسىمان ۋىرۇسىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا تارمار قىلغانلىقى دېگەنلەرگە تولۇق ئىشەندۈرىۋېتىلگەن. يەنە كېلىپ غەرب دۇنياسى خىتاي كومپارتىيەسىنى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنى دەپسەندە قىلدى، دەپ تەنقىدلەۋاتقاندا خىتاي كومپارتىيەسى دەل مۇشۇ خىل ھاكىممۇتلەقلىق ۋە دىكتاتۇرىنىڭ خىتاي خەلقى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان «ئالەمشۇمۇل ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش» نى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن. چۈنكى «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» دەۋرىدىكى زور ئاچارچىلىقتا مىليونلىغان كىشىنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلگەنلىكى، ئەمدىلىكتە بولسا خىتاينىڭ «باياشاتلىققا تولغانلىقى» ھەققىدىكى تېلېۋىزىيە تەشۋىقاتلىرى خىتاي خەلقىنى ھەقىقەتنى كۆرمەس قىلىپ قويغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي خەلقىنىڭ ئۆزلىرىمۇ تەدرىجىي ھالدا دېموكراتىيەنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىغا، ئاللىقاچان شۇنچە «ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر» نى قولغا كەلتۈرگەن كومپارتىيەنىڭ داۋاملىق ھالدا دىكتاتورا شەكلىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنىڭ قانۇنلۇق ۋە يوللۇق بولىدىغانلىقىغا قايىل ۋە مايىل بولۇشقا باشلىغان. ئەنە شۇ سەۋەبتىن نۆۋەتتىكى خىتاي مىللەتچىلىكى ئومۇميۈزلۈك باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا پروفېسسور رانا مىتتېر مۇنداق دەيدۇ.

«بىز چۈشەنمەكچى بولۇۋاتقان يەنە بىر نۇقتا خىتاي خەلقىنىڭ ئۆزلىرى بۇ مەسىلىلەرگە قانداق قارايدىغانلىقىدۇر. بولۇپمۇ ئۇلار تېلېۋىزوردا ھەر كۈنى كۆرىدىغان نەرسىلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈملىرىنى ھازىرلايدۇ. چۈنكى ئىچكى قىسىمدىكى ئىنسانلارنىڭ دۇنياقارىشى ئۈچۈن بۇ ھال بەكمۇ مۇھىم. ئۇلار تېلېۋىزورلاردا كۆرسىتىلىۋاتقان مەزمۇنلار ئاساسىدا خىتاي خەلقىنىڭ دۈشمىنى كىم ئىكەنلىكى، خىتاي مىللىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن بۇ دۈشمەنلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇش لازىملىقى دېگەندەك مىللەتچىلىك ئىدىيەلىرى بىلەن سۇغىرىلىدۇ. چۈنكى خىتايدا پۈتكۈل تېلېۋىزىيە ھوقۇقى ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا بولىدۇ. غەرب دۇنياسى خىتايدىكى بۇ قەدەر ئېشىپ مېڭىۋاتقان مىللەتچىلىك خاھىشىنى چۈشىنەلمىگەندە بەزىلەر بۇنىڭ خۇددى غەرب دۇنياسىدا ئېشىپ مېڭىۋاتقان ‹ئىسلام ۋەھىمىسى› بىلەن بىر قېلىپتىكى ھادىسە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككىسى پۈتۈنلەي پەرق قىلىدۇ. چۈنكى خىتايدىكى مىللەتچىلىك خاھىشى ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلار ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ‹سىنىپىي كۈرەش› ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسىنى ‹دۈشمەن كۈچلەر› ئۈستىدىن غالىپ كېلىشتىكى ئەڭ قۇدرەتلىك تايانچ كۈچ قىلىپ كۆرسەتكەن. ئەمدى بولسا بۇ خىلدىكى ‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى› شەكلىنى ئالغان كونا نەرسىلەر بىلەن تويۇنغان مىللەتچىلىك ئارقىلىق پۈتكۈل خىتاي خەلقىنى يەنە بىر قېتىم خىتاي كومپارتىيەسى ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى ئارقىلىق بۇ دۈشمەن كۈچلەرنى تارمار قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدا بىر ياقتىن پۈتكۈل خەلقنى ئۆز ئەتراپىدىن كېتەلمەس قىلىپ قويغىلى بولىدۇ، يەنە بىر ياقتىن بولسا شۇ ئارقىلىق ھاكىممۇتلەق ھاكىمىيەتنىڭ تۇغما تەبىئىتى بولغان مۇتلەق كونتروللۇقنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار يېقىنقى مەزگىللەردە ھەدېسە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ‹خىتاي خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنى مەغلۇپ قىلغانلىقى›، ‹ياپونلارنىڭ مىڭلىغان خىتايلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى› دېگەنلەرنى، كومپارتىيە بولمىسا ئەنە شۇ خىلدىكى پاجىئەلەرنىڭ يەنە يۈز بېرىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ ھازىر بۇ تارىخنى بىلىدىغان ھايات شاھىتلار ئاساسەن قالمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەنە شۇ يوسۇندا خىتاي خەلقىنى ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە ‹ئەمدىكى نىشانىمىز قەيەردە؟› دەپ ئىزدىنىشكە جەلپ قىلىۋاتىدۇ.»

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، غەرب دۇنياسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر خىتاينىڭ باي بولۇشى ۋە دېموكراتىيەگە قاراپ مېڭىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا ئىزچىل «خىتايلارمۇ ئىنسان. ئۇلارمۇ بىزدەك ھايات كەچۈرىدۇ، بىزدەك پىكىر قىلىدۇ ۋە بىزدەك يېڭىلىق يارىتىدۇ» دەپ ئىشىنىپ كەلگەن. ئەمما خىتاينىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخى مەيلى خىتاي خەلقى بولسۇن ياكى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمران گۇرۇھى بولسۇن ئۇلارنىڭ ھېچقاچان مەسىلىنى غەرب دۇنياسىدەك تەپەككۇر قىلمايدىغانلىقىنى ئاشكارا كۆرسىتىدۇ. غەرب دۇنياسىدىكى كىشىلەرنىڭ خىتاي خەلقىنى ھەممىلا جەھەتتە ئۆزلىرىگە ئوخشاش، دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشى دەل مۇشۇ خىل خاتا ھۆكۈمگە تۇپراق ھازىرلىغان. خىتايلار بولسا ئىزچىل خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئەگىشىدىغان ۋە ئىشىنىدىغان بولۇپ، چەتئەلنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك چۈشەنچىلىرىنى پۇرسەت، دەپ قارىمايدۇ، ئەكسىچە بۇنى بىر تۈرلۈك تەھدىت ياكى بوزەك قىلىش، دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق» چاقىرىقى ھەرقاچان غايەت زور بازارغا ئىگە بولىدۇ. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا پروفېسسور رانا مىتتېر مۇنداق دەيدۇ.

«خىتاي كومپارتىيەسى كۆپ مەنبەلىك تۈزۈلمىنىڭ توغرا ۋە ئىجابىي بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. بۇنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسىنىمۇ ئىشەنچسىز، دەپ قارايدۇ. دېموكراتىك دۆلەتلەردە دۆلەت رەھبەرلىرى ئاشۇ خىل كۆپ مەنبەلىك سىياسىي پەلسەپە ئاساسىدا سايلاپ چىقىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار بۇ ئەندىزىنى بىر ئۆمۈر ھىمايە قىلىدۇ. خىتايدا بولسا بۇنداق سايلام مەۋجۇت ئەمەس. خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزلىرىنىڭ مۇقىملاشقان ئەندىزىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىزچىل يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ جەمئىيەتنى ۋە پۇقرالارنى كۆزىتىپ تۇرۇش قورالى قىلىپ كەلمەكتە. ئۇلار غايەت زور ئىقتىسادىي سېلىنما ھېسابىغا پۈتكۈل پۇقرالارنىڭ ئۇچۇرىنى توپلاپ، غايەت زور سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇپ چىقىۋاتىدۇ. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق پۈتكۈل خەلقنىڭ ئۆز ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇشىغا كېپىللىك قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. شۇنىڭدەك خەلق ئاممىسىنى ھازىرقى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە بوۋىلىرىنىڭ دەۋرىدىكىدىن غايەت زور دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقىغا ئىشەندۈرۈۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن رازىمەنلىك تۇيغۇسى جۇش ئۇرغان خەلق ھەممىلا يەرنى قاپلىغان نازارەت مېخانىزمى شارائىتىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆزلىرىدىن توپلىغان تەپسىلىي ئۇچۇرلار ئاساسىدا ئۆزلىرىنى سىياسىي جەھەتتە قانداق كونترول قىلىپ بولغانلىقىنى سېزەلمەس بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.»

ئاپتورنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غەرب دۇنياسىدىكى ھەر ساھەنىڭ خىتاي ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى ئەنە شۇ خىل ئەمەلىي بولمىغان چۈشەنچىلەرنى ئاساس قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ئۆتكەن يىگىرمە يىلدا غەرب دۇنياسى ئارزۇ قىلغان يۆنىلىشكە قاراپ سىلجىمىغان. ئەكسىچە نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ئەندىزىسىنى دۇنياغا كېڭەيتىش كويىدا بولۇۋاتقان بولۇپ، غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرىسىدىكى زور توقۇنۇشنىڭ پەردىسى ئەنە شۇ يوسۇندا تەدرىجىي ئېچىلماقتىكەن.