ۋېي جىڭشېڭ: «ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋابكار!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-01-09
Share
wei-jingsheng-amerika-parlament-yighinida.jpg خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ۋەكىلى ۋېي جىڭشېڭ(ئوڭدا) ئامېرىكا پارلامېنت يىغىنىدا. 2016-يىلى 8-دېكابىر، ۋاشىنگتون.
RFA/Aziz

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئىزچىل داۋالغۇش ھالىتىدە مەۋجۇت بولۇشى ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار بولغان مىللەتلەر مۇناسىۋىتى مەسىلىلىرى ئۇزۇندىن بۇيان بىر قىسىم ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرى ھەمدە ئانالىزچىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم ئورتاق تېما بۇ خىل نارازىلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى يادرولۇق سەۋەبلەر ھەمدە بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسىدۇر. ئامېرىكىدا ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتقان خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن ۋېي جىڭشېڭ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىلەر ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى بىلەن تونۇشلۇق ئالىملارنىڭ بايانلىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارى 1949-يىلى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ «تىنچ ئازاد قىلىش» شەكلى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر ئۆلكىسىگە ئايلانغاندىن بۇيان، مەزكۇر رايوندا ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلىلەرنىڭ بىرى-مەزكۇر رايوندىكى يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن بۇ رايونغا توختاۋسىز كۆچۈپ كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي توقۇنۇش بولۇپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ بۇ خىل توقۇنۇشلارنىڭ مەيلى سان ياكى كۆلەم جەھەتتە ئىلگىرىكىدىن كۆپ دەرىجىدە ئېشىپ مېڭىۋاتقانلىقى يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئۇچۇر مەنبەلىرى بولسا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى خىتايلار نوپۇسىنىڭ 1949-يىلىدىكى نوپۇس سىتاتىستىكىسىدا ئىگىلىگەن 5% لىك نىسبەتتىن ھازىرقى كۈندە ئومۇمىي نوپۇس سالمىقىدا ئاللىقاچان 40% تىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، يەرلىك مىللەت بولغان ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ بولسا ئەينى ۋاقىتتىكى ساندىن بىر قاتلانغانلىقىنى ئىشارە قىلىدۇ. بەزى مۇتەخەسسىسلەر مانا مۇشۇ ئەھۋالغا قاراپ نوپۇس پەرقى جەھەتتىكى بۇ خىل تەتۈر ئېشىش مەزكۇر رايوندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش پەيدا بولۇشنىڭ بىر مۇھىم سەۋەبى، دەپ قارايدۇ.

ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىزچىل ھالدا ئەڭ چوڭ مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كېلىۋاتقان بۇ خىل مىللىي توقۇنۇش ۋە ئۇنىڭغا ياندىشىپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ پىكرىنى ئېلىپ بېقىش مەقسىتىدە، ئامېرىكىدا تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋېي جىڭشېڭ بىلەن سۆھبەتتە بولدۇق.

ۋېي جىڭشېڭ ئۆزىنىڭ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە ساھەسىدىكى پائالىيەتلىرى، شۇنىڭدەك خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ دىكتاتورلۇقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش مەزمۇنىدىكى ماقالىلىرى سەۋەبلىك ھاياتىنىڭ 18 يىلىنى خىتاي تۈرمىسىدە ئۆتكۈزگەن. 1997-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن داۋالىنىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن. بۇ جەرياندا «روبېرت كېننېدى ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتى»، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ «ساخاروف مۇكاپاتى»، «ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى مۇكاپاتى» قاتارلىق كۆپلىگەن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەتتە قېتىم «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» نىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن. ۋېي جىڭشېڭ چەتئەللەردە «خىتاي دېموكراتىيىسىنىڭ ئاتىسى»، «خىتاينىڭ نېلسون ماندېلاسى» دېگەندەك ھۆرمەت ناملىرى بىلەنمۇ مەشھۇر بولغان. ئۇ ھازىر «خىتاي دېموكراتلار ئىتتىپاقى» نىڭ ۋە «ۋېي جىڭشېڭ ۋەخپى» نىڭ رەئىسى بولۇپ ئىشلىمەكتە.

ۋېي جىڭشېڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مىللىي مۇناسىۋەتنىڭ ئۆتكەن ئاتمىش يىلدا زور بىر داۋالغۇشنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئۇزۇن داۋالغۇشنىڭ ھازىر مىللىي ئۆچمەنلىككە تەرەققىي قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇنىڭدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپلىمە مىللىي سىياسىتى، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى بۇنىڭدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ئۇ (خىتاي ھۆكۈمىتى) ھازىر خىتايلارنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلماسلىققا رىغبەتلەندۈرۈۋاتىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، بۇ تەبىئىي يوسۇندا ھەرقايسى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلىدۇ. يەنە بىرى، ئىقتىسادىي مەنپەئەت نۇقتىسىدىن ئالغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا كەمسىتىش مۇئامىلىسىدە بولۇپ كەلمەكتە. ئاز سانلىق مىللەتلەر باشقا جەھەتلەردىمۇ كەمسىتىشكە دۇچار بولۇۋاتىدۇ. مانا مۇشۇ ئامىللارنىڭ رول ئوينىشى بىلەن مىللەتلەر مۇناسىۋىتى بارغانسېرى جىددىيلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە 1950-يىللارنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇ ۋاقىتلاردا مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئۇنچىۋالا مۇرەككەپ ئەمەس ئىدى. يەنە كېلىپ ئۇ ۋاقىتلاردا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتى ئۇنداق زور دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىمىغان ئىدى. ئەمما يېقىنقى يىگىرمە-ئوتتۇز يىل مابەينىدە، بولۇپمۇ دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئىسلاھاتىدىن كېيىن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۈرلۈك مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش تولىمۇ كەسكىن بىر سەۋىيىگە كۆتۈرۈلدى. مەسىلەن، شىنجاڭنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇ جايدىن شۇنچە كۆپ كان بايلىقلىرى، نېفت ۋە باشقا تەبىئىي بايلىقلار قېزىلدى. ئەمما شۇ جايدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بۇنىڭدىن ھېچقانداق مەنپەئەت تەگمىدى. ئۇنداقتا بۇ ئىقتىسادىي مەنپەئەت قەيەرگە كەتتى؟ ئېنىقكى، بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ كەتتى، شۇنداقلا شۇ جايدىكى خىتايلارغىمۇ بۇنىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر پايدىسى تەگدى. بۇ بولسا ھازىرقىدەك مىللەتلەر مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپ كېتىشنى پەيدا قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئىقتىسادىي مەنپەئەت مۇناسىۋىتى ھەمدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ھەمدە دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىشتەك مۇشۇ ئىككى ئامىلنى پۈتۈنلەي خىتاي ھۆكۈمىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ قارايمەن.»

ۋېي جىڭشېڭنىڭ قارىشىچە، ھازىر خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي كەمسىتىش ۋە ئىقتىسادىي تالان-تاراج خاراكتېرىدىكى دۆلەت سىياسىتى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، بۇ يۈزلىنىشنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە تېخىمۇ زور ۋەقەلەرنى پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت ئىكەن. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ھوقۇقنى قولغا ئالغاندىن بۇيانقى بارلىق مىللىي سىياسەتلەر ئەمەلىيەتتە شۇنداق بىر مۇھىتنىڭ يارىتىلىۋاتقانلىقىنى ئىشارە قىلماقتا ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر شۇنداق بىر خاھىش مەۋجۇت. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى غەرەزلىك ھالدا شۇ جايدىكى خىتايلارنى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن، يەنى ئۇيغۇرلار بىلەن زىددىيەت تۇغدۇرۇشقا قۇترىتىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ مەقسىتى مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق شۇ جايدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئۇلارنى قەددىنى كۆتۈرۈلمەيدىغان قىلىۋېتىش. بۇ خىلدىكى تەدبىرلەر ئېنىقكى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بارغانسېرى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ. بۇ ھال ئاخىرى بېرىپ مەن كۆرۈشنى زىنھار خالىمايدىغان زور كۆلەملىك مالىمانچىلىققا ئاپىرىشى مۇمكىن. شۇڭا شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيانقى ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇم ۋە زۇلۇم خاراكتېرىدىكى سىياسەتلەر مۇشۇ يوسۇندا داۋام قىلىدىكەن، مېنىڭچە بۇ، ئۇ چاغدا تېخىمۇ چوڭ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس.»
ھازىرقى ئومۇمى ۋەزىيەتنى تىلغا ئالغا ئالغان ۋېي جىڭشېڭ ئۇيغۇرلار رايونىدا يەنە بىر قېتىملىق چوڭ كۆلەملىك قان تۆكۈلۈش ۋەقەسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چوڭ بىر توسقۇنلۇقنىڭ يوقلۇقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدا ھەل قىلغۇچ ئامىل بولىدىغىنى يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتى بولۇپ، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ كەلگۈسىدىكى سىياسىي ۋەزىيىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىش كۈچىگە ئىگە ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭدىن سورىسىڭىز، بۇ يەردە ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر نۇقتا بار: ئۇ بولسىمۇ بىر ھاكىمىيەت ئالدى بىلەن باشقىلارغا ھۆرمەت قىلىشى، باشقىلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە، دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىشى، ھەر خىل باھانىلەرنى كۆرسىتىپ باشقىلارنىڭ مەسچىتلىرىنى چېقىۋېتىدىغان يولسىزلىقلارغا خاتىمە بېرىشى لازىم. ھازىر نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى دىنىي ئېتىقاد بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتىدۇ، ئەمما بۇ ھال ھۆرمەتلىنىش ئورنىغا چەكلىنىۋاتىدۇ. بۇ خىل ھۆرمەت باشقا ھەرقانداق مىللەتكە، جۈملىدىن بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان تىبەتلەرگە ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئوخشاش كۆرسىتىلىشى لازىم. باشقىلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ، ئەكسىچە، ئۇنى ھۆرمەت قىلىش لازىم. بۇ مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى بىر ئاددىي ساۋات، شۇنداقلا ناھايىتى مۇھىم بولغان بىر ھەل قىلىش چارىسى. يەنە بىرى شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى قانداقلىكى ياخشى ئىشلار ياكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەر بولسا ئۇنىڭدىن بىردەك ھەمبەھىر بولالىشى لازىم. يەرلىك مىللەتنى كەمسىتىش ھەمدە شۇ جايدىكى خىتاي پۇقرالىرىنى شۇ رايوندىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرگە يېگانە ساھىب قىلىپ قويۇش ياكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىڭ كۆپ قىسمىنى ھۆكۈمەتنىڭ قولى ئارقىلىق ئېلىپ كېتىش دېگەنلەرگە خاتىمە بېرىشمۇ مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتتە ئوتتۇرىغا چىققان توقۇنۇشلارنى ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ بىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى.»

مەزكۇر مەسىلىنى چۆرىدىگەن يادرولۇق ئامىللارنىڭ قايسى نۇقتىلار بويىچە ھەل قىلىنىشى توغرىسىدا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئانالىزچىلار ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ قارىشى بۇنىڭدىن پەرقلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش خاھىشىنىڭ قايسى يوسۇندا ئەمەلگە ئېشىشى ئىكەن.

ھالبۇكى ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىدا يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ خاھىشىغا خىلاپ بولغان تۈرلۈك يەرلىك سىياسەتلەر ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرىكى مىللىي سىياسەتلەرنى ئۆزگەرتىش نىيىتىدە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان روشەن ئالامەتلەر تېخى ئوتتۇرىغا چىقمىغانلىقى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت