ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى داۋىد شامباۋ «دۆلەت مەنپەئەتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە ئۆزىنىڭ خىتاينى كىشىلەر پەرەز قىلغاندەك دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت بولالمايدۇ، دەپ قارىشىدىكى سەۋەبنى دىپلوماتىيە، ھەربىي كۈچى، مەدەنىيىتى، ئىقتىسادىي كۈچى ۋە ئىچكى ئېلېمېنتلىرىدىن ئىبارەت 5 نۇقتا بويىچە ئايرىم - ئايرىم تەھلىل قىلغان.
ئۇ مۇلاھىزىسىنىڭ بېشىدا خىتاي دىپلوماتىيىسىنىڭ پاسسىپلىقى، خىتاينىڭ تېخى چوڭ دۆلەتلىك سالاھىيىتىگە چۇشلۇق خەلقئارادا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان ياكى ئۇنىڭغا يۆنىلىش بېرىدىغان ھالغا كەلمىگەنلىكىنى، خىتاي ئارمىيىسىنىڭمۇ دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت بولىدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ مەدەنىيەت ئارقىلىق سىڭىپ كىرىش يەنى خەلقئارا تېرىملاردا «يۇمشاق كۈچ» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە توختالغان. ئۇ خىتاينىڭ خېلى يىللاردىن بۇيان دۇنيادا ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن «يۇمشاق كۈچ» كە نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ باققان بولسىمۇ، بۇنىڭدىن بىر نەتىجە ئالالمىغانلىقىنى، ھازىرغىچە دۇنيادا ھېچقانداق بىر جەمئىيەتنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىنى ياكى خىتاينىڭ سىياسىي سىستېمىسىنى كۆچۈرۈشنى ئارزۇ قىلىپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، 2008 - ئولىمپىك مۇسابىقىسىمۇ خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى ياخشىلاش ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى ئىدى ۋە ئولىمپىكتىن كېيىن خىتاي بۇ خىل ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىپ ئېلىپ بارغان. ئەمما بۇنىڭغا قارىماي دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان بارلىق خەلق رايىنى سىناشلاردا كىشىلەرنىڭ خىتايغا بولغان كۆز قارىشى مۈجمەللىكى مەلۇم بولغان، ھەتتا بەزى دۆلەتلەردە كەينىگە چېكىنىپ كەتكەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن :
- خىتاي مەدەنىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن باشقىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلالمايۋاتىدۇ. چۈنكى، ئۇ بۇ جەھەتلەردە باشقىلاردىن بەكلا پەرقلىق. خىتاي ئۆزىنىڭ چېگراسىنىڭ سىرتىدا خەلقئارالىق جەلپكارلىققا ئىگە ئەمەس... خىتاينىڭ رەسىم سەنئىتى، مۇزىكىسى، فىلىملىرى ۋە مائارىپ سىستېمىسى ھېلىھەم تاشقى دۇنياغا تونۇلمىغان ۋە ئۇ خەلقئارالىق مەدەنىيەت ئېقىمى يارىتالمايدۇ. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ھەۋەس قىلغۇدەك زور بولسىمۇ، ئەمما بۇ تەرەققىياتنىڭ ئېلېمېنتلىرىنى باشقا بىر دۆلەتكە كۆچۈرۈپ ئاپىرىپ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.
داۋىد ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ سىياسىي سىستېمىسىنىڭ لېنىنچە كوممۇنىزمنىڭ ئۆزگىچە بىرىكمىسى، ئاسىياچە دىكتاتورىلىق، كۇڭزى ئەنئەنىسى ۋە كۈچلۈك ئىچكى خەۋپسىزلىك سىستېمىسىنىڭ ئورتاق بىرىكمىلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر سېسىما ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ «بىز ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ بۇ سىستېمىسىنى ئۆزلەشتۈرەي دېگىنىنى ياكى بىر چەتئەللىكنىڭ خىتايدىن سىياسىي پاناھلىق، پۇقرالىق تەلەپ قىلاي، دەپ باققىنى يوق» دەپ بايان قىلغان.
داۋىد شامباۋ ئەپەندى مۇلاھىزە قىلغان تۆتىنچى نۇقتا بولسا ئىقتىساد. ئۇ ئىقتىسادىي ساھەنىڭ كىشىلەر خىتاينى شەك - شۈبھىسىزكى دۇنياۋى كۈچ ياكى يۆنىلىش بەلگىلىگۈچى، دەپ قارايدىغان ساھە ئىكەنلىكى ئەمما خىتاينىڭ خۇددى يۇقىرىدا ئېيتىلغان ساھەلەردىكىگە ئوخشاشلا «ساندا بار، ساناقتا يوق» لىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تىجارەت دۆلىتى، بىراق ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى تۆۋەن دەرىجىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى، ئۇنىڭ ماللىرى خەلقئارالىق ماركا ئۆلچىمىگە توشمىغان، ئۇلارنىڭ خەلقئارالىق شېركەتلىرى بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەكلا ئاز، چەتئەللەرگە بىۋاسىتە مەبلەغ سالغان شىركەتلىرىنىڭ پاي چېكى ئاران 17 - ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇنىڭ چەتئەللەرگە قىلغان ياردەم مەبلەغلىرىنىڭ مىقدارى ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياپونىيە ۋە دۇنيا بانكىسىغا سېلىشتۇرغاندا تولىمۇ ئاز.
ئاپتور مۇلاھىزىسىدە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ھازىرمۇ «پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە قۇراشتۇرۇش» ئىقتىسادى ئىكەنلىكىنى، ئىجادچانلىق روھىغا ياكى بىرەر يېڭى كەشپىياتقا ئىگە ئەمەسلىكىنى، خىتايدا قۇراشتۇرۇلۇۋاتقان ماللارنىڭ تېخنىكا ئىگىلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاينىڭ كەڭ يامراپ كەتكەن بىلىم ۋە تېخنىكا ئوغرىلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر يىلى يەرلىك بىر نەرسە ئىجاد قىلىپ چىقىش ئۈچۈن مىلياردلارچە دوللار سەرپ قىلىشى دەل ئۇلارنىڭ ئىجادچانلىقىنىڭ يوقلۇقىنى بوينىغا ئېلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، دېگەن. ئۇ بۇ سەۋەبتىن ھازىر خىتاينىڭ «ئوتتۇرا ھال كىرىم» پاتقىقىغا پېتىپ قالغانلىقى، بۇ پاتقاقتىن چىقىشنىڭ بىردىن - بىر يولىنىڭ ئىسلاھات ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، سىنگاپور، تەيۋەنلەردە ئىلگىرى ئىسپاتلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن :
- بۇ پاتقاقتىن چىقىش ئۈچۈن پەقەت دۆلەتنىڭ تەتقىقات ئىشلىرىغا ۋە تەرەققىياتقا مەبلەغ سلېشى بىلەنلا چىققىلى بولمايدۇ. ئۇ كرىتىك چۈشەنچىلەر ۋە قېزىش - تەكشۈرۈش ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مائارىپ سىستېمىسىنى تەلەپ قىلىدۇ. جۈملىدىن بۇ، ئوچۇق ۋە دېموكراتىك بولغان، «چەكلەنگەن رايون» لار مەۋجۇت بولمىغان بىر تەتقىقات ساھەسىگە كاپالەتلىك قىلالايدىغان بىر سىياسىي سىستېما تەلەپ قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ۋە زىيالىيلار ئەنئەنىۋىلىككە رىقابەت ئېلان قىلغانلىقى ياكى خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانماسلىقى، جازالانماسلىقى كېرەك. ئەكسىچە تەقدىرلىنىشى كېرەك. قاچانىكى مۇشۇ سىستېما ئوتتۇرىغا چىققۇچە، خىتاي مەڭگۈ بۇ «ئوتتۇرا ھال كىرىم» پاتقىقىدىن چىقالمايدۇ. قۇراشتۇرىدۇ، ئىشلەپچىقىرىدۇ، ئىجات قىلالمايدۇ، يېڭىلىق يارىتالمايدۇ.
داۋىد شامباۋ ئەپەندى مۇلاھىزىىسى داۋامىدا يەنە، خىتايدىكى ئىقتىسادىي ساھەدە كۆرۈلۈۋاتقان يەنە نۇرغۇن باشقا مەسىلىلەر مەسىلەن، سېلىنىۋاتقان مەبلەغلەرنىڭ كەتكەن ئورنى، خىتاي پۇلىنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشى، خىتاي پۇلدارلارنىڭ چەتئەللەرگە قېچىشى، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ خەلقئارا بازارلاردا رىقابەت قىلالماسلىقى دېگەندەك يەنە نۇرغۇن ساھەلەردە كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇنىڭغا ھېچبىر خىتاي شىركىتىنىڭ «ئىقتىساد ھەپتىلىكى ژۇرنىلى» دىكى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 100 ماركا قاتارىغا كىرەلمىگەنلىكىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن.
داۋىد شامباۋنىڭ خىتاينى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولالمايدۇ، دەپ قارىشىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئامىل بولسا ئىچكى ئېلېمېنتلار. ئۇ بۇ قىسىمدا خىتاينىڭ پىكىر ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى جەھەتتە دۇنيادىكى 197 دۆلەت ئىچىدە 183 - ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى، ئۇنىڭ دۇنيا بانكىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان باھالاش دوكلاتىدا، سىياسىي مۇقىملىق، چىرىكلىكنى يوقىتىش، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىر ئۈنۈمى، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ۋە ئىشەنچلىك بولۇش جەھەتلەردە ناھايىتى تۆۋەن نومۇر ئالغانلىقىنى، «دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى تەشكىلاتى» نىڭ دوكلاتىدىمۇ چىرىكلىك ۋە تىجارەت ئەخلاقى بويىچە ئىنتايىن تۆۋەن نومۇر ئالغانلىقىنى، خىتاينىڭ يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان بۇ ساھەلەردە تېخىمۇ كەينىگە چېكىنگەنلىكىنى بايان قىلغان.. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئومۇمىي دارامەت 8000 دوللارغا يېقىن بولسىمۇ ئەمما نوپۇسنىڭ يەنە 13 پىرسەنتتىن ئارتۇقى كۈندە 1 يېرىم دوللارغىمۇ يەتمەيدىغان كىرىم بىلەن ياشايدىكەن. مۇھىت مەسىلىسى ئېغىر، سەھىيە خىزمەتلىرىدە زور مەسىلىلەر مەۋجۇت. خىتاينىڭ ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىنىڭ نەتىجىلىرى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرسىمۇ، ئۇنىۋېرسىتېت سىستېمىسى دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ جىق ئارقىدا. داۋىد شامباۋ سۆزىدە ئەسكەرتىپ «خىتاينىڭ 30 يىلدىكى تەرەققىيات نەتىجىلىرى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ياخشى بولسىمۇ، ئەمما يۇقىرىدىكى ئامىللار ئۇنىڭ يەنىلا خەلقئارادىكى زور كۈچ بولۇشتىن ئۇزاق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەن.
ئۇ ماقالىسىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا، يۇقىرىدىكىلەرنى بۈگۈنكى خىتاينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ئىكەنلىكىنى، خىتايدا ئىسلاھات ئېلىپ بارماي تۇرۇپ، بۇ مەسىلىلەرنىڭ يېشىلمايدىغانلىقى، ئەمما خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۆزىگە تەسىر يېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ بۇنداق ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە خىتايدا ھازىر ھەرخىل سىياسىي كۈرەشلەر، ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىقلار ۋە بولۇپمۇ ئۇيغۇر، تىبەت رايونلىرىدىكى مۇقىمسىزلىقلارنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكى، خىتاي ئىقتىسادىنىڭمۇ ھازىر ئۇچ نۇقتىغا بېرىپ قالغانلىقى، بۇندىن كېيىن ئوخشاش تەرەققىياتنى داۋام قىلدۇرۇپ - قىلدۇرالمايدىغانلىقى ھەققىدىمۇ گۇمانلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ماقالىسىنى مۇنداق دەپ ئاياغلاشتۇرغان «خىتاينىڭ پەقەت پارلاق تەرەپلىرىنىلا كۆرۈش خەتەرلىك مەي بىلەن مەست قىلىنغانغا ئوخشايدۇ. خىتاي خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى ئالدىدا تېخى ھەل قىلمىسا بولمايدىغان نۇرغۇن جىددىي رىقابەتلەر بار. كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ كەلگۈسىدىمۇ ئۆتكەن 30 يىلدا كۆرسەتكەن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىدۇ، ۋە ياكى ئۇنىڭ دۇنياۋى قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇش سەپىرى مۇقەررەر داۋام قىلىدۇ، دەپ قارىغۇلارچە قىياس قىلماسلىقى كېرەك»
0:00 / 0:00