خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەمەلدار ئالماشتۇرۇش، جازالاش ياكى ئەمەلدارلارنى ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاش قىلمىشلىرى دىققەت قوزغىماقتا.
ب ب س نىڭ 5-يانۋار خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەلۇماتىدىن نەقىل ئېلىپ بايان قىلىشىچە، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ جىنبياۋ «ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق ھەم بىپەرۋالىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.
خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، 53 ياشلىق جاڭ جىنبياۋ ئەسلىدە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولۇپ، 2016-يىلى 5-ئايدا خوتەن ۋىلايىتىگە يۆتكەپ كېلىنگەن. ئۇنىڭ ئىنتىزامغا قايسى دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى، كونكرېتنى نېمە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنمىغان. ئۇنىڭ 28-دېكابىر ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان قاراقاش پارتكوم بىناسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ بىر ھەپتە ئۆتمەيلا تۇتۇپ تۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغانلىقى دىققەتنى چېكىدۇ.
مەلۇمكى، مۇشۇ چارشەنبە كۈنىلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى مو جۇئەن چېرىكلىك جىنايىتى بىلەن 16 يىللىق قاماق جازاسىغا يولۇققان ئىدى. تېخى ئالدىنقى ھەپتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، قوشۇمچە گۇما ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى شېن يىنىڭ «ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش» جىنايىتى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇندىن باشقا، خىتاي تاراتقۇلىرى يەنە ئۆتكەن يىلى 4-ئايدا خوتەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن يۋەنخۋانىڭ «ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش» جىنايىتى بىلەن جازالانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يەنە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 7 نەپەر ئەمەلدارنىڭ «ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى» سەۋەبىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئالدىنقى ئايدا ئاشكارىلىغان. بۇ 7 ئەمەلدارنىڭ 5 نەپىرى خىتاي، 2 نەپىرى ئۇيغۇر ئىدى.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى تور بەتلەردە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلى 4-ئايدىن بۇيان قاماق جازالىرىغا ئۇچرىغان، ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلانغان ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، 2016-يىلى 8-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن يۆتكەپ كېتىلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە «چېرىكلىككە زەربە بېرىش» نامىدا يۈز بەرگەن ھەم يۈز بېرىۋاتقان بۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ چېرىكلىك بىلەنلا ئالاقىدار بولۇشى گۇمان قوزغايدۇ.
خوڭكوڭلۇق خىتاي زىيالىيسى مو يەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ جازالىنىشىنىڭ، چېرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىن بەكرەك، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ قارىشىمچە، شى جىنپىڭ چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەت خىتايدا باشقا مەنىگە، ئۇيغۇر دىيارىدا يەنە باشقا مەنىگە ئىگە. خىتايدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتتە شى جىنپىڭنىڭ مەقسىتى ھاكىمىيەت قاتلاملىرىدىن ئۆزىگە قارشى كۈچلەرنى تازىلاش، ئۆز تەرەپدارلىرىنى ھوقۇق بېشىغا ئېلىپ چىقىش. ئۇيغۇر دىيارىدا بولسا، ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇقى، چېرىكلىكى جىددىي مەسىلە ئەمەس. جىددىي بولغىنى رايوننىڭ مۇقىملىقى. پۈتۈن خىتايدا پارا ئالمايدىغان، چىرىمىگەن ئەمەلدار يوق. بىراق ئۇيغۇر دىيارىدىكى چېرىكلىك بىۋاسىتە رايوننى مۇقىمسىزلاشتۇرۇپ، قارشىلىقلارنىڭ كۈچىيىشىگە، نەتىجىدە كومپارتىيەنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بولغان ئىگىدارچىلىقىغا خەۋپ يارىتىشقا سەۋەب بولىدۇ. ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىقلارنىڭ بېسىقماسلىقى بېيجىڭنى پاراكەندە قىلىۋاتقان چوڭ مەسىلە. بۇ، كومپارتىيەنىڭ يېڭى يىپەك يولى سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، كومپارتىيە مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدا ئەمەلدار ئالماشتۇرۇشنى جىددىيلەشتۈردى. جاڭ چۈنشيەننىڭ يۆتكەپ كېتىلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەبمۇ، ئۇنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلىقى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، ئۇيغۇر رايونىغا كىملا ھۆكۈمرانلىق قىلمىسۇن، ئۇ يەرنى تىنچىتىش مەقسىتىگە يىتەلمەيدۇ. چۈنكى، بۇ يەردىكى ئەڭ زور مەسىلە ھاكىمىيەتكە كىمنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىشىدا ئەمەس، بەلكى مىللىي سىياسەتنىڭ ئىزچىل خاتالىقىدا. بۇ خاتالىق كومپارتىيەنى مەڭگۈلۈك باش ئاغرىقىغا گىرىپتار قىلىدۇ.»
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بولسا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش قىلمىشلىرىنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ رايوندا دۆلەت تېررور سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئېھتىياجىغا باغلىدى.
چېن چۈەنگو ئۇيغۇر دىيارىغا قەدەم بېسىپلا «مۇقىملىق ھەممىدىن ئەلا» سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشقا تېرىشىۋاتقان بىر چاغدا، گۇما پارتكوم بىناسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى، بۇنى «ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن خىتاي ئەمەلدارىغا قىلىنغان بىر سوۋغات»دەپ شەرھلىدى.
پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى قايسىلا سەۋەبتىن جازالىمىسۇن، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئاسايىشلىق بىر ھايات، ئادالەت يارىتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.