ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر: خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئەمەلدار ئالماشتۇرۇشى سىياسىي ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتمەيدۇ

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومىنىڭ سېكرىتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى، ئورنىغا تىبەتنىڭ پارتكوم سېكرىتارى چېن چۈەنگونىڭ تەيىنلەنگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر، بۈگۈن خىتاي ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلاندى. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر «جاڭ چۈنشيەننىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى خىتاي ئەمەلدارلار گۇرۇھىنىڭ ئىچكى ئىشى» دېدى ۋە بۇ خەۋەرنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىكى بىر ئۆزگىرىشتىن بىشارەت ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى بىلەن ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلىرىنى ئاڭلايسىلەر.