بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتايدا فېدىراتسىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014-03-14
Share
ikki-yighin-qurultay-beyjing-305.jpg دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا باشلانغان خەلق قۇرۇلتىيى. 2011-يىلى 5-مارت.
AFP


خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە مەملىكەت ئىچىدە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا زور كرىزىسقا دۇچ كەلمەكتە. خىتاي ۋەزىيىتىگە قىزىقىدىغان كۆزەتكۈچىلەر بۇ كرىزىسلارنىڭ خىتايدا تۈپتىن بىر سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارماي تۇرۇپ ھەل بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلىپ بېرىلغۇسى ئىسلاھاتلارنىڭ بىر قانچە خىل تېئورىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان ئىدى.

فېدىرالىزم مانا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. كۆزەتكۈچىلەر خىتايدا فېدىرالىزم تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق نۇرغۇن كرىزىسلارنى ھەل قىلىش ئىمكانى تۇغۇلىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ بۇنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

تۆۋەندە سىلەر بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز ئىرادەدىن مەلۇمات ئاڭلىغايسىلەر.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئالدىنقى ھەپتە بېيجىڭدا ئىككى قۇرۇلتاي ئېچىلدى. نۇرغۇن كىشىلەر قۇرۇلتايدا خىتاي خەلقىنىڭ تەقدىرىگە ئائىت مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ تىلغا ئېلىنىشىنى، بولۇپمۇ خىتايدا ئۇزۇندىن بۇيان ئارزۇ قىلىنىۋاتقان، ئەمما ھازىرغىچە ئىشقا ئاشماي كەلگەن سىياسىي ئىسلاھاتنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشىنى كۈتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئارزۇلار يەنىلا ئىشقا ئاشمىدى. خىتايدا ئىجتىمائىي مەسىلىلەر، سىياسىي مەسىلىلەر، ئىقتساد ۋە مۇھىتنىڭ ئېغىر بۇلغىنىشى ھەممىسى سىياسىي ئىسلاھاتقا قاراشلىق بولۇپ قالغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر خىتايدا تۈپتىن بىر سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارماي تۇرۇپ، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ھازىر كۆرۈلۈۋاتقان بۇ كرىزىسلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نۆۋەتتىكى تۈزۈمنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات قانداق ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ شەكىلى قانداق بولىدۇ، دېگەن مەسىلىلەردە ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى بولسا، خىتايدا فېدىرالىزمنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت. ئامېرىكىدىكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا سىياسەت پەنلىرى تەتقىقاتچىسى سىكوت مور ئەنە شۇ كۆز قاراشتىكىلەرنىڭ بىرى. ئۇ نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە نېمە ئۈچۈن فېدىرالىزمنى خىتاي ئۈچۈن چىقىش يولى، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن. ئۇ «خىتاي قوشما شىتاتلىرى» دەپ ماۋزۇ قويغان ماقالىسىدە فېدىرالىزمنىڭ ئادەتتە خىتايغا ئوخشاش نوپۇسى كۆپ، زېمىنى كەڭ دۆلەتلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇۋاپىقلىقىنى، بۇ خىل تۈزۈم ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۆزى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن :

- خىتاي دۇنيادىكى فېدىرالىزمنى قوبۇل قىلمىغان بىردىن - بىر چوڭ ۋە كۆپ نوپۇسلۇق دۆلەت. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بارلىق سىياسىي ھوقۇقلارنى ۋە قارار چىقىرىش ھوقۇقىنى چىڭ كونترول قىلىۋالغان. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئاۋسترالىيىدىن تارتىپ ۋېنسۇئىلاغىچە بولغان دۆلەتلەر يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىش ئارقىلىق زور تېررىتورىيىسىنى باشقۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. فېدىرالىزمنىڭ ھەر خىل شەكىللىرى بار. مەسىلەن، رۇسىيىگە ئوخشاش دۆلەتتىمۇ فېدىرالىزم مەۋجۇت. فېدىرالىزم تۈزۈمىنىڭ خىتايغا ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسى كۆپ، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە سىياسىي ھوقۇقنى ۋە قارار چىقىرىش ھوقۇقىنى ھەقىقىي تۈردە بېرىشى كېرەك.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى ھازىرقى سېستىمىدا يەرلىك ھۆكۈمەتلەر پەقەت «يۇقىرىدىن چۈشكەن سىياسەتنى ئىجرا قىلىش» بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان. خىتايدىكى ھوقۇق سېستىمىسىنىڭ بۇنداق شەكىللىنىپ قېلىشى تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە بولۇپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش خىتاي سىياسىتىنىڭ نىشانى بولۇپ كەلگەن. ئەمما ئاپتور سكوت مور ھازىرقى زامانىۋى خىتاي دۆلىتىنىڭ فېدىرالىزم تۈزۈمىنى قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى، شۇنداق قىلغاندىلا تېخىمۇ كۆپ ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى، ئاكتىپچانلىقنى ئاشۇرالايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن :

- يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئادەتتە يۇقىرىنىڭ سىياسىتىنى قولىنىڭ ئۇچىدا ئىجرا قىلىدۇ. چۈنكى بىر مۇنچە ۋەزىپە بەرگەن بىلەن ئەمەلىي ھوقۇق بەرمەيدىغان بۇ خىل سېستىمىدا، يەرلىكتىكى رەھبەرلەر ئۇزۇن مۇددەتلىك خەلق پاراۋانلىقى ۋە مۇھىت مەسىلىلىرىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ سىياسەت يۈرگۈزۈشنىڭ ئورنىغا، قىسقا مۇددەتلىك ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى قوغلىشىپ تۇرۇپ ئىش قىلىدۇ. نەتىجىدە، مۇھىت ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە ئائىت سىياسەتلەر تاشلىنىپ قالىدۇ. ئەگەر يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ سىياسەت چىقىرىشتا گېپى ئۆتكەن بولسىدى، ئۇ ھالدا سىياسەتتىن چىققان پايدىمۇ كۆپ بولغان بولاتتى.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىمۇ يۇقىرىدىكىدەك ئەھۋالنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر يۇقىرىدىن چۈشكەن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن، مۇھىتنى بۇلغايدىغان ئامىللار بىلەن كارى بولمايدىكەن. شۇڭا يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن نورمىنى بەلگىلەش ھوقۇقى بېرىش ئارقىلىق ھەم ئىقتىسادىي مەنپەئەت ھاسىل قىلغىلى ھەم مۇھىتنى قوغدىغىلى بولىدىكەن.

گېزىتتىكى مۇلاھىزىدە 1 - مارت كۈنى كۈنمىڭدا يۈز بەرگەن ۋەقەنىمۇ تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، ھازىرقىدەك بىر ۋەزىيەتتە فېدىرالىزم تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق مىللەتلەر مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن :

- فېدىرالىزم تۈزۈمى ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى ھەل قىلىدىغان ياخشى ئۇسۇل. خىتايدا قەغەز ئۈستىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر ياشاۋاتقان بۇ رايونلارغا «ئاپتونوم رايون» دەپ ئىسىم بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ھەممە نەرسىنى بەلگىلەيدۇ. بۇ رايونلار فېدىرال سېستىمىدىكى دۆلەتلەردىكىدەك ئاپتونومىيىدىن بەھرىمەن بولۇپ باقمىغان. بۇنداق ساختىپەزلىك بىلەن جەمئىيەتتە ئۇزۇن مۇددەتتە مۇقىملىق ياراتقىلى بولمايدۇ. فېدىرالىزمنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئۇلارغا سىياسىي ھوقۇق بېرىپ، ئۇلارنىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

ئاپتور فېدىراتسىيە تۈزۈمىنى يەنە تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى دەپ قارايدىغان بولۇپ، ئۇ ماقالىسىدە «فېدىرالىزم تۈزۈمىنى يولغا قويۇش خىتاينىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق. خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىگە قەتئىي قارشى. ئەمما تەيۋەنمۇ ئەركىنلىكتىن يوقسۇن خىتاي جۇمھۇرىيىتى ئاستىدا ياشاشنى خالىمايدۇ. شۇڭا خىتاي ئۈچۈن تەيۋەن، خوڭكوڭ، ماكاۋ، ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق رايونلارغا ھەقىقى ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى بېرىدىغان فېدىراتسىيە تۈزۈمىنى يولغا يولغا قويۇش بىردىن - بىر پايدىلىق يول» دەپ مۇلاھىزە قىلغان.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدىن ئامېرىكا ۋە بەزى غەرب ئەللىرىدىكىدەك فېدىرالىزمنى كۈتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما پاكىستان، ھىندىستان ۋە مالايشىيادا يولغا قويۇلۇۋاتقاندەك مەركىزى ھۆكۈمەت باشقا يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە قارىغاندا ئازراق كۈچلۈك بولغان فېدىرال سېستىمىنى يولغا قويسا بولىدىكەن. مەسىلەن، ھىندىستاندىكى فېدىرال تۈزۈمدە ئەگەر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تەھدىتكە ئۇچراش خەۋپى تۇغۇلغاندا مەركىزى ھۆكۈمەت يەرلىك فېدىرال ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىشىغا ئارىلىشالايدىكەن. ئاپتور سكوت مور مۇلاھىزىسى ئاخىرىدا مۇشۇنچىلىك فېدىراتسىىيىنىڭمۇ خىتايدىكى نۇرغۇن قېيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ «فېدىرالىزمدىن چىقىرىلغان دەرس شۇكى، بىر دۆلەت مەركەزنىڭ كونتروللۇقىنى ئازايتىش ئارقىلىق بارغانسېرى كۈچىيىدۇ. ئەگەر خىتاي لىدىرلىرى دۆلىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقى ۋە پاراۋانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمەن دەيدىكەن، ئۇلار چوقۇم فېدىرالىزم يولىغا قاراپ مېڭىشى كېرەك»

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت