خىتاينىڭ غەرىزى نامراتلىقنى تۈگىتىشمۇ ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىشمۇ؟
2022.06.13
خىتاي 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە «يەر-سۈيى ئۆزىگە يېتىشمەيدىغان جايلاردىكى نامراتلارنى شەھەر-بازارغا يۆتكەش» نامىدا «نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشى» ئېلىپ بارغان بولۇپ، 2020-يىلنىڭ ئاخىرىدا بۇ قۇرۇلۇشنىڭ تاماملانغانلىقى، خىتاي بويىچە 9 مىليون 600 مىڭ نامراتنىڭ يېڭى جاي، يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈرۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.
ھالبۇكى، ئۇيغۇر رايونىدا «نامراتلارنى كۆچۈرۈپ باي قىلىش» سىياسىتى بۇزغۇنچىلىق ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى شەكلىنى ئالغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دېھقانلىرى ۋە چارۋىچىلىرىنى ئۆزى ياشاۋاتقان خىلۋەت، گۈزەل، بەرىكەتلىك ماكانىدىن ئايرىپ، بىڭتۇەنگە ۋە زاۋۇتلاشقان مەھەللىلەرگە كۆچۈرگەن؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ تىرىكچىلىك مۇھىتى ۋە ياشاش ئادەتلىرىنى تامامەن كونترول قىلىپ، ئۇلارنى بويۇنتۇرۇق ئاستىدىكى قۇل ئەمگەكچىلەر ۋە ئىستېمالچىلار قوشۇنىغا ئايلاندۇرغان.
«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 6-ئىيۇن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا 2019-يىلنىڭ ئاخىرىدا «نامراتلارنى يۆلەش تۈرى بويىچە ئاھالە كۆچۈرۈش» ۋەزىپىسى تاماملانغان بولۇپ، 40146 ئۆي، 169 مىڭ 400 ئادەم خىتاي ھۆكۈمىتى بېكىتىپ بەرگەن جايغا كۆچۈرۈلگەن. ئۆيىدىن چىقسا مۇنبەت ئېتىز، گۈزەل باغلارغا بارىدىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى جايلاشتۇرغان سانائەت شەھەرچىلىرىدە «ئۆيدىن چىقسىلا زاۋۇتقا بارىدىغان»، سېخلاردا مەجبۇرىي ئىشلەيدىغان زامانىۋى قۇللارغا ئايلاندۇرۇلغان.
مەزكۇر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى قانداقتۇر «چەت، نامرات جايلاردىكى ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» ئۈچۈن ئۇلارنى كۆچۈرۈش ئىشلىرىنى پۇختا ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، كۆپ خىل كەسىپ تەرەققىياتىنى، يەنى كۆلەملەشكەن، زاۋۇتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتىنى ئۇنىڭ مەزمۇت ئارقا تۈۋرۈكى قىلماقچى بولغان. بۇنداق بولغاندا، ئۇيغۇر دېھقانلىرى بىڭتۇەن ئېتىزلىرى ۋە سانائەت شەھەرچىلىرىدە زامانىۋى قۇللارغا ئايلىنىش، ئۆز كەسپىنىلا ئەمەس، تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە مەدەنىيىتىنىمۇ خىتاينىڭ بىر تۇتاش قېلىپىغا سېلىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە پەرزەنتلىرىنىمۇ خىتايچە تەربىيەلەش يولىغا مېڭىش تەقدىرىدىن قۇتۇلالمايدىكەن.
ئامېرىكالىق ئانتروپولوگ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى تەتقىقاتچىسى دەررېن بايلېر خىتاينىڭ بۇ مۇستەملىكە سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش ‹نامراتلارنى يۆلەش› پىلانىنى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ؛ ئۇيغۇرلارنى يېزىلاردىن، ئېتىزلاردىن كۆچۈرۈپ، شەھەر-بازارغا يۆتكەۋاتىدۇ. بۇنى تېخى ‹ئۇيغۇرلارنى ئۆز يېرىدىن ئازاد قىلىش› دەپ چۈشەندۈرىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ يەرلىرى كارخانىلاشقان دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغا، ئۆزلىرى بولسا زاۋۇت ئىشچىلىرىغا ئايلىنىپ كەتتى. بۇ ئەلۋەتتە نامراتلىقنى تۈگىتىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى ئەمەس. خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىرى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ماكانى ۋە ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىش، ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي خوجايىنلىرىغا تېخىمۇ تايىنىدىغان قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ۋە ئۆز تىلىنى قوللىنىش ئىمكانىيىتىنى ئازايتىش. خىتاي كوممۇنىست دىكتاتۇرلىرى ئۇيغۇرلارنى دېھقانلاردىن ئىشچىلارغا ئايلاندۇرۇشنىڭ قەستىدە بولۇۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە كەلگۈسىگە زىيان يەتكۈزىدۇ».
ئامېرىكادا ياشاۋاتقان دوكتور مەتتۇرسۇن بەيدۇللا خىتاينىڭ بۇ ئاھالە كۆچۈرۈش سۈيقەستىنىڭ ئېتنىك قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى.
خىتاينىڭ «نامراتلارنى يۆلەش تۈرى بويىچە ئاھالە كۆچۈرۈش» پىلانىنىڭ تىپىك مىسالى سۈپىتىدە قاغىلىقتىكى ئاقتاش بازىرىغا ئاھالە كۆچۈرۈش ۋە خوتەندىكى دەريابويى كەنتى ئاھالىلىرىنىڭ كۆچۈرۈلۈشىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىغا قارىغاندا، 2017-يىلدىن بېرى 14 مىڭ ئاھالە قۇرۇمتاغ باغرىدىكى تەبىئىي تاغلىق كەنتلەردىن قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئاقتاش بازىرىغا كۆچۈرۈلگەن. ئاقتاش بازىرىدا كۆلىمى 40 مىڭ كۇۋادرات مېتىر كېلىدىغان «سانائەت باغچىسى» بولۇپ، 7 كارخانا بۇ يەردىن ئورۇن ئالغان، 1072 ئادەم ئىشقا سېلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يەرنى «نامراتلارنى يۆلەش بازىسى» دەپ ئاتىغان ۋە بۇنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەشۋىق قىلغان.
خوتەن كېرىيە ناھىيەسىنىڭ شىمالىغا 250 كىلومېتىر كېلىدىغان دەريابويى كەنتىنىڭ ئاھالىسى 2017- ۋە 2019-يىللىرى ئىككى قېتىم كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، ناھىيە بازىرىدىن 91 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى «يېڭى دەريابويى كەنتى» گە جايلاشتۇرۇلغان؛ شۇنداق قىلىپ، ئەسىرلەر بويى خىلۋەتتە ياشاپ، يەرلىك مەدەنىيەتىنى ساقلاپ كەلگەن تەكلىماكان قوينىدىكى بىردىنبىر ساپ ئۇيغۇر كەنتى يوقالغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ «يېڭى دەريابويى كەنتى» نى ئەسلىدىكى كەنتكە تەقلىد قىلىپ ياساپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقچى بولغان؛ ئەمما بۇ جاي ئەسلى مۇھىتىدىن ئەسەر بولمىغان، زامانىۋى مەھەللىگىمۇ ئوخشىمايدىغان كۈلكىلىك، خۇنۈك بىر يەرگە ئايلانغان.
دوكتور دەررېن بايلېر ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ ئاھالە كۆچۈرۈش پىلانىنىڭ تارىختىكى مۇستەملىكىچى مىللەتنىڭ ئورتاق ئالاھىدىكى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مۇستەملىكىچىلىك تارىخىدا ئىشغالچىلار دائىم يەرلىك خەلقنى ھەر خىل ئۇسسۇللار بىلەن باشقا جايغا كۆچۈرىدۇ. بۇ دېمەكلىك، مۇستەملىكىچىلەر ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېتىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ئاسان باشقۇرغىلى بولىدىغان يەرگە يۆتكەيدۇ. بۇنىڭدا بىر قانچە سەۋەب بار، بىرىنچىسى، مۇستەملىكىچىلەر ئاھالىسى كۆچۈرىۋېتىلگەن جايدىكى تۇپراق ۋە تەبىئىي بايلىقلارنى ئىگىلىمەكچى بولىدۇ؛ ئىككىنچىسى، مۇستەملىكىچىلەر يەرلىك ئاھالىنى ھۆكۈمران مىللەتنىڭ تۈزۈمى، بازىرى ۋە تىلىغا تايىنىشقا مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئۇلارنى تېخىمۇ ئاسان ئاسسىمىلاتسىيە قىلىدۇ؛ تارىختىكى شىمالىي ئامېرىكادا شۇنداق بولغان، ئاۋسترالىيەدىكى يەرلىك ئاھالىلەر شۇنداق ئاسسىمىلاتسىيە قىلىنغان، سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىمۇ نۇرغۇن مىللەتلەر ئۆز ماكانىدىن سۈرگۈن قىلىنغان. بۈگۈن بۇ ئىش خىتايدا ۋە ئۇيغۇر رايونىدا قايتا يۈز بېرىۋاتىدۇ، بۇ بۈگۈنكى زامان تارىخىمىزدا تەكرارلىنىۋاتقان پاجىئەلىك بىر جەرياندۇر».
دوكتور مەتتۇرسۇن بەيدۇللا خىتاينىڭ ئاھالە كۆچۈرۈش سىياسىتى ئارقىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقى ۋە مەدەنىيەت ئاسسىمىلاتسىيەسى داۋامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قىلىپ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ: «مەدەنىيەت دېگەن نەرسە ۋارىسلىق قىلىنمايدۇ بەلكى ئۆگىنىلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيىتىنى بىر-بىرى بىلەن ئورتاقلىشىشى ۋە پەرزەنتلىرىگە ئۆگىتىشى كېرەك» دېدى.