خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۆزلىرىدىن گۇمانلانماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى مېڭ جيەنجۇ بۈگۈن 28-ئۆكتەبىر كۈنى تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، بۇ ئىنكاس خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا مۇلاھىزە قوزغىدى.

ئۇيغۇرلارنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلىرىدە بىر ئائىلە كىشىلىرى تەرىپىدىن قىلىنغان بۇ ھەرىكەتنىڭ خەلقئارالىق تېررور تەشكىلاتلىرىغا چېتىشلىق بولۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكتە. غەرب مەتبۇئاتلىرى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان مۇلاھىزىلىرىدە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى دەيدىغان تەشكىلاتنىڭ زادى مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكىنىڭ مەجھۇللۇقىنى بىلدۈرمەكتە.

بۈگۈن خەلقئارا مەتبۇئاتلار داۋاملىق ھالدا خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭنىڭ مەركىزىدىكى سىياسىي سەزگۈرلۈككە ئىگە تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدىكى مۇلاھىزىلىرىنى داۋام قىلماقتا. بولۇپمۇ بۈگۈن خىتاينىڭ مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتى سېكرىتارى مېڭ جيەنجۇ ۋەقەنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» گە چېتىشلىق دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ھەرقايسى مەتبۇئاتلار بۇ تەشكىلات ھەققىدە شۇنداقلا ۋەقەنىڭ بۇ تەشكىلاتقا قانچىلىك باغلىنىشلىقى بارلىقى ھەققىدە نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەرنى زىيارەت قىلىپ ئۇلارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى. بۈگۈن ۋەقە ھەققىدە «تيەنئەنمېندىكى ۋەقە تېررورلۇقمۇ ياكى ۋەقەمۇ»، «تيەنئەنمېندىكى ۋەقە خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋەتتى»، «تيەنئەنمېندىكى ھۇجۇم ۋەقەسى ۋە خىتاينىڭ خەۋپسىزلىك مەسىلىسى»، «تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن كېيىنكى باستۇرۇش ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنى يەنىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن» قاتارلىق نۇرغۇن خەۋەر ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى.

يۇقىرىدىكى مۇلاھىزىلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەدىن كېيىن ئوخشىمايدىغان باياناتلارنى بېرىشى، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى قامال قىلىشقا ئۇرۇنۇشى، چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ۋەقە مەيدانىدا تارتقان سۈرەتلىرىنى يوقىتىۋېتىشكە ئۇرۇنۇشلىرى، ئۇلارنىڭ ۋەقە ھەققىدە ئىلگىرى سۈرگەنلىرىنىڭ راست-يالغانلىقى ھەققىدە گۇمان پەيدا قىلىدىغانلىقىدەك بىر نۇقتا تەكىتلەنگەن. ئۇلار شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەمىنلىگەن ئۇچۇلارنىڭ بۇ ھەرىكەتنىڭ مىڭ جيەنجۇ ئېيتقاندەك خەلقئارا تېررور ئورگانلىرى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىسپاتلاشقا يەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. مەسىلەن فوربېس گېزىتى بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسدە مۇنداق دەپ بايان قىلغان:
- خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئاپتوموبىلنى ھەيدىگەن كىشى، ئۇنىڭ ئايالى ۋە ئاپىسىنىڭ ۋەقە مەيدانىدا ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇنىڭغا ئوخشاش يالغۇز بىر كىشى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىشى تامامەن مۇمكىن بولغان بىر ھەرىكەتكە نىمىشقا ئۇ كىشى ئايالى ۋە ئانىسىنى قوشۇۋالىدۇ؟ بۇ يەردە يەنە ساقچى ئاپتوموبىللىرىنىڭ بۇ ئاپتوموبىل پارتلاشتىن ئاۋۋال ئۇنى قوغلاپ كەلگەنلىكى ھەققىدىمۇ سۆز-چۆچەكلەر بار، ئەمما بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى بۇ گەپنى يا راس، يا يالغان، دەپ ئىپادە بىلدۈرۈشنى رەت قىلماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر تېررورچى نىمىشقا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پلاكاتى بار ئاپتوموبىل ئىشلەتسۇن. ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئاپتوموبىللار بېيجىڭغا كەلگۈچە شۇنچە جىق يەردىن تەكشۈرۈشتىن ئۆتىدىغان تۇرسا، بىر تېررورچى نىمىشقا بۇنداق بىر پلاكاتنى ئىشلىتىپ دىققەت تارتىپ قېلىشنى خالىسۇن؟ ئەگەر بۇ ھەقىقەتەن شۇنداق تەشكىللىك، پىلانلىق بىر تېررور ھەرىكىتى بولسا، نېمىشقا بۇ ھەرىكەتتە نۇرغۇن ئادەم ئۆلمەي، ئاران ئىككى ئادەم ئۆلدى. يارىلانغان بىر فىلىپپىنلىق ئايال شاھىت، ئۇ ئاپتوموبىلنى ھەيدىگەن شوپۇرنىڭ توختىماي سېگنال بېرىپ كىشىلەرنى جېنىنى ئەپ قېچىشقا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى، بىر تېررورچى نىمىشقا ئۇنداق قىلسۇن؟

فوربىس گېزىتى مۇلاھىزىسىدە يۇقىرىدىكى سۇئاللارنى قويغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى ۋە مۇستەقىل تەتقىقاتچى، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇ ۋەقەنىڭ ئارقىىسدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقنىڭ بارلىقىنى، ئۆزىنى ئىپادىلەشكە يولى قالمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن مۇشۇ يولغا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

فوربىس گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئۆز مۇلاھىزىسدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىكى مەسئۇلىيىتىنى داۋاملىق ئىنكار قىلىپ، ئۇنى چەتئەللەردىكى بۆلگۈنچىلەرگە باغلاپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ «2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى چەتئەل مۇخبىرلىرىغا بەرگەن باياناتىدا ۋەقەنىڭ چەتئەللەردىكى بۆلگۈنچىلەر بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئېيتقان ئىدى. مەن شۇ چاغدا قولۇمنى كۆتۈرۈپ تاشقى ئىشلار باياناتچىسىدىن سۇئال سوراپ، بۇنداق دەيدىغانغا پاكىتىڭلار بارمۇ، دەپ سورىغان ئىدىم. ئۇ چاغدا باياناتچى ماڭا جاۋاب بېرىپ، قولىمىزدا پاكىتلار بار، يېقىندا ئاخباراتقا ئېلان قىلىمىز، دېگەن ئىدى. ئەمما مەن 4 يىل بولدى ساقلاۋاتقىلى، تېخىچە بىر پاكىت كۆرمىدىم. خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچقاچان ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت ھەققىدىكى بايانلىرىغا پاكىت كۆرسىتىپ باققان ئەمەس» دەپ بايان قىلغان. مۇخبىر خىتاي ھۆكۈمىتى بىرەر ھەرىكەتنى تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ ئېلان قىلغان ۋاقىتلىرىدا كۆرسەتكەن ئىسپاتلىرىنىڭمۇ ناھايىتى بىمەنىلىكىنى بىلدۈرۈپ سۆزىنى مۇنداق داۋام قىلغان «ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھۆكۈمىتى كۆرسىتىدىغان پاكىتلار تولىمۇ چاكىنا. ئالدىنقى يىلى يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىكى ئاتالمىش تېررورچىلارنىڭ بازىسىدا ساقچىلار ئۆزلىرىنىڭ تېررورچىلارغا ئائىت بوكس پەلىيى، ئوقيا ۋە بومبا ياسايدىغان ماتېرىياللارنى تېپىۋالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇ ماتېرىياللار ئارقىلىق قوراللىق ھۇجۇمغا تەييارلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. يەنە تېخى بۇنى ئاز دەپ، ساقچىلار «بىز بىناغا كىرگەندە بۇ تېررورچىلار بىزگە بوكس پەلىيى ۋە بوتۇلكا ئاتتى، دېدى. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى قارىغاندا گۇناھنى باشقىلارغا ئارتىشنىڭ ئورنىغا، ئۆزىدىنمۇ مەسئۇلىيەت ئىزدەپ، مۇشۇنداق ۋەقەلەرنىڭ ئارقىىسىدىكى سەۋەب ھەققىدە ئىزدىنىشنى ئۆگەنمەيدىغان ئوخشايدۇ. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇنداق قىلىشنى داۋام قىلىدىغان بولسا تېخىمۇ چوڭ مۇقىمسىزلىقلار بىلەن يۈزلىشىدۇ. ئەمما ئەپسۇسكى، خىتاي ھۆكۈمىتىدە ئۆزگىرىشنىڭ شەپىسى يوق» دەپ بايان قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر ۋەقە ھەققىدىكى مۇلاھىزىلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەنى ئىسلام مىللىتارىستلىرىغا چېتىپ قويۇشتىكى مەقسىتى ئۆزىدىكى مىللىي مەسىلىلەرنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇش، ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى بۇرمىلاش ئارقىلىق خەلقئارا جامائەتنى قايمۇقتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. بۈگۈن «بېيجىڭ مۇلاھىزىلىرى» ناملىق تور بەتتە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدىمۇ مۇشۇ پىكىر ئالغا سۈرۈلگەن. مەزكۇر مۇلاھىزىنى ئەنگىلىيىدىكى گلاسگوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى داۋىد توبىن يازغان بولۇپ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى ئىسلام مىللىتارىستلىرىغا چېتىپ قويۇش ئارقىلىق، ۋەقەنىڭ ئارقىسىدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي ۋە مىللىي بېسىم سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتتىق نارازىلىق پەيدا قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ دۆلەت سياسىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سېستىمىلىق ھالدا ئۇيغۇر كىملىكىنى سۇسلاشتۇرۇش يولىدا ھەرىكەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى دەيدىغان بىر تەشكىلاتنىڭ ھەقىقەتەن بار ياكى يوقلۇقىنىڭمۇ ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىۋاتقان قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قاتتىق تەھدىت ئاستىغا ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ «ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تەقىپ ۋە كونترولنى ئاشۇرۇش، دېگەنلىك. بۇ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرجەمسىزلىكىنى ئاشۇرماقتا. دېمەك، خىتاي ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئاشۇرغانسېرى، ئۇيغۇرلار شۇنچە بىئارام بولىدۇ ۋە تېخىمۇ كۆپ ۋەقەلەر مەيدانغا كېلىدۇ. مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى بولسا، ئۇلارنىڭ دەردىنى ئاڭلاش ۋە دەردىگە چارە تېپىشتۇر. ۋەقەلەرنى ئىسلام تېررورلۇقىغا چېتىپ قويۇش ھېچنىمىنى ھەل قىلمايدۇ» دەپ مۇلاھىزە قىلغان.

«لوس-ئانجىلىس ۋاقتى گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى باربارا دېمىك بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ، ۋەقەدىن كېيىن بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى تەقىپنىڭ قاتتىق كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىدا ساقچىلارنىڭ داۋاملىق كىملىك تەكشۈرۈپ، ھەتتا ئۇيغۇر خېرىدارلارنىمۇ تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. بىر ئۇيغۇر مۇخبىرغا ئۇيغۇر ئېلىدا ساقچىلارنىڭ يېرىم كېچىدە كېلىپ كىملىك تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ، ئىلگىرى خىتايلار ئارىسىدىمۇ بىر يەرلەرنى پارتلىتىدىغان ھەتتا كىچىك يەسلى بالىلىرىغا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىدىغان ۋەقەلەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ تېررورلۇق دەپ ئاتالمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن شۇنداقلا بۇ ۋەقەنىڭ تېگىدە نارازىلىق بارلىقىنى بىلدۈرگەن.