خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ «شاپائەتچىسى» گە ئايلىنىۋاتقان خىتايلار

ئامستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2024.10.30
xitay-qoy-mukapat-1024 «شىنجاڭ خۇكې جىنلەن دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» 50 مىڭ يۈەن مۇكاپات ئالغان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 28-ئۆكتەبىر، كەلپىن
xj.chinanews.com.cn

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ خەۋەرلەر تورى» نىڭ بۈگۈن، يەنى 28-ئۆكتەبىردىكى سانىدا «شىنجاڭنىڭ كەلپىن ناھىيەسىدە قوي باقمىچىلىقىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش ئۇسلۇبى باقمىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى» ناملىق بىر خەۋەر بېرىلدى. گەرچە مەزكۇر خەۋەرنىڭ تېمىسىدا دىققەت قوزغىغۇدەك ئالاھىدە بىر ئۇچۇر بولمىسىمۇ، لېكىن تېمىسى ئاستىدىكى ئۈچ نەپەر خىتاينىڭ قولىدىكى 50 مىڭ يۈەن مۇكاپات سوممىسى يېزىلغان تاختىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ھالىتى دىققەتنى تارتىدۇ. يەنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە بېرىلگەن مەلۇماتتىن قارىغاندا، كەلپىن ناھىيەسىدە ئۇيغۇرلار نوپۇسى 98 پىرسەنتتىن يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەيدىغانلىقى يېزىلغان. ئەمما يۇقىرىقى خەۋەردىكى يېزا-ئىگىلىكىدە يېڭىلىق يارىتىپ مۇكاپات ئالغانلارنىڭ ئىچىدە بىرمۇ ئۇيغۇر يوقلۇقى كىشىنى ئەجەبلەندۈرىدۇ.

خەۋەرنىڭ مەزمۇنىغا قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش 8-نۆۋەتلىك يېزىلاردا ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، رەسىمدىكى ئۈچ خىتاي كىشى دەل بۇ مۇسابىقىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەنلەر ئىكەن. بۇ ئۈچ نەپەر خىتاي كەلپىن ناھىيەسىدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ خۇكې جىنلەن دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» گە ۋاكالىتەن بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇلار كەلپىن قارا يۇڭلۇق قويىنىڭ سورتىنى ئەلالاشتۇرۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق كەلپىنلىكلەرنى باي بولۇشقا يېتەكلىگەنمىش. ھازىرغىچە كەلپىن ناھىيەسىدىكى 6 كەنتتىن 25 ئائىلە ئۇلارنىڭ تېخنىكىسىدىن نەپكە ئېرىشكەنمىش. مەزكۇر خەۋەردە يەنە كەلپىن ناھىيەسى ئاچال بازىرى تۇرا 2-كەنتىدىن رىزۋانگۈل ئەركىن ئىسىملىك بىر باقمىچى ئۇيغۇر ئايالنىڭ تەسىراتلىرى بېرىلگەن بولۇپ، رىزۋانگۈل ئىسىملىك بۇ ئايالنىڭ ئۆيىدە 15 دانە كەلپىن قارا يۇڭلۇق قويى بارلىقى، شىركەتنىڭ ئۇلارغا «قوي بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىپلا قالماي، يەنە ۋاكالىتەن بېقىش توختامى تۈزگەنلىكى، رىزۋانگۈلگە يىلدا ئىككى قېتىم پايدا ئايرىپ بېرىلىدىغانلىقى، كېلەر يىلى رىزۋانگۈلنىڭ يەنە بىر قانچە قوينى ئارتۇق بېقىش پىلانى بارلىقى بايان قىلىنغان.

دەرۋەقە، تېخنىكا ئۆگىتىش، پايدا ئايرىپ بېرىشلەر قارىماققا تولىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئىش بولغانلىقى ئېنىق. ئەمما خەۋەرنىڭ داۋامىدا يېزىلغان «بىر تۇتاش قوي، مەبلەغ، سۇغۇرتا، تېخنىكا مۇلازىمىتى، بوغۇزلاش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش، بىر تۇتاش باھادا قايتا سېتىۋېلىش قاتارلىق 6 بىر تۇتاش تۈزۈمى» دېگەندەك كوپىراتىپ پۇرىقى چىقىپ تۇرغان سۆزلەردىن، ئىشلارنىڭ يۇقىرىدا دېيىلگەندەك «گۈزەل» ئەمەسلىكىنى پەرەز قىلالايمىز. بۇ يەردە بىزنى ئويلاندۇرىدىغان مۇنداق بىر قانچە سوئاللار بار. يەنى، كەلپىن ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان دېھقانچىلىققا تايىنىپ ھايات كەچۈرۈپ كەلگەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. ئەمما يۇقىرىقى خەۋەردە 6 كەنتتىكى 25 ئائىلىنىڭ قوي باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشقا «يېتەكلەنگەن» لىكى دېيىلگەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا، بۇ ئائىلىلەرنىڭ ئەسلىدىكى دېھقانچىلىق كەسپىنى ھازىرقى «زامانىۋىي پادىچىلىق كەسپى» گە ئالماشتۇرغانلىقى ئېنىق. ئۇنداقتا، بۇ خىل كەسىپ ئالماشتۇرۇش قانداق ئۇسۇلدا ئەمەلىيلەشتى؟ بۇ 25 ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كەسىپ ئۆزگەرتىشنى قوبۇل قىلدىمۇ ياكى بۇنىڭ كەينىدە باشقىچە بىرەر سەۋەبلەرمۇ بارمۇ؟

يۇقىرىقى سوئاللىرىمىز ئاساسىدا كەلپىن ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسەتلىرىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ كۆرىدىغان بولساق باشقىچە بىر ئەھۋالنى بايقايمىز. يەنى، كەلپىنلىك دېھقانلاردىن كەسىپ ئۆزگەرتكەنلەرنىڭ يالغۇز يۇقىرىقى 25 ئائىلە بىلەنلا چەكلەنمەستىن، بەلكى تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. مىسالغا ئالساق، 2019-يىلى 13-مايدا خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ كۇئېنلۇن تورى» دا بېرىلگەن بىر خەۋەردە بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار بىر قىسىم ئۇچۇرلار بېرىلگەن. يەنى، «غەربىي شىمال نېفىتلىكى»، «ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى» ۋە «كەلپىن ناھىيەلىك يېزا-ئىگىلىك ئىدارىسى» قاتارلىقلاردىن تۆۋەنگە چۈشكەن «فاڭخۈيجۈ (访惠聚) خىزمەت گۇرۇپپىسى» خادىملىرىنىڭ يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن كەلپىن ناھىيەسىدىكى ھەر بىر ئائىلىدىن ھەر بىر شەخسكىچە ئايرىم-ئايرىم ھالدا «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانى تۈزگەن» لىكى؛ خىزمەت گۇرۇپپىسى خادىملىرىنىڭ «كەلپىن ناھىيەسىدىكى بىر قىسىم دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرگۈزۈۋېتىپ، ئۇلارنى دېھقانچىلىقتىن ئازاد قىلغانلىقى ھەمدە يەرلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىۋەتكەن دېھقانلارنى ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللاش ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلىگەن» لىكى بايان قىلىنغان. ئەقلى-ھوشى ئازراقلا جايىدا بولغان ھەرقانداق بىر ئادەم، ئاتا-بوۋىسىدىن تارتىپ شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان دېھقانچىلىق كەسپىنى تاشلاپ، تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ۋاز كېچىپ، كەسىپ ئۆزگەرتىشىنىڭ ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. شۇنداق ئىكەن، كەلپىن ناھىيەسىدە ئۇيغۇر دېھقانلىرى كوللېكتىپ ھالدا دېھقانچىلىقنى تاشلاپ، يەرلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، باشقا كەسىپنى نۆلدىن باشلاپ ئۆگىنىشنى «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈنلا تاللىشى» ئادەمنىڭ ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر نورمالسىزلىقتۇر.

 مەزكۇر خەۋەردە، كەسىپ ئۆزگەرتكەن دېھقانلارنىڭ يالغۇز كەلپىن قارا قويى باقمىچىلىقى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ ئېتىزلىرىدا چامغۇر، تاۋۇز، پۇرچاق قاتارلىقلارنى تېرىش ئارقىلىق ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. خەۋەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، كەلپىندىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى تارتىۋېلىنىپ، كوپىراتىپقا ئەزا قىلدۇرۇش، تۈرلەر ۋە ئېھتىياج بويىچە كەسپىي تەربىيەلەش ۋە تەربىيەلەشتىن چىققان دېھقانلارنى ئۆگەنگەن كەسپىگە ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە ئىشلەمچىلىككە قويۇش، كەلپىن ناھىيەسىدىكى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» سىياسىتى بولغانلىقى بولغانلىقى ئاشكارا. ناۋادا بىز بۇ «سىياسەت» نى ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا لاگېرلارغا ئالاقىدار ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەردىكى مەزمۇنلار بىلەن باغلايدىغان بولساق، كەلپىن دېھقانلىرىنىڭ قىسمەتلىرى بىزنى تېخىمۇ چۆچۈتۈشى مۇمكىن. چۈنكى ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەردە ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش» نىڭ جازا لاگېرلىرىنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكى، ئاتالمىش تۆۋەنگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭمۇ دەل ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگىچە كۆچۈپ كىرىپ، 24 سائەت ئۇيغۇرلارغا نازارەتچىلىك قىلغان خىتايلار بولغانلىقى دەلىللەنگەن.

بۇ ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، يۇقىرىدا بىز تىلغا ئالغان كەلپىن ناھىيەسىدىكى 25 دېھقان ئائىلىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كەسىپ ئۆزگەرتىپ، باقمىچىلىق قىلىشى بىزنى ئويلاندۇرىدۇ. ئەمىسە بىز يەنە باقمىچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىپ، كەلپىن ئۇيغۇرلىرىنى باي قىلغان ئاتالمىش «شىنجاڭ خۇكې جىنلەن دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرەيلى

«شىنجاڭ خۇكې جىنلەن دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» نىڭ مەسئۇلى ياڭ خۈەن ۋە خىزمەتچىلەر باقمىچىلىق فېرمىسىدا. 2024-يىلى 16-ئىيۇل، كەلپىن
«شىنجاڭ خۇكې جىنلەن دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» نىڭ مەسئۇلى ياڭ خۈەن ۋە خىزمەتچىلەر باقمىچىلىق فېرمىسىدا. 2024-يىلى 16-ئىيۇل، كەلپىن
xj.news.cn

مەزكۇر شىركەت ھەققىدە بەيدۇ تورىدا مۇنداق ئۇچۇرلار بېرىلگەن. يەنى بۇ شىركەت 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ياڭ خۈەن ئىسىملىك بىرى ئىكەنلىكى يېزىلغان. ياڭ خۈەن كوممۇنىست خىتاي پارتىيە ئەزاسى بولۇپ، ئەسلى يۇرتى جې جياڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇ جۇ شەھىرى. ئۇ 2022-يىلى ئىيۇندا كەلپىن ناھىيەسىگە «شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچىلەر» نامىدا كەلگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇ كەلپىن ناھىيەسىگە كەلگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم سىياسەتلىرى» ۋە كەلپىن ناھىيەلىك پارتكوم ھەمدە ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ كۈچلۈك ياردىمىدە، قوي باقمىچىلىق كەسپىدە «چوڭ ئىسلاھات» نى باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن كەلپىن ناھىيەسىدىكى قوي باقمىچىلىق كەسىپلەر بازىسىدا ئۆلچەملىك، زامانىۋى قوي قوتانلىرى سېلىنىپ، ئىلغار بولغان باقمىچىلىق ئەسلىھەلىرى ۋە تېخنىكىلار بۇ بازىغا ئېلىپ كىرىلگەن.

دەرۋەقە، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىدىن خەۋەرسىز بولغان ھەر قانداق بىر كىشىگە، ياڭ خۈەن ئىسىملىك بۇ جېجياڭلىق خىتاينىڭ كەلپىن ناھىيەسىنىڭ «قوي باقمىچىلىقىدىكى چوڭ ئىسلاھاتى» تەسىرلىك بىر ھېكايىدەك تۇيۇلۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇ يەردىكى مەسىلە، ياڭ خۈەن تېخى ئىككى يىل بۇرۇن يەنى، 2022-يىلى كەلپىن ناھىيەسىگە كەلگەن. ئاتالمىش «شىنجاڭ خۇكې جىنلەن دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» نى بولسا ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى، يەنى 2023-يىلى دېكابىرنىڭ ئاخىرقى كۈنى 10 مىليون يۈەن مەبلەغ بىلەن قۇرۇپ چىققان. ياڭ خۈەننىڭ «شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى» نامىدا جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇ جۇ شەھىرىدىن كەلپىن ناھىيەسىگە كەلگەنلىكى خەۋەردە ئېنىق دېيىلگەن. دېمەك، ياڭ خۈەننىڭ پۇلدار كارخانىچى ئەمەسلىكى ئاشكارا. يەنى ئۇنىڭ شىركەت قۇرۇش ئۈچۈن سالغان 10 مىليون يۈەن مەبلىغىنىڭ دەل ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەمىنلەنگەنلىكىنى بۇ ۋەجىدىن تەسەۋۋۇر قىلىشىمىز تەس ئەمەس. ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي جەھەتتىن كۈچلۈك قوللىشى، ئاستىدا ئىسلاھات قىلىش يالغۇز ياڭ خۈەن ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۈچۈنمۇ مۇمكىنچىلىكى بولغان ئىشلاردىن بىرىدۇر. ئەمما تەييار پۇل ۋە ئەۋزەل سىياسەت بىلەن باشقىلارنىڭ زېمىنىغا كېلىپ، يەرلىرىنى تارتىۋېلىپ، دېھقانلارنى ئىشلەمچىگە ئايلاندۇرۇش ياڭ خۈەندەكلەردىن باشقىلارنىڭ قولىدىن كېلىشى ناتايىن! خىتاي ھۆكۈمىتى مەتبۇئاتلىرى ئۆزلىرى ئىلگىرى ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە باشقا جايلاردا زور مىقداردىكى يەرلەرنى قايتا تەقسىم قىلىش، ئۆلچەش نامىدا ئىگىلىرىنىڭ قوللىرىدىن يىغىپ ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلىشقانىدى. مانا بۇ يەرلەر ئەنە شۇنداق ئىچكىرى خىتايدىن كەلگەن ياردەم بەرگۈچىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە بېرىلگەنلىكىدە شەك يوق.

دەرۋەقە، يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلار كوممۇنىست خىتاينىڭ بۇنداق شاپائىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ باقمىغان. جېجياڭلىق ياڭ خۈەنگە بولغان قوللاش كەلپىن دېھقانلىرىغا ياكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا نېمە ۋەجىدىن بېرىلمەي قالدى؟ بۇ يەردە شۇ نەرسە ئېنىقكى، خىتاي ئۆلكىسىدىن ئاققۇنلارنى يۆتكەپ كېلىپ، پۇل، يەر ۋە سىياسەت بىلەن تەمىنلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ «شاپائەتچىسى» گە ئايلاندۇرۇش، «ئۇيغۇرلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نى مەقسەت قىلمىغان. ئەكسىچە، ئۇيغۇرلارنى يەر-زېمىنلىرىدىن ئايرىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىنى خىتاي ئاققۇنلىرى بىلەن تولدۇرۇش، خىتاي ئاققۇنلىرىغا ھەر جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىنى ئېلىشىغا ياردەملىشىش ۋە ئاقىۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ جان بېقىش ئۈچۈن ھەر يەردە سەرسان، سەرگەردان بولۇپ، ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان توپلۇققا ئايلاندۇرۇش، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ئۇسلۇبلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنىڭ «تەبىئىي يوسۇندا يوقىلىپ» كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.