بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قاراشلىق ئورگان ھېسابلىنىدىغان «ئىنتېرنېتنى ئىدارە قىلىش مۇنبىرى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان 9-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق يىغىن تۈركىيەنىڭ ساھىبخانىلىق قىلىشى بىلەن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلمەكتە.
«ئىنتېرنېت ئىدارە قىلىش مۇنبىرى 2014» ناملىق بۇ يىغىن ئىنتېرنېتقا ئالاقىدار بارلىق تەرەپلەرنى جۈملىدىن ھۆكۈمەتلەر، تېخنىكا شىركەتلىرى ۋە شۇنىڭ بىلەن مۇستەقىل ئورگانلار، ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى بىر ئارىغا جەم قىلىدىغان ۋە ئىنتېرنېتنى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە توسالغۇسىز ھالەتكە ئەكېلىش، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىنتېرنېت ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى ئازايتىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىخەتەر ۋە ئەزان ئىنتېرنېتقا ئېرىشىشكە چېتىلىدىغان بىر قاتار مەسىلىلەردە ھەرقايسى تەرەپلەر ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ۋە مۇرەسسە يولىنى ئىزدەيدىغان بىر يىغىندۇر.
يىغىندا تەرەپلەر ئىنتېرنېتنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇش، ئۇنىڭ تېخنىكىلىق ئاساسلىرى، ئىنتېرنېت تەمىنلىگۈچى شىركەتلەرنىڭ ئىنتېرنېتقا ئېرىشىش تەننەرخىنى خالىغانچە ئۆرلىتىۋېلىشىگە چەكلىمە قويۇش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، ئىنتېرنېتتىكى مەزمۇنلارنىڭ دائىرىسى، ئۆسمۈر-بالىلارنى بىخەتەر ئىنتېرنېتتىن بەھرىمەن قىلىشقا ئوخشاش نۇرغۇن تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلىدىغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىننىڭ مۇھىم تېمىلىرىدىن بىرى ئەلۋەتتە «ئىنتېرنېتقا قويۇلغان چەكلىمە» مەسىلىسىدۇر.
ئىنتېرنېتقا توسالغۇسىز ئېرىشىش ھوقۇقى مەزكۇر خەلقئارالىق ئىنتېرنېتنى ئىدارە قىلىش مۇنبىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم باش تېمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن. ئۇلار ئىنتېرنېتنىڭ بارلىق پەرقلىق ئىدىيىلەرگە ئوچۇق بولۇشى ۋە ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن كونترول قىلىنىپ، چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ۋە ئىنتېرنېتتا ئۇچۇرغا ئېرىشىش مەسىلىسى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تېمىلارنىڭ بىرى.
بولۇپمۇ بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا ساھىبخانا دۆلەتنىڭ تۈركىيە بولۇشى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىنتېرنېتنى چەكلەش مەسىلىسىگە بولغان دىققەتنى تېخىمۇ ئاشۇردى. شۈبھىسىزكى، ئۇنى بۇ يىغىندىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە قىلىپ قويدى. چۈنكى تۈركىيەنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىدە چېكىنىش كۆرۈلگەنلىكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنىپ كەلگەن ئىدى. ئەركىنلىك سارىيى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، يۇقىرىدىكى نۇقتىنى ئەسكەرتىپ، بۇ نۆۋەتلىك يىغىننىڭ ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىدىغان ھۆكۈمەتلەرنى ئاگاھلاندۇرىدىغان ياخشى پۇرسەت بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئەركىنلىك سارىيى بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەر ئۈچۈن تەييارلىغان دوكلاتىدا دۇنيادىكى 60 دۆلەتكە ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى دەرىجىسىگە قاراپ تۇرۇپ نومۇر قويغان. ئۇنىڭدا 0-30 نومۇر ئالغانلار ئىنتېرنېت ئەركىن دۆلەتلەر، 31 دىن 60 قىچە نومۇر ئالغانلار قىسمەن ئەركىن دۆلەتلەر، 61دىن 100 گىچە نومۇر ئالغانلار ئەركىن بولمىغان دۆلەتلەر دېگەن ئۆلچەم بويىچە رەتكە تىزىلغان. نەتىجىدە تەرتىپ بويىچە ئىسلاندىيە، ئېستونىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ئىنتېرنېت ئەڭ ئەركىن بولغان ئالدىنقى 5 دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولسا، ئېفوپىيە، سۈرىيە، خىتاي، كۇبا ۋە ئىران رەتنىڭ ئەڭ ئارقىسىدىكى بەش دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. خىتاي 86 نومۇر بىلەن رەتنىڭ ئارقىدىن سانىغاندا ئۈچىنچىسى بولغان بولۇپ، جۈملىدىن خىتاي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭمۇ كەينىدە قالغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتنى ۋە ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنى قاتتىق قامال قىلىپ كەلگەن بولسا شى جىنپىڭ تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئىنتېرنېتنى باشقۇرۇش ۋە چەكلەشنى ئاشۇرىدىغان مەخسۇس قانۇن ماددىلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇ ماددىلارنىڭ بىرىدە ئىنتېرنېتتا ئۆسەك سۆز تارقاتقانلارغا 3-يىلدىن 10-يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىش بەلگىلەنگەن بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق پىكىر ئەركىنلىكىنى قاتتىق كونترول ئاستىغا ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەر بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتقا قاراتقان قامالىنىڭ زىيىنىغا ئەڭ جىق ئۇچراۋاتقانلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى سۆزىدە بۇ نۇقتىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتقا قاراتقان قامالىدىن تۈپەيلى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئىنتېرنېت تور بەت قۇرغۇچى ۋە تور بەت يازغۇچىلىرىدىن نىجات ئازاد، دىلشات پەرھات، گۈلمىرە ئىمىن، تۇرسۇنجان ھەزىم، غەيرەت نىياز قاتارلىق نۇرغۇن ياشلارنى تۈرمىگە سولاپ، ئۇيغۇر ئىنتېرنېت تور بەتچىلىكىگە ئېغىر زەربە بەرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتى ۋە جۈملىدىن ئىنتېرنېت-پىكىر ئەركىنلىكىگە قىلغان ھۇجۇمىنىڭ ئەڭ يېقىنقى زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىسى بولسا يەكەن ۋەقەسى ھەققىدە ئۆسەك سۆز تارقىتىش بىلەن قولغا ئېلىنغان 22 ياشلىق ئابابەكرى رېھىمدۇر. ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى بىلەن د ئۇ ق قاتارلىق ئورگانلار يېقىندا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئابابەكرى رەھىمنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشىنى تەنقىد قىلغان ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئابابەكرى رېھىم مەسىلىسى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ سۆز-پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراش مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى.
ئىگىلىنىشىچە، ئىستانبۇلدا ئېچىلىۋاتقان ئىنتېرنېتنى ئىدارە قىلىش مۇنبىرى يىغىنىدا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى مەخسۇس ھالدا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان دۆلەتلەردە ئىنتېرنېتقا توسالغۇسىز ئېرىشىشنى، ئۇچۇرنىڭ بىمالال ئايلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئېلىشقا تېگىشلىك تەدبىرلەرنى مەخسۇس ئوتتۇرىغا قويىدىكەن، شۇنداقلا ئىنتېرنېت تەمىنلىگۈچى چوڭ شىركەتلەرنى تەدبىر قوللىنىپ، دىكتاتور ھۆكۈمەتلەرنىڭ كونتروللۇقىغا يانتاياق بولماسلىق ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىدىكەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا نۇرغۇن دۆلەتلەردە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىنتېرنېتنى قامال قىلىش ئارقىلىق ھۆكۈمەت تەنقىد قىلىنغان مەزمۇنلارنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ۋە ژۇرنالىستلارنى تۈرمىگە تاشلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ خىل ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ۋە بۇ مۇنبەرنىڭ مۇشۇ نىشان قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.