مۇتەخەسسىسلەر خىتايدا مەۋجۇت بولغان كۆپلىگەن سىستېمىلىق مەسىلىلەرنىڭ ئۇنىڭ 2024-يىلدىكى ۋەزىيىتىگە تەسىر قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بىر يۈرۈش ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەبلەغ سېلىشنى ئۆستۈرۈش، سانائەتنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئورنىغا، بازار ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلما ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
خىتاينىڭ «شىنخۇا تورى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2024-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى، خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ خىتاي نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكالىق سودا، ئىستراتېگىيە ۋە ئاكادېمىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بېيجىڭدا كۆرۈشكەن.
ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۆزەك (چىپ) ئىشلەپچىقارغۇچى كۇۋالكوم (Qualcomm) نىڭ رەئىسى كىرىستىيانو ئاموننى (Cristiano Amon)، بىلەك روك (BlackRock) نىڭ قۇرغۇچىسى ستىفېن شۋارزمان (Stephen Schwarzman)، فېدەكىس (FedEx) نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى راج سۇبرامانىئام (Raj Subramaniam) بىلۇمبېرگ (Bloomberg) نىڭ رەئىسى مارك كارنىي (Mark Carney)، ئامېرىكا-خىتاي سودا كېڭىشىنىڭ رەئىسى كرەيگ ئاللېن (Craig Allen) ھەمدە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى (Harvard University) كېننىدى ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق مۇدىرى گراخام ئاللىسون (Graham Allison) قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىب تاپقان.
«پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇلار ئامېرىكادىكى ئاز ساندىكى سودا، ئىستراتېگىيە ۋە ئاكادېمىيە ساھەسىدىكى كىشىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىكەن. يەنى بېيجىڭنىڭ دوستى دەپ قارالغان سودا، ئىستراتېگىيە ۋە ئاكادېمىيە ساھەسىدىكى بىر قىسىم شەخسلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىكەن. شى جىنپىڭ خىتاي ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى ياخشىلاش ۋە خىتايغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ئۈچۈن بۇ شەخسلەرنى تەكلىپ قىلغانىكەن.
ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزى (RAND Corporation) ئىستراتېگىيە ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى رايموند كو (Raymond Kuo) ئامېرىكالىق سودا، ئىستراتېگىيە ۋە ئاكادېمىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بېيجىڭدا شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچرىشىشى ۋە خىتاي ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ھەققىدە قارىشىنى بايان قىلدى. ئۇ شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكادىن بارغان ۋەكىللەرنى قايىل قىلالمىغانلىقىنى ۋە شى جىنپىڭ بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. مۇنداق دېدى:
«نۆۋەتتىكى ئىقتىسادنىڭ ئاستىلىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي ھازىرقى ئىقتىسادىي كاساتچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئامېرىكا، ياۋروپا، ياپونىيە ۋە باشقا بازارلارغا ئېرىشىپ ماللىرىنى ئېكسپورت قىلالىشى كېرەك. خىتاينىڭ شۇنداق قىلالىشى ئۈچۈن ئامېرىكادىكى سودا، ئىستراتېگىيە ۋە ئاكادېمىيە ساھەسىدىكى كىشىلەر بىلەن ياخشى ئۆتىشى ۋە ئۇلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت قۇرۇشى كېرەك. شى جىنپىڭ تەكلىپ قىلغان ۋە بېيجىڭدا كۆرۈشكەن ئامېرىكالىق سودا، ئىستراتېگىيە ۋە ئاكادېمىيە ساھەسىدىكى كىشىلەر بىر قىسىم ئامېرىكا شىركەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقا نۇرغۇن ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتايدىن چىقىۋاتىدۇ. بېيجىڭدىكى ئۇچرىشىشتا شى جىنپىڭنىڭ خىتاينىڭ ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش سىياسىتى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى بۇ ۋەكىللەردە بىر ئىشەنچ پەيدا قىلالمىدى. بەزى پاراڭلارغا ئاساسلانغاندا، شى جىنپىڭ بىلەن بېيجىڭدا كۆرۈشكەن ئامېرىكالىق سودا، ئىستراتېگىيە ۋە ئاكادېمىيە ساھەسىدىكى بەزى كىشىلەرگە شى جىنپىڭنىڭ خىتاي ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي خىرىسنى ھەل قىلىش چارىلىرىنىڭ بەك تەسىرى بولمىغان. ئۇلارنى قايىل قىلالمىغان. قىسقىسى شى جىنپىڭ بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا ياخشى ئىش قىلالمىدى ۋە كۆزلىگەن مەقسىتىگە يىتەلمىدى.»
«بىلۇمبېرگ» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خىتايدىكى مەبلىغىنىڭ پاي قىممىتى 2023-يىلىمۇ تۆۋەنلىگەن. ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسى 17 پىرسەنت ئازايغان بولۇپ، ئامېرىكانىڭ 2023-يىلى خىتايدىن سېتىۋالغان ئومۇمى مەھسۇلاتى427 مىليارد دوللارغا چۈشۈپ، 20 پىرسەنتتىن ئارتۇقراق تۆۋەنلىگەن. ئامېرىكىنىڭ خىتايغا ساتقان مەھسۇلاتىمۇ ئىلگىرىكىدىن 4 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن.
مەزكۇر خەۋەردە، شى جىنپىڭ ئامېرىكادىن بارغان ۋەكىللەرگە مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ ئىسلاھاتى توختاپ قالمايدۇ، بىز داۋاملىق ئىسلاھات ئېلىپ بارىمىز. بىز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارنى ئىگىلىگىنى ئاساس قىلغان، ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن كارخانا ۋە شىركەتلىرىگە قانۇنلۇق ۋە خەلقئارالىق بىرىنچى دەرىجىلىك سودا مۇھىتىنى بەرپا قىلىۋاتىمىز».
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقات دىرېكتورى دوكتور ھېنرىك شاجېسكى (Henryk Szadziewski) شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزىگە ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ شى جىنپىڭ دەۋاتقان خىتايدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك سودا مۇھىتىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. مۇنداق دېدى:
«خىتاينىڭ تەرەققىي قىلغۇزۇشى كېرەك بولغان تېخىمۇ كۆپ بوشلۇق ۋە ساھەلەر بار. ئەگەر شى جىنپىڭنىڭ دەۋاتقان بىرىنچى دەرىجىلىك سودا مۇھىتى خىتايدا چەت ئەل ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانىلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋە تەقىب قىلىشنى كۆرسەتسە، بۇ بىرىنچى دەرىجىلىك سودا مۇھىتىنىڭ ئېنىقلىمىسىنى ئۆزگەرتىشكە ئېھتىياجى بار. شى جىنپىڭ ھەر خىل باھانىلەر بىلەن شىركەتلەرنىڭ دىرېكتورلىرىنى قولغا ئېلىپ ۋە ئۇلارنى خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. خىتايدىكى مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنىڭ ناچارلىقى پەقەت خىتاينىڭ تارايغان ۋە ئاجىزلىشىۋاتقان ئىقتىسادىي بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئامېرىكانىڭ بېسىمى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. بەزى شىركەت ۋە كارخانىلار خىتايدىكى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلالماي، خىتايدىن چىقىپ كەتتى. شى جىنپىڭ ئىككىلىنىپ تۇرغان شىركەت ۋە كارخانىلارنى قايىل قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ.»
ئامېرىكادىكى «تۆپىلىك» (THE Hill) گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋال كوچىسىدىكى مەبلەغ باشقۇرۇش شىركەتلىرى بارغانسېرى خىتاينى مەبلەغ سېلىشقا بولمايدىغان دۆلەت قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ۋال كوچىسىدىكى مەبلەغ باشقۇرۇش شىركەتلىرى شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى كومپارتىيەنىڭ ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىكىگە ئوخشاش بىر ئادەمنىڭلا ئېغزىغا قارايدىغان مۇستەبىت ھاكىمىيەت دەۋرىگە قايتىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ قارارغا كەلگەن.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى، پەقەت خىتايدا دېموكراتىك تۈزۈم بەرپا قىلىنىپ ۋە ئەركىن بازار ئىگىلىكى تىكلەنگەندىلا ھازىر دۇچ كەلگەن ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا، ھازىر خىتايغا مەبلەغ سېلىش تۆۋەنلىدى. شى جىنپىڭ ئەگەر ترامپنى ئىككىنچى قېتىم پرېزىدېنتلىققا سايلانسا خىتايغا قارىتا تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرىدۇ دەپ ئويلايدۇ. ھەر تەرەپتىن ئىشلار ھازىر خىتاي ئۈچۈن پايدىلىق ئەمەس. خىتاي ئۈچۈن ئىشلار ياخشى كېتىپ بارمايۋاتىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا بۇ كرىزىس داۋام قىلىدۇ. يەنى بۇ خىتاي كومپارتىيەسى مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ. پەقەت بۇ ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇلۇپ خىتايدا دېموكراتىك تۈزۈم بەرپا قىلىنغاندا ۋە ئەركىن بازار ئىگىلىكى تىكلەنگەندىلا ھازىر دۇچ كەلگەن ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدۇ. ئىقتىسادنى تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرىمەن دېسىڭىز، ئەلۋەتتە ئەركىن بازار ئىگىلىكى تىكلىشىڭىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا باشقىلارنى يۈز پىرسەنت ئىشلەپچىقىرىشقا رىغبەتلەندۈرگىلى بولىدۇ ۋە ئىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ ئىنسانلارنى داۋاملىق ئىشلەشكە ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا ئۈندەيدۇ. بۇ ئەركىن بازار ئىگىلىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيەسىگە زىت. شۇڭا بۇ خىتايدا تېزلا يۈز بەرمەيدۇ. ئەمما بۇ ئاستا-ئاستا يۈز بېرىشى مۇمكىن».
ئامېرىكا ئاقسارايىنىڭ بايانات بېرىشىچە، 2-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدېن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن. بايدېن تېلېفوندا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا فىلىپپىنغا قاراتقان قۇتراتقۇلۇق ھەرىكىتى، ئۇنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى تاجاۋۇزچىلىقىنى قوللىشى، خوڭكوڭنىڭ يېڭى بىخەتەرلىك قانۇنى ۋە تەيۋەن مەسىلىسى، «شىنجاڭ»، يەنى ئۇيغۇر ئېلى قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەرنى تىلغا ئالغانلىقى ئېتىلماقتا.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جەنېت يېللېن 4-ئاپرېل كۈنى خىتايغا يېتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ مەقسىتى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى پۇل-مۇئامىلە ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئىكەن. ئۇنىڭ خىتايغا قارىتا ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلاردىكى قاتتىق پوزىتسىيەسىدىن سىگنال بېرىشى پەرەز قىلىنماقتا.
ئۇندىن كېيىنكى ھەپتىلەردە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېنمۇ خىتاينى زىيارەت قىلىدىكەن.