خىتاي ھۆكۈمىتى بىر ھەپتە داۋاملاشقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى ئاخىرلاشقاندا، قىيىن ئەھۋالدا قالغان خىتاي ئىقتىسادى ۋە دونالد ترامپنىڭ كەلگۈسى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە يېڭى سودا ئۇرۇشىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش مۇمكىنچىلىكىگە قارىتا يېڭى قارار ماقۇللىغان، يەنى خىتايدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ غايەت زور قەرزنى تۆلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 1 تىرىللىيون 400 مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادنى رىغبەتلەندۈرۈش پىروگراممىسىنى جاكارلىغان. مۇتەخەسسىسلەر، بۇ پىروگراممىنىڭ خىتايدىكى نېگىزلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە خىتاي ئېھتىياجلىق بولغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى قوزغىتىشقا يەتمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە دېيىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 8-كۈنى خىتايدا بىر ھەپتە داۋاملاشقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى ئاخىرلاشقان. خىتاي مالىيە مىنىستىرى لەن فۇئەن ئۈچ يىل ئىچىدە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز چېكىنى 838 مىليارد دوللار ئاشۇرۇش ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۈچۈن يەنە 559 مىليارد دوللار قوشۇمچە مەبلەغ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ ئومۇمىي مىقدار 2008-يىلدىكى يەر شارى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن سالغان 586 مىليارد دوللاردىن بىر ھەسسە كۆپ ئىكەن. لەن فۇئەن يەنە مۇنداق دېگەن: «يېڭى رىغبەتلەندۈرۈش پىلانى ‹زور قارار› بولۇپ، ئىقتىساد ۋە پۇل-مۇئامىلەنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزنى ئازايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ».
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ (Gordon G. Chang) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رىغبەتلەندۈرۈش پىروگراممىسى ھەققىدە كۆز قارشىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى:
«بۇ پىروگرامما يېتەرلىك ئەمەس. ئۇ پەقەت بىرلا مەسىلىنى، يەنى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزنى ھەل قىلىشنى نىشان قىلغان. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزى 1 تىرىللىيون 400 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا مەن بۇنىڭ خىتاي ئىقتىسادىنى ۋاقىتلىق ھەل قىلىش ۋە قۇتۇلدۇرۇش چارىسى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىمەن. ئۇلار (خىتاي ھۆكۈمىتى) كەلگۈسىدە خىتاي ئىقتىسادىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان، يەنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان پۇلنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ بۇ پىروگرامما خىتاي ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ھازىرقى مەۋجۇت ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشتىكى ھەقىقىي ھەل قىلىش چارىسى ئەمەس».
ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزى (RAND Corporation) ئىستراتېگىيە ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى رايموند كو (Raymond Kuo) خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئىقتىسادنى رىغبەتلەندۈرۈش پىروگراممىسىنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغان خىتاي ئىقتىسادىنى قۇتۇلدۇرماستىن، ئەكسىچە خىتايدا كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى:
«1 تىرىللىيون 400 مىليارد دوللار خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى قىيىنچىلىقىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك بولماسلىقى مۇمكىن. مېنىڭچە، بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە شۇكى، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرىكى ئىقتىسادنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان پىروگراممىلىرىغا ئوخشاشلا، بۇ پۇللارنىڭ كۆپىنچىسى ئىستېمالچىلارغا ئەمەس، بەلكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە بېرىلىدۇ. ئىقتىسادنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئايرىلغان 1 تىرىللىيون 400 مىليارد دوللار يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزنى قايتا پىلانلاپ تۆلىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان. بۇ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە پايدىلىق بىر پىروگرامما بولسىمۇ، ئەمما مېنىڭچە خىتايدىكى ئەڭ نېگىزلىك مەسىلە ئىستېمالغا تايانغان ئىقتىسادىي تەرەققىياتتۇر. بۇ پۇللارنى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە بېرىش كىشىلەرنى يەرلىك ئىشلەپچىقىرىشقا يۈزلەندۈرۈشى مۇمكىن. ھالبۇكى، بۇ خىتايدا كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ».
«ۋول-سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى ۋولتىر راسىل مىد (Walter Russell Mead) خىتاي ئىقتىسادى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە يېزىپ، خىتاينىڭ ئۆزى كولىغان ئورىغا ئۆزى چۈشۈۋاتقانلىقىنى، خىتاي ئىقتىساد مودېلىنىڭ داۋام قىلالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى تۆۋەندىكى جۈملىلەر ئارقىلىق بايان قىلغان:
«خىتاي نوپۇسى ئازىيىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، 90 مىليونغا يېقىن تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇق ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ. ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرى قەرزلىرىنى قايتۇرالمايۋاتىدۇ. ئۆز چىقىملىرىنى ئۇزۇندىن بۇيان ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرىگە يەر سېتىش ئارقىلىق تەمىنلەپ كەلگەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەر قەرز پاتقىقىغا غەرق بولۇۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن، خىتاي ئائىلىلىرى يىللارچە يىغقان ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ %80 گە يېقىن قىسمىنى ئۆي-مۈلۈككە مەبلەغ سالغان ئىدى. ھازىر بەزى يەرلەردە 2021-يىلدىن بۇيان ئۆي باھاسى تەخمىنەن %30 چۈشۈپ كەتتى. سانائەتتە تاپقان پايدىسى ئۆتكەن بىر يىلدا %17.8 تۆۋەنلىدى. ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى داۋاملىق ئاشماقتا. ياۋروپا ۋە ئامېرىكا خىتايغا قارشى يېڭى تاموژنا بېجىنى پىلانلاۋاتىدۇ. چەت ئەللىكلەر مەبلەغ سېلىشنى خالىمايۋاتىدۇ».
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) خىتايدا بىر يۈرۈش ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشنى ئۆستۈرۈش ئەمەس، ئەكسىچە بازار ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلما ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى:
«1 تىرىللىيون 400 مىليارد دوللار ئىقتىسادنى كونترول قىلىشتىكى ئاساسلىق قۇرۇلما خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ۋە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ گېئو-سىياسىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەرگىز ھەل قىلالمايدۇ. يەنى بو غايەت زور مەبلەغ خىتاينىڭ تەيۋەننى ئىشغال قىلىش پىلانى، ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم ۋە تولۇقلىمىسى بىلەن ئۆزىنىڭ ئېكسپورتىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئادالەتسىز سودا ئادىتى قاتارلىق ئاساسلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدۇ. بۇ ئىقتىسادقا زىيان سالىدۇ، خىتاي بۇ ئارقىلىق نۆۋەتتە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ماللىرىغا قارىتا يولغا قويغان خەلقئارالىق تاموژنا بېجىغا ئىنكاس قايتۇرۇۋاتىدۇ. قارىغىنىمىزدا، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالى ئىنتايىن ناچار. 1 تىرىللىيون 400 مىليارد دوللاردىن ئىبارەت بۇ رىغبەتلەندۈرۈش پۇلى ئەمەلىيەتتە پۇلنىڭ ئۇ يەردىن بۇ بۇ يەرگە ئۇرۇن ئالمىشىشى، يەنى يۆتكىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. مەسىلەن، بۇ پۇللارنىڭ ئاز بىر قىسمى خىتايدا ئىستېمال سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدۇ».