خىتاينىڭ 2023-يىلىدىكى ئىسلاھات پىلانىدا ئۇيغۇرلار

0:00 / 0:00

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 14-يانۋاردىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي 11-يانۋار ئىقتىسادىي ئىسلاھاتقا دائىر بىر ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلغان. ئۇقتۇرۇشتا، ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شاڭخەي شەھىرى، جياڭسۇ ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسى، فۇجيەن ئۆلكىسى، خۇنەن ئۆلكىسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ۋە چوڭچىڭ شەھىرى قاتارلىق جايلارنى «ئىچكى ۋە تاشقى سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سىناق رايونى» قىلىپ بېكىتكەنلىكى يېزىلغان. بۇ رايونلارنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىدىن قارايدىغان بولساق، ئالدىنقى 6 رايون بولسا خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىغا مەنسۇپ بولغان خىتاي نوپۇسى زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردۇر. خۇنەن ئۆلكىسى بىلەن چوڭچىڭ شەھىرىمۇ خىتاي نوپۇسىنى ئاساس قىلغان رايونلار ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى داۋام قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، بۇنداق بىر سىياسەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، كىشىنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر يىلى دېكابىرنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە، ئاتالمىش «مەركەزنىڭ ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنى» ئېچىپ، خىتاينىڭ كەلگۈسى بىر يىللىق ئىقتىسادىغا دائىر سىياسەت ۋە ئۆزگىرىشلەردىن سىرتقا ئۇچۇر بېرىدۇ. 2022-يىلى دېكابىرنىڭ 15 ۋە 16-كۈنلىرى ئېچىلغان خىتاينىڭ مەزكۇر يىغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى كەلگۈسى بىر يىلدا ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشنى ئاساس قىلىدىغانلىقى ئۈستىدە ئۇچۇر بەرگەنىدى. ھالبۇكى، 11-يانۋاردا ئېلان قىلغان ئىقتىسادقا دائىر ئۇختۇرۇشىدا ئىچكى ۋە تاشقى سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئاساس قىلىنىدىغانلىقى سۆزلەنگەن. دېمەك، 2023-يىلى خىتاينىڭ پىلانى ئىچكى ۋە تاشقى سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش بولىدۇ.

خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا خىتايدا بولۇۋاتقان بۇ ئۆزگىرىشلەرگە نىسبەتەن پەرقلىق قاراشلار مەۋجۇت. ئەمما بۇ قاراشلاردىكى بىردىنبىر ئورتاقلىق بولسا، خىتاينىڭ «ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى» نى قايتىدىن يولغا قويىدىغانلىقىدۇر. دەرۋەقە، خەلقئارا مەتبۇئاتلار ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بۇ قاراشلىرىغا ماس ھالدا، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىمۇ، مەزكۇر ھادىسىنى «ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ 3-نۇسخىسى» دەپ تەرىپلەشمەكتە.

ئۇ ھالدا 2023-يىلى ھەقىقەتەن ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى بىر ئىسلاھات پىلانى خىتايدا ئېلىپ بېرىلامدۇ؟

كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، پرېزىدېنت ترامپ دەۋرىدىن باشلانغان ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ئۇرۇش، بۈگۈنگە كەلگەندە خىتاينىڭ ئىسلاھات دەۋرىدە قازانغان يۈز-ئابرۇيلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى. 2001-يىلى ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن «11-سېنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەسى» خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا پۇرسەت ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا تېررورىزمغا باغلىنىپ، دۇنيانىڭ كۆزىدىن يىراق قېلىشىغا سەۋەب بولغانىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تاكى 2016-يىلى ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى يۈز بەرگەنگە قەدەر، خىتاي ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتە كۈچلىنىپ، ھەتتا غەرب دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىغا جەڭ ئېلان قىلىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى. ئەمما ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ دەۋر تارىختىكى ئەڭ پاجىئەلىك قىسمەتلەر بىلەن تولدى. ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى ئاقىۋەتتە سوغۇق ئۇرۇش دەرىجىسىگىچە كۆتۈرۈلۈپ، دۇنيا قۇتۇپلىشىش خەۋپىگە دۇچ كېلىپ قالغاندا، خىتاينىڭ تەلىيىگە ۋىرۇس ئاپىتى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئارقىدىنلا رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىپ، غەرب دۇنياسى خىتاي بىلەن رۇسىيەدىن ئىبارەت ئىككى دىكتاتور كۈچكە بىرلا ۋاقىتتا تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدىغان ئەھۋال شەكىللەندى. يەرشارىلىشىش ئېلىپ كەلگەن قۇلاي شارائىتتا خىتاي ئىقتىسادىي پۈتۈن دۇنيانى ئۆزىگە باغلىغان بولۇپ، دۆلەتلەرنىڭ خىتايدىن چەك-چېگرانى پۈتۈنلەي ئايرىشى دەماللىققا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭغا قوشۇلغان ۋىرۇس ئاپىتى ۋە ئۇكرائىنا ئۇرۇشى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق ئېشىشىغا بەلگىلىك شارائىت ھازىرلاپ قويۇۋاتاتتى. دەل مۇشۇنداق بىر پەيتتە خىتايدىكى ۋىرۇس ۋاباسى ئويلىمىغان يەردىن كۈچىيىپ، خىتايدا ئۈچ يىلغا يېقىن داۋام قىلغان يۇقۇم قامالىغا سەۋەب بولدى. بۇ ئۈچ يىل ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى خىتاي ئاھالىلىرى ئۈچۈنمۇ قاباھەتكە تولغان يىللار بولۇپ، كىشىلەر يېقىنلىرىدىن، تاپقان-تەرگىنىدىن بىراقلا ئايرىلىشتى. ئىشلەپچىقىرىش پالەچ ھالغا كېلىپ قالغان، ئىشسىزلىق نىسبىتى ئاشقان، ئىقتىساد چېكىنگەن بىر دەۋر 2022-يىلى ئاخىرى خىتايدا كۆرۈلدى. بولۇپمۇ «ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتى» سەۋەبلىك باشلانغان ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرى، ئاقىۋەتتە خىتايدا ئىقتىسادىي كرىزىسقا قوشۇلۇپ، سىياسىي كرىزىسنىڭ باش كۆتۈرۈۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بېرىۋاتقانىدى. ئۆتكەن يىلى دېكابىرنىڭ ئاخىرى ئېچىلغان ئىقتىسادقا ئالاقىدار يىغىندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامالسىز ئىقتىسادتا چېكىنىش بولغانلىقىنى تەن ئالغان بولسىمۇ، لېكىن سىياسىي كرىزىسنى تىلغا ئالمىدى. خىتاينىڭ بۇنى تىلغا ئالماسلىقى مەسىلىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىدىن دېرەك بەرمەيتتى ئەلۋەتتە.

دېمەك، يۇقىرىقى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، خىتاي ئىقتىسادىدىلا ئەمەس بەلكى سىياسىتىدە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى سەۋەب «ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ 3-نۇسخىسى» ئوتتۇرىغا چىققىنى ئېنىق. ئەمما بىز كۆڭۈل بولىدىغان مەسىلە خىتايدا ئىسلاھاتنىڭ قايتا باشلىنىشى بولماستىن، بەلكى بۇئىسلاھاتنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىدۇر. ئۇ ھالدا قاراپ باقايلى:

1978-يىلى ئاتالمىش 3-ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن، خىتايدا ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلىدىغانلىقى جاكارلاندى. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان بۇ پۇرسەتتىن خىتاي تەرىپىدىن قەستەن سىقىپ چىقىرىلىپ، بىڭتۇەندىن ئىبارەت بىر ھەربىي كۈچنىڭ نازارىتى ئاستىغا ئېلىندى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇرلار تاكى 96-يىلى ئېلان قىلىنغان ئاتالمىش «7-نومۇرلۇق ھۆججەت» بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ» تۆھمىتى ئارتىلغانغا قەدەر، ۋاسىتىلىك نامراتلاشتۇرۇلۇش دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى. 90-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ تاكى 2010-يىلىدىكى ئاتالمىش «1-نۆۋەتلىك مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» ئېچىلغانغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكى 19 ئۆلكە ۋە شەھەرگە بۆلۈپ بېرىلىش، ئاندىن مائارىپ، تىل، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەتلىرى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ۋە جەمئىيەتتىن سىقىپ چىقىرىلىش دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى. 2010-يىلىدىن تارتىپ ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىنىش باسقۇچىغا كىرىپ، تاكى بۈگۈنگىچە بۇ قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە.

دەرۋەقە، خىتاينىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش دەۋرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن جەمئىيەتتىن سىقىپ چىقىرىلىش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراش دەۋرى بولدى. ئۇ ھالدا ئاتالمىش ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ 3-نۇسخىسى دەپ تەرىپلەنگەن خىتاينىڭ يېڭى ئىسلاھاتى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇ ئىسلاھاتتىن ئورۇن ئېلىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن؟

2014-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى ئاتالمىش «بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيەسى» نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، غەربكە كېڭىيىشنىڭ سۇپىسى، مۇھىم قاتناش تۈگىنى قىلىپ بېكىتكەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونى بىلەن ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى باغلاشتىكى مۇھىم جۇغراپىيەلىك ئورۇنغا ئايلانغان. خىتاينىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىمۇ، تېز سۈرئەتتە ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەلگەنىدى. بولۇپمۇ 1996-يىلى يولغا قويۇلغان ئاتالمىش شىنجاڭغا ياردەم سىياسىتىدە، دېڭىز ياقىسىدىكى ئالدىن تەرەققىي قىلغان رايونلارنىڭ ھەرقايسى مەمۇرىي، ئىقتىسادىي، مائارىپ، مېدىتسىنا. . . . . . قاتارلىق بارلىق ئورۇنلىرى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوخشاش ئورۇنلىرىغا «نىشانلىق ياردەم» بېرىدىغان، ئۇيغۇر ئېلىغا ياردەمگە كەلگەن مەمۇرىيلارغا 1-قول باشلىق بولۇش تەمىناتى ۋە باشقا تۈرلۈك ئالاھىدە ئىمتىيازلار بېرىلىدىغان قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە نۇرغۇن ئۇيغۇر مەمۇرىيلار مەمۇرىي ئورۇنلاردىن سىقىپ چىقىرىلغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇيغۇرلار خىزمەتسىز، خىزمەتتىكى ئۇيغۇرلار خىزمەتتىن ئايرىلىش، يۆتكىلىش. . . . . ئەھۋاللىرى يۈز بەرگەن. ئۇيغۇر ئېلى ئەنە شۇ خىتاي ئۆلكىسىدىن ياردەم نامىدا يۆتكىلىپ كەلگەنلەرنىڭ قولىغا ئوڭچە قالغانىدى. 2010-يىلىدىن باشلاپ مەزكۇر سىياسەتنىڭ دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيتىلىپ، ئاتالمىش «يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم سىياسىتى» دېيىلدى. شۇنداقلا دېڭىز ياقىسىدىكى 19 ئۆلكە ۋە شەھەرگە ئۇيغۇر ئېلى بۆلۈپ بېرىلدى. بۇ قېتىمقى ۋەزىپە تېخىمۇ ئېنىق بېكىتىلىپ، ئۇيغۇرلار نوپۇسى زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلى خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ «ئالدىنقى ياردەم نىشانى» قىلىپ بېكىتىلدى. بۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ ئېغىر پاجىئەلەر دەل بۇ رايونلاردىن باشلاپ يۈز بەردى. ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۇيغۇرلار بولدى. يۇرت-ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈلۈش، خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىش، لاگېرغا قامىلىش، ئۈچ خىل كۈچ بىلەن قارىلىنىش، خىتايلاشتۇرۇلۇش. . . . . . بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار نوپۇسى زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەردى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەمۇرىي ھوقۇقلىرى خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، دېڭىز ياقىسى رايونىنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەش تېخىمۇ قولايلاشقانىدى. بولۇپمۇ ئاتالمىش غەربنى ئېچىش سىياسىتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى «غەربنىڭ بايلىق مەنبەسىگە شەرقنىڭ تېخنىكىسى ئالماشتۇرۇش» نامدىكى سىياسەت بىلەن دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بايلىق مەنبەلىرىنى خاتىرجەم ئېچىش ۋە پايدىلىنىشىغا قانۇنىي ئاساس ھازىرلاپ بەرگەنىدى. دېمەك، خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنى باغلاش ۋە دېڭىز ياقىسىنىڭ سانائەت بازىسىنى ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەشتىكى مەقسەت غەربكە كېڭىيىش ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدى. بۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇر ئېلىنى، ئۇيغۇرلاردىن تازىلاش خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر خىزمەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانىدى.

ئون يىللىق مالىمانچىلىقتىن كېيىنكى خىتاينى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كرىزىستىن ساقلاپ قالغان ئىسلاھات قىلتىقى، بۇ قېتىممۇ ئوخشاشلا خىتاينى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كرىزىسلاردىن ساقلاپ قالارمۇ؟

دېمەك بۈگۈن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن ئەڭ چوڭ نەپكە ئېرىشكۈچىلەر يەنىلا دېڭىز ياقىسى رايونلىرى ئاھالىلىرىدۇر. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونى بىلەن دېڭىز ياقىسىدىن ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ھەقلىرىنى مونوپول قىلغان ئاتالمىش مۇتەخەسىسلەر، ئىشچىلار، كادىرلار، ئوقۇتقۇچىلار، دوختۇرلار، كارخانىچىلار دېگەندەك ناملاردا يەرلەشكەن خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە بولۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن كۆپ ئالاقىسى يوقلۇقى ئېنىق. يەنى، بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاتالمىش «يېڭى ئىسلاھات» تىكى سىرتقا ئېچىلىدىغان رايونلار قاتارىغا كىرىشى ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ توختايدىغانلىقى ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىدىن ئەمەس.

شۇنداق خۇلاسە قىلىشقا بولىدۇكى، خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كرىزىسلاردىن ئامان قېلىش ئۈچۈن ئاتالمىش ئىسلاھاتنى يولغا قويۇشى مۇمكىن. ئەمما ئۇنىڭ بۇ قېتىم ئۇتۇق قازىنالىشى ناتايىن.

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.