«ژۇرنالىست» قىياپىتىگە كىرىۋالغان خىتاي جاسۇسى قانداق قىلىپ شىۋېتسىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى؟

سىتوكھولمدىن ئوبزورچىمىز نەۋباھار تەييارلىدى
2024.11.29
Shiwetsiye-chegrisidin-qoghlap chiqirilghan-chen-shofey شىۋېتسىيە چېگرىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان چېن شۆفېي.
Gothenburg Post

19-نويابىر كۈنى شىۋېتسىيەدىكى ھەرقايسى چوڭ مەتبۇئات ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتاي ژۇرنالىستنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئېلان قىلىندى. بۇ ۋەقە شىۋېتسىيە دۆلەت ئىچى-سىرتىدا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. شىۋېتسىيەدە چىقىدىغان «يۆتېبورى پوچتىسى» (Göteborg Posten) گېزىتى ۋە «شىۋېتسىيە تېلېۋىزىيەسى» (SVT) بۇ ھەقتە شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، شىۋېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ( SÄPO ) ۋە خىتاينىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىپ، «ژۇرنالىست» تونىغا ئورىنىۋالغان خىتاي جاسۇسىنىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىنى ئىز قوغلاپ ئېنىقلىدى ھەم ئاشكارىلىدى.

«يۆتېبورى پوچتىسى» گېزىتى بىلەن «شىۋېتسىيە تېلېۋىزىيەسى» خىتاي جاسۇسى ھەققىدە مەخسۇس پىروگرامما ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇ ھۆججەتلىك فىلىم شەكلىدە تارقىتىلغان. ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، ئاشكارىلانغان خىتاي جاسۇسىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى چېن شۆفېي ئاكسېلسون بولۇپ، بۇ يىل 58 ياشتا ئىكەن، ئۇنىڭ «ئاكسېلسون» دېگەن فامىلىسى شىۋېت مىللىتىدىن بولغان ئېرىنىڭ فامىلىسى ئىكەن. چېن شۆفېي شىۋېتسىيە دۆلىتى تەرىپىدىن «دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە تەھدىت ئېلىپ كەلگەن» دېگەن جىنايەت بىلەن چېگرادىن مەڭگۈلۈك قوغلاپ چىقىرىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، جاسۇس چېن شۆفېي «مۇخبىر» لىق تونىغا ئورىنىۋېلىپ، شىۋېتسىيەدىكى مەركىزىي ھوقۇق ئورگانلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە تېخنىكا ساھەسىدىكى مۇھىم ئەربابلارنى زىيارەت قىلغان ئىكەن. ئۇ يەنە خىتاي زىيارەتچىلەرنىڭ شىۋېتسىيەگە كېلىپ ئۇل-ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى زىيارەت قىلىشىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان ئىكەن.

چېن شۆفېي قانداق قىلىپ شىۋېتسىيەنىڭ مۇھىم دۆلەت ئورگانلىرىغا كىرىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتالىدى ھەمدە ئۇيغۇر ۋە تىبەت كۆچمەنلىرىنىڭ خىتايغا قارشى سىياسىي پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتەلىدى؟

بۇنى بىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن چېن شۆفېينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى بىلەن تونۇشۇشقا توغرا كېلىدۇ، ئەلۋەتتە. چېن شۆفېي خىتايدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى ئوتتۇرىغا چىققان «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ ئۆز يېزىسىدىن چىققان بىردىنبىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن. كېيىنچە ئۇ بېيجىڭدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سادىق ئەزاسى بولۇپ تەربىيەلىنىپ چىقىدۇ. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خىتاي مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا بىر مەزگىل خىزمەت قىلىدۇ. كېيىن ئۇ شىۋېتسىيەلىك بىر كىشى بىلەن توردا مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىدۇ ۋە 2006-يىلى شىۋېتسىيەگە كېلىپ يەرلىشىدۇ. ئۇ شەخسىي بىلوگىدا ئۆز ھاياتى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «مەن 40 ياشقا كىرگىچە بىرەر پارچە كىتابمۇ يازالمىدىم، بىرەر ئەمەلمۇ تۇتالمىدىم، شۇنداقلا كۆپرەك پۇلمۇ تاپالمىدىم. . .»

ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن بۇ سۆزلەردىن ئۇنىڭ ئۆز ھاياتىدا يېڭى بىر دولقۇن ياساشنى كۈتكەنلىكىنى، نام-ئابرۇيلۇق، قول-ئىلكىدە بار ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر ئايالغا ئايلىنىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى، بۇ ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك تەقاززالىق ئىچىدە تىپىرلاۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ.

چېن شۆفېي شىۋېتسىيەگە كەلگەن دەسلەپكى يىللاردا بېيجىڭدىكى «خەلق گېزىتى» نىڭ ئىختىيارى مۇخبىرى بولۇپ خىزمەت قىلغان. شىۋېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئىنچىكە ۋە تەپسىلىي كۆزىتىشى نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەيلى ئىلگىرى تۇتۇلغان لېي دا بولسۇن ياكى چېن شۆفېي بولسۇن، ئۇلارنىڭ شىۋېتسىيەدىكى ئىش-ئىزلىرى ئۇلارنىڭ ساختا «مۇخبىر» لىق سالاھىيىتىگە گۇمان پەيدا قىلغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئايدا بىرەر پارچە خەۋەر ئىشلەپ قويۇش بىلەن چەكلەنگەن.

خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان سادىقلىقىغا ئۇنىڭ «مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش» قا بولغان كۈچلۈك ئىستىكى قوشۇلۇپ، چېن شۆفېينى تېخىمۇ چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا چاقىرغان. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك دەرىجىدە ئورۇنداش ئۈچۈن، چېن شۆفېي «خەلق گېزىتى» نىڭ «ئىختىيارىي مۇخبىر» لىقى بىلەن قانائەتلەنمىگەن. ئۇ تېخىمۇ چوڭ ئىش قىلىش ئۈچۈن باشقا يول ئىزدەشكە باشلىغان.

چېن شۆفېي پەيتى پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ، 2012-يىلدىن باشلاپ ئۆز ئالدىغا «خىتاي-شىۋېتسىيە تېخنىكا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش شىركىتى» نى قۇرغان ۋە ئۆزى بۇ شىركەتكە باش دىرېكتور بولۇپ رويخەتكە ئالدۇرغان. ئۇ ئاساسلىقى تور سەھىپىسى تەسىس قىلىپ، ماقالە-يازمىلارنى ئېلان قىلىشقا ۋە زىيارەت پىروگراممىلىرىنى ئىشلەشكە باشلىغان. چېن شۆفېي قۇرغان تور بېتىدىكى ئۇچۇرلاردىن، بۇ شىركەتنىڭ بەش يىل ئىچىدە 40 تىن ئارتۇق خىتاي ھۆكۈمەت گۇرۇپپىلىرى بىلەن 10 دىن ئارتۇق كارخانا ۋەكىللەر گۇرۇپپىلىرىنىڭ شىۋېتسىيە زىيارىتى ئۈچۈن كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغانلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.

چېن شۆفېي بىلەن تونۇشلۇقى بولغان ئامېرىكالىق مۇخبىر رىك ۋاسسېرمان (Rik Wasserman) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، چېن شۆفېي باشقۇرغان بۇ سەھىپە بىر ياقتىن شىۋېتسىيەنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭى ۋە تېخنىكىسىنى خىتاي ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇشتۇرۇش؛ يەنە بىر ياقتىن، شىۋېت ئوقۇرمەنلىرىگە خىتاي مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشنى ئاساسىي تېما قىلغان. چېن شۆفېي ئۆزىنىڭ تور سەھىپىسىگە 10000 پارچىدىن ئارتۇق يوللانما يوللىغان بولۇپ، ئۇ شىۋېتسىيەنىڭ ئىقتىساد، تېخنىكا كەشپىياتى، تەتقىقات ساھەسىدىكى مۇھىم شەخسلەر، سىياسەتچىلەرنى زىيارەت قىلىشتىن باشقا يەنە، ھەر يىلقى نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىملىرىدىمۇ فوتو ئاپپاراتى ۋە كامېراسىنى كۆتۈرگەن ھالدا ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئېلىپ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى نامايان قىلىپ كەلگەن. ھالبۇكى، ئۇ ئۆزىنىڭ 2023-يىلى 11-ئايدىكى نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ ئۆزىنىڭ شىۋېتسىيەدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق زىيارىتى بولۇپ قېلىشىنى ھەرگىزمۇ خىيالىغا كەلتۈرمىگەن.

ئون يىل جەريانىدا چېن شۆفېي رەسمىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تاپشۇرغان ۋەزىپىسىنى بەجانىدىللىق بىلەن ئىجرا قىلغان. ئۇ رەسمىي مۇخبىرلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشمەي تۇرۇپ مۇخبىرلىق كىنىشكىسى ياسىغان ۋە شىۋېتسىيە ھۆكۈمەت كابېنتىنىڭ ئىچكى قىسمىغىچە سۇقۇنۇپ كىرىپ، ئون نەچچە يىل ئۇچۇر ئوغرىلاش بىلەن شۇغۇللانغان. باشقىچە ئېيتقاندا، خىتاي ئايال جاسۇس چېن شۆفېي ئۆزىنىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ئۇزاققا كاپالەتلىك قىلالايدىغان بىر يول خېتىنى قولغا كەلتۈرگەن.

شىۋېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئۇزۇندىن بېرى چېن شۆفېينى كۆزىتىپ كەلگەن ۋە دەلىل-پاكىتلىرى يېتەرلىك بولغان ھامان ئۇنى تۇتقان. ئۇ ئۆتكەن يىلى نويابىردىن باشلاپ سىتوكھولمدىكى بىر تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلغان.

چېن شۆفېي «جاسۇسلۇق جىنايىتى» ياكى «جىنايەت گۇماندارى» بىلەن بىلەن ئەيىبلەنمىگەن. ئۇ شىۋېتسىيە قانۇنى بويىچە «دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرگەن» دېگەن جىنايەت بىلەن شىۋېتسىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئادۋوكاتى بولسۇن ياكى شىۋېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بولسۇن، ئۇنىڭ كونكرېت جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلىمىغان.

ئەمەلىيەتتە «ژۇرنالىست» قىياپىتىگە كىرىۋالغان خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ چەت ئەللەردىكى جاسۇسلۇق قىلمىشى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار ئۈچۈن تۇنجى قېتىملىق ۋەقە ئەمەس ئىدى. بۇنىڭدىن 14 يىل بۇرۇن شىۋېتسىيەدە بابۇر مەخسۇت ئىسىملىك بىرى خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، «مۇخبىر» قىياپىتىگە كىرىۋالغان لېي دا ئىسىملىك بىر خىتاينىڭ پەردە ئارقىسىدىكى جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى ئاشكارا بولۇپ، شىۋېتسىيە چېگراسىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلگەن ئىدى. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، لېي دا ئىسىملىك ئەر «مۇخبىر» بولسۇن ياكى چېن شۆفېي ئىسىملىك ئايال «مۇخبىر» بولسۇن، ھەر ئىككىسىلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «خەلق گېزىتى» نىڭ چەت ئەلدىكى «ئىختىيارى مۇخبىرى» سالاھىيىتى بىلەن كىشىلەرگە ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ كەلگەن. شىۋېتسىيە مۇخبىرلىرى بۇ جاسۇس ھەققىدە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش داۋامىدا شىۋېتسىيە يۆتىبورى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتايشۇناس بويىچە پىروفېسسورى فرېدىرىك فالماننى (Fredrik Fällman ) زىيارەت قىلغان. فرېدىرىك بۇ ئىككى دېلونىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلگىرى ھەر ئىككىيلەن بىلەن ئۇچرىشىپ باققانلىقىنى، چېن شۆفېينىڭ ئىلگىرى ئۇنىڭدىن نۇرغۇن سوئاللارنى سوراپ زىيارەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شىۋېتسىيە مۇخبىرلىرىنىڭ تەكشۈرۈش جەريانىدا توپلىغان پاكىتلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خىتاينىڭ شىمالىي ياۋروپادا كەڭ يېيىلغان ئىشپىيونلۇق تورى ئەسلىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتى- «خەلق گېزىتى» نى ئۆزىگە ئارقا تىرەك قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن 14 يىل ئىلگىرى خىتاي جاسۇس لېي دا شىۋېتسىيە چېگراسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرى شىۋېتسىيەدىن ۋاز كەچمىگەن، بەلكى قايتىدىن ئىشپىيونلۇق تورىنى قۇراشتۇرۇپ چىققان.

ئۇنداقتا، خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرى نېمە ئۈچۈن چەت ئەلدىكى جاسۇسلارنى «ژۇرنالىست» قىياپىتى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى تاللىدى؟

چۈنكى خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرى ژۇرنالىستلارنىڭ خالىغان سورۇنغا بېرىپ خالىغان كىشىنى زىيارەت قىلىشتەك خىزمەت ئەۋزەللىكىنىڭ خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئۇچۇر مەلۇمات ئىگىلىشىنى قولايلاشتۇرىدىغانلىقىنى، ئەڭ مۇھىمى جاسۇسلۇق جىنايىتىنى «ژۇرنالىست» ئاتىقى بىلەن پەردازلىيالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن.

چېن شۆفېينىڭ گۇمان قوزغايدىغان يەنە بىر قىلمىشى شۇكى، ئۇ ئۆزىنىڭ «مۇخبىرلىق» سالاھىيىتىنى ئىشقا سېلىپ تىبەت، ئۇيغۇر ۋە خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رېجىمىغا قارشى ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ۋە نامايىشلىرىغا قېتىلغان. ئۇ شۇ سورۇنلاردا قاتناشقۇچىلاردىن سوئاللارنى سوراپ، سۈرەت ۋە فىلىملارغا ئېلىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزى قاتناشقان پائالىيەتلەر ھەققىدە بىرەر قېتىممۇ ئۆزىنىڭ تور سەھىپىسىدە خەۋەر بەرمىگەن. ئۇنداقتا، چېن شۆفېينىڭ باشقىلاردىن ئالغان ئۇچۇرلىرى نەگە كېتىدۇ؟

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەشكە باشلىغان بىر ۋەزىيەتتە، يەنى 2018-يىلى چېن شۆفېي ئۇيغۇر ئېلىغا سەپەر قىلغان ۋە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنلا شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدا شەخسىي نامى بىلەن «شىنجاڭ فوتو-سۈرەتلىرى كۆرگەزمىسى» ناملىق مەخسۇس پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغان. ئۇ ھەتتا بۇ سۈرەتلەرنى ئاساس قىلغان بىر تەشۋىقات كىتابچىسىنىمۇ بېسىپ تارقاتقان. ئەينى ۋاقىتتا سىتوكھولمدىكى خىتاي باش ئەلچىسىمۇ بۇ كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ سۆز قىلغان ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۇنى قوللىغان.

بۇ كۆرگەزمىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ «باي-بەختىيارلىققا ۋە خۇشاللىققا تولغان ھاياتى» ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مەزمۇندىكى سۈرەتلەرنىڭ ئورۇن ئالغانلىقى مەلۇم. 30 يىلدىن بېرى خىتاي مەسىلىسى ھەققىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان «خەلقئارا كەچۈرۈم» (Amnesty International) تەشكىلاتىنىڭ خادىمى پېتېر نەسسېن ( Peter Nässén ) بۇ كۆرگەزمىنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە توختىلىپ، «بۇ قىپ-قىزىل بىر تەشۋىقاتتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ژۇرنالىستلىق بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولمىغان، ئەكسىچە خىتاي كونسۇلخانىسى تەرىپىدىن ئوراپ بازارغا سېلىنغان بىر مەھسۇلات» دېگەن. سىتوكھولمدىكى دۆلەتلىك تاشقىي سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ بىر خادىمىمۇ، «يىغىپ ئېيتقاندا، چېن شۆفېينىڭ بارلىق تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنىڭ مەزمۇنى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىجابىي يۈزىنى كۆرسىتىش تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان» دەپ كۆرسەتكەن.

چېن شۆفې قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن سوراققا ئېلىنغان ۋاقتىدا، ئۇ جىنايىتىنى قەتئىي ئېتىراپ قىلمىغان، تۈرمىدىكى ۋاقتىدا مۇخبىرلار بىلەن قىلغان خەت ئالاقىسىدە ئۆزىنىڭ «گۇناھسىز» ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، تىركەشكەن.

20245-يىل ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ بېشىدا شىۋېتسىيەدىكى چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە مەتبۇئاتلاردا 20 نەپەر خىتاي جاسۇسىنىڭ ئاشكارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. ئاشكارىلانغان تىزىملىكتە سىياسەتچىلەر، ئۇنىۋېرسىتېت تەتقىقاتچىلىرى، ژۇرنالىستلار، يادرو ئېنېرگىيەسى شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ۋە چەت ئەللەردىكى خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىق تۈرلۈك سالاھىيەتتىكى ۋە ئوخشىمىغان ياش گۇرۇپپىسىدىكى كىشىلەرنىڭ بارلىقى تىلغا ئېلىنغان.

خىتاي دۆلىتىنىڭ چەت ئەللەردىكى، بولۇپمۇ شىمالىي ياۋروپانى ئاساس قىلغان رايونلاردا يۈرگۈزگەن جاسۇسلۇق ئۇسۇللىرى ئاساسەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە قارشى ھەرقانداق شەخس ياكى شەخسلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كونترول قىلىش، ئۇيغۇر ۋە تىبەت پائالىيەتچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر توپلاش، ئۇلارغا توسقۇنلۇق قىلىش، مۇھىم تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنى خىتاي دۆلىتىگە يەتكۈزۈش ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرگە كۆپرەك مەركەزلەشكەن. بۇلاردىن باشقا يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ سىرتقا قاراتقان تەشۋىقاتى كۆپرەك خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى يېپىش ئۈچۈن، چېن شۆفېيگە ئوخشاش جاسۇسلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي تەشۋىقات ئېيتىمىغا ماس ھالدا ياساپ چىقىلغان سۈنئىي ۋەزىيىتىنى تەشۋىق قىلىش بولماقتا.

چېن شۆفېينىڭ دېلوسى خىتاينىڭ شىمالىي ياۋروپادىكى شىۋېتسىيەنى نۇقتا قىلغان جاسۇسلۇق تورىنىڭ ھازىرغىچە ئاخباراتقا ئاشكارىلانغان ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىن. خىتاينىڭ ئۆزى «دۈشمەن كۈچلەر» دەپ قاراۋاتقان غەرب ئەللىرىگە تۈرلۈك ناملاردا قۇرغان ئاخبارات ۋە ئۇچۇر ئىگىلەش تورىنىڭ كۈنسايىن ئاشكارىلىنىشىغا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ رەزىل سىياسىي ئەپتى-بەشىرىسى، بولۇپمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى «بەختىيار ھايات» دەپ پەردازلاپ كۆرسىتىدىغان ساختا تەشۋىقاتىنىڭ ئىچ يۈزى ھامان بىر كۈنى تولۇقى بىلەن ئاشكارا بولىدىغانلىقى مۇقەررەر!

[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.