«خىتاينىڭ بۈيۈك ئويۇنى - يېڭى ئىمپراتورلۇققا بارىدىغان يول» ناملىق ماقالىدىكى خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىسى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015.10.16
yengi-yipek-yoli-qazaqistan.jpg ياپونىيە ھەپتىلىك ژۇرنىلىغا بېسىلغان «قازاقىستاننىڭ يېڭى يىپەك يولى قارىشى خىتاي بىلەن ئوخشاش» ناملىق ماقالىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان.
RFA/Qutluq


شى جىنپىڭ تەختكە ئولتۇرغاندىن بۇيان خىتاينىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرىدە ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى، دۆلەت ئىچىدە تۈرلۈك ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەر ئۆتكۈرلەشتى، يېقىندا ھەتتا خىتاينىڭ پايچەك بازىرىدا زور داۋالغۇشلار كۆرۈلدى. مانا مۇشۇنداق بىر شارائىتتا بۇ زور دۆلەتنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىستراتېگىيىلىك يۆنىلىشى زادى قانداق بولىدۇ؟ كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. يېقىندا، مالىيە ۋاقتى گېزىتىدە «خىتاينىڭ بۈيۈك ئويۇنى» سەرلەۋھىلىك ماقالىلەر توپلىمى ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ ماقالىدە خىتاينىڭ «يېڭى يىپەك يولى» دا يېڭى بىر ئىمپراتورلۇق قۇرۇش ئىستراتېگىيىسىى تەپسىلىي مۇلاھىزە قىلىنغان.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، بۇ ماقالىلەر توپلىمىدا خىتاينىڭ بۇندىن كېيىنكى دۆلەت ئىستراتېگىيىسىنىڭ يۆنىلىشى مۇلاھىزە قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچى قىسمىغا «خىتاينىڭ بۈيۈك ئويۇنى - يېڭى ئىمپراتورلۇققا بارىدىغان يول» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان. ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ بۇندىن كېيىنكى ئەڭ ئاساسىي سىياسىتى يېڭى يىپەك يولىنى بەرپا قىلىش بولۇپ، شى جىنپىڭ بۇ ئارقىلىق ئۆزىگە بىر يېڭى ئىمپراتورلۇق يارىتىشنى نىشان قىلماقتىكەن. ماقالىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن : «20 يىللىق زور تەرەققىياتتىن كېيىن خىتاي پۇرسەت ۋە تىجارەت ئىزدەپ قايتىدىن ئۆزىنىڭ چېگرا سىرتىغا قاراشقا باشلىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ تارىختىكى ئىمپراتورلۇقىنىڭ شەنىگە قايتا ئېرىشىشنى كۆزلىمەكتە. قەدىمى يىپەك يولىنىڭ ھازىرقى زامانىۋى نۇسخىسىنى يارىتىش شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ ئاساسىي سىياسىتى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەگەر خىتاي سىياسىتىنى ئىشقا ئاشۇرسا ئۇ ھالدا بۇ خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي دىپلوماتىيىسى بولۇپ قالىدۇ.»

بىر قىسىم خىتاي ۋەزىيىتى كۆزەتكۈچىلىرى ۋە تارىخچىلىرى مالىيە ۋاقتى گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە، يىپەك يولىنىڭ خىتاي تارىخىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى بولۇپ كەلگەنلىكىنى، ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، خىتاينىڭ يېڭى ئىمپراتورلۇق قۇرۇش يولىدا مېڭىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ يىپەك يولىنى ئاسىيادىكى زور دۆلەتلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىقتىسادىي، دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي جەھەتتىن قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىراق، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن زورىيىۋاتقان ھەربىي كۈچى بىلەن قوشنا دۆلەتلىرىنى بىئارام قىلىۋاتقان خىتاي ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ قوشنا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەم شۇنداقلا دۆلەتتىكى بيۇكراتلىق ھەم شۇنداقلا ئىقتىسادىي مەنبەلەر مۇھىم رول ئوينايدىكەن. مالىيە ۋاقتى گېزىتىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي يېڭى يىپەك يولىنى بەرپا قىلىشنى ئۇزۇندىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، شى جىنپىڭ پەقەت بۇ سىياسەتكە «يېڭى يىپەك يولى - بىر بەلۋاغ، بىر يول» دەپ يېڭى ئىسىم قويغان خالاس. ئەمما خىتاينىڭ يالغۇز دۆلەت مەبلىغى بۇ پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يەتمەيدۇ، شۇڭا ئۇلار بۇ ئىشقا خۇسۇسىي كارخانىلارنى ئەكىرىشنى خالايدۇ، بىراق مەسىلە، بۇ خۇسۇسىي كارخانىلار بۇ ئىشقا كىرىشنى خالامدۇ؟ شى جىنپىڭ زور بىر پىلاننى ئوتتۇرىغا قويدى، ئەمما ئۇنىڭ ھېساب - كىتابىنى قىلىدىغان ئادەم يوق.

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ بۇ پىلانى ئالدىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئۆتكەللەرنىڭ بىرىسى خىتاينىڭ ھەربىي زورىيىشى بولۇپ، خىتاي ئەگەر ئوتتۇرا ئاسىيادىن، تاكى پاكىستانغىچە تۇتۇشىدىغان بۇ زېمىنلارغا مەبلەغ سالسا، ئۇ يەردىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنى قوغدىشى كېرەك. ئەمما خىتاينىڭ چەتئەللەردە ھەربىي بازىسى يوق. شۇڭا ئافغانىستان ۋە پاكىستانغا ئوخشاش ۋەزىيىتى مۇقىم بولمىغان رايونلارغا مەبلەغ سېلىش خىتاينىڭ ئامال بار چېگرا سىرتىدا خەۋپسىزلىككە تاقىشىدىغان مەسىلىلەردىن ئۇزاق تۇرۇشتەك سىياسىتىگە زىت بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى يىپەك يولى پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك ئىكەن.

بۇنىڭدىن سىرت، خىتاينىڭ بۇ بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىن سۆز ئېچىلغاندا ماقالىدە، ئۇيغۇر ئېلى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدا مول نېفىت زاپىسىغا ئىگە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قوشنا بولغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتايدىكى ئەڭ زور ئېنىرگىيە زاپىسىغا ئىگە ئىكەنلىكى، بۇ زېمىننىڭ تۈركىي مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ خىتايدىن ئايرىلىپ چقىشنى خالايدىغانلىقى، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا زور ۋەقەلەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان. شۇڭا ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، يېڭى يىپەك يولىنىڭ بىر پارچىسى بولغان ئۇيغۇر ئېلى، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافغانىستان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىكى خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيىنىڭ خىتايغا ئىشىنىدىغان - ئىشەنمەيدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ رايوندا ئىقتىسادىي تەسىرىنىڭ زورىيىشى بىلەن تەڭ سىياسىي تەسىرىنىڭ زورىيىشىنى خالايدىغان - خالىمايدىغانلىقى، ئامېرىكا بولماي تۇرۇپ ئافغانىستاندا ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداپ قالالايدىغان - قالالمايدىغانلىقىغا ئوخشاش بىر قاتار مەسىلىلەر بار ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىرى مالىيە ۋاقتىغا قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە يىغىنچاقلاپ «خىتاينىڭ باشقىلارنى تەسىرى ئاستىغا ئالغۇدەك يۇمشاق كۈچى يوق، چۈنكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇلارغا ئىشەنمەيدۇ، بېيجىڭ ھەم شۇنداقلا ئارمىيىسىنى ئىشلىتەلمەيدۇ ھەم ئىشلىتىشنىمۇ خالىمايدۇ. ئۇلاردا بارى پەقەتلا زور مىقداردىكى پۇل» دېگەن.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، بىز يۇقىرىدا خىتاينىڭ بۈيۈك ئويۇنى ناملىق ماقالىلەر توپلىمىنىڭ بىرىنچى قىسمىدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.