22-ئۆكتەبىر كۈنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قاراپ چىقىش يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھېچقانداق ھۆكۈمەتكە قاراشلىق بولمىغان مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە مەخسۇس دوكلاتلارنى تەييارلاپ چىقىپ، كېڭەش ھەيئىتىگە سۇنغان. بۇندىن سىرت يەنە بۇ تەشكىلاتلار يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ مۇتەخەسسىس ۋە ھەيئىتىگە قارىتا ئوچۇق باياناتلارنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك مەسىلىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئۆتكەن.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 22-ئۆكتەبىر جەنۋەدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ب د ت غا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەرنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى سوراشقا ئۈندىدى. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە ئاخباراتچىلارغا قىلىۋاتقان بېسىمىنى، ئوخشىمايدىغان پىكىردىكى كىشىلەرنى جازالاۋاتقانلىقىنى ۋە خىتايدا قارا تۈرمىلەرنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن ھەرخىل كىشىلىك ھوقۇق كېلىشىملىرىگە ناھايىتى ئاكتىپلىق بىلەن قول قويۇپ كەلگەن، ئەمما ئۇلارنى ئىجرا قىلىشتا بولسا ئىنتايىن پاسسىپ پوزىتسىيىدە بولۇپ كەلمەكتە» دېدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە يوللىغان دوكلاتتا تۆۋەندىكى 5 مەسىلىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان:
1. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىغا بېسىم، تەھدىت ئىشلىتىشى ۋە قانۇنسىز قولغا ئېلىش، ئاۋارە قىلىش ۋە ھەتتا قىيناش ھەرىكىتى
2. خىتاينىڭ ئەدلىيە سىستېمىسىدا قىيناش ۋاسىتىسىنىڭ بىردەك قوللىنىلىشى
3. ئاخباراتقا چەكلىمە قويۇش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش
4. مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش ياكى قانۇنسىز قولغا ئېلىش ۋە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلۇشى
5. ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدا كەڭ داۋام قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى
بۇنىڭدىن سىرت يەنە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە يوللىغان دوكلاتىدا 2009-يىلىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قاراپ چىقىش يىغىنىدىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن قولغا چىققۇدەك بىر ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغان مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھېچقانداق ھەرىكەت قىلمىغانلىقى ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىلەنمۇ ھېچقانداق ھەمكارلىق ئورناتمىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشىغا ئائىت بىر قانۇن تۇرغۇزغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ قانۇننىڭ ئەمەلىيلەشمەيۋاتقانلىقى، يەنە يۈزلەرچە، ھەتتا مىڭلارچە كىشىنىڭ قانۇنسىز ھالدا، غەيرىي -رەسمىي ئورۇنلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى شۇنىڭدەك قېيىن -قىستاققا ئېلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يەنە خىتايدا پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، يىغىلىش -تەشكىللىنىش ئەركىنلىكى ۋە ئاخبارات -ئۇچۇر ئەركىنلىكىنىڭ تېخىمۇ دەپسەندە قىلىنىشى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنى ھەم مەدەنىي ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇلار بۇ تېمىدا مەخسۇس ھالدا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ ناملىرىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
دەرۋەقە، يۇقىرىدىكىدەك تونۇلغان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كېڭەش ھەيئىتىگە يوللىغان دوكلاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نامى مەخسۇس تىلغا ئېلىنىپلا قالماي، 22-ئۆكتەبىردىكى يىغىن كۈنىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نامى ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، چېخ جۇمھۇرىيىتى، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىنمۇ بىۋاسىتە تىلغا ئېلىندى. يىغىندا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى ۋە باشقا دېموكراتىك ئەللەر بىردەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئەمما ئىلگىرىكى خەۋىرىمىزدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شېرىك دۆلەتلىرى ۋە بىر قىسىم دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجرالىرىنى مەدھىيىلىدى. بۇ دۆلەتلەر پاكىستان، قازاقىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، كۇبا، رۇسىيە، كونگو، چىلى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى.
يىغىندىن كېيىن، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ تىۋىتتىردىكى بايانلىرى ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىغا قىلغان بايانلىرى ئارقىلىق بۇ دۆلەتلەرنى تەنقىد قىلدى. جەنۋەدە تۇرۇشلۇق «ب د ت نى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ دىرېكتورى بۈگۈن ئاخباراتقا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئالدىنقى كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قاراپ چىقىش يىغىنىدا خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننى قوغدىغانلىقىنى، بۈگۈنلىكتە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭمۇ بۇ ياخشىلىققا جاۋابەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوغدىغانلىقىنى نەقىل قىلىپ تۇرۇپ، بۇ دۆلەتلەرنى ئۆز ئەيىبىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئارا تىل بىرىكتۈرۈۋالغانلىقىنى، بۇنىڭ تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋاللىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى يىغىندا ئوقۇپ ئۆتكەن دوكلاتنىڭ پۈتۈنلەي يالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ : «بۇ پۈتۈنلەي بىر يالغانچىلىق، ھەقىقەت بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى بىر نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى بولغان ليۇ شاۋبونى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرماقتا، بىر يېرىم مىلياردقا يېقىن نوپۇسنىڭ يىغىلىش، پىكىر قىلىش ۋە دىنى ئەركىنلىكتىن ئىبارەت ئەڭ ئاساسىي ھوقۇقىنىمۇ ئىنكار قىلماقتا، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر شۇنداقلا باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرماقتا» دېدى.
«ب د ت نى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ دىرېكتورى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ نۆۋەت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ دائىمىي ھەيئەت دۆلەتلىرىدىن بولۇپ سايلىنىش ئېھتىماللىقىنىمۇ تەنقىد قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى باھالايدىغان دۆلەت قىلىپ قويۇش خۇددى تۈلكىنى توخۇغا قارىتىپ قويغاندەكلا ئىش» دېگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسونمۇ بۈگۈن تىۋىتتىر تورىدا ئېلان قىلغان باھاسىدا، خىتايدا ھېچقانداق بىر قانالنىڭ 22-چېسلا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى يىغىننى تارقاتمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى ۋە شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرىنىڭ تۈرمىدىكى نوبېل ساھىبى ليۇ شاۋبونىڭ مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمىغانلىقىنى «نومۇس قىلارلىق بىر ئىش» دەپ ئەيىبلىدى.