بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۆتكەن يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن» دەپ ھۆكۈم چىقارغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭدىن ھېساب بېرىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىنى بازارغا سېلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى، جۈملىدىن ئۇنىڭغا ئەزا ئاسىيا، ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنى ئىندەككە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قىلمىشلىرى يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت يىغىنلىرىدا تېخىمۇ روشەن كۆرۈلگەن.
يېقىندا «شىۋېتسارىيە ئۇچۇرلىرى» (swissinfo) تورىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىنى قانداق ئۆزگەرتىۋاتىدۇ؟ » ناملىق ماقالىدە دەل مۇشۇ مەسىلە يورۇتۇپ بېرىلگەن بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ 2012-يىل تەختكە چىققاندىن بۇيان، ئۇيغۇر رايونى ۋە تىبەتتىكى خەلقنى كەڭ كۆلەمدە باستۇرغانلىقى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنى كۆزىگە ئىلمىغانلىقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپلىرىنى كېرەك قىلماي، ئۆز ئالدىغا «كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمى» تۈزۈپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بىرلىككە كەلگەن ئىنسانىي قىممەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق قارىشىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ بۇ يىل 2-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئالىي يىغىنىدا خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىن «ئۆز ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولى» دا ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ دۇنياۋى كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتىش غەرىزىنى ئىپادىلىگەن.
خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرى مۇتەخەسسىسى سوفى رىچاردسون خانىم خىتاينىڭ خەلقئارادا ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشۋىقاتى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ‹كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداۋاتىمىز، بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا تېخى ئۇنى ئاساسىي قانۇن ماددىلىرىغا كىرگۈزدۇق› دەپ جار سېلىشقا ئامراق. يەنە كېلىپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە ئەۋزەل ئىدىيەسى بارلىقىنى، ئىنسانلارنىڭ ھازىرقى كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى، قانۇن ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇن سىستېمىسىغا ئەمەس، خىتاينىڭ كىشىلىكى ھوقۇق ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ» .
ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ ئەپەندى خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا گەرچە پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا دائىر ماددىلار بولسىمۇ، ئۇنىڭ پەقەت ئېقى قەغەز قارىسى سىياھ نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ دۇنيا بويىچە كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ئەڭ ناچار دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى دەۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق بىلەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمى تامامەن ئوخشىمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى دېگەنلەرنى تولا تەكرارلاپ، بۇنى باھانە قىلىپ، پۇقرالارنى تۈپ سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. يەنى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىر يۈرۈش نەزەرىيەسىنى خەلقئارادا ھەممە ئېتىراپ قىلغان كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچى بولىدۇ. شۇ ئارقىلىق، كىشىلىكى ھوقۇق جىنايەتلىرىنى باشقىلاردىن يوشۇرماقچى بولىدۇ» .
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىن مايا ۋاڭ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى خەلقئارا مەسىلە ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى، غەربلىكلەر بۇنى باھانە قىلىپ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدۇ، دەپ قاراپ كەلگەن بولۇپ، بۇ گەپ ھازىر ئاقمىغاچقا، خىتاي ئۇنىڭغا ئاساس تېپىش ئۈچۈن «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كىشىلىك ھوقۇق» دېگەننى كۆتۈرۈپ چىققان.
مايا ۋاڭ خانىم مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ۋاكالىتەن ب د ت يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسىنى بۇزۇشقا كۈچىنى مەركەزلەشتۈرمەكتە. ‹نېمىشقا ھەممە دۆلەت ئوخشاش بىر كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە بويسۇنىدۇ، كىشىلىك ھوقۇققا پەرقلىق ئىزاھ بېرىشكە بولىدۇ› دېگەننى تەرغىب قىلىش ئارقىلىق، ھەر قانداق دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇڭا دەيمەنكى، بۇ ئىنتايىن شەخسىيەتچى كۆز قاراش، يەنە كېلىپ خىتاي بۇنى باشقا دۆلەتلەرگە تەشۋىق قىلماقتا. ھالبۇكى، نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇنى تېخى قوبۇل قىلغىنى يوق، شۇڭا بۇ يەنىلا خىتاينىڭ ئۆز تەشۋىقاتى ۋە نەزەرىيەسى. كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دۇنياۋىيلىقى خەلقئارا تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىسى ۋە ئاساسى. شۇڭا كۆپلىگەن ھۆكۈمەتلەر كىشىلىك ھوقۇق كېلىشىمى ئىمزالىغان» .
«شىۋېتسارىيە ئۇچۇرلىرى» دا چىققان بۇ ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە جاۋابكارلىقتىن قېچىش ئۈچۈن، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنى ئۆز تەسىر دائىرىسىگە ئېلىشقا كۈچەپ كەلگەن بولۇپ، ئۆتكەن يىل 10-ئايدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى ئاۋازغا قويغاندا، قارشى تەرەپ 2 ئاۋاز پەرق بىلەن ئۇتۇپ چىققان بولۇپ، خىتاينىڭ غەرىزى ئەمەلگە ئاشقانىدى. بۇنىڭدىن، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىدىغان نوپۇزلۇق ئورگان ئەمەس، بەلكى خىتاينى قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ «چۆپقەتلەر سالونى» غا ئايلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا «كىشىلىك ھوقۇق دېگەننى غەربلىكلەر پەيدا قىلغان» دېيەلمىسىمۇ، خىتاينىڭ ئىچىدە «كىشىلىك ھوقۇق دېگەنلەر غەربنىڭ نەرسىسى» دەپ تەشۋىق قىلىدىكەن. خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۆزىنىڭ «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمى» نى دەۋا قىلىش ئارقىلىق، مۇستەبىت دۆلەتلەردىن ئەگەشكۈچى توپلاپ، غەربنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماقچىمۇ؟ سوفى رىچاردسون خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«مەنچە ئۇلار غەربنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىنى ئۆزگەرتمەكچى ئەمەس. ئۇلارنىڭ مەقسىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنى خەلقئارادا جاۋابكارلىققا تارتىدىغان ئورگانلارنى تىزگىنلەش. خىتاي ھۆكۈمىتى مۇستەقىل ئاممىۋى جەمئىيەتلەرنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسىدىن ھەيدەپ چىقىرىشقا ئۇرۇنماقتا. ناھايىتى روشەنكى، خىتاي يەنە ب د ت نىڭ ھەر قانداق دۆلەتنى جاۋابكارلىققا تارتىش رولىنى ئاجىزلىتىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ب د ت خىتاينى ئۇيغۇر رايونىدا ئۆتكۈزگەن ھەر تۈرلۈك جىنايەتلىرىدىن جاۋابكارلىققا تارتىدىغان ئورگان ئەمەس، بەلكى ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۆھبەت مۇنبىرىگە ئايلىنىپ قالدى» .
مەزكۇر ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىمزالىغان «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» نى غەربنىڭ نەرسىسىنى دېيىش توغرا ئەمەس، ئەمەلىيەتتە خىتايمۇ ئۆز ۋاقتىدا بۇ خىتابنامىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۆھپە قوشقان بىر دۆلەت.
تېڭ بىياۋ ئەپەندى كوممۇنىست خىتاينىڭ «كىشىلىك ھوقۇقنى غەربلىكلەر كەشىپ قىلغان، بىزگە ماس كەلمەيدۇ» دېگەن كۆز قارىشىغا رەددىيە بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:
«كىشىلىك ھوقۇق دۇنياۋى بىر ئۇقۇم، قايسى دۆلەت، قايسى مىللەت، قايسى دىندا بولسۇن، ئىنسانلارنىڭ تۈپ ھوقۇقىغا چېقىلغىلى بولمايدۇ. ئۇنى غەربتە پەيدا بولغان، خىتايغا ماس كەلمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ. ئەگەر 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بۇ مەسىلە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە ‹ب د ت كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى› تۈزۈلگەن دېيىلسە، ئۇ چاغدا كۆپلىگەن دۆلەتلەر قاتارىدا خىتايمۇ بۇنىڭدا مۇھىم رول ئوينىغان» .
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچىلېت ئۆتكەن يىل 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى تەكشۈرگىلى بېرىپ، شى جىنپىڭنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق تەلىماتى» نى ئاڭلاپ يېنىپ كەلگەنىدى. تېڭ بىياۋ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەر قېتىملىق يىغىنلىرىدا، خىتاي ۋەكىللىرى شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيەسىنى داۋراڭ قىلىپ كەلسىمۇ، بۇنىڭ تەسىرى چەكلىك بولىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بۇ ئەلۋەتتە كوممۇنىست خىتاينىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتىش، ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك قىممەت قارىشى ۋە ئاڭ شەكلىنى دۇنياغا تېڭىش ئۇرۇنۇشىدىن ئىبارەت. ئاخبارات ئەركىنلىكى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان، مۇقىمسىز دۆلەتلەردە خىتاينىڭ تەشۋىقاتى بازار تاپالىسىمۇ، ئەركىن دۆلەتلەردە ئۇ ئاقمايدۇ. »
«شىۋېتسارىيە ئۇچۇرلىرى» تورىدىكى بۇ ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىپ بىر يىل ئۆتكەندىمۇ، ئەمدى خىتايغا قانداق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق شەپە يوق. بۇ قېتىم جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى يىغىنىدا، غەرب دۆلەتلىرىمۇ ئەمدى خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش، ئۇنىڭغا قانداق بېسىم قىلىش ھەققىدە يېڭى قارار لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويمىدى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك «كىشىلەرنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىگە بولغان ئەندىشىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى چوقۇم تۈزىتىشى لازىم» دېگەندىن باشقا گەپ قىلمىدى.