15-ئىيۇل خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىشقا باشلىدى. خىتاينىڭ قائىدىسىگە ئاساسەن گەرچە يۇ يىغىن ئەسلىدە ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىر ئايلىرىدا ئېچىلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، ئەمما ئىزچىل كېچىكتۈرۈلۈپ كەلگەن. شۇنداقلا بۇ خىل كېچىكتۈرۈلۈش خەلقئارادا تۈرلۈك مۇنازىرىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغانىدى. ھالبۇكى، خىتاينىڭ ئاتالمىش ئىسلاھاتىنىڭ كېيىنكى يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان بۇ يىغىننىڭ ئىيۇل ئېيىنى تاللاپ ئېچىلغانلىقىمۇ ئوخشاشلا خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە داۋاملىق قىزىق تېما بولماقتا.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى ئاساسلىقى دۆلەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات يۆنىلىشى، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات قاتارلىق تېمىلارغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئاتالمىش ئىسلاھات شوئارىمۇ دەل 1978-يىلى ئېچىلغان 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ ۋەجىدىن 3-ئومۇمىي يىغىن خىتاي ئىچى ۋە خەلقئارادا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كېيىنكى يۈزلىنىشىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم يىغىن سۈپىتىدە قارىلىپ، ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدىغان يىغىن بولۇپ قالغان. خۇددى خىتاينىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۈزلىنىشى خىتاي خەلقى شۇنىڭدەك خىتاي بىلەن مەنپەئەت ئالاقىسى بولغان ھەرقانداق دۆلەت ۋە شەخسكە مۇناسىۋەتلىك بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلارغىمۇ بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك يىغىن ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنداقتا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ بۇ «خاسىيەتلىك» 3-ئومۇمىي يىغىنى تارىختا ۋە بۈگۈندە ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەن؟
بىز گەپنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىزگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان دېڭ شياۋپىڭ رەھبەرلىكىدە ئېچىلغان 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىندىن باشلايلى. شۇ قېتىملىق 3-ئومۇمىي يىغىن ھەقىقەتەن خىتاينى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدەك ھالاك بولۇشتىن ساقلاپ قالغان ۋە خىتاينىڭ بۈگۈنكىدەك كۈچلىنىشىگە ئاساس سالغان مۇھىم يىغىندۇر. ئەگەر تارىختا بۇنداق بىر يىغىن ئېچىلمىغان بولسا ئىدى، خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتى ئاللىبۇرۇن سوۋېت كوممۇنىستلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىدەك تارىخنىڭ ئەخلەت ساندۇقىدىن ئورۇن ئالغان بولار ئىدى. دەرۋەقە بۇ يىغىندىن كېيىن خىتاي باي بولدى، قۇدرەت تاپتى ۋە كۈچلەندى. ئەمما بۇ يىغىننىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كەلگىنى خىتاينىڭ ئەكسىچە نامراتلىق، ئاجىزلىق ۋە چېكىنىش بولدى. گەرچە خىتاي بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەبنى ئىزچىل ھالدا رايوندىكى ئېغىر سۇ كەمچىللىكى، شارائىتنىڭ ناچارلىقى، مائارىپنىڭ ئارقىدا قېلىشى ۋە «ئۈچ خىل كۈچ» كە ئارتىپ كەلدى. لېكىن خىتاينىڭ ئىسلاھات دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ نامراتلىشىپ كېتىشىدىكى ھەقىقىي رېئاللىق بولسا باشقا ئىدى. يەنى دېڭ شياۋپىڭ خىتايدا ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتا سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش؛ خەلق دېموكراتىك مۇستەبىتلىكىنى ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىكى سىياسىي كاپالەتكە ئايلاندۇرۇش؛ خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش؛ ماركسىزم، لېنىنىزم ۋە ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنى ئىسلاھاتنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنىڭ ئاساسى قىلىش قاتارلىق ئاتالمىش « تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش» نى ئالدىنقى شەرت قىلدى. دەسلىپىدە ئۇيغۇرلار خىتايدا ئىسلاھات بولىدىغانلىقىدىن ئۈمىدلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن بىڭتۈەننىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى، ئىسلاھاتتا بىڭتۈەننىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغانلىقىدەك غەيرىي نورمال ھادىسىلەردىن تېزلا ئۈمىدسىزلىككە تولدى. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاپتونومىيە ھەقلىرىنىڭ ئەينى چاغدىكى خىتاي رەئىسى خۇ ياۋباڭ تەشەببۇس قىلغاندەك مۇتلەق شەكىلدە بېرىلمەيدىغانلىقىنى چۈشەنگەنلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ 1985-1988-يىللىرى خىتاي تەۋەسىدە تۇنجى قېتىم سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى قىلىش چاقىرىقى بىلەن زور كۆلەملىك «ئوقۇغۇچىلار نامايىشى» ئېلىپ بېرىشى ئىدى.
ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ نامايىشى تەبىئىي ھالدا 1989-يىلى خىتايدا 4-ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئاساس ياراتقانىدى. بۇ ئەھۋال بىۋاسىتە دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئاتالمىش «تۆت ئاساسىي پىرىنسىپ» نىڭ بىرى بولغان «خەلق دېموكراتىيە دىكتاتۇرىسىنى ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىكى سىياسىي كاپالەتكە ئايلاندۇرۇش» پىرىنسىپىغا قارشى ئىدى.
بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «خەلق دېموكراتىيە دىكتاتۇرىسى» ئەمەلىيەتتە ماۋ زېدۇڭ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاتالغۇ بولۇپ، خىتاي خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1986-يىلى ئېلان قىلىنغان «ماۋ زېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرى» دە «خەلقنىڭ ئىچكىي قىسمىدا دېموكراتىك تۈزۈم قوللىنىش، خەلقنىڭ دۈشمەنلىرىگە دىكتاتورلۇق يۈرگۈزۈشنىڭ ئۆزى خەلق دېموكراتىيە دىكتاتۇرىسى» دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. 1994-يىلى خىتاي خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «دېڭ شياۋپىڭ تاللانما ئەسەرلىرى» دە بولسا بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ «خەلق دېموكراتىك مۇستەبىتلىكى بولسا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەڭ ئاساسىي تۈزۈمى» دەپ ئىزاھلانغان. دېمەك ئەينى يىللاردا دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئاتالمىش ئىسلاھات شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىنلا ۋاڭ جېننىڭ بىڭتۈەننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تەستىقلىشى سەۋەبسىز يۈز بەرگەن ئەمەس. ۋەدە قىلىنغان مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە ھەقلىرىنىڭ بېرىلمەسلىكى مۇقەررەر يوسۇندىكى مىللىي قارشىلىقلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغانلىقى دېڭ شياۋپىڭ تەرىپىدىن ئالدىن پەرەز قىلىنغان. بۇ سەۋەب ئۇيغۇرلارغىمۇ شۇ چاغلاردىلا دېڭ شياۋپىڭ تەرىپىدىن «خەلق دۈشمىنى» دەپ تامغا ئۇرۇلغان دەپ قاراشقا ھەقلىقمىز.
ئۇ ھالدا دېڭ شياۋپىڭ دەۋرىدە «خەلق دۈشمىنى» گە ئايلىنىپ ئىسلاھاتتىن يىراقلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار، ماۋ زېدۇڭ ۋە شى جىنپىڭ دەۋرىدە قانداق مۇئامىلىگە ئۇچرىدى؟
تارىخقا قارايدىغان بولساق، ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىكى ئەڭ مۇھىم 3-ئومۇمىي يىغىن 1950-يىلى ئىيۇندا ئېچىلغان. مەزكۇر يىغىندا ماۋ زېدۇڭ ئاتالمىش ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىدە، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتا ئالدىراقسانلىق قىلماي، ئېھتىياتچان بولۇش، خەلقنىڭ قوللىشى، قوراللىق كۈچ ۋە ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان رەھبەرلەرنى تەربىيەلەپ چىقماي تۇرۇپ ھېچقانداق ئىسلاھات ئېلىپ بارماسلىق كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
دەرۋەقە، ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىكى 3-ئومۇمىي يىغىندىن دېڭ شياۋپىڭ دەۋرىدىكى 3-ئومۇمىي يىغىنغىچە بولغان نەچچە ئون يىلدا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن قانلىق قىسمەتلەرنى ساناپ تۈگىتىش تەس. يەنى ئۇيغۇرلار ماۋ دەۋرىدە ئىگىلىك ۋە مىللىي سىياسىي ھوقۇقىدىن، دېڭ دەۋرىدە ئىقتىسادىي ۋە مەمۇرىي ھوقۇقلىرىدىن ئايرىلغانىدى.
شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن 2013-يىلى تۇنجى قېتىم 3-ئومۇمىي يىغىن ئېچىلغان بولۇپ، يىغىننىڭ ئاساسىي نىشانى «ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىش» دەپ بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل ئىسلاھاتنىڭ ئاساسى «دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش» دەپ جەزملەشتۈرۈلگەن. بۇ ۋەجىدىن شۇ قېتىملىق 3-ئومۇمىي يىغىندا « دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى» قۇرۇش قارار قىلىنغان. بىز يۇقىرىدا دېڭ شياۋپىڭ دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ «خەلق دۈشمىنى» گە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى ۋە ئىسلاھاتتىن يىراق تۇرۇلغانلىقىنى، ماۋ زېدۇڭنىڭ «شارائىت پىشىپ يېتىلمىسە ئازسانلىق مىللەت رايونىدا ئىسلاھات قىلماسلىق» ۋەسىيىتىنى تىلغا ئالغانىدۇق. ئەمما شى جىنپىڭ دەۋرىگە كەلگەندە «ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىش» نىڭ قارار قىلىنىشى ۋە بۇنداق ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى دەپ بېكىتىلىشىنىڭ سەۋەبىگە قارايدىغان بولساق، كىشىنى چۆچۈتىدىغان بىر ھەقىقەتنى بايقايمىز. يەنى، شى جىنپىڭنىڭ 2013-يىلىدىكى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىنلا، ئاتالمىش «مەركەزنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» چاقىرىلغان. مەزكۇر يىغىندا شى جىنپىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» نى يوقىتىشنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش ئىكەنلىكى، شۇڭا بىر قېتىملىق خەلق ئۇرۇشى قوزغاپ، «ئۈچ خىل كۈچ» نى پۈتۈنلەي يوقىتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دېمەك، دېڭ شياۋپىڭ دەۋرىدە «خەلق دۈشمىنى» ئىكەنلىكى ئېنىق بېكىتىلگەن ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى شارائىتى شى جىنپىڭ دەۋرىدە ھازىرلانغان. بۇ سەۋەبتىن، ئاتالمىش «ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىش» بىلەن تەڭ «ئۈچ خىل كۈچكە قارشى كۈرەش» مۇ تەڭلا باشلانغانلىقى شەكسىز.
ئۇنداقتا نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «20-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىن» ئۇيغۇرلارغا يەنە قانداق قىسمەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟
دېڭ شياۋپىڭ دەۋرىدىكى ئىسلاھات ئالدى بىلەن يېزىلاردىن باشلانغان. يېزىلاردىن باشلانغان ئىسلاھاتنىڭ ئىككى قېتىملىق «ھالقىش» ياكى سەكرەشنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقىمۇ دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەلىرىدىن بىرىدۇر. دېڭ شياۋپىڭ بۇ ئىككى قېتىملىق ھالقىشنىڭ بىرىنچىسىدە يېزىلاردىكى كوپىراتىپلارنىڭ پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالىدىغانلىقىنى؛ ئىككىنچى قېتىملىق سەكرەشتە بولسا، كوپىراتىپلارنىڭ پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. دەرۋەقە، دېڭ شياۋپىڭ دەۋرىدىكى ئىسلاھاتتىن باشلاپ خىتايدىكى كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ۋە كوپىراتىپلار ئاستا-ئاستا كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىن غايىب بولغانىدى. ئەمما شى جىنپىڭ دەۋرىدە بولسا، كوللېكتىپ ئىگىلىك ۋە كوپىراتىپلار خىتاينىڭ سىياسىي سەھنىسىگە قايتىدىن ئېلىپ چىقىلدى. بۇ ھادىسىنى شى جىنپىڭنىڭ مۇستەبىتلىكى ۋە دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئىسلاھات يولىنى ئىنكار قىلغانلىق دەپ چۈشەنسەك مۇتلەق خاتالاشقان بولىمىز. چۈنكى، ئىسلاھات سۆزى خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىغا ئولتۇرغاندىن بۇيان ئىزچىل تەكىتلىنىپ كېلىۋاتقان بىر سۆزدۇر. پەقەت بۇ سۆز تارىخنىڭ ئوخشىمىغان دەۋرىدە ئوخشىمىغان شەكىلدە ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن خالاس. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، شى جىنپىڭنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىك ۋە كوپىراتىپ تۈزۈمىنى قايتا كۆتۈرۈپ چىقىشىنىڭ تاسادىپىيلىق ئەمەس بەلكى مۇقەررەرلىك بولغانلىقىنى چۈشىنەلىشىمىز تەس ئەمەس.
كوللېكتىپ ئىگىلىك تۈزۈمىگە قايتىش ۋە كوپىراتىپلاشتۇرۇشنى ئۇيغۇرلار ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدە باشتىن كەچۈرۈپ باققان. يەنى ئاتالمىش «ئىجارە كېمەيتىش، يەر ئىسلاھاتى، چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» لەردىن تارتىپ تاكى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» غىچە بولغان نەچچە ئون يىلدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، دىنىي ئېتىقادى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. ئۇيغۇرلار، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە كۆچۈرۈلۈپ كېلىنىشىگە، بايلىق مەنبەلىرىنىڭ تالان-تاراج قىلىنىشىغا، ئۇيغۇر تىلى ۋە مائارىپىنىڭ چەكلىنىشىگە دۇچ كەلگەن. ئۇيغۇر بايلىرى، سەرخىللىرى، زىيالىيلىرى ۋە نۇرغۇن خەلق خانىۋەيران قىلىنغان. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ قاباھەتلەر يۈز بەرگەن يىللار دەل ماۋ زېدۇڭ تەشەببۇس قىلغان «ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى ئىسلاھاتتا ئېھتىياتچان بولۇش» تەشەببۇس قىلىنغان يىللار ئىدى. ھالبۇكى، خىتاي ئۈچۈن «شارائىت تولۇق ھازىرلانغان» مۇشۇنداق بىر كۈندە ئېچىلغان 3-ئومۇمىي يىغىننىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياخشىلىق بېشارەت بەرمەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش ئۇنچە تەس بولمىسا كېرەك.
[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]