خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى «مائارىپتا كۈچلۈك رايون قىلىپ قۇرۇش پىلانى» ئۇيغۇر مەدەنىي-مائارىپىنى يوقىتىشىتۇر

ئامىستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2025.02.18
qeshqer-konashher-xitaylashturush-huanqiu.com.jpg «نىشانلىق ياردەم» ئۈچۈن گۇاڭجۇدىن كەلگەن خىتاي ئوقۇتقۇچى، ئۇيغۇر بالىلار خىتايچە قەغەز كېسىش ھۈنىرى بىلەن كېسىپ چىققان كومپارتىيە گېربىنى كۆرسەتمەكتە، 2021-يىلى ئىيۇل، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيە مىڭدې باشلانغۇچ مەكتەپ.
huanqiu.com

«خىتاي مائارىپ خەۋەرلىرى تورى» 17-فېۋرال ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى لى گولياڭ بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مەخسۇس زىيارەت خاتىرىسىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان مائارىپ سىياسىتى، بولۇپمۇ ئاتالمىش «مائارىپتا كۈچلۈك رايون قۇرۇش» سىياسىتىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تىل-يېزىقىغا بولغان باستۇرۇشلار، شۇنداقلا ئاتالمىش خىتايچە زامانىۋىلىشىش نامىدا ئۇيغۇر مائارىپىغا قارىتىلغان سىستېمىلىق يوقىتىش جەريانى تولۇق ئىپادىلەنگەن. يەنى، مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسىدە مۇخبىرنىڭ «شىنجاڭ قانداق قىلىپ مەركەزنىڭ مائارىپتا قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنىڭ روھىغا ئاساسەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىگە ھەسسە قوشالايدۇ؟» قاتارلىق سوئالى ۋە لى گولياڭنىڭ تەپسىلىي جاۋابلىرى بايان قىلىنغان.

بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان خىتاينىڭ مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش نەزەرىيەسى بولسا، شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى دەۋردىكى خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم» نەزەرىيەسىنىڭ بىر قىسمىدۇر. يەنى، شى جىنپىڭنىڭ سۆزى بويىچە ئالغاندا «ھەم مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بولغان، ھەمدە خىتايچە ئالاھىدىلىك مۇجەسسەملەنگەن مائارىپ، دەل خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەت ئەندىزىسىدۇر». بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «خىتايچە ئالاھىدىلىك» بولسا، خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مائارىپ تۈزۈلمىسىنىڭ جەۋھىرى دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، خىتاينىڭ ئاتالمىش «مەملىكەت مائارىپ يىغىنى» دا شى جىنپىڭ «بىزنىڭ مائارىپىمىز سوتسىيالىزمنىڭ گۆرىنى قازىدىغان، خىتاي چىرايى بار، ئەمما خىتاي قەلبى يوق، خىتاينى سۆيمەيدىغان، خىتاي پۇرىقى بولمىغان كىشىلەرنى ھەرگىز تەربىيەلىمەيدۇ!» دەپ كۆرسەتكەن. دېمەك، بۇ سۆزنىڭ مەنىسىمۇ، خىتاي مائارىپىنىڭ مەقسىتى خىتايلاشتۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.

ئەمەلىيەتتە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان مائارىپ سىياسىتى مەيلى ئۇيغۇر مائارىپىنى چەكلەشتە بولسۇن ياكى ئۇيغۇرلارنى مەدەنىيەتتە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتا بولسۇن، ئېغىر بولغان كىشىلىك ھوقۇق ۋە مەدەنىيەت دەپسەندىچىلىكى ئاساسىدا يۈرگۈزۈلۈپ كېلىۋاتىدۇ. گەرچە بۇ سىياسەتلەر ئاتالمىش «مائارىپتا كۈچلۈك رايون قۇرۇش» شوئارى ئاستىدا يولغا قويۇلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ، تىل ۋە مەدەنىيەت ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىشتا قورال قىلىنغان. ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ ھەقلىرىگە قىلىنغان دەپسەندىچىلىك ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلىپ، ياتاقلىق مەكتەپلەردە پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش مائارىپىنى قوبۇل قىلىشى؛ ئۇيغۇر سەرخىللىرى ۋە زىيالىيلىرىنىڭ كۈچلۈك تەقىبلەش ۋە باستۇرۇشلارغا ئۇچرىشى؛ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىك تۇيغۇلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك چەكلەشكە ئۇچرىشى قاتارلىقلاردا كۈچلۈك گەۋدىلەنگەن.

دەرۋەقە، يۇقىرىدا لى گولياڭنىڭ «شىنجاڭ مائارىپ سىستېمىسى قانداق قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق كىملىكى ئېڭىنى سىڭدۈرۈشنى باش نىشان قىلىشتا چىڭ تۇرالىدى؟» دېگەن سوئالغا بەرگەن جاۋابى، يۇقىرىقى قاراشلىرىمىزنى تېخىمۇ دەلىللەيدۇ. لى گولياڭ جاۋابىدا، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى سىڭدۈرۈشتە بىر قاتار كونكرېت تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنغان ۋە بۇ تەدبىرلەر «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مىللىي كىملىك ئېڭىنى تەكىتلەش ئاساسىدا يولغا قويۇلغان» لىقىنى بايان قىلغان.

ھالبۇكى، خىتاينىڭ مائارىپ ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئومۇميۈزلۈك سىڭىپ كىرىش بىلەن زىچ باغلانغان. يەنى، كۆرۈنۈشتە ھەر مىللەتنىڭ ئۆزئارا ئالاقە باغلىشى ئۈچۈن خىتاي تىلىنى ئاتالمىش «دۆلەت ئورتاق تىلى» نامىدا ئوملاشتۇرۇۋاتقاندەك تەشۋىق قىلغان. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇيغۇر تىلى ۋە مائارىپىنى چەتكە قاققان. بۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى قوللىنىشى كۈچلۈك بېسىمغا دۇچ كەلگەن. دېمەك، بۇ سىياسەتنىڭ چىقىش نۇقتىسى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى خىتاي كىملىكىگە سىڭدۈرۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان كىملىك ئاساسىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىشنى نىشان قىلغان.

بۇنىڭدىن باشقا، مەكتەپلەردە دەرسلىكلەر پۈتۈنلەي «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق كىملىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭى» نى سىڭدۈرۈشنى نىشان قىلىپ تۈزۈلۈپ، ئۇيغۇر بالىلىرى مەجبۇرىي ھالدا خىتاي كىملىكىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۆز كىملىكىدىن يىراقلاشتۇرۇش مۇھىتىدا چوڭ بولۇشقا باشلىغان. يەنە بىرى، 1999-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «شىنجاڭ سىنىپى» سىياسىتىمۇ، ئۇيغۇرلارنى كىچىكىدىن باشلاپلا خىتاي كىملىكىگە سىڭدۈرۈۋېتىش، ئېنىقراقى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان سىياسەت بولغان. لېكىن بۇ خىل خىتايلاشتۇرۇشنىڭ نىشانى ھەرگىزمۇ خىتاي ئېيتقاندەك «تىنچ ۋە مۇقىم تەرەققىي قىلىش» بولماستىن، بەلكى خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش نامىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يىلتىزىدىن يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان. يەنى ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى خىتاي مىللىتىگە ئومۇميۈزلۈك سىڭدۈرۈۋېتىش ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ «بىرلا مىللەت ۋە بىرلا دۆلەت كىملىكى بولۇش» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاساسىي نىشان قىلىنغان.

بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر مەسىلە شۇكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مائارىپىغا قاراتقان سىياسىتى پەقەت مائارىپ بىلەنلا چەكلەنگەن بولماستىن، بەلكى تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك سىياسىي باستۇرۇش قورالىغا ئايلاندۇرۇلغان. بولۇپمۇ زامانىۋى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق غايەت زور نازارەت سىستېمىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ۋە بۇ خىل سىستېمىنىڭ خىتاينىڭ «فېڭ چياۋ تەجرىبىسى» بىلەن بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشى، ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك نازارەت ئاستىدىكى كونتروللۇققا ئېلىپ كىرگەن. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى، ئىدىيەسى ھەتتا كۈندىلىك ھاياتىمۇ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋە ھۆكۈمەتنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئاستا-ئاستا غايىب قىلىنىشقا يۈزلەنگەن. ئېنىقراقى، شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان «چىرايى، قەلبى ۋە ئىدىيەسى پۈتۈنلەي خىتايلاشقان، نامدا ئۇيغۇر، ئەمەلىيەتتە خىتايلاشتۇرۇلغان بىر مىللەتنى بەرپا قىلىش» مۇھىتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكى، تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئىمكانىيەتلىرى پۈتۈنلەي يوقىتىلغان.

مائارىپنىڭ مەقسىتى بىر مىللەتنى ئۆز كىملىكىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاش ئەمەس، بەلكى ھەر بىر شەخسنى باراۋەر پۇرسەتكە ئىگە قىلىش بولۇشى كېرەك ئىدى. ھالبۇكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇش مائارىپى، ئۇلارنى مۇستەقىل پىكىر قىلىشتىن چەكلەپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ۋە تارىخ باغلىرىنىڭ ئۈزۈپ تاشلىنىشى، شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى ئىجتىمائىي رىقابەتتە زۆرۈر بولغان ئارتۇقچىلىقلىرىدىن مەھرۇم قىلىشقا باشلىغان.

خۇلاسىلىگەندە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «مائارىپتا كۈچلۈك رايون قۇرۇش» سىياسىتى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپ قۇرۇلمىسىنى پەقەت ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىدىغان ۋە ئۇلارنى سىياسىي جەھەتتە تىزگىنلەيدىغان قورالغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. خىتاي بۇ قورالنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي كىملىك ئېڭىنى سىستېمىلىق چەكلەشتە كۈچلۈك قوللانغان. بۇ سىياسەت ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي مائارىپ ھەقلىرىدىن مەھرۇم قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئورنىنى تولۇقلاش مۇمكىن بولمىغان ئېغىر زىيانكەشلىكلەرنى ئېلىپ كەلگەن. دېمەك، بۇ خىل خىتايچە مائارىپ، دەل خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە شەخس ھوقۇقىغا قىلىنغان ئېغىر تاجاۋۇزچىلىقتۇر. مائارىپتىكى بۇ خىل ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۇسۇلى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتى شۇنداقلا پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، بەلكى خىتاي جەمئىيىتىنىڭ كەلگۈسىگىمۇ ئېغىر ئاپەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى، تارىختىكى ناتسىستلارمۇ بۈگۈنكى خىتايغا ئوخشاشلا رادىكال مىللەتچىلىك ئىدىيەسىنى مائارىپ بىلەن بىرلەشتۈرگەنىدى. يەنى، 1934-يىلى ناتسىستلار «مائارىپ مىنىستىرلىقى» قۇرۇپ، مائارىپ ئورگانلىرى ۋە سىياسەتلىرىنى ناتسىستلارنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكى ئاستىغا ئېلىپ كىرگەن. ئاندىن «دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن» دېگەن شوئار ئاستىدا مەكتەپلەرنى ناتسىستلارنى تەربىيەلەيدىغان بازىغا ئايلاندۇرغان. ناتسىستلارنىڭ بۇ قىلمىشى نۆۋەتتە خىتاينىڭ «پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ» ھەرىكىتى ئارقىلىق، بارلىق ساھەلەرنى پارتىيە ئارقىلىق ئىدارە قىلىشى بىلەن پەرقسىز دېيىشكە بولىدۇ. ئەينى يىللىرى ناتسىستلار مەكتەپلەردە ناتسىستلار تەشكىلاتى قۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئەزاسىغا، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ناتسىستلارنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىلىرىغا ئەزا قىلىنغان. بۇ ئەھۋالمۇ خۇددى خىتاينىڭ مەكتەپلەردە «پارتىيە تەشكىلى»، «خىتاي كوممۇنىست ياشلار ئىتتىپاقى»، «پىيونېرلار قوشۇنى» قاتارلىق ناملاردا ئوقۇتقۇچىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئۆز تىزگىنىگە ئېلىشىغا ئوخشايدۇ. ھەتتا ئەينى يىللىرى «يەھۇدىي ئوقۇتقۇچىلار ناتسىستلارنىڭ مائارىپ سىياسىتىگە ماس كەلمەيدۇ» دېيىلىپ، ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئەھۋالمۇ خۇددى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «خىتاي تىلى سەۋىيەسى تۆۋەن» باھانىسى بىلەن ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلۇشىغا پۈتۈنلەي ئوخشايدۇ. ناتسىست مائارىپىدا تەربىيەلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپنى ئوڭۇشلۇق تاماملىيالىشىمۇ، ناتسىستلارنىڭ سىياسىتىگە باغلىق بولۇپ، ناتسىست تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزاسى بولۇشى قاتارلىقلار ئۇلارنىڭ مەكتەپنى تاماملاش ۋە جەمئىيەتكە چىقىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. دېمەك، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەكتەپنى ئوڭۇشلۇق تاماملىيالىشى ۋە جەمئىيەتتە بىر كىشىلىك ئورنىنى تاپالىشىمۇ يەنىلا ئۇلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە خىتايلىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالغان. لېكىن بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كەلگەن زىيانكەشلىكلىرىنىڭ ھامان ئاخىرلىشىدىغانلىقىلا ئەمەس. ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە ئونلىغان ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۆز تىلىدىكى مائارىپنى، بولۇپمۇ خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتى ئۆز ئاساسىي قانۇنى ۋە مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىغا كىرگۈزگەن ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل ۋە مائارىپ ھوقۇقىنى ئۆزى دەپسەندە قىلىشى ۋە يوقىتىش يۈرگۈزگەن بولۇپ، دېمەك ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ئۆزلىرى ئاياغ ئاستى قىلماقتا.

[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.