ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ ئازىيىشى خىتاي نوپۇس قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟
2022.06.16
خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاينىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى جىددىي ئۆزگىرىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۆزگىرىش كەلگۈسى خىتايدا جىددىي ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي كىرزىسلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئاۋستىرالىيەدىكى ۋىكتورىيە ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى پېڭ شيۇجيەننىڭ «سۆھبەت» (The Conversation) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان خىتاينىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىش توغرىسىدا يېزىلغان ماقالىسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، شاڭخەي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى بىر گۇرۇپپا تەتقىقاتچىنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، بۇ يىل خىتاي نوپۇسى 0.049 پىرسەنت ئازىيىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلى بىر پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىدىن ۋاز كېچىپ، باج كەچۈرۈم قىلىش ۋە باشقا رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇشنى يولغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي نوپۇسىدىكى بۇ جىددىي چۈشۈشنى توسۇپ قالالمىغان.
خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يىڭى مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي نوپۇسىنىڭ تۇغۇش نىسبىتى 2021-يىلى 1.15 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالغان.
ماقالىدە يەنە ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇسنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تۆۋەنلەش نىسبىتىنىڭ 1.73 پىرسەنت ئىكەنلىكى، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىدە تېز ئىلگىرىلەش بولمىسىلا، ئىقتىساد كۆرسەتكۈچىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلەيدىغانلىقى ئېيتىلغان.
ئەمگەك كۈچىنىڭ ئازىيىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان ئەمگەك كۈچى تەننەرخىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى، خىتايغا ئوخشاش ئەرزان ئەمگەك كۈچى بايلىقىغا تايانغان چوڭ دۆلەتكە نىسبەتەن ئېغىر ئىقتىسادىي كىرىزىس كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر خىتاي نوپۇس قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنىڭ خىتاينىڭ كۈنسېرى تۆۋەنلەۋاتقان ئەمگەك كۈچى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تېپىلغان بىر ئىقتىسادىي ئىستىراتېگىيە بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا.
ئامېرىكانىڭ بوستون شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى قەيسەر مىجىت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، بۇ ئەھۋالنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدى.
خىتاينىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىش كەلتۈرۈپ چىقىرىغان ئەڭ چوڭ مەسىلىلەردىن بىرسى، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى ۋە ياشانغان نوپۇسنى بېقىش مەسىلىسى ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەر 2080-يىلىغا بارغاندا خىتايدىكى ياشانغانلار نوپۇسنىڭ ياشلار نوپۇسىدىن ئېشىپ كىتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە 2100-يىلى ياشانغانلارنى بېقىش مەبلىغى خىتاي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 20 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن.
بۇ خىتاينىڭ مالىيە خامچوتىغا ئىنتايىن ئېغىر يۈك بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى كەلگۈسىدە دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ خېلى بىر قىسمىنى ياشانغانلارنى بېقىش، پاراۋانلىق ۋە سەھىيە قاتارلىق ساھەلەرگە قارىتىشقا مەجبۇر بولىدىكەن.
ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى، جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى دىلنۇر رەيھان خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، نوپۇس قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خىتايدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىمۇ جىددىي رەۋىشتە ئۆزگىرىۋاتقان بولۇپ، ئۇنى خىتاي نوپۇس قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ سەۋەبلىرى بىلەن سىلىشتۇرغاندا، ماھىيەت جەھەتتىن تۈپتىن پەرقلىنىدىكەن.
تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ «ھامىلەدارلىقتىن ساقلىنىش ۋە مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش: خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى كونترول قىلىش ھەرىكىتى» ناملىق ھۆججەتلىك دوكلاتىدا، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ شىددەتلىك ئازىيىشىدا لاگېر ۋە پىلانلىق تۇغۇت كونتروللۇقىنىڭ نېگىزلىك رول ئوينىغانلىقى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2017-يىلدىن بۇرۇن خىتايدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى رايون بولسىمۇ، لېكىن 2017-يىلدىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە مەزكۇر رايوننىڭ خىتايدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن رايونغا ئايلانغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە خىتاينىڭ ئىچكىي ئۆلكىلىرىگە يۈرگۈزگەن سىياسىتى پۈتۈنلەي پەرقلىق بولۇپ، نۇپۇس قۇرۇلمىسىنى سىياسىي ئۇسۇللار ئارقىلىق كونتىرول قىلىش ۋە ئۆزگەرتىش تىرىشچانلىقى خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدىكى مۇھىم ئىستىراتېگىيەلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ خىل نوپۇس مەسىلىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان چوڭقۇر ۋە كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەر، خىتاينىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى ۋە قۇرۇلمىسىغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
تۈركىيەدىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئوراقلاشتى. ئۇ، خىتاينىڭ نۇپۇس سىياسىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشلىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنىڭ سىياسىي سەۋەبلىرى توغرىسىدا توختالدى.