يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەر خىل زاۋۇت-فابرىكىلارغا يۆتكەپ ئاپىرىلىپ مەجبۇرىي ۋە ئەرزان ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ۋە ئانالىزلارمۇ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بۇ مەسىلە كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەكچىلەر ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا.
ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ 1-مارت كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن 80 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەشكە يۆتكىگەن ۋە بۇلارنىڭ بىر قىسمى بىۋاسىتە لاگېرلاردىن ئېلىپ كېتىلگەن. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى خىتايغا جايلاشقان دۇنيادىكى داڭلىق ماركىلىق شىركەتلەرنىڭ، مەسىلەن، ئالما، نايكى، سونىي ۋە باشقا داڭلىق ماركىلارنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ۋە ئەرزان باھادا ئىشلىتىلگەنىكەن.
ئامېرىكادىكى «ئادىل ئەمگەك جەمئىيىتى» يېقىندىن بېرى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى داڭلىق شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ خىتايدىكى تارماق شىركەتلىرىنىڭ «مەجبۇرىي ئەمگەك» كە سېلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن.
«ئادىل ئەمگەك جەمئىيىتى» نىڭ خىزمەتچىلەر مۇدىرى شېلى خەن خىتايدىكى ئۇيغۇر لاگېر تۇتقۇنلىرىنى «مەجبۇرىي ئەمگەك» كە سېلىش مەسىلىسىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل مەجبۇرىي ئىشلىتىلىش مەسىلىسى ھەققىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «بىز بىلەن ھەمكارلاشقان ئامېرىكادىكى ۋە ياۋروپادىكى شىركەتلەر بۇ مەسىلىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. لېكىن ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ سىياسەتنى ھۆكۈمەت بىر قوللۇق كونترول قىلىۋاتقان بولغاچقا شىركەتلەر ئامالسىز. بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش كېرەك.»
شېلى خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بەزى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئىشچىلارنى مەجبۇرىي يەرلەشتۈرىدىغان بولغاچقا خىتاينىڭ ئىچىدىكى شىركەتلەرنىڭ ئىشلەتكەن ئىشچىلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش قىيىن بولۇۋېتىپتۇ.
شېلى خانىمدىن خىتايدىكى بۇ زاۋۇت-فابرىكىلاردىكى ئىشچىلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلغان ئىشچىلار ياكى ئەمەسلىكىنى قانداق تەكشۈرىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئادەتتە ئۇيغۇر رايونىدىن توپ-توپ ئەكېلىدۇ، ھېچ بولمىسا بىر شىركەتتە 40-50 كىشى بولىدۇ. ئۇلارنى خىتايلاردىن پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. بىز تەكشۈرگەندە ئۇلارنىڭ ياتاقلىرىنى تەكشۈرىمىز. سىرتقا نورمال چىقالامدۇ، ھالال تاماق يېيەلەمدۇ، كېچىلىرى ئۆگىنىش قىلامدۇ-يوق، دېگەندەك مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىمىز.»
ئۇ يەنە بىرقانچە شىركەتنىڭ خىتايدىن چىقىپ كېتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى، لېكىن بۇ شىركەتلەرنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، شىركەتلەر ھەققىدە سورىغان تەپسىلىي سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
شېلى خانىم، شىركەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن شىركەتلەر مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى بىلمەيدۇ. ئەھۋالنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلىنى ھەل قېلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيدۇ. لېكىن شىركەتلەر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدەك كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلمايدۇ، پەقەت مەسىلىنىڭ بىر قىسمىغىلا ياردەم قىلالايدۇ. بىز بىلەن ئۆزلۈكىدىن ئالاقىلەشكەن شىركەتلەر مەجبۇرىي ئەمگەكچى ئىشلىتىلىش ئېھتىماللىقىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈش ئۈچۈن، ئۇيغۇر رايونىدىكى شىركىتىنى توختاتتى. خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى شىركەتلىرىدە بولسا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى، بىراق ئۇلارنىڭ خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشى تەس. ‹مەجبۇرىي ئەمگەك›كە سېلىنغانلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن خىزمەتچىلىرى ئىشسىز قالماسلىقى كېرەكتە-؟!»
شېلى خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە نايكى، پاتاگونىيا قاتارلىق چوڭ شىركەتلەر ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە «مەجبۇرىي ئەمگەك» كە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە باش شىركەتنىڭ تور بېكىتىدە ئوچۇق بايانات بەرگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يۆتكەش مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونى ئۇچۇرنىڭ قارا ئۆڭكۈرى، ئۇچۇر كىرىدۇ، چىقمايدۇ. خىتاينىڭ تەشۋىقاتىدىن باشقا ئۇچۇرغا ئېرىشىش قىيىن. خىتاي ۋىرۇس باھانىسىدە ئۇيغۇرلارنى تۈركۈملەپ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ئارقىلىق ئاسىمىلىياتسىيە قىلىش پىلانىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ.»
نايكى شىركىتى، ئۆزىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان ئۇيغۇر دىيارىغا ئائىت باياناتىدا، ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغان كىشىلەرنىڭ ھۆرمەتلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە ئۇيغۇر رايونىدىن مەھسۇلات كىرگۈزمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ھەتتا ئۇيغۇر رايونىدىكى شاۋيۈەن پىڭ كىيىم-كېچەك شىركىتى، چىڭداۋ جىفا گۇرۇھى ۋە ئەسكۇۋال ئەسلىھەلىرى شىركىتىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ، ئۇلا بىلەن ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن. نايكى شىركىتى باياناتىدا يەنە ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ يېڭى ئىشچى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى، شىركەتنىڭ خەلقئارالىق ئەمگەك تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەمكارلاشقۇچى شىركەتلەر بىلەن بىللە بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئامېرىكادىكى چوڭ شىركەتلەرنىڭ بىرى پاتاگونىيا شىركىتى 12-مارت كۈنى ئۆز تورىدا ئۇيغۇر رايونى ھەققىدە باياناتنامە ئېلان قىلغان. مەزكۇر شىركەتنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى تىسسا بىيارىس ئىمزاسى ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان بۇ باياناتتا: «بىز ‹ئادىل ئەمگەك جەمئىيىتى›نىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ‹مەجبۇرىي ئەمگەك›، ‹كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى›نى توختىتىش تەشەببۇسىنى قوللايمىز. بۇ دۇنيادا كۆرۈلۈۋاتقان بىر پاجىئە، بۇنىڭغا ھەرساھە، ھەر قاتلامدىكى ئورگانلار چوقۇم كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. شىركىتىمىز ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ھەر قانداق بىر مەھسۇلاتنى ئىشلەتمەيدۇ. كىشىلىك ھوقۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان شىركەت ۋە كارخانىلار بىلەنلا ھەمكارلىشىدۇ. ئەگەر بىزنىڭ شەرتلىرىمىزگە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلىيالمىغان ۋاقتىمىزدا، خىتايدىكى سودا پىلانىمىزنى ئۆزگەرتىشكىمۇ تەييارلىق كۆرۈپ قويدۇق.» دېيىلگەن.
بىز پاتاگونىيا شىركىتىنىڭ باياناتى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، باياناتنامىنى ئېلان قىلغان تىسسا بىيارىس خانىم بىلەن ئالاقە قىلدۇق. ئۇ، تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئېلېكترونلۇق خەت ئارقىلىق، شىركىتىنىڭ باياناتنامىسىنى قايتا ئەۋەتكەندىن باشقا «مۇشۇ باياناتنامىدە دېيىلگەندىن باشقا تەمىنلەيدىغان ئۇچۇرىمىز يوق» دەپ جاۋاب قايتۇردى.
ئۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ جىياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھىرىگە جايلاشقان ئوفىلىم شىركىتى ئامېرىكادىكى ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە، 5-مارت ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە فاكىس ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرغان. جاۋاب خېتىدە «ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ‹ئىككى تەرەپنىڭ ئىختىيارىي تاللىشى› بويىچە قوبۇل قىلىدۇ، شەخسىي ئەركىنلىكى ۋە دىنىي ئەركىنلىكى بار، ئوخشاش مائاش بىلەن تەمىنلەيدۇ.» دەپ يېزىلغان.
بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئوفىلىم شىركىتىنىڭ تېلېفونى ئۇلانمىدى.
خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولىشى ۋە مەجبۇرىي ھەم ئەرزان ئەمگەكلەرگە سېلىشىنى تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئۆزىدىكى لاگېرلار ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلماقتا. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 27-مارت كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئاۋسترالىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئېلان قىلغان لاگېرغا سولانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر «زامانىۋى قۇللۇق» قا سېلىنىش مەسىلىسىگە خىتاي تەرەپنىڭ قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدە سورالغان سوئالغا: «ئاۋسترالىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئامېرىكا مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغان ئىنستىتۇت، شىنجاڭ ھەققىدە ساختا خەۋەر توپلايدۇ، ‹قايتا تەربىيەلەش مەركىزى› ۋە ‹مەجبۇرىي ئەمگەك› ھەققىدە ساختا خەۋەر ئويدۇرۇپ چىقىرىپ رەزىللەرچە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىۋاتىدۇ، بىز بۇنىڭغا ئېچىنىمىز ۋە رەت قىلىمىز.» دېيىش ئارقىلىق خىتاينىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا سولىغانلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكلەرگە سالغانلىقىنى ئىنكار قىلدى.
بىراق «ئادىل ئەمگەك جەمئىيىتى» خىزمەتچىلەر مۇدىرى شېلى خەن خىتاي ئىزچىل رەت قىلىپ كېلىۋاتقان لاگېرلار ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاي ئۇيغۇرلارنى باشتا لاگېرغا سولىدى، كېيىن ‹تەربىيەلەپ› زاۋۇتلارغا يۆتكەۋاتىدۇ» دېدى.
ئۇ يەنە: «‹مەجبۇرىي ئەمگەك› مەسىلىسى بىۋاسىتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغاچقا، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىتاي سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. بۇ مەسىلە دۆلەت دەرىجىلىك مەسىلە بولۇپ قالدى. ئۇيغۇرلار سودىنىڭ ئەمەس بەلكى، خىتاي رېجىمىنىڭ قۇربانى. يەنە بىر ئامىل مەبلەغ سالغۇچىلاردۇر. مەبلەغ سالغۇچىلار قوبۇل قىلىنىدىغان ئىشچىلارغا، ئىشلىتىدىغان مەھسۇلاتلارغا تەلەپ قويسا بولىدۇ. قايسى ئورۇندىن، قانداق ئىشچىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە مەبلەغ سالغان شىركەتلەرگە شەرت قويالايدۇ، بۇ ئارقىلىقمۇ ‹مەجبۇرىي ئەمگەك›كە سېلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىن.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى «مەجبۇرى ئەمگەك مەسىلىسى» نى ھەل قېلىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە مۇلاھىزىسىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: «شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىپ كېتىشى بىلەن مەسىلە ھەل بولمايدۇ. خەلقئارا ئامېرىكا پارلامىنتىدا ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئۈچ قانۇن لاھىيەسى بار، بۇ قانۇنلار ماقۇللىنىشى كېرەك. خەلقئارا بىلەن بىرلىشىپ خىتاينى بۇ سىياسىتىنى توختىتىشقا مەجبۇرلاش كېرەك.»
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى جىم مەكگوۋېرن ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبىيۇ 11-مارت كۈنى «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى چەكلەش قانۇن لايىھىسى» نى سۇنغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. بۇ قانۇن لايىھىسى تەستىقلانسا، بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئىشلىتىپ ئىشلەپچىقارغان ھەرقانداق مەھسۇلاتقا چەكلىمە قويۇلىدىكەن.
«ئادىل ئەمگەك جەمئىيىتى» ئامېرىكادا 1999-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ شىركەتلەر، ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە شەخسىي جەمئىيەتلەر بىلەن بىرلىشىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىش ئورۇنلىرىدىكى ھەقسىزلىق مەسىلىلىرىنى تەكشۈرىدۇ ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بىلەن بىرلىشىپ ئىشچىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغدايدۇ.
0:00 / 0:00