خىتاي ھۆكۈمىتى كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك دۇنيا مىقياسىدا ئۆزىنىڭ خۇنۈكلەشكەن ئوبرازىنى تۈزەش ۋە «بىر يول بىر بەلۋاغ» لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى كۈچلەندۈرۈش مەقسىتىدە كورونا ۋىرۇسى ۋاباسىنىڭ قاتتىق تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەرگە تېببىي مەھسۇلات ياردىمى ۋە تەمىناتىنى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتمەكتە.
لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۈپەتسىز تېببىي مەھسۇلات ئېكسپورتى ۋە كورونا ۋىرۇسىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا كېڭىيىشى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتتە خىتاينىڭ ئوبرازى بارغانسېرى ناچارلاشماقتا ئىكەن.
يېقىننىڭ بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، چېخىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلغان ماسكا ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ سۈپىتىدىن ئېغىر دەرىجىدە مەسىلە كۆرۈلگەن. يۇقىرىقى دۆلەتلەر مەزكۇر مەھسۇلاتلارغا قارىتا دەرھال تەدبىر ئېلىشقا مەجبۇر بولغان بولۇپ، گوللاندىيە ئاممىۋى نەشر قۇرلىشى (NOS) نىڭ تورىدا ئېيتىلىشىچە، گوللاندىيە تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق مىنىستىرلىقى خىتايدىن ماسكا ئېكسپورتىنى توختاتقان ۋە تارقىتىلغان 600 مىڭ ماسكىنىڭ يىغىۋېلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
تۈركىيەدىكى بىلىم كومىسسىيونىنىڭ ئەزاسى پروفېسسور، دوكتور ئاتەش كارانىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان دىئاگنوز قويۇش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ خاتا نەتىجە بېرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولۇپ، سۈپەتسىز مەھسۇلات سەۋەبلىك خىتايدىن تېببىي مەھسۇلات ئىمپورتى توختىتىلغان. ئوخشاش ۋەقەلەر چېخىيە ۋە ئىسپانىيەدىمۇ كۆرۈلگەن ئىدى. تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۈپەتسىز تېببىي مەھسۇلاتلارغا قارىتا خىتايدىكى مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچىلار مەھسۇلاتنىڭ سۈپەتسىز ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە ياۋروپالىقلارنىڭ توغرا ئىشلىتىشنى بىلمىگەنلىكى سەۋەبلىك خاتا چۈشىنىش كېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتقان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، سۈپەتسىز سەھىيە مەھسۇلاتلىرى بولۇپمۇ، دىئاگنوز ئۈسكۈنىسى ۋە ماسكا قاتارلىق كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىدىكى مۇھىم تېببىي مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەتسىزلىكى يۇقۇم ۋە ئۆلۈم نىسبىتىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدىكەن.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يىلدىرىم بەيازات ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي پەنلەر فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور نامەتجان مەھمەت ئەپەندى سۈپەتسىز تېببىي مەھسۇلاتلارنىڭ كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىدە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە، كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك پۈتۈن دۇنيادا ئوبرازى خۇنۈكلەشكەن خىتاي ۋە خىتاي دۆلەت تۈزۈلمىسى سەھىيە مەھسۇلاتلىرى دىپلوماتىيەسى ئارقىلىق تۈزەلمەكتە يوق، ئەكسىچە سۈپەتسىز تېببىي مەھسۇلاتلار سەۋەبلىك خەلقئارانىڭ تېخىمۇ سەلبىي كۆز قارىشىغا ئۇچرىماقتا ئىكەن.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىم مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ئۆز ئوبرازىنى قۇتۇلدۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازى ئالىقاچان بۇزۇلۇپ بولغان. كورونا ۋىرۇسى چىققاندىن كىيىن خىتاي مەۋجۇت ئەھۋالنى يوشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۆز ئوبرازىنىڭ ناچارلىقىغا دەلىل ئىسپات كۆرسىتىپ بەردى. ئەمدى سەھىيە ياردىمى ئارقىلىق ئوبرازىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان ئىدى، بىراق بۇنىڭ ئۈنۈمى بولمايۋاتىدۇ. ماللارنىڭ ساختا ۋە سۈپەتسىز چىقىشى كورۇنا ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرىغا تېخىمۇ يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ.»
ھىندىستاندا چىقىدىغان «بىزىنېس ستاندارد» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىۋىتتېردا خىتايغا قارشى ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەت سۆزلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى 900 پىرسەنت ئاشقان. خىتاينىڭ سۈپەتسىز مەھسۇلاتلىرى خەلقئارا جامائەتنىڭ غەزىپىنى قوزغاشقا باشلىغان بولۇپ، پورتىگالىيەلىك سىياسىيون، ياۋروپا خەلق پارتىيەسى ياشلار تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى لىدىيا پېرەيرا تىۋىتتېردا كۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېگەن: «بۇ كرىزىسنى خىتاي باشلىدى. ئەمما ھازىر ئۇلار بىزگە مېدىتسىنا ئۈسكۈنىلىرى، تەكشۈرۈش قاپلىرى ۋە ماسكا سېتىپ بېرىپ، خۇددى ھەممىمىزنى قۇتقۇزىدىغان قەھرىمانلاردەك بولۇۋالدى. شۇنى قايتا تەكىتلەيمەنكى، خىتاي ئۇ نەرسىلىرىنى بىزگە پۇلغا سېتىپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ سۈپەتسىز ئەسۋابلىرىنى بىزگە سېتىشى ھەرگىزمۇ بىزنى قۇتقۇزۇش ئەمەستۇر. گەرچە گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيەمۇ پېشكەلچىلىككە يولۇققان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىتالىيەگە بەرگەن ماسكىلىرى خىتاينىڭكىدىن كۆپ.»
كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە، ياۋايى ھايۋان تىجارىتى ۋە ناچار تازىلىق ئادەتلىرى سەۋەبلىك خىتاي كورونا ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسى دەپ قارالماقتىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىرتقا ئېكسپورت قىلىۋاتقان سۈپەتسىز سەھىيە مەھسۇلاتلىرى سەۋەبلىك خىتاينىڭ خەلقئارادا خۇنۈكلەشكەن ئوبرازى تېخىمۇ ناچارلاشماقتىكەن. ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى سۈپەتسىز سەھىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئوبراز قۇرۇلۇشىغا بولغان تەسىرى ۋە كۈنسايىن ناچارلىشىۋاتقان خىتاي ئوبرازىنىڭ مەنبەسى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە ياردىمى تەشۋىقاتى ئاقمايۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ خەلقئاراغا بەرگەن ئاتالمىش ياردىمىمۇ ئۈنۈم بەرمەيۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بىر كۈندىلا ئوبرازىنى ئۆزگەرتىمەن دەپ مەھسۇلات چىقارغان بىلەن سۈپەتسىزلىك ئەھۋالىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. بۇ تۈزۈم خاراكتېرلىك كېلىپ چىققان ئاقىۋەتتۇر.»
كورونا ۋىرۇسى 2019-يىلى دېكابىردا خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە بايقالغان بولۇپ، ھازىرغىچە 182 دۆلەتتە 803 مىڭ كىشى يۇقۇملانغان، 39 مىڭ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە غەرب سىياسىيونلىرى كورونا ۋىرۇسىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا يېيىلىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇشى ۋە دەسلەپكى مەزگىلدە جىددىي تەدبىر ئالمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىماقتا.
0:00 / 0:00