كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە يەر شارىدىكى يېڭىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان دۇنياۋى كۈچلەرنىڭ بىرى بولغان خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئورتاق بولغان مەنىۋىيەت مەنزىللىرىدىن دېموكراتىيە مۇھىتىغا قايسى دەرىجىدە قارشى ئىكەنلىكى 1989-يىلىدىكى «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» دا ئەڭ روشەن ئەكس ئەتكەنىدى. شۇنىڭدىن بۇيان دۇنيا بۇ دۆلەتتىكى ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن ھاكىممۇتلەقلىقنىڭ خېيىم-خەتىرى خىتاي چېگراسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە تونۇپ يەتتى. ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، يىللاردىن بۇيان خىتاي ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ساھەدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان دوكتور ئاندېرس كور يېقىندا بۇ مەسىلە ھەققىدە تەپسىلىي مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، «خىتاينىڭ مۇشۇ خىل ماھىيىتى مۇشۇ قېتىملىق تاجسىمان ۋىرۇسىنى غەرەزلىك ھالدا دۇنياۋى ۋاباغا ئايلاندۇرۇۋەتتى» دەپ كۆرسەتتى.
دوكتور ئاندېرسنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي جەھەتتە يۈكسىلىشكە يۈز تۇتقان ئۆتكەن ئون يىلغا نەزەر سالغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ئىشلارغا سەرپ قىلغان خىراجىتىنىڭ ئۈچ ھەسسە ئاشقانلىقىنى ھەمدە 2019-يىلىغا كەلگەندە 177 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن ئىكەن. ھەربىي ئىشلار ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەر ئانالىزچىلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز تەۋەسىدىكى ھەربىي ئىقتىدارى ئاللىقاچان ئامېرىكا بىلەن تەڭلىشىپ قالغان بولۇپ، مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ رايوندىكى تەسىرىگە ئېغىر خىرىس پەيدا قىلماقتا ئىكەن. ئەگەر بۇ ھال مۇشۇنداق داۋام قىلىۋەرسە كەلگۈسى 30 يىلدا خىتاينىڭ ھەربىي قۇۋۋىتى ئامېرىكادىن ئېشىپ چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ توختاۋسىز زېمىن داۋاسى قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«شى جىنپىڭنى ئالىدىغان بولساق، ئۇ بىر يالغۇز شەخس بولۇشىغا قارىماي پۈتكۈل خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى كونترول قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ يەنە ئۆمۈرۋايەتلىك رەھبەرلىكنىمۇ مۇقىملاشتۇرۇپ بولدى. ئامېرىكاغا قارايدىغان بولساق پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ بۇ جەھەتتە ئۇنداق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولغانلىقىنى كۆرمەيمىز. خىتاينىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇش ئارزۇسىنىڭ مۇشۇ يوسۇندا ئېشىپ بېرىشى يەنە بىرياقتىن بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئاۋاز قوشۇشى ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىشىگە سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتىن قارىغاندا خىتاينى ھازىر دۇنيا مىقياسىدا خىتاينىڭ زومىگەرلىكىنى يېتەكچى ئورۇنغا ئېلىپ چىقىشتەك بىر نىشاننى بەرپا قىلىۋاتىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ. شۇنداقلا خىتاي ھازىر ئاددىيغىچە رىقابەتچى بولۇشتىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ھازىر ئىجرا قىلىۋاتقانلىرىغا قاراپ بىز ئۇنى يامان غەرەزلىك دۈشمەن، دېسەك تېخىمۇ توغرىراق بولىدۇ. شۇنداقلا ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنىڭ دۈشمىنى بولۇپ قالدى. نۆۋەتتە ئىلگىرىكى كونا ئىستراتېگىيەمىزنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكى بارغانسېرى ئاشكارا بولۇۋاتىدۇ.»
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتايغا ئوخشاش دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئاياق-ئاستى قىلىدىغان بىر دۆلەتنىڭ ھازىر خەلقئاراغا سىڭىپ كىرىشى بەكمۇ شىددەتلىك تۈس ئېلىۋاتقان بولۇپ، غەرب دۇنياسىنىڭ «خىتاينى دېموكراتىيەگە يېتەكلەيمىز» دېگەن ئارزۇسىنىڭ ئەكسىچە خىتاي ھازىر دۇنيانى ئۆزىنىڭ سەنىمىگە دەسسەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشتە ئىلگىرىلەپ كەتمەكتىكەن. نۇرغۇنلىغان دۇنياۋى تەشكىلاتلار ھازىر خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەت تورىغا ئىلىنىپ قېلىپ، دۇنيادىكى دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشتا كۆپلىگەن مىساللار ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن. ئۇ مۇشۇ خىل ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتقان ھالدا ھازىر دۇنيانىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ خىتاينى مەغلۇپ قىلىدىغان ۋاقىتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭدا تۈپ جەھەتتىن ئالغاندا بەش خىل ئىستراتېگىيەنى قوللىنىپ بۇ مەقسەتكە يېتىش مۇمكىنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
ئاندېرسنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنى ھىمايە قىلىشقا قەتئىي سەل قارىماسلىقى لازىم ئىكەن. بولۇپمۇ مۇشۇ قېتىملىق تاجسىمان ۋىرۇسى يامراپ كەتكەن مەزگىلدە ئامېرىكانىڭ قوغدىنىشقا چېتىشلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ، جۈملىدىن ماسكا، نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى دېگەنلەرنىڭ پۈتۈنلەي چەتئەلدىكى زاۋۇتلارغا قاراشلىق بولۇپ قېلىشى بۇ ئاجىزلىقنى بەكمۇ روشەن ئاشكارا قىلغان. ئۇ بۇ جەھەتتە خىتاي ئامىلىنى دىققەتتىن نېرى قىلمىغان ھالدا ئۇلارنىڭ رۇسىيە، شىمالىي كورېيە ۋە ئىران بىلەن زىچ ھەمكارلىق تورى قۇرۇپ چىققانلىقىنى، بۇنىڭ بولسا ئاقىۋەتتە ئەركىنلىك دۇنياسى ئۈچۈن بىر چوڭ تەھدىت بولۇپ قالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئامېرىكانىڭ مۇداپىئە خىراجىتىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«قوغدىنىش نۇقتىسىدىن ئالغاندا بىز جەزمەن ئۆزىمىزنىڭ دېموكراتىيە قەدەملىرىمىزنى خىتاينىڭ تەسىرىدىن قەتئىي نېرى قىلىشىمىز لازىم. جۈملىدىن ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ئالاقىسى بولۇشى مۇمكىن بولغان ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرگە شېرىك بولماسلىقى بەك مۇھىم. بولمىسا بۇلار ئاسانلا سىياسىي جەھەتتىكى تەسىرنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە يول ئاچىدۇ. يەنە بىر ياقتىن بىز ئامېرىكا ئارمىيەسىنى كۈچلەندۈرۈشىمىز لازىم. بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلەر جەھەتتىنمۇ غالىپ كەلگۈدەك سەۋىيەدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىز ئامېرىكانىڭ قوغدىنىش خىراجىتىنى يەنە بىر قاتلىشىمىز، شۇنداقلا ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىمۇ ئۇلارنىڭ قوغدىنىش خىراجىتىنى بىر قاتلاشقا رىغبەتلەندۈرۈشىمىز لازىم. چۈنكى خىتاينىڭ مەغلۇپ قىلىشتا بىز كۈچلۈك ۋە سادىق ئىتتىپاقداشلارغا موھتاج. ھازىرقى ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ نۇقتىنى بارغانسېرى ياخشى تونۇپ يېتىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئويلىنىپ كۆرۈشكە دەۋەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز. بىزگە ئىتتىپاقداش بولىدىغانلار ئەمدى رىشاتكىغا مىنىۋېلىپ ھەر ئىككى تەرەپتىن نەپ يۇلۇش كويىدا بولماسلىقى كېرەك. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى ئىتتىپاقداشلىقىنى ئۆزلىرىنىڭ ئاممىۋى مەۋقەسىنى خىتايدىن تارتىپ خىتايغا قارشى سەپكە ئۆتكەنلىكى ئارقىلىق ئىپادىلىشى لازىم. بۇ جەھەتتىن ئالغاندا رۇسىيە، ھىندىستان ۋە پاكىستان ‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى›دىن چېكىنىپ چىقىشى لازىم.»
دوكتور ئاندېرسنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئاق سارايمۇ خىتاينى مەغلۇپ قىلىشتا ئىتتىپاقداشلارنىڭ مۇھىملىقىنى ھەمدە خىتاينىڭ رەقىبلىرى بولغان كۈچلۈك دۆلەتلەرنى ئىتتىپاقداشلىققا تەكلىپ قىلىشنىڭ ئىجابىي رولى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. بولۇپمۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1991-يىلىدىكى ھالاكىتىدىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھاللا نىشاننى خىتايغا قاراتمىغانلىقىدەك خاتالىقنىڭ ئېغىر بەدىلىنى تۆلەۋاتقانلىقى نۆۋەتتە ئامېرىكانى بۇ جەھەتتە يېڭى ئويلىنىشلارغا ئۈندىمەكتە ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دەيدۇ. .
«بىز ئىتتىپاقداشلىرىمىزغا بىخەتەرلىك جەھەتتە مەنپەئەت يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە يەنە ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىتتىپاقداشلىقىنى ساقلاپ قېلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ تۇرۇشىمىزمۇ مۇھىم. تەيۋەننى ئېتىراپ قىلمايدىغان ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن ھەربىي مانېۋىرلىرىغىمۇ پوش دېمەي قاتنىشىۋېرىدىغان دۆلەتلەرگە ئىقتىسادىي ئېمبارگو ياكى باشقا شەكىللەردىكى جازا بېرىشىمىز لازىم. ئاسىيادىكى ئەڭ ئىشەنچلىك ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئەتراپىدا ئۇنى ئوراپ تۇرغان دۆلەتلەرنى قوللاش ئارقىلىق خىتاينى ھازىرقى چېگرا دائىرىسىدە چەكلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بەكمۇ مۇھىم. تەيۋەن، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىقلار بۇنىڭدا ئەڭ تىپىك مىساللاردۇر. بۇ جەھەتتە ئۇلارنىڭ يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇشىغا ياردەمدە بولۇپ، خىتايغا قارشى تۇرالايدىغان بىر ئىستراتېگىيەلىك سەۋىيىگە يېتىشىمىز لازىم»
بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى پروگراممىمىزدا بولسۇن.
0:00 / 0:00