مۇتەخەسسىسلەر: غەرب دۇنياسىنىڭ خىتاي ئالدىدىكى ساددىلىقىنى تۈگىتىدىغان ۋاقتى كەلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2023.06.12
putin-xi-putin-shi-2023.jpg خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى. 2023-يىلى 21-مارت، موسكۋا، رۇسىيە.
AP

ئۇكرائىنا ئۇرۇشى داۋاملىشىۋاتقان بۇ مەزگىلدە خىتاي رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ ياۋروپاغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان بولۇپ، ياۋروپا دۆلەتلىرى بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشتا ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلسىمۇ، خىتاي بىلەن مۇرەسسە-مادارا قىلىش، ھەتتا سودىدا داۋاملىق ھەمكارلىشىش كويىدا يۈرمەكتە ئىكەن. خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە ياۋروپانىڭ تەقدىرىنى، ھەتتا دۇنيا تەرتىپىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشى ئامېرىكىنىڭ ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرگەن بىلەن، ياۋروپا دۆلەتلىرى يەنىلا تەلەي سىناش ھالىتىدە تۇرماقتا ئىكەن.

خىتاي كومپارتىيەسى سېكرېتارى شى جىنپىڭ 3-قېتىم تەختكە چىققاندىن كېيىن گېرمانىيە باش مىنىستىرى شۇلتىز ۋە فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكروننىڭ ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ خىتاينى زىيارەت قىلىشى، ماكروننىڭ فىرانسىيەگە قايتىش سەپىرىدە «ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جېدەلگە كىرمەيمىز، تەيۋەن مەسىلىسىدە خىتاينىڭ ئىشىغا ئارىلاشمايمىز» دەپ ئىپادە بىلدۈرۈشى بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاينى يەنىلا «پۇلى بار، كۈچى بار چوڭ دۆلەت، ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا بولمايدۇ» دەپ قارايدىغانلىقىنى، رايون ۋە دۆلەت مەنپەئەتىگە كەلگەندە ئامېرىكانى بىر ياققا قايرىپ قويىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەنىدى.

6-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «ئىقتىسادشۇناس» ھەپتىلىك گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «غەرب ئەللىرىنىڭ خىتاي ئالدىدىكى ساددىلىقىنىڭ ئاخىرلىشىشى» ناملىق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر ئەگەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ماھىيىتى ۋە ئەسلى مەقسىتىنى، يەنى ئۆزىنى دۇنيادا ئەڭ ئىلغار ۋە قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، دۇنياغا خوجا بولۇش غەرىزىنى بىلمەي، ئۆزىنى ئالداپ يۈرۈۋەرسە خىتاي ئاخىر غەلىبە قازىنىدۇ.

ماقالە ئاپتورىنىڭ كۆزىتىشىچە، يېقىندا «ستوكھولىم خىتاي مۇنبىرى» يىغىنىدا جەم بولغان ئامېرىكا-ياۋروپا ئەمەلدارلىرى، تەتقىقاتچىلىرى ۋە سودا ساھەسىدىكىلەر خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ھەرگىز «تىنچلىق ئەلچىسى» بولالمايدىغانلىقى، بەلكى رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ ياۋروپاغا تەھدىت سالىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەشكە باشلىغان. ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلغاچقا، ياۋروپا خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇكرائىنانى قايتا قۇرۇش ئىشلىرىدا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ دەپ ئويلىغان؛ ئەمما خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى «ناتونىڭ شەرققە كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىق» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ ياۋروپا دۆلەتلىرى بۇنىڭدىن خىتاينىڭ كەلگۈسىدە ياۋروپا، ھەتتا دۇنيا تەرتىپىنى ئۆزگەرتىش غەرىزى بارلىقىدىن بىئارام بولغان.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا تەرەپ خىتايدىن ئەنسىرەۋاتقاندا، ئامېرىكا يەنىلا ئۈمىدۋار ھالەتنى ساقلىغان، جوۋ بايدېن ھۆكۈمىتى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتايدىن غالىب كېلىدىغان كۈچلۈك سىياسىي ئىرادە، ئىقتىسادىي مەنبە، ھەربىي كۈچ ۋە دىپلوماتىيە ئارقىلىق ھازىرقى دۇنيا تەرتىپىنى قوغدىماقچى بولغان. ئەمما بۇ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر خىتاينىڭ خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشتا ئىدېئولوگىيە، قىممەت قاراش جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرسىمۇ، ئىقتىساد ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتە ئۆز ئالدىغا يول تۇتۇشقا ھېرىسمەن بولۇپ، فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ مەيدانى بۇنى ئىسپاتلاپ بەرگەن. ئامېرىكىنىڭ ئۆزىمۇ خىتايدىن ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئايرىلالمىغان، تېسلا، JP Morgan قاتارلىق ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتايغا قاتراشقا باشلىغان بۇ ئەھۋالدا، جوۋ بايدېنمۇ ياۋروپانى خىتايغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشقا قايىل قىلالمايدىكەن.

ئامېرىكا CNBC خەۋەر قانىلى 12-ئىيۇن بەرگەن خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېننىڭ بۇ ھەپتە خىتاينى زىيارەت قىلىدىغانلىق خەۋىرى چىققاندىن كېيىن، سىنگاپور بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا بولغان تىلەكلىرىنى بىلدۈرگەن.

ھازىر دۇنيادا خىتاي بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى دۇنياۋى خاراكتېرلىك ئاپەت دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسەن خىتاي دىپلوماتلىرى «چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى» دېگەن ئىبارىلەرنى قوللىنىشقا باشلىغانىدى.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئاندېرس كور (Anders Corr) خىتاينىڭ ھازىر خەلقئاراغا كۈچ كۆرسىتىشكە باشلىغانلىقى ۋە بۇنىڭ خەتىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكادىكى سىياسىي مەسىلە شۇكى، بىز خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىدەك بىر ئېقىنغا ئەگىشىپ كېتىۋاتىمىز. خىتاي كۈچلىنىپ ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ياپونىيەنىڭ ئورنىنى ئېلىشى مۇمكىن. ئەگەر بىز ھازىر ھەرىكەت قوللانمىساق، خىتاي بىلەن رۇسىيەدىن ئىقتىسادىي ئالاقىمىزنى ئۈزمەي بۇنداق بوشاڭلىق قىلىۋەرسەك پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ قالىمىز. خىتاي بىلەن رۇسىيە، ئىران، شىمالىي كورېيە، سۈرىيە، ۋېنسۇئىلا قاتارلىق دۆلەتلەر گويا تېررورچىلار ياكى قارا گۇرۇھ ھاكىمىيەتلىرىگە ئوخشايدۇ، دۇنيادا نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ، ئۇلاردا قانۇن، ئەخلاق، دېموكراتىيە يوق. شۇڭا ئۇلارنىڭ مېتودىنى، نېمىشقا شۇنداق قىلىدىغانلىقى ۋە قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىش تەس، مانا بۇ بىزدىكى ساددىلىقنىڭ بىر سەۋەبى. خىتاي بىلەن رۇسىيەدىكى دىكتاتورلار بەك ئاچكۆزلىشىپ كەتتى، بۇ ئاچكۆزلۈك ھەددىدىن ئېشىپ، بۇ ئىككى دۆلەتتىكى بايلىققىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىكى بايلىققا كۆز تىكىدىغان دەرىجىگە يەتتى».

خىتاينىڭ ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىشى ۋە «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشى خىتاينى ئاسىيا، ئافرىقا دۆلەتلىرىدىلا ئەمەس، غەرب ئەللىرىدىمۇ سەل قارىغۇسىز بىر كۈچكە ئايلاندۇرغان بولۇپ، غەرب دۇنياسى «خىتاي بولمىسا سودا بولمايدۇ» دەيدىغان ھالغا كېلىپ قالغان، تەمىنلەش زەنجىرىدە خىتايغا باغلىنىپ قالغان، مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئۈزۈل-كېسىل چەكلەش ئەمەلگە ئاشمىغان.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، غەرب ئەللىرىنىڭ خىتايدىن ئايرىلالمايدىغان ھەم خىتايدىن ئەنسىرەيدىغان زىددىيەتلىك ھالىتى بىر مەزگىل داۋاملىشىدۇ. ئامېرىكادىكى ئانالىزچى گوردون چاڭنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۈگۈنكىدەك كۈچلىنىشى غەرب ئەللىرىنىڭ ياردىمىدىن كەلگەن، خىتاي ئاجىزلىغاندا يەنىلا غەربكە تايىنىدۇ، ئەمما ھازىرقىدەك غەرب دۈشمەنلىكى داۋاملاشسا، خىتاي ئاخىرقى مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئەگەر چەتئەلنىڭ مەبلىغى، پەن-تېخنىكىسىنىڭ ياردىمى بولمىغان بولسا، خىتاينىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى 40 يىللىق ئىقتىسادىي گۈللىنىشى، ئاتالمىش خىتاي مۆجىزىسى ئەمەلگە ئاشمىغان بولاتتى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ چەت ئەلنىڭ ياردىمى بولمىسا خىتاي مەغلۇپ بولىدۇ. چۈنكى شى جىنپىڭنىڭ قاتتىق قول كوممۇنىزم سىياسىتى خىتاينى خاتا يولغا باشلاۋاتىدۇ. خىتاي ھازىر ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپلا قۇدرەتلىك دۆلەت بولالمايدۇ، بەلكى چەتئەل مەبلىغىگە تېخىمۇ كۆپ تايىنىدۇ. ئەگەر چەتئەلنىڭ ياردىمى داۋاملىشىۋەرسە، خىتايدا كوممۇنىزم ئاخىرلاشمايدۇ. يەنى ھازىر تېسلا، ئالما ۋە باشقا يۈزلىگەن چەتئەل شىركەتلىرى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنى يۆلەۋاتىدۇ. مەنچە، چەتئەل شىركەتلىرى خىتايدىن ئايرىلىدۇ، چۈنكى شى جىنپىڭنىڭ چەتئەل دۈشمەنلىكى سىياسىتى ئۇلارنى خىتايدىن قوغلايدۇ. ئاندىن چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىمۇ خىتايدىكى شىركەتلىرىنى خىتايدىن چېكىنىشكە بۇيرۇيدۇ».

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداش ئېقىمى كۈچەيسە، خىتاي بىلەن رىقابەتلىشىش ناھايىتى ئاسانلا ھەمكارلىشىشقا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. جوۋ بايدېن ئامېرىكا شىركەتلىرىگە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى قوللىنىش ئارقىلىق خىتاي بىلەن رىقابەتلەشسە، ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەممىنى قايرىپ قويۇپ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشى مۇمكىن. مەسىلەن، گېرمانىيە ماشىنا سانائىتى ئېلېكترلىق ماشىنىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشى، ھەتتا تېسلا بىلەن رىقابەتكە چۈشۈشى مۇمكىن.

ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزىدىن دوكتور رايموند كو ھەمكارلىق ۋە رىقابەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قىيىن بولغان زىددىيەتلىك مەسىلە دەپ

چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ھەمكارلىق ۋە رىقابەت ئىچىدە داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشىپ كەلدى. ھالبۇكى بۇنداق قىلىش تەس. چۈنكى بىر ياقتىن ھەمكارلىشىپ، بىر ياقتىن رىقابەتلەشكىلى بولمايدۇ. ھەمكارلىق ساھەسى رىقابەت ساھەسىنى چەكلەپ قويىدۇ. بۇ ناھايىتى تەبىئىي ۋە چۈشىنىشلىك ئەھۋال. ئەگەر غەرب دۆلەتلىرى ئايرىم ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنى دەپ بىرلىك ھاسىل قىلالمىسا، خىتاي ئىقتىساد ۋە ئىستراتېگىيە جەھەتتە كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتىدۇ. شۇڭا ئامېرىكىنىڭ خىتايغا بولغان مۇئامىلىسى جىددىي ئۆزگىرىۋاتىدۇ، ئەگەر شۇنداق بولسا، ئامېرىكا شىركەتلىرى دۆلەت ئىچىدىكى قارشىلىق، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن خىتايدا داۋاملىق سودا قىلىشتا قىينىلىدۇ».

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇكرائىنا ئۇرۇشى شۇنى قايتا ئىسپاتلىدىكى، ئامېرىكا غەرب ئەللىرىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا كەم بولسا بولمايدىغان شېرىك. ئامېرىكا ياۋروپاغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تەيۋەن ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خەۋپسىزلىكى ۋە سىياسىي مەنپەئەتىنى قوغداشقا چاقىردى. بۇ ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا خەۋپسىزلىك مۇنبىرى «شاڭرىلا دىئالوگى» دا سۆزگە چىققان خىتاي باياناتچىسى ياۋروپالىقلارغا: «سىلەرنىڭ ئاسىيا ئۈچۈن قىلالايدىغان ئەڭ ياخشى ئىشىڭلار ھېچنېمە قىلماسلىق» دېدى؛ مەقسەت دوست قازىنىش ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىنىڭ شېرىكلىرىنى قورقۇتۇپ، جوۋ بايدېننى ئارقىغا ياندۇرۇش. شى جىنپىڭنىڭ كەسكىن گەپلىرى غەربلىكلەرنىڭ ساددىلىقىنى بىلدۈرۈپ قويدى. ئەگەر چەتئەللىكلەر خىتايغا ئالدىراپ ئىشىنىش بىلەنلا قالماي، ئۈمىدىنى يوقاتسا، خىتاي بۇنى غەلىبە دەپ بىلىدۇ».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.