خىتاينىڭ دېموكراتىك دۆلەتكە ئايلىنىشى مۇمكىنمۇ؟
2023.06.16
خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى ۋە تەھدىتى كۈچەيگەندىن كېيىن، سىياسىي ئانالىزچىلار «ئامېرىكانىڭ خىتاينى دېموكراتىك دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش ۋە ئۇنى يېڭى دۇنيا تەرتىپىگە كىرگۈزۈش پىلانى مەغلۇپ بولدى» دەپ قاراپ كەلگەنىدى، دەرۋەقە ھازىر شى جىنپىڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتايدا كومپارتىيەنىڭ مۇتلەق نوپۇزىنى تىكلەش، بۇنىڭ ئۈچۈن دېموكراتىيە يولىغا ئەمەس، مۇستەبىتلىك يولىغا مېڭىشنىڭ ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانغانلىقى، «خىتاي چۈشى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، خىتاينىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئورنى ۋە خىتاي مىللەتچىلىكىنى ئۇلۇغلاش شامىلىنىڭ ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ يېڭى دۇنيا تەرتىپى ئورنىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
خىتايدا دېموكراتىيە ئەزەلدىن مۈجمەل ئۇقۇم بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى ئۇنى ئۆز مەنتىقىسى بويىچە شەرھىيلەپ كەلگەن. ھەتتا بەزى خىتاي زىيالىيلىرى «غەربنىڭ دېموكراتىيەسى خىتايغا ماس كەلمەيدۇ» دېگەن كۆز قاراشنى بازارغا سالغانىدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا خىتايدا باش كۆتۈرگەن دېموكراتىيە ئېقىمى 1989-يىلدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ئارقىلىق يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغانىدى. ئۇ دەۋردىكى خىتاي ياشلىرىدا دېموكراتىيە ئېڭى كۈچەيگەن بولسا، شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى يېڭى ئەۋلاد خىتاي ياشلىرىدا خىتاي مىللەتچىلىكى ۋە جاھانگىرلىك ئېڭىنىڭ پەيدىن پەي كۈچىيىۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە.
ئامېرىكا «تاشقىي سىياسەت» ژۇرنىلى يېقىندا ئېلان قىلغان «ئامېرىكانىڭ نىشانى دېموكراتىك خىتاي بولۇشى كېرەك» ناملىق ماقالىدە، ئەگەر ئامېرىكانىڭ خىتاي ھەققىدە چوقۇم بىر نىشانى بولمىسا، خىتايغا قاراتقان ئۇزاق مەزگىللىك ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەتلىرىدە قايمۇقۇش كېلىپ چىقىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 1989-يىل يۈز بەرگەن «4-ئىيۇن تيەنئەمنېن ۋەقەسى» ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بۇ ماقالىدە، ئامېرىكانىڭ خىتاينى دېموكراتىك دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش تىرىشچانلىقى مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، بۇ نىشاندىن ۋاز كەچمەسلىكى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ سىياسەت بەلگىلىگۈچىلىرى كوممۇنىست خىتاينىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش بىلەن بىرگە، ئامېرىكانىڭ ھەرگىز خىتاي خەلقى بىلەن دۈشمەنلەشمەيدىغانلىقىنى ئوچۇق بىلدۈرۈشى كېرەك. يەنى خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن خىتاي خەلقىگە ئايرىم مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. خىتاي كومپارتىيەسى بۇنىڭغا جان-جەھلى بىلەن قارشى تۇرسىمۇ، ئۆزلىرىنى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ۋەكىلى قىلىپ كۆرسەتسىمۇ؛ باستۇرۇلغان، ئېزىلگەن خەلق بۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ. ئەمما كومپارتىيەگە ئەگىشىدىغان مىللەتچى خىتايلار مۇستەبىت تۈزۈمنى ھىمايە قىلىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن دېموكراتىيەنى قۇربان قىلىشى مۇمكىن. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 80 مىليوندىن كۆپ ئەزاسى ئەنە شۇنداق ئاڭ بىلەن تەربىيەلەنگەن ۋە خىتاينىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىدىن ئورۇن ئالغان. ئۇلارنى دېموكراتىك ئاڭغا كەلتۈرۈش ئامېرىكا ئۈچۈن ناھايىتى قىيىن سىناق.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ خىتاي كومپارتىيەسى يوقالمىغىچە، خىتاي خەلقىنىڭ دېموكراتىيەگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:
«مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، خىتاي خەلقى دېموكراتىيەگە مۇھتاج. ئەمما شى جىنپىڭ ھازىر ئۇلارنى مۇستەبىتلىك بىلەن باشقۇرماقتا ھەم ئۇلارغا مۇتلەق بويسۇنۇش ئىدىيەسى سىڭدۈرمەكتە. بۇنىڭغا خىتاي خەلقى ئامالسىزدەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما خىتاي جەمئىيىتىدە نارازىلىق بار. بۇنى بىز ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا يۈز بەرگەن زور كۆلەملىك نامايىشلاردىن ۋە خىتايدىن ئايرىلىۋاتقان خىتايلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن بىلەلەيمىز. بولۇپمۇ شەھەردىكى ياشلار ئارىسىدا چۈشكۈنلۈك ئېغىر. خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چۆكۈشىگە ئەگىشىپ، خىتاي كومپارتىيەسىمۇ ۋەيران بولىدۇ؛ كوممۇنىست خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىلا، خىتاي پۇقرالىرى ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولالايدۇ».
ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، مۇستەبىتلىك، مىللەتچىلىك ۋە ئىقتىسادىي مونوپوللۇق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۇنيا قارىشىغا ئورناپ كەتكەن نەرسىلەر؛ ئامېرىكا سىياسەتچىلىرى خىتاي رەھبەرلىرىنى ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتۈرۈشنىڭ ئامالىنى تېپىشى كېرەك؛ نورمال سۆھبەت ۋە ئۇچرىشىشلار بىلەن بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن دېيىش ساددىلىق. ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئاندېرس كور بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«بىز خوڭكوڭدا نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆردۇق. خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدا دېموكراتىيە تەلەپ قىلىش نامايىشىنى قوللىغانلارنى يىغىۋېلىش لاگېرىغا سولاپ، مېڭىسىنى يۇيۇۋاتىدۇ؛ ئۇلارنى ‹قەدەملەپ مارش›قا ماڭغۇزۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇلار ئىشەنمەيدىغان خىتابنامىسىنى يادلاۋاتىدۇ. ئۇلاردىن كۆپلىرى لاگېر ياكى تۈرمىدىن چىققان تەقدىردىمۇ پارتىيەنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقماسلىق كېرەكلىكىنى بىلىدۇ. تيەنئەنمېىن مەيدانىدا ئۈچ كىشى بىر يەرگە توپلىشىپ قالسىمۇ، ساقچى كېلىپ پاراكەندە قىلىدۇ. شۇڭا دېموكراتىك نامايىش بىلەن خىتاينى ئۆزگەرتىش ناھايىتى تەس. خىتاينى دېموكراتىيەلىشىشكە قىستاش ئۈچۈن بىزگە ياردەم كېرەك، يەنى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ خىتايغا تېخىمۇ ئېغىر ئىقتىسادىي جازا بېرىشىمىز، شى جىنپىڭنى سوتقا تارتىشىمىز، پۈتۈن دۇنيانى خىتاينىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈپ يېتەلەيدىغان قىلىشىمىز كېرەك».
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، 2000-يىل ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىل كىلىنتون ئوتتۇرىغا قويغان «خىتاي خەلقىنى تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن ۋە ئەركىن دۇنياغا ئېلىپ كىرىش» چاقىرىقى مەغلۇپ بولدى. ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «تامامەن مەغلۇپ بولدۇق» دەپ ئويلىماسلىقى، خىتاي خەلقىگە يەنىلا ئۈمىد بېرىپ تۇرۇشى كېرەك. مانا بۇ ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتى ۋە قىممەت قارىشىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان بىردىنبىر ئۇسۇل. ئەمەلىيەتتە، خىتاينىڭ دېموكراتىيەلىشىش مەسىلىسىگە ئامېرىكالا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا دىققەت قىلىدۇ، مەسىلەن، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدىكى «ئاق قەغەز ئىنقىلابى»، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش قاتارلىق مەسىلىلەر دۇنيانىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان مەسىلىلەردۇر.
ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىستراتېگىيە ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى رايموند كو مۇنداق دەيدۇ:
«ئاپتور بۇ ماقالىسىدە، ئامېرىكانىڭ خىتايدىن قانداق ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى، خىتايغا دېموكراتىيە ياكى مۇستەبىتلىك نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىشىغا باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ دىققەت قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. مەن گەرچە خىتاينى ھامان بىر كۈنى دېموكراتىيەلىشىدۇ دەپ قارىساممۇ، ھازىر قوللىنىلىۋاتقان سىياسەتلەر دېموكراتىيەنى ئاساس قىلمايدۇ. خىتايدىكى دېموكراتىيە ھەققىدە ئۈمىد بار، ئەمما ئەمەلگە ئاشۇرۇش ناھايىتى قىيىن. مېنىڭچە، بارلىق ئۈمىدنى خىتاينىڭ دېموكراتىيەلىشىشىگە باغلىۋالماسلىق كېرەك، ئەمما ئۇنى ئۇزاق مۇددەتلىك نىشان قىلىشقا بولىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا خىتاينىڭ دېموكراتىيەلىشىش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلسە، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىمۇ نەزەرگە ئېلىشى كېرەك. دۇنيادا پەقەت ئامېرىكا بىلەن خىتايلا يوق، باشقا دۆلەتلەرمۇ بار، شۇڭا بۇ مەسىلىنى خەلقئارا ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك».
تىنچلىق، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك پۈتۈن دۇنيانىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە خىتاي تارىخنىڭ تەتۈر يۆنىلىشىگە قاراپ كېتىۋاتقان بولۇپ، ئىچكى قىسىمدا ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارسا، خەلقئارادا رايون تەھدىتى شەكىللەندۈرمەكتە. دېموكراتىيە بىلەن مۇستەبىتلىك، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئوتتۇرىسىدا كەسكىن كۈرەش بولۇۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا، قايسى تەرەپنىڭ غەلىبە قىلىشى ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ تۇرماقتا.