خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان تۈرلۈك ھەربىي سىناقلىرىنى، ھەربىي پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى خەلقئارالىق ئاخباراتلاردا كەڭ خەۋەر قىلىندى. ئۇنىڭ G20 دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلىشتىن ئاۋۋال «خىپەرسونىك قورال سىستېمىسى» يەنى خەلقئارادا «ئوربىتا بومبا سىستېمىسى» دەپ ئاتىلىدىغان سىستېمىنى سىناق قىلغانلىقى ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن دەلىللەندى.
8-نويابىر كۈنى رويتېرس ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى خەۋەردە بولسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىدا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە ئاۋىئاماتكىسى ۋە باشقا ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا ئوخشىتىپ ياسالغان مودېللار بىلەن ئۇرۇش مەشىقى قىلغانلىقى مەلۇم بولدى. مەكسېر ناملىق شىركەتنىڭ سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتقان سۈرەتلىرىنى تەتقىق قىلغان مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىلىرىنىڭ مودېللىرى ئارقىلىق ئۇنىڭغا قارشى جەڭ قىلىشنى مەشىق قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا تەيۋەن مەسىلىسى سەۋەبىدىن زىددىيەت كەسكىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلىرىنىڭ كۈچىيىشى تەبىئىي ھالدا ئۇنىڭ ئامېرىكاغا قارشى ئۇرۇش تەييارلىقى قىلىۋاتقانلىقىدەك مۇنازىرىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورگانلىرىدىن «راند تەتقىقات مەركىزى» نىڭ مۇتەخەسسسىى سىكوت ھېرولد ئەپەندىنىڭ قارىشىچە خىتاينىڭ يۇقىرىقىدەك سىناقلىرىنىڭ ھەممىسى شى جىنپىڭنىڭ خىتاي ئارمىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.
«خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ئارمىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئىسلاھ قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئۇلار خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ۋە شۇنداقلا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ يادرو ئىقتىدارى ۋە كۆلىمىنى ئۆستۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. مەن بۇ سىناقلارنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2050-يىلىغىچە دۇنيادىكى ئىلغار سەۋىيەدە ئارمىيە قۇرۇپ چىقىش قۇرۇلۇشىنىڭ بىر پارچىسى ۋە جەريانى، دەپ قارايمەن»
يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باش شتابى بولغان پېنتاگون، يەنى بەش بۇرجەكلىك بىنا خىتاينىڭ ھەربىي قۇدرىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان بىر مەخسۇس دوكلاتىدىمۇ، خىتاينىڭ يادرو قوراللار بازىسىنى تېزلىكتە كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى، 2030-يىلغا بارغاندا، خىتاينىڭ يادرو ئوق بېشى سانىنىڭ مىڭغا يېتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.
سىكوت ھېرولدنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلىرى دىققەت قوزغىسىمۇ، بىراق ئۇ ئامېرىكانىڭ ھەربىي جەھەتتىكى قۇدرىتىگە يېتىشىۋېلىشتىن ئىنتايىن ئۇزاقتا ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بۇ ھازىرلىقلار ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي قۇدرىتى ئارىسىدىكى بالانسنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ ياق. ئامېرىكا ئۈچۈن ۋە ئامېرىكانىڭ زېمىنى ئۈچۈن بۇنى بىر يېڭى خىرىس دەپ قاراشقا بولامدۇ؟ شۇنداق. ئەمما بىز شۇنىمۇ ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، ئامېرىكانىڭ 1500-3500 گىچە بولغان يادرو ئوق بېشى بار بولۇپ، بۇلار خىرىسنى خىتاي چېگراسى ئىچىدە تۇتۇپ تۇرۇشقا يېتىپ ئاشىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ئامېرىكا قىلىشنى خالايدىغان ئىش ئەمەس، ئامېرىكانىڭ خىتايغا ھۇجۇم قىلىش پىلانى يوق. ئەمما ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ بىر-بىرىگە پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتىنىڭ دەرىجىسىنى سېلىشتۇرىمىز دېسەك، ئۇ ھالدا بىز بۇ ئىقتىدارغا 0-100 گىچە نومۇر قويۇپ باقايلى، خىتاي ئوربېتا بومباردىمان سىستېمىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن تەقدىردە، بەلكىم ئۇنىڭ ئىقتىدارى 15-20 پىرسەنتكە ئۆرلىشى مۇمكىن. ئەمما ئامېرىكا 1960-يىللاردىلا 100 پىرسەنتكە يېتىپ بولغان.»
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى، يادرو قۇدرىتى قاتارلىق ھەر جەھەتتە خىتايدىن ئۈستۈن بولۇپ، خىتاي پەقەت قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئەسكىرىنىڭ سانى جەھەتتە ئامېرىكادىن ئۈستۈن تۇرىدىكەن. مەسىلەن، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنسىتىرلىقىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە بولۇپ، ئۇنىڭ 915,000 ئاكتىپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكىرى بار بولسا، ئامېرىكانىڭ بولسا 486,000 نەپەر ئىكەن. بىراق خىتاينىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئەسكەرلىرى كۆپىنچە ھاللاردا ۋاقتى ئۆتكەن ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، ئۇلار زامانىۋى قوراللارنى ئىشلىتىشنى بىلمەيدىكەن. زامانىۋى قوراللارنى ئىشلىتىش ئۈچۈن مەشىق قىلىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ھەربىي ئىقتىداردا تېخنىكا ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغانلىقتىن، ئەسكەر سانىنىڭ كۆپ بولۇشىنىڭ بەك چوڭ ئەھمىيىتى يوق بولغاچقا، ھەر ئىككىلا دۆلەت ئەسكەر سانىنى قىسقارتىشنى پىلانلىماقتىكەن.
سىكوت ھېرولد ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكانىڭ پەقەت يادرو كۈچىنى نەزەردە تۇتقاندىلا خىتاي تېخى ئۇنى بېسىپ چۈشۈشتىن تېخى بەك ئۇزاقتا ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«ئامېرىكانىڭ قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىز سۇپىلىق يادرو قوراللىرى بار، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىك مۇداپىئە سىستېمىسى بار، بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى بار. ئۇنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندا شېرىك دۆلەتلىرى ۋە ھەربىي بازىلىرى بار. خىتاي يېڭى تېخنىكىلىرىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ، بۇ تەسىرلىنىشكە ئەرزىيدۇ. بىز ئۇنى يېقىندىن كۆزىتىشىمىز، دىققەت قىلىشىمىز كېرەك، ئەمما ھوشىمىزنى يوقىتىپ ئۆزىمىزنىڭ ھەربىي قۇدرىتىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. خىتاي نېمە قىلغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ئامېرىكانىڭ ئىستراتېگىيەلىك قۇدرىتىنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ئۇ تېخى ھەرقانداق يۈز بەرگۈسى كرىزىستا تېخى ئامېرىكانى سەل چاغلاش ئىمكانىغا ئىگە ئەمەس. ئامېرىكا ھەر جەھەتتە ھازىرنىڭ ئۆزىدە ۋە كۆرگىلى بولىدىغان كېلەچەكتە خىتاي ئارمىيەسىدىن زور دەرىجىدە قۇدرەتلىك!»
دەرۋەقە، ھازىر ئامېرىكانىڭ 11 دانە يادرو ئېنېرگىيەلىك ئاۋىئاماتكىسى بار بولۇپ، ئۇلار ئادەتتىكى توشۇغۇچىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ يىراق مۇساپىنى باسالايدىكەن. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى 60 ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئايروپىلان سىغدۇرالايدىكەن.
خىتاينىڭ بولسا پەقەت لياۋنىڭ ۋە شەندۇڭدىن ئىبارەت ئىككى ئاۋىئاماتكىسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى لايىھەلىگەن كۇزنېتسوۋ تىپلىق ئاۋىئاماتكىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ياسالغان ئىكەن. ئۇ ئادەتتىكى ماي يېقىلغۇلۇق پار قازانلىرى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان بولۇپ، ئادەتتە 24 دىن 36 غىچە كۈرەشچى ئايروپىلان سىغدۇرالايدىكەن.