خىتايدىكى ھاكىمىيەت تۇتقۇچى گۇرۇھلارنىڭ يەڭگۈشلىنىشىگە ئەگىشىپ، خىتاينىڭ مىللىي كىملىكى ھەققىدىكى تەبىرلەرمۇ تېگىشلىك يوسۇندا ئۆزگىرىپ مېڭىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مىللىي كىملىكلەردىكى ئاشكارا بولغان دەرىجە پەرقى ماھىيەتتە خىتاي دۆلىتىنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەر باراۋەر بولغان ئىجتىمائىي مۇھىتنى ھېچقاچان ئەمەلگە ئاشۇرۇپ باقمىغانلىقىنى ھەمدە ئاشۇرالمايدىغانلىقىنى نامايەن قىلىدۇ. بۇ ساھەدىكى مەسىلىلەر بىلەن تونۇشلۇق بولغان مۇتەخەسىسلەر بولسا بۇ خىل تەڭسىز بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ماھىيەتتە خىتايدىكى مىللىي مەسىلىنىڭ تۈپ يىلتىزى ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرىدۇ.
ئىككى دەۋردىكى ئىككى «داھىي» نىڭ «جۇڭخۇا كىملىكى» چۈشەنچىسى
«خىتايدىكى ئىجتىمائىي مەسىلە» ھەققىدە سۆز بولغاندا تەبىئىي ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسەتلىرى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان تۈرلۈك «مىللىي مەسىلىلەر»، شۇنىڭدەك بۇنىڭدا ئەكس ئەتكەن سىياسىي زۇلۇم ۋە ئىجتىمائىي ھاڭلار كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا كېلىدۇ. دەرۋەقە خىتاينىڭ ئۆز مىللىي كىملىكى ئۆتكەن بىر ئەسىر مابەينىدە «ھۆكۈمران تەبىقە» شەكلىدە راۋاجلانغان بولۇپ، بۇنىڭ باشلىنىشىدىلا يېگانە «ئاكا» لىق ئورۇننى مەنبە قىلغانلىقى بۇ مىللەت قۇرۇپ چىقىدىغان دۆلەتنىڭ ئەمەلىيەتتە باشقا مىللەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى ئىستەيدىغانلىقىدەك تۈپلۈك ماھىيىتىنى ئاشكارا قىلغان. بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم مەسىلىلەر جون ئىرگېنجىرو (John Irgengioro) نىڭ «شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات ماقالىسىدە ئالاھىدە يورۇتۇلغان بولۇپ، ئاپتور خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان مۇشۇ خىل تەڭسىز مىللىي مۇناسىۋەت شەكلىدىكى سىياسەتلەرنىڭ دەل خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان «مىللىي مەسىلىلەر» نىڭ تۈپ يىلتىزى ئىكەنلىكىنى تەپسىلىي شەرھلەپ بېرىدۇ.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى بۇنىڭدىن بىر ئەسىر ئىلگىرىلا خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ پېشۋاسى بولغان سۇن جوڭشەن ئوتتۇرىغا قويغان «ياتلار (مانجۇلار) نى قوغلاپ چىقىرىپ جۇڭخۇانى گۈللەندۈرەيلى» دېگەن ئىرقچىلىق شوئارىنى قوبۇل قىلىپ، تېخى مۇقىم مىللىي كىملىكى بولمىغان خىتايلارنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى» ئىكەنلىكىنى مەۋجۇتلۇققا ئايلاندۇرغان. بۇنىڭ بىلەن «مىللىي مۇستەقىللىقىمىزنى قولغا كەلتۈرىمىز دەيدىكەنمىز، جەزمەن ئالدى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتى بولۇپ شەكىللىنىشىمىز لازىم» دېگەن ئىدىيە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. نەتىجىدە «جۇڭخۇا مىللىتى» ۋە «ياتلار» ھەققىدىكى چۈشەنچە دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىپ، خىتايلارنى مەركەز قىلغان ھالدا «بەش مىللەت بىرلىشىپ جۇڭخۇا مىللىتىنى ھاسىل قىلىش» لايىھەسى روياپقا چىققان. بۇ بولسا «جۇڭخۇا مىنگو» دۆلىتىنىڭ بەش خىل رەڭلىك بايرىقىدا ئۆزىنىڭ سىمۋوللۇق ئورنىنى تاپقان. بۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمران ئورۇندىكى مانجۇلار تىبەتلەر، موڭغۇللار ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە خىتايلارنى چۆرىدىگەن تۆت «ئۇكا» مىللەتكە ئايلاندۇرۇلغان. ئەمما 1949-يىلى خىتاي كومپارتىيەسى خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن خىتاي تەۋەسىدە خىتايدىن ئىبارەت «ئاكا» مىللەتتىن باشقا يەنە 55 «ئاز سانلىق مىللەت» تۈركۈمىنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ «ئاز سانلىق مىللەت» دەپ ئاتىلىشىنىڭ ئۆزىلا ئەمەلىيەتتە خىتاي مىللىتىنىڭ ھۆكۈمران ئورۇندىكى مىللەت ئىكەنلىكىنى رەسمىي ۋە ئاشكارا جاكارلىغانلىققا باراۋەر بولغان. ئارىدىن 70 ئۆتكەندىن كېيىن بولسا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئالىي رەھبىرى شى جىنپىڭ قايتىدىن خىتاي كىملىكى ياكى «جۇڭخۇا مىللىتى» چۈشەنچىسىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلەپ، مىللىي پەرقلەرنى تۈگىتىشتەك يېڭى نىشاننى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئاۋسترالىيەدىكى لاتروب (La Trobe) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېرالد روش (Gerald Roche) مۇنداق دەيدۇ. .
«مېنىڭچە خىتاي كىملىكى ھەققىدە ئوتتۇرىغا چىققان بۇ ئىككى دەۋردىكى ئىككى خىل ئىدىيە ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن باغلىنىش مەۋجۇت. ئورتاق خىتاي كىملىكى بەرپا قىلىش دېمەكلىك ماھىيەتتە مىللىي كىملىكى پەرقلىق بولغان نۇرغۇن خەلقلەرنى، پەرقلىق مەدەنىيەتلەرنى ۋە پەرقلىق تىللارنى بىريەرگە جۇغلاش دېمەكتۇر. بۇنىڭدا ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئارقىلىق بىر ئورتاق كىملىكنى قوللىنىدىغان بىر كوللېكتىپ قۇرۇپ چىقىش نىشان قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۆزىنى قايسىلا نۇقتىدىن شەرھىلىگەندە بۇ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ خىل ئورتاق خىتاي كىملىكىنى بەرپا قىلىشتا خىتاي بولمىغانلار خىتايلارنىڭ مەدەنىيەت چەمبىرىكى دائىرىسىگە كىرىدۇ. بۇ ھال شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقتى. بۇنىڭدا ئاشۇ دائىرە سىرتىدىكىلەر بىردەك ئاسسىمىلياتسىيە ئوبيېكتى بولىدۇ. يەنە كېلىپ بۇنىڭدا ئېنىق بولغان دەرىجە پەرقى بولىدۇ. يەنى چوڭ گۇرۇپپا ئاستىدا كىچىك گۇرۇپپا، ئۇنىڭ ئاستىدا تېخىمۇ كىچىكرەك گۇرۇپپا بولىدۇ. كىچىكرەك گۇرۇپپىلار ھەرقاچان ئۆزىدىن چوڭراققا، ئۇ بولسا ئۆزىدىن چوڭراققا قوشۇلۇپ ئاخىرىدا تەدرىجىي ھالدا بىر يېڭى گەۋدە ھاسىل بولىدۇ. بۇنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشىدىغان قوش ئاسسىمىلياتسىيە، دېسەكمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدا ئىككى قەدەم بولۇپ، بىرىنچى قەدەمدە كىچىكرەك ئېتنىك گۇرۇپپىلارنى ‹مىللەت› دائىرىسىگە ئېلىپ كىرىدۇ. ئىككىنچى قەدەمدە بولسا بۇ مىللەت ئومۇملاشقان ھالدا ‹جۇڭخۇا كىملىكى›گە ئايلاندۇرۇلىدۇ. بۇ خىل قوش ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئەندىزىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈنلەي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۆگەنگەن.»
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «جۇڭخۇا كىملىكى» چۈشەنچىسىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى باش سىياسىي ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى قاتارىدا ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى ئۆتكەن يىللاردىن بۇيانقى ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە كۆپ قېتىم تەكىتلەنگەن. بۇنىڭدا ھۆكۈمران ئورۇندىكى خىتاي كىملىكىدە مەۋجۇت بولغان مەزمۇنلار خىتاي بولمىغان خەلقلەرنىڭ چۈشەنچىسىگە مەجبۇرىي يوسۇندا قوشۇلۇشى لازىم بولغانكى، ھېچقاچان خىتاي بولمىغان خەلقلەرنىڭ ھېچقانداق مەنىۋىيەت بايلىقى خىتاي كىملىكى ئۈچۈن قوبۇل قىلىنمىغان. بۇنىڭ بىلەن مەجبۇرىي بولغان ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش دولقۇنى «تەرەققىيات» ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقى» نامىدا داغداملىق بىلەن يولغا قويۇلغان. بۇ ھەقتە مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دېيۋىن تابىن (David Tobin) مۇنداق دەيدۇ.

«بۇ خىلدىكى بايانلارنى ئەڭ دەسلەپ ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىك تارىخىدا كۆرگەنىدىم. بۇ تېكىستلەردە بايان قىلىنىشىچە، ئەسلىدە تەبىئىي رەۋىشتە مەۋجۇت بولۇۋاتقان مەلۇم بىر مەدەنىيەت زادىلا تەبىئىي بولمىغان شەكىلدە يوقىتىلىدۇ. ھازىر شى جىنپىڭنىڭ قىلىۋاتقانلىرى دەل مۇشۇ خىل ئىشلار بولۇپ ‹مەدەنىيەت دېمەكلىك بىر مىللەتنىڭ روھىدۇر› دېگەننى ئالاھىدە تەكىتلەۋاتىدۇ. ئۇلار مۇشۇ خىل روھنى ئېرىتىپ تاشلاش ئارقىلىق ‹مىللىي مەسىلىنى ئەبەدىيلىككە ھەل قىلىش›قا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلاندى. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي خەلق بولۇشتەك مىللىي كىملىكىنى ۋە ئىسلامىي كىملىكىنى مىللىي مەسىلىنىڭ يىلتىزى، دەپ قارىغانلىقنىڭ ئۆزى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەك چوڭ سىياسىي تەھدىت ھېسابلىنىدۇ. قارايدىغان بولسا مەن شىنجاڭغا بارغاندا ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى› ھەققىدىكى بىر يۈرۈش كىتابلارنى ئالغان ئىدىم. بۇلارنى ئۇيغۇر دوستلىرىمغا كۆرسەتسەم ئۇلار بۇ كىتابلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىگە دائىر ھېچنەرسە يوقلۇقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كىتابلار پۈتۈنلەي سىياسىيلاشقان مەزمۇن بىلەن توشۇپ كەتكەن ئىكەن. مەن شۇ ۋاقىتتا بۇ كىتابلاردا ئازراق بولسىمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە دائىر مەزمۇنلار باردۇر، دەپ ئويلاپتىكەنمەن. بىز پەرقلەرنى ۋە كۆپ خىللىقنى ئەيىبلىگەن ھالەتتىمۇ بۇ كىتابلار ئۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى. ئۇيغۇر دوستۇم بۇ ھەقتە گەپ بولغاندا ‹بۇ كىتابلاردا بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزگە دائىر ھېچنەرسە يوق. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاسسىمىلياتسىيە بىلەن يۇغۇرۇلغان سىياسىي مەزمۇنلاركەن› دېگەن. مانا بۇ ئەھۋال ماڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشۇ خىل تەشۋىقاتنى قانداق چۈشىنىدىغانلىقىنى ھەقىقىي يوسۇندا ئېيتىپ بەرگەن ئىدى.»
خىتايچىلىقنىڭ يېڭىۋاشتىن باش كۆتۈرۈشى ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ ھالاكىتى
خىتايچىلىقنىڭ باش كۆتۈرۈشى ھەققىدە سۆز بولغاندا ھەرقايسى مۇتەخەسسىسلەر بىردەك بۇنىڭ شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققان ھادىسە ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. 1960-يىللىرىدىكى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا خىتاي رەئىسى ماۋ زېدوڭ «چوڭ خىتايچىلىققا قارشى تۇرۇش» نى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئەمما تارىخىي پاكىتلارغا نەزەر سالغاندا بۇ مەزگىلدە ھېچقانداق خىتاي «چوڭ خىتايچىلىق قىلغانلىقى» سەۋەبىدىن جازاغا ئۇچرىغان ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن. لېكىن «يەرلىك مىللەتچىلىك قىلغان» دېگەن ئەيىب بىلەن ئۆلۈمگە ۋە تەقىبكە گىرىپتار بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان ساندا بولغان.
شى جىنپىڭ دەۋرىگە كەلگەندە خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكلىرى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى مەجبۇرىي يوسۇندا خىتايچە تىل ۋە كوڭزىچىلىق ئىدىئولوگىيەسى بىلەن ئالماشتۇرۇش بىر تۈرلۈك سىياسىي ۋەزىپىگە ئايلاندۇرۇلغان. گەرچە بۇ دەۋردە «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش» شوئارى ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس بارلىق مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنىڭ لاگېرغا قامىلىشقا سەۋەب بولغانلىقىنىڭ ئۆزى بۇ خىل سىياسىي كۈرەشنىڭ باشقىچە شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، بۇنىڭدىكى مەقسەتنىڭ يەنىلا ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ ئورنىغا خىتاي كىملىكى ياكى «جۇڭخۇا مىللىي كىملىكى» دىن ئىبارەت بىرلا كىملىكنى دەسسىتىش ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بەرگەن. بۇ خىل سىياسىيلاشقان كىملىك يوقىتىش كۈرىشىنىڭ قانداق تەسىرى بولۇشى ھەققىدە سۆز بولغاندا پروفېسسور جېرالد روش مۇنداق دەيدۇ. .
«بۇلارنىڭ ھەممىسىلا ناھايىتى پەرقلىق بولغان ئىجتىمائىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلغان. رەئىس ماۋ زېدوڭ ياكى ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى› دەۋرىنى ئالساق خىتايدا تىل ئاسسىمىلياتسىيەسى ئەڭ ئېغىر بولغان. شۇ ۋاقىتلاردا خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ئۈچۈن تىل ساھەسى ئەڭ ئېغىر ۋە قاباھەتلىك پاجىئەلەرنىڭ مەيدانى بولغان. شى جىنپىڭ دەۋرىدە بولسا بۇنداق شوئارلار ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى. ئەمما ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى ماھىيەتتە ئەنە شۇ پاجىئەلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان، ئەمما خاراكتېرى تېخىمۇ ئېغىر بولغان رېئاللىققا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. قارايدىغان بولساق ھازىر مىللىي تىل ھەممىلا ساھەدىن، ئەڭ مۇھىمى مائارىپ ساھەسىدىن سىقىپ چىقىرىلدى. خىتايچە تىل ھۆكۈمران ئورۇنغا چىقتى. مېنىڭچە بۇ ئەھۋال ھازىر خىتاي بولمىغان ھەممىلا خەلقلەرگە ئوخشاش بولۇۋاتىدۇ. مەن تەكشۈرۈشتە بولغان تىبەت رايونىدا ئۇلارنىڭ ئانا تىلى مائارىپ ساھەسىدىن يوقىتىلدى. بالىلار خىتايچە تىلنى ئانا تىل ئورنىدا سۆزلەشنى ئۆگەندى. بۇ خىل ئەھۋال ئاشۇ مىللەتلەر ئۈچۈن بەكمۇ ئېغىر روھىي بۇرۇقتۇملۇق پەيدا قىلىشى ئېنىق. ئەمما ئۇلار بۇ يۈزلىنىشنى چەكلەش ئۈچۈن ھېچنەرسە قىلىشقا قادىر ئەمەس. دۆلەت بولسا بۇ مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ئۆگىتىشنى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنى يوقىتىشقا ئاتلانغان. بۇنداق ئەھۋالدا ئاشۇ خىل رېئاللىقلار ئۇلارغا بېسىم ئۈستىگە بېسىم بولۇۋاتىدۇ.»
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئەنە شۇ خىل تىلنى چەكلەشتە مائارىپ ساھەسىنى «تازىلاش» ئارقىلىق دەسلەپكى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. ھالبۇكى ئۇيغۇرچە تىل ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىش گىردابىغا بېرىپ قالغاندا «جۇڭخۇا كىملىكى» نىڭ يەنە بىر شەرتى سۈپىتىدە «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» نى قوبۇل قىلىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش ئىككىنچى قەدەم بولۇپ قالغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تەدرىجىي ھالدا خىتاي مەدەنىيىتىگە خاس مەزمۇنلار بىلەن سەپلىنىش قىسمىتىگە دۇچ كەلگەن. شۇ قاتاردا خىتايلارنىڭ مىللىي بايراملىرى خىتاي بولمىغان مىللەتلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېڭىلىۋاتقان مەدەنىيەت ھادىسىسى بولۇپ قالغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا پروفېسسور دېيۋىد تابىن مۇنداق دەيدۇ.
«بۇ ھال يالغۇز ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا شۇنداق بولۇۋاتقىنى يوق. موڭغۇللارمۇ ھازىر مۇشۇ خىل قىسمەتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بىز ئاڭلىغان ‹ئاز سانلىق مىللەتلەر قوبۇل قىلىنمايدۇ› ياكى ‹خىتايلارلا قوبۇل قىلىنىدۇ› دېگەندەك خىزمەت ئېلانلىرى ئىچكى موڭغۇلدا كۆپلەپ ئۇچرايدۇ. خىتايلار ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى› ھەققىدە گەپ سېتىۋاتقاندا بۇ خىلدىكى ئېلانلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەقىقەتەنمۇ بىر قارا يۇمۇر. سىزنىڭ خەۋىرىڭىز بولغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە ‹بىز بىلەن بىر سەپتە تۇرىسەن، بولمىسا بىزگە قارشى چىققان بولىسەن› دېگەن مەنتەقە بويىچە مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ باراۋەر بولغانلىقىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئەقەللىيسى ئۇيغۇرلار ھازىر خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ. رەت قىلغانلار بولسا مىللەتچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىۋاتىدۇ. موڭغۇللارنى ئالساق ئۇلارنى تاۋۇز چاغىنى ئۆتكۈزۈشكە قىستاۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ بايرام خىتايلار موڭغۇللارنىڭ ئەجدادلىرىنى قىرىپ تاشلىغان كۈننى خاتىرىلەشتىن كېلىپ چىققان. مۇشۇنداق بىر ھاقارەتلىك بايرامنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلانغاندا بۇنىڭغا قارشى تۇرۇش سىياسىي مەسىلە ئەمەس. بۇ بىر مىللەتنىڭ ئىززىتى. ئەمەلىيەتتە بۇنى ئۇنچىۋالا قاتتىقلىق بىلەن قىستاشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتىمۇ يوق.»
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «جۇڭخۇا كىملىكى» چۈشەنچىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشىغا ئەگىشىپ بىر قىسىم خىتاي ئالىملىرى، جۈملىدىن «مىللەتشۇناس» لاردىن ما روڭ قاتارلىقلار «جۇڭخۇا كىملىكى» ياكى «جۇڭخۇا مىللىتى» دېيىشنىڭ ئورنىغا «مەن جۇڭگولۇق» دەيدىغان چۈشەنچىنى دەسسىتىشنى ئالاھىدە تەكىتلەشكە ئۆتكەن.
بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى پروگراممىمىزدا بولسۇن.