خىتاينىڭ چېكىدىن ئاشقان مىللەتچىلىكى قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟
2024.12.03
يېقىندا تەيبېيدا ئېلىپ بېرىلغان نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتىدە، ئامېرىكا ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي ئىقتىساد ۋە تۈزۈلمە مەركىزىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، پىروفېسسور شۈ چېڭگاڭ خىتاينىڭ چېكىدىن ئاشقان مىللەتچىلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىنى تىلغا ئالغان. ئۇ يەنە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي كىرىزىس مەسىلىلىرىنىڭ كەلگۈسىدە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خىرىسلىرى ھەققىدە توختالغان.
پىروفېسسور شۈ چېڭگاڭ (许成钢) 23-نويابىر كۈنى تەيبېيدا «ئامېرىكا-خىتاي ئويۇنى ۋە خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى ھەققىدە» ناملىق تېمىدا مەخسۇس نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇ بۇ نۇتقىدا، ئەگەر خىتاي كومپارتىيەسى چېكىدىن ئاشقان مىللەتچىلىكنى يولغا قويۇپ، ناتسىستلار تىپىدىكى ئىرقچى سىستېمىغا ئايلانسا، ئۇنىڭ «ئۇرۇشقا ئىنتايىن يېقىن» دۆلەت بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بۇ قېتىملىق نۇتقىدا شۈ چېڭگاڭ خىتاينىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي مەسىلىلىرى ھەققىدە توختالغىنىدا، ئۇنىڭ دۆلەت تۈزۈلمە-قۇرۇلما سىستېمىسىنى تىلغا ئالغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «خىتايدا شەخسكە چوقۇنۇشتەك ئىدېئولوگىيەلىك ئاجىزلىق مەۋجۇت. مەن خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي سىستېمىسىنىڭ كوممۇنىزمدىن مىللەتچىلىككە ئۆزگىرىشىدىن قورقىمەن. ئەگەر خىتاي چېكىدىن ئاشقان مىللەتچىلىكنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇنى ناتسىستلار تىپىدىكى مۇستەبىتلىككە ئايلاندۇرسا، يەنى ئەگەر خىتاي بۇ يولنى تاللىغان تەقدىردە، بۇ ئۇنى ئۇرۇشقا ئىنتايىن يېقىنلاشتۇرىدۇ.»
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ دىرېكتورى ھېنرىك شاجىۋىسكى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، شۈ چېڭگاڭنىڭ سۆزلىرىگە باھا بېرىپ مۇنداق دېدى:
«مېنىڭچە، بۇ يەردە دېمەكچى بولغان مىللەتچىلىك، يەنى ئۇنىڭ ئېيتقىنىدەك چېكىدىن ئاشقان مىللەتچىلىك، بىر دۆلەتنىڭ مەلۇم ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا تەييارلانغان ياكى تەييارلانمىغانلىقىنىڭ ئىپادىلىرىدىن بىرىدۇر. بۇ داۋالغۇش ئىقتىسادىي شارائىت سەۋەبىدىن بولىدۇ. ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، ئىقتىساد خىتاي خەلقى بىلەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى بىر باغلىنىش بولۇپ، ئەگەر ئىقتىساد گۈللىنىپ خەلق پۇل تاپسا، بۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتاينى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئەمما ئۇنداق بولمىسا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىش ئارزۇسى يىمىرىلىدۇ. مەلۇمكى، شى جىنپىڭنىڭ تەيۋەننى ئىشغال قىلىش نىيىتىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، بۇ بەلكىم بۇ يەردىكى ئاساسلىق ئوت يالقۇنى بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، خىتاي دۆلەت ئىچىدىكى ئەندىشىلەرنى تۈگىتىش ئۈچۈن، جامائەت پىكرىنى تەيۋەن مەسىلىسىگە بۇراپ، خىتاينى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى سىناپ بېقىشى مۇمكىن. مېنىڭچە، شۈ چېڭگاڭنىڭ مۆلچەرى شۈبھىسىزكى ناھايىتى قورقۇنچلۇق ۋە خەتەرلىك ئەھۋالدىن سىگنال بېرىدۇ.»
ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچىسى، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى خۇ پېڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چېكىدىن ئاشقان مىللەتچىلىكى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەسىلىلەر، نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مەسىلە ئىكەن:
«مۇستەبىت ھۆكۈمرانلار ئىچكى جەھەتتە چوڭ ئاۋارىچىلىكلەرگە يولۇققاندا، ئۇلار دىققەتنى بۇراش ئۈچۈن سىرتتا ئۇرۇش قوزغايدۇ. ئەمما خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق. چۈنكى خىتاينىڭ ھازىر چە يېتەرلىك كۈچى يوق، شۇنداقلا سىرتقا قارىتا ئۇرۇش قوزغاشقىمۇ جۈرئىتى يوق. كوممۇنىست خىتاي بەلكىم ئىچكى قارشىلىق سەۋەبىدىن يىمىرىلىشى مۇمكىن. ھالبۇكى، ئۇنىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يېقىن. يەنى، ‹ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش› نامىدا خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشىنى ئەڭ چوڭ مۇمكىنچىلىك دەپ قارايمەن. مېنىڭچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 100 يىلدىن بۇيانقى دىكتاتورلۇق تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن خىتاي خەلقى ئۆزى تىرىشىشى كېرەك. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پۈتۈن دۇنيا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىرىسىنى ھېس قىلدى، بۇ پۈتكۈل ئەركىن دۇنيا دۇچ كەلگەن ئەڭ ئېغىر رىقابەت. شۇڭا بىز ئۇنىڭغا يېتەرلىك دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.»
پىروفېسسور شۈ چېڭگاڭ مەزكۇر نۇتقىدا يەنە مۇنداق دېگەن: «ئەركىنلىك بولمىغان سىستېمىدا كىشىلەرنىڭ ئىجادىيەت ئىقتىدارى بوغۇلىدۇ. خىتايدىكى پەن-تېخنىكىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۇنىڭ خەلقئارادىكى دېموكراتىك قۇرۇلمىلاردىن قانداق نەپ ئالغانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئەگەر بۇلار بۇزۇلسا، ھەممە ئىشلار ئۆزگىرىدۇ.»
ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان خىتاي يازغۇچى ۋە مۇستەقىل ئوبزورچى سەي شېڭكۈن (蔡慎坤) شۈ چېڭگاڭنىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، مۇنداق دېدى:
«ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدا خىتايدا بىر ئىدىيە، بىر تەلىمات ياكى بىر كىشىنىڭ دېگىنى ھېساب بولۇپ كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاينىڭ ئىلگىرىكى تەرەققىياتى ئاساسلىقى غەربنىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى مېۋىلىرىنى كۆچۈرۈش ياكى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلاشنى ئاساس قىلىپ كەلدى. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھازىرقى تۈزۈمى ياكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسى ھەقىقىي تالانت ئىگىلىرىنى يېتىلدۈرەلمەيدۇ. ئۇ پەقەتلا ئۆزىگە سادىق قۇللارنى تەربىيەلەيدۇ. شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنىڭ پەن-تېخنىكا ساھەسىدە دۇنيانى يېتەكلىشى مۇمكىن ئەمەس.»
شۈ چېڭگاڭ مەزكۇر نۇتقىدا خىتاينىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىشتىن ئىلگىرىكى مۇستەبىت تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەزىيەت بىلەن ئوخشايدىغانلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە، تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ چوقۇم خىتاي كومپارتىيەسى ھەققىدە تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش كېرەكلىكىنى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.