ياۋروپادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي، تىبەت، موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى خىتايدىكى مىللىي توقۇنۇشلارغا كومپارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادى بىلەن ئوينىشىشنىڭ يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
غەرب كۆزەتكۈچىلىرى ئۇزۇندىن بۇيان خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قارشىلىق پەيدا قىلىۋاتقان ئامىلنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەر ئۈستىدىن ئىجرا قىلىنىۋاتقان دىنىي جەھەتتىكى بېسىم سىياسىتى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالماقتا. بولۇپمۇ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى چەكلىمىلەرنىڭ مىللىي قارشىلىقلارنى رادىكاللىق سەۋىيىسىگە كۆتۈرۈۋاتقان ئاساسىي سەۋەب ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان رامىزانلىق چەكلىمىلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە چەتئەللىكلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپلا قالماي، غەرب ئەللىرىدە دېموكراتىيە، ئەركىنلىك كۈرىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي دېموكراتلىرى، تىبەتلەر، موڭغۇللارنىڭمۇ قارشىلىقىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
خوڭكوڭلۇق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مەن يەن «كومپارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتى بارلىق مىللىي توقۇنۇشلارنىڭ مەنبەسىدۇر» دەيدىغان قاراشنى تەكىتلىگۈچى.
ئۇ خىتاينىڭ رامىزانلىق سىياسىتى توغرىسىدىكى سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مىللىي سىياسىتىدە ھەقىقەتەنمۇ مەسىلە بار. كومپارتىيە ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدا ‹بىز ئازسانلىق مىللەتلەرگە ئۇنداق غەمخورلۇق قىلىۋاتىمىز، بۇنداق كۆيۈنۈۋاتىمىز› دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئاز سانلىق مىللەت خەلقلىرى ئۈستىدىن قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر، تىبەت خەلقلىرى بۇ سىياسەتنىڭ قۇربانلىرى بولۇۋاتىدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى، كومپارتىيە ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا، ئەقەللىي كىشىلىك ھەقلىرىگە قىلچە ھۆرمەت قىلمايۋاتىدۇ، ئەكسىچە، دىنىي جەھەتتە ئاق بىلەن قارا ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن ئاقتاشلىق كىتابلارنى ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنى پەردازلاشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.»
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلقى رامىزاندىمۇ ئىلگىرى يىللاردىكىگە ئوخشاشلا ئۇيغۇر دىيارىدا ھۆكۈمەت خادىملىرى، پارتىيە ئەزالىرى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى، مەسچىتكە كىرىشىنى چەكلەپلا قالماي، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتكەن ئىدى.
ياۋروپادىكى «جەنۇبىي موڭغۇلىيە خەلق پارتىيىسى» نىڭ رەئىسى تەمسىلتومۇ خىتاينىڭ مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئىقتىدارسىزلىقىنى تەستىقلىغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى شەرتسىز بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇۋاتقانلىقى ۋە دىنغا باغلاپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتايدا تىنچلىق بىلەن، ئىدراك بىلەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان قائىدە - پرىنسىپ ۋە ئەخلاق يوق. ئۇلار ئۇيغۇرلارغا ئاتالمىش تېررور قالپىقىنى كىيدۈرۈپ، بىراقلا ئۇجۇقتۇرۇپ تاشلاشتەك ۋەھشىيانە ئۇسۇلدا مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇشمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ گۇناھىغا ئايلىنىپ قالدى. ھەتتا ساقال، بۇرۇت قويۇشمۇ جىنايەت سانالماقتا. ئۇلارچە بولغاندا، سەن كومپارتىيىگە شەرتسىز بويسۇنمايدىكەنسەن، قايسى خىل ئۇسۇلدا بولمىسۇن ئېتىرازلار بىلدۈرۈدىكەنسەن، دېمەك سەن ‹تېررورچى›. شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قوللىنىلىۋاتقان مىللىي سىياسىتى مانا بۇ!.»
ھالبۇكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتچىلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپلا قالماي، بىر قىسىم غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ يىللىق دوكلاتلىرىدىمۇ تەنقىدلەنگەن.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى بۇ يىللىق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ 2015 - يىلىمۇ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزگەن يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتلىرىنى «تېررورلۇق، ئەسەبىيلىك ۋە زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى زۆرۈر تەدبىر» دەپ ئاقلاپ كەلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
«خىتاي دېموكراتىك فېدىراتسىيونى» نىڭ باش كاتىپى پەن يۇڭدۇڭنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدىكى دىنىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ھەرقانچە ئاقلىسىمۇ، بۇنىڭ ئاقىۋىتى خىتاي ئويلىغاندەك چىقماي قېلىشمۇ مۇمكىن ئىكەن. ئۇ، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى مىللىي سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ قارشىلىقلارنى روياپقا چىقىرىپلا قالماي، كەلگۈسىدە كۈچلۈك مىللىي توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالدى.
ئۇ شۇنداق دەيدۇ: «خىتايدىكى بارلىق مىللىي توقۇنۇشلارنىڭ جاۋابكارى كومپارتىيە. كومپارتىيە ئۇيغۇر، تىبەت رايونلىرىدا خاتا سىياسەت يۈرگۈزۈپلا قالماي، خىتاي خەلقىدە يەرلىك مىللەتلەرگە نىسبەتەن ئۆچمەنلىك ھېسسىياتلىرىنى ئۇلغايتىشقا بىۋاسىتە قۇتراتقۇلۇق قىلماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي جەھەتتىن بولسۇن، ساياھەت ۋە تىجارەت جەھەتتىن بولسۇن، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە كەمسىتىشلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدا تېخىمۇ ئېغىرلىقىنى ئاڭلاۋاتىمىز. بۇ سىياسەت كەلگۈسىدە ئۇيغۇر - خەنزۇ مىللەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولىدۇ.»
«خىتاي دېموكراتىك فېدىراتسىيونى» نىڭ رەئىسى فېي لياڭيۇڭمۇ خىتاينىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىسىگە تۇتۇۋاتقان مۇئامىلىسىنىڭ خاتالىقىنى، بۇ خىل خاتا سىياسەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى رادىكاللىققا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ بۇ خۇسۇستا شۇلارنى تەكىتلىدى: «ھەر بىر ئىنسان ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە. بىرلىرى، يەنە بىرلىرىنى ئېتىقاد جەھەتتە پەرقى بولغانلىقى ئۈچۈنلا جازالىسا، باشقىلارنىڭ ئېتىقادىنى قوبۇل قىلالمىغانلىقى ياكى چۈشىنەلمىگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۇنى باستۇرۇپ، ئۆزىنىڭ دۇنيا قارىشىنى تېڭىشقا ئۇرۇنسا، بۇ پۈتۈنلەي زومىگەرلىك ۋە ئۆكتەملىك بولىدۇ. دىننىڭ دۈشمىنى بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن ئۇيغۇرلارغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللىق ئېتىقادىنى بىر قانچە يىلدا سىياسىي بېسىملار بىلەن يوقىتىشقا ئۇرۇنماقتا. بۇنداق يولسىز بىر سىياسەت، مۇقەررەر ھالدا ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ رادىكال قارشىلىقلارغا مەجبۇرلايدۇ.»
خىتاي زىيالىيسى مەن يەن كومپارتىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا قوللىنىۋاتقان دىنىي جەھەتتىكى باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە توختالغاندا، يالغۇز ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، خىتايدىكى كۆپلىگەن دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى خەلقلەرنىڭمۇ زەربىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە مەسىلىنىڭ تۈپ نېگىزى يەنىلا ھاكىمىيەت بېشىدىكى كوممۇنىستىك پارتىيە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي كومپارتىيىسى ئەمەلىيەتتە، قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەتتا خىتايلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، كومپارتىيە ئىشىنىشكە رۇخسەت قىلمىغان نەرسىگە ئىشىنىدىكەن، ئۇنى باستۇرۇپ تاشلايدۇ.»
مەن يەن يەنە، شۇلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى: «ئۇيغۇرلارنى، ئۇلار پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتىدۇ، دەپ قاراش بىر تەرەپلىمىلىك. ئەگەر سەن كومپارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىساڭ، كومپارتىيەنىڭ بۇيرۇغان ئىشىنى قىلساڭ، ئۇ سېنى باستۇرمايدۇ. كومپارتىيەنىڭ باستۇرىدىغىنى، ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش مەۋقەدە بولمىغان بارلىق ئىنسانلاردۇر.»
دالاي لامانىڭ ياۋروپادىكى ۋەكىلى لوفاڭنىما نۆۋەتتىكى خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار ئورتاقلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى ھەمدە ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل پائالىيەتچىلىرىنى خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى تېخىمۇ يېقىن ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىردى.
ئۇ شۇلارنى تەكىتلىدى: «ئۇيغۇر، تىبەت خەلقلىرىنىڭ مىللىي مەسىلىلەردىكى تەسىراتلىرىدا ئورتاقلىق بار. بىز ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. بىزنىڭ غايىمىزمۇ بىردەكلىككە ئىگە. شەرقىي تۈركىستانلىقلار، موڭغۇللار، تىبەتلىكلەر بىر سەپتە جەڭ قىلىشقا، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش يولىدا ئورتاق كۈرەش قىلىشقا ئېھتىياجلىق. دېمەكچىمەنكى، خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتى ئاستىدىكى ھالىمىزدا بىزنىڭ ھېچقانداق ئارتۇقچە پەرقىمىز يوق. بەلكى ئۇيغۇرلار تىبەتلىكلەردىن بەتتەر خارلانماقتا. بىز بۇ ئاسارەتكە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىشىمىز لازىم.»
0:00 / 0:00