16-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى گېڭ شۇئاڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 4-قېتىملىق ۋەكىللەر يىغىنىدىكى مۇستەملىكىچىلىكنى يوقىتىش ھەققىدىكى مۇنازىرىدە سۆز قىلغان. يەنى ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ زىيانكەشلىكى ھەققىدە ئورتاق ھېساب سوراشقا، مۇستەملىكىچىلىكنىڭ قالدۇق زەھەرلىرىنى تۈپتىن تازىلاپ، ھەققانىيەتنى قوغداپ، تېخىمۇ ئادالەتلىك خەلقئارا سىستېما قۇرۇپ چىقىشقا جىددىي چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار ئۈستىدە مۇستەملىكىچىلىك سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاينىڭ خەلقئارا سەھنىلەردە مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇشتەك مەيدانىنى بىلدۈرۈشى ھەقىقەتەن كۈلكىلىك!
دەرۋەقە، كوممۇنىست خىتاي ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خەلقئارادا ئۆزىنى مۇستەملىكىچىلىككە قارشى دۆلەت سۈپىتىدە كۆرسىتىپ كەلدى. بولۇپمۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە ماۋ زېدۇڭ رەھبەرلىكىدىكى كوممۇنىست خىتاي ئۆزىنى ئاتالمىش ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنىڭ داھىيسى ئاتاپ، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى كۈرەشلەرنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى. ئەكسىچە، كوممۇنىست خىتاي ئۇيغۇرلار ئۈستىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش «ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتى» دە مۇستەملىكىچىلىك ناھايىتى ئېنىق گەۋدىلىنىپ، خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش نەزەرىيەسى بىلەن ئەمەلىيىتى ئارىسىدا زىددىيەت شەكىللەندۈردى.
خىتاي كوممۇنىستلىرى 1949-يىلى 10-ئايدا دۆلەت قۇرغاندىن كېيىن، خەلقئارادا تېز سۈرئەتتە ئۆزىنىڭ ئىمپېرىيالىزمغا ۋە مۇستەملىكىچىلىككە قارشى مەيدانىنى ئېنىق ئىپادىلىدى. ئارقىدىنلا ئوتتۇرا شەرق، ئاسىيا ۋە لاتىن ئامېرىكاسىدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىگە زور كۈچ بىلەن ياردەم قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ ئاتالمىش غەرب ئىمپېرىيالىستلىرىغا قارشى ئوبرازىنى تىكلىمەكچى بولغانىدى. ماۋ زېدۇڭ بۇ ۋاقىتتا ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنى ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىشىپ، غەرب ئىمپېرىيالىستلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىشقا چاقىردى. بولۇپمۇ 1955-يىلى ھىندونېزىيەنىڭ باندوڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا-ئافرىقىلىقلار يىغىنىدا ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ رەھبىرىلىك ئوبرازىنى تىكلەشكە ھەرىكەت قىلدى. ئەينى يىلى ھىندونېزىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەر بولسا، ئاسىيا ۋە ئافرىقا ئەللىرىدىكى مۇستەملىكىچىلىكتىن يېڭىلا قۇتۇلغان دۆلەتلەر ئىدى. شۇڭا يىغىندىمۇ مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش ۋە داۋاملىق ھالدا مۇستەملىكە ئاستىدا تۇرۇۋاتقان مىللەتلەرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە ياردەم بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەر باش تېما بولغانىدى. مانا مۇشۇنداق بىر ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا كوممۇنىست خىتاي ئۆزىنى مەنچىڭ خانىدانلىقىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىن باشلاپ چەت ئەل ئىمپېرىيالىستلىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان، مۇستەملىكىچىلىكنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى بىر خەلق سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە باشلىدى. كوممۇنىست خىتايغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مىللەتلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىمپېرىيالىزمغا قارشى تۇرۇش بولسا، ئەينى چاغدىكى ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىدىكى ئىستراتېگىيە ئىدى. لېكىن بۇ خىل مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش پوزىتسىيەسىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بىلەن ئىچكى جەھەتتە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتى پۈتۈنلەي پەرقلىق بولدى.
1949-يىلىنىڭ ئاخىرى كوممۇنىست خىتاي ھەربىي ۋە سىياسىي كۈچى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنى «تىنچ ئازاد قىلىش» نامىدا ئۆز تېررىتورىيەسىگە كىرگۈزدى. لېكىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ جەريان ئەزەلدىن «تىنچ ئازاد قىلىش» بولغان ئەمەس. ئەكسىچە، شەكلى ئۆزگەرگەن مۇستەملىكىدۇر. دەرۋەقە، ئۇيغۇر ئېلى تۇپرىقى مۇنبەت، بايلىقلىرى مول، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى مۇھىم بولغان بىر زېمىن بولۇش سۈپىتىدە، مۇستەملىكە قىلىنغاندىن كېيىن، كوممۇنىست خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنىڭ ئاساسىغا ئايلاندى. بۇ ۋەجىدىن كوممۇنىست خىتاي ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇستەملىكىچىلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن خىتاي ئاققۇن ئاھالىلىرىنى زور مىقداردا كۆچۈرۈپ كەلدى. كۆپ ساندىكى ئەسكىرىي كۈچ بىلەن زور ساندىكى خىتاي ئاھالىلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، بۇ رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ھۆكۈمرانلىق ئورنىتىش ۋە يەر ئىگىلەشنىڭ ئۆزى تىپىك مۇستەملىكىچىلىك ئىدى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ زور كۆلەمدە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بايلىق مەنبەلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، دىنى ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكىگە بولغان خىرىسلىرىمۇ كۈنسايىن زورايدى.
ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ھۆكۈمرانلىق ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزى دەل مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئۇسلۇبى بولۇپ، مۇستەملىكىچىلىك نەزەرىيەسىدىن ئېيتقاندا، مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەت كۆپىنچە يەرلىك خەلقلەرنى مەدەنىيەتتە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي كونترول قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىدە بولسا خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى، دىنىي ئېتىقادنى چەكلەش ۋە مىللىي كىملىكنى يوقىتىش قاتارلىق سىياسەتلەر 1949-يىلىدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى. ئۇ ئۇيغۇرلارنى ئىدارە قىلىشتا، بۇ زېمىننى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇشتا ھەربىي كۈچ، قوراللىق ساقچى كۈچى ۋە خىتايلاردىن تەشكىللەنگەن بىڭتۈەننىڭ كۈچىدىن پايدىلاندى.
دەرۋەقە، گېڭ شۇئاڭ ب د ت يىغىنىدا خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغىنىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى تارىخىي قىسمەتلىرى ۋە بۈگۈنكى رېئاللىقى ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ يالغانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويدى. كوممۇنىست خىتاي ئەسلىدىنلا ئۇيغۇرلارنى مۇستەملىكە قىلىۋاتقان بىر دۆلەت سۈپىتىدە، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش شوئارىنى قايسى سالاھىيەت بىلەن ب د ت دا تىلغا ئالالايدۇ؟
گېڭ شۇئاڭ تارىختىكى شۇ مۇستەملىكىچىلەرنىڭ «تارىخىي جىنايەتلىرى» نى بىرىنى قويماي تىلغا ئېلىۋاتقىنىدا، ئەجەبا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، لاگېرلارغا قاماش، مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىگە چەكلىمە قويۇش ۋە مىللىي مائارىپلىرىدىن ئايرىش، كوللېكتىپ كۆچۈرۈش قىلمىشلىرى، بولۇپمۇ ئامېرىكا باشچىلىقىدا بىر قىسىم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ئېتىراپ قىلغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ئوخشاشلا مۇستەملىكىچىلىك بولىدىغانلىقىنى؛ خەلقئارانىڭ ئادالىتى ۋە ھەققانىيىتى ھەققىدە سۆز قىلغىنىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىپ، ئادالەتسىزلىك قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەمدۇ؟
گېڭ شۇئاڭنىڭ دېيىشىچە، غەرب ئەللىرى بۇرۇن خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللەتلەرنى مۇستەملىكە قىلىپ، ئۇلارغا ئېغىر زىيانكەشلىكلەرنى ئېلىپ كېلىپلا قالماي، بەلكى ھازىرمۇ بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىۋېتىپتىمىش. ھالبۇكى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشى ھېسابلانمايدىغانلىقىنى گېڭ شۇئاڭ ئۇنتۇپ قالغانمۇ؟
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى سابىق يۇگوسلاۋىيەنىڭ پارچىلىنىشى بالقان ئۇرۇشىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولدى. بۇ جەرياندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئۇرۇش جىنايىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىپ، «كىشىلىك ھوقۇق، ئىگىلىك ھوقۇقتىن مۇھىم» دېگەن بۇ قاراش بالقان رايونلىرىدىكى بۇ پاجىئەلەرنى توختىتىشتا ئىنتايىن زۆرۈر بولدى. خەلقئارا جەمئىيەتمۇ دەل «كىشىلىك ھوقۇق، ئىگىلىك ھوقۇقىدىن مۇھىم» قارىشى بويىچە بۇ رايوندىكى مەسىلىلەرگە ئارىلىشىپ، رايوندىكى ئۇرۇش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ توختىلىشىنى قولغا كەلتۈردى. ھەتتا كوسوۋونىڭ مۇستەقىل بولۇش يولىمۇ دەل «كىشىلىك ھوقۇق، ئىگىلىك ھوقۇقتىن مۇھىم» شوئارى ئاساسىدا رېئاللىققا ئايلاندى. شۇ ۋاقىتلاردىن بۇيان، خەلقئارا جەمئىيەتتە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھېچبىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەسلىكىدە ئورتاق قاراش ھاسىل قىلىنغانىدى. لېكىن گېڭ شۇئاڭ بايانىدا، بۇ نۇقتىنى نەزەردىن پۈتۈنلەي ساقىت قىلدى.
خۇلاسىلىگەندە، گېڭ شۇئاڭنىڭ ياكى كوممۇنىست خىتاينىڭ ب د ت يىغىنىدا مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرىدىغانلىقى ھەققىدىكى بايانى سېپى ئۆزىدىن خەلقئارالىق ساختىپەزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۈستىدە يۈرگۈزگەن مۇستەملىكە سىياسىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خەلقئارادا كۆتۈرۈپ يۈرگەن «مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش» شوئارىغا پۈتۈنلەي زىت بولغان بىر قىلمىشتۇر. بۇ خىل زىددىيەتلىك قىلمىشنىڭ ئۆزىلا خىتاينىڭ ئۆز ئىچىدىكى مىللىي زىددىيەتلەرنى «ئېغىر باستۇرۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىۋاتقان» لىقىنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ. بۇ خىل ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتتىكى قوش ئۆلچەم، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى تېخىمۇ خۇنۈكلەشتۈرۈپلا قالماستىن، ئاقىۋەتتە خىتاينىڭ «مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش» نىقابى ئاستىدىكى ھەقىقىي قىياپىتىنى دۇنياغا كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]