خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» ۋە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نى ماقۇللىغاندىن كېيىن چەتئەللەردىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، بۇ قانۇنلارنىڭ خىتايدىكى يېڭى «خەلق ئۇرۇشى» شەكلىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قانۇنلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئالغا سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن بولغان زىچ مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالدى.
خىتاينىڭ 2016-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» دا ھەممىدىن بەكرەك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان نۇقتا ئۇنىڭدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇق» قا قانداق تەبىر بەرگەنلىكى بولدى. ئون بابلىق مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنىڭمۇ مەركىزى نۇقتىسى مۇشۇ بولۇپ، ئۇنىڭدا «زوراۋانلىققا، بۇزغۇنچىلىققا ياكى تەھدىتكە چېتىشلىق ھەرقانداق ھەرىكەت ياكى تەشەببۇس، شۇنداقلا جەمئىيەتتە قورقۇنچ پەيدا قىلىش، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە تەھدىت سېلىش، خۇسۇسىي ھوقۇق ۋە مال-مۈلۈك ھەقلىرىگە دەخلى-تەرز قىلىش، شۇنداقلا سىياسىي، ئىدېئولوگىيە ياكى باشقا جەھەتلەردىكى مەقسەتلەرگە يېتىش ئۈچۈن دۆلەتكە قاراشلىق ياكى خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى كونترول قىلىۋېلىش» قىلمىشلىرى تېررورلۇق ھېسابلىنىدىغانلىقى بېكىتىلگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن ئارقا-ئارقىدىن بۇ خىلدىكى قانۇن ۋە نىزاملارنى تۈزۈپ چىقىشقا موھتاج بولۇپ قالغانلىقى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى دائىرىلەرنىڭ 2016-يىلى ئىچىدە «ش ئۇ ئا ر نىڭ دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى نىزامى» نى تۈزۈپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىشى ھەققىدە توختىلىپ، «بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا يوچۇق ئېچىش» دەپ كۆرسەتتى.
خىتايدىكى بۇ قانۇنلارنىڭ رەسمىي يولغا قويۇلۇشى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان مۇتەخەسسىسلەردىن «دىپلومات» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى شاننون تېزى ۋە گېرمانىيە ماكس پلانك ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى جۇ زۇنيو بىردەك ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا دائىم تېررورلۇق قىلمىشىنىڭ تەبىرى ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان سۆزلەردىن «تېررورلۇق ھەققىدىكى خىيال» ئاتالغۇسىنىڭ چىقىرىۋېتىلگەنلىكىگە، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئورنىغا «تەشەببۇس» سۆزىنىڭ سەپلەنگەنلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلغان.
شاننون تېزى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ ھازىرقى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار رايونىدا ئارقا-ئارقىدىن داۋام قىلىۋاتقان تۈرلۈك شەكىلدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يېڭىدىن تۈزۈلگەن «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» دىكى تېررورلۇقنىڭ تەبىرى ھەققىدىكى ماددىلارغا تولۇق چۈشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ خىلدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇنتىزىم قوراللىق كۈچلەر ئارقىلىق باستۇرۇشتىن باشقا، يەنە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك دەپ قارالغان «خەلق ئۇرۇشى» ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ بۇنىڭغا مىسال تەرىقىسىدە 2014-يىلى 1-ئاۋغۇست كۈنى خوتەندىكى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ پۇرچاقچى يېزىسىدا يەرلىك دېھقانلاردىن ئوتتۇز نەچچە مىڭ كىشىنىڭ سەپەرۋەر قىلىنىپ، قوناقلىققا يوشۇرۇنۇۋالغان ئون كىشىلىك «تېررورچىلار گۇرۇھى» نى تارمار قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
ئالاقىدار ئۇچۇرلاردا شۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتى «خەلق ئۇرۇشى»غا قاتناشقان دېھقانلارغا جەمئىي 300 مىليون سوم مۇكاپات تارقىتىپ بەرگەنلىكى كۆپلەپ خەۋەر قىلىنغان ئىدى. ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكەت توغرىلىق «تېررورلۇققا غەزىپى قايناپ تاشقان خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىپ تەشكىللەنگەن» لىكى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشىمۇ مەتبۇئاتلاردىن يەر ئالغان ئىدى. خوتەندىكى ئاشۇ قېتىملىق «خەلق ئۇرۇشى»غا ئوخشاپ كېتىدىغان ھەرىكەتلەر باشقا جايلاردىمۇ كۆپ قېتىم كۆرۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى چوڭراق بىر قېتىملىقى 2015-يىلى نويابىر ئېيىدا باي ناھىيىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئون مىڭ كىشىلىك دېھقانلار «قوشۇنى» نى سەپەرۋەر قىلىش ھەرىكىتى بولۇپ، دائىرىلەر شۇ قېتىم باي كۆمۈركانغا ھۇجۇم قىلغانلارنى تۇتۇشنى نىشان قىلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلار دىيارىدا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ 2016-يىلىدىن 11-ئاپرېلدىن باشلاپ «زوراۋان تېررورلۇق جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلىغان كىشىلەرنى مۇكاپاتلاش چارىسى» نى ئېلان قىلىپ، «تېررورلۇق» قا دائىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى بەش مىليون سومغا قەدەر مۇكاپاتلاش ھەققىدە ۋەدە بېرىشى مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.
ئامېرىكىدىكى «يېڭى ئامېرىكا ۋەخپى» نىڭ تەتقىقاتچىسى پاترىك مېيېر بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشكە ماس ھالدا قىسقىغىنە يىگىرمە يىل ئىچىدە «خەلق ئۇرۇشى» سېپىنى بەرپا قىلغانلىقى ۋە شۇ ئارقىلىق «تېررورلۇق» قار قارشى تۇرماقچى بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ: «1990-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى مانا مۇشۇ يوسۇندا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سالغۇچى مەسىلىلەر دەرىجىسىگە كۆتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بالىلار، ئاياللار، شۇنداقلا ھەممەيلەن ‹خەلق ئۇرۇشى› دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىشقا مەجبۇرلاندى. ھەممەيلەن بۇ ئىشقا بىر ياقىدىن باش چىقىرىشقا بۇيرۇلدى. بۇ ‹ئۇرۇش› ئۈچۈن ‹قاتتىق› قوراللار، ‹ئۆتكۈر› قەلەملەر، شۇنداقلا ئىشلەتلىكى بولىدىغانلىكى نەرسىنىڭ ھەممىسى ئىشلىتىلدى. مۇشۇ تەرىقىدە بۆلگۈنچىلىك ۋە مىللەتچىلىك خاھىشى جىنايى قىلمىشلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىلدى. يەنى ئەمدىلىكتە ئۇلار ئىدېئولوگىيىلىك مەسىلىلەر قاتارىدا سانالمايدىغان بولدى. دەرۋەقە، ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە مەنسۇپ بۇ ھادىسىلەر ياكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر بىلەن كۈرەش قىلىشتا جىنايى قىلمىشلارغا قارشى تۇرۇشتا قوللانغان ئۇسۇلنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. شۇڭا ‹قاتتىق زەربە بېرىش› پائالىيەتلىرى، ساقچى ۋە قاتمۇ -قات نازارەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش، كىشىلەرنى ھەر قەدەمدە توختىتىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ‹خەلق ئۇرۇشى› يارىتىش ئەھۋالى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار رايونىدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ھېچقانچە مۇۋەپپەقىيەت ئېلىپ كېلەلمىدى.»
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى 1-نومۇرلۇق ھوقۇقدار شەخس جاڭ چۈنشيەننىڭ بىرنەچچە قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىدا ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغان «خەلق ئۇرۇشى ئارقىلىق تېررورچىلارنى كوچىدا ئۇر-ئۇرغا قالغان چاشقانغا ئايلاندۇرۇش» ئىستراتېگىيىسى ھازىرقى كۈنلەردە ئۇيغۇرلار دىيارىدا يەنە بىر خىل شەكىلدە، يەنى ئۇيغۇرلاردىن چىققان دېھقان رەسساملارنىڭ قوللىرى ئارقىلىق «سەنئەت» دېگەن نامدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم. پاترېك مېيېر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، بۇنىڭدىكى مەقسەتنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارنى بىر-بىرىگە قارشى قويۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا بۇ خىلدىكى «خەلق ئۇرۇشى» ئۇسۇلىدا نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى مۇئەييەن مىقداردىكى «ماددىي بايلىق» مۇكاپاتىغا قىزىقتۇرۇش ۋاسىتىسىنىڭ ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىنى پارچىلاپ ۋە ئۇلارنىڭ ئىچكى ئۇيۇشچانلىق كۈچىنى قاتتىق خورىتىۋەتكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى: «بۇ بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان ئاخىرقى نۇقتا ‹خەلق ئۇرۇشى›. 1996-يىلىدىن باشلاپ مۇشۇ ‹خەلق ئۇرۇشى› مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان. ئەمما ھازىر بۇ ئەھۋال باشقىچە شەكىلدە بىخ تارتىۋاتىدۇ: جەمئىيەتتىكى ھەر بىر شەخستىن ئاتالمىش ‹ئەسەبىيلىك› ئىدىيىلىرىگە قارشى تۇرۇش تەلەپ قىلىنىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆيدە ‹قۇرئان› ئوقۇۋاتقانلىقىنى ھۆكۈمەتكە پاش قىلسا، بالىلار قوشنىلارنىڭ مۇشۇنداق ئىشلىرىنى پاش قىلسا... بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇلار مۇكاپات ئالىدۇ. ئەگەر ھەممە ئادەم مۇشۇ شەكىلدە بىر-بىرىنى نازارەت قىلغىلى تۇرسا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىچكى ئۇيۇشچانلىقى ئاجىزلاپ ماڭىدۇ. چۈنكى بىز ھەممىمىز ئىنسان، شۇنداق بولغانىكەن، بىز ھەممىمىز ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ياكى شۇنداق بىر مۇكاپاتقا خۇشتار كېلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىز باشقىلارنى پاش قىلىشقا كىرىشىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. ئەگەر سىز بىرەر يېزىنىڭ باشلىقى بولۇپ قالسىڭىز، سىزنىڭ تەۋەلىكىڭىزدە مۇشۇ خىلدىكى قائىدە-تۈزۈملەرگە بويسۇنمىغان كىشىلەر بايقىلىپ قالسا، ئۇ چاغدا بۇنىڭغا سىز مەسئۇل بولىسىز ۋە سىز جازالىنىسىز.»
دەرۋەقە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى «خەلق ئۇرۇشى» ئارقىلىق ئۇيغۇرلار رايونىدىكى «تېررورلۇق» قا قارشى تۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقى بۇ يىل 15-ئاپرېلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار رايونىدىمۇ «ئومۇمىي خەلقنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى بويىچە تەشۋىق-تەربىيە كۈنى» قىلىپ بېكىتىلىشىدە تېخىمۇ روشەن ئەكس ئېتىۋاتقانلىقى مەلۇم.