خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىدىكى ئاكادېمىيە ۋە پىكىر ئەركىنلىكى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.03.07
Qurbanjan-semet-leksiyesi-resim.jpg قۇربانجان سەمەتنىڭ ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا بەرگەن «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق لېكسىيەسىدىن كۆرۈنۈش
Social Media

ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە قۇرۇۋالغان خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرى بىلەن بولغان قويۇق ئالاقىسى دىققەت قوزغاشقا باشلىدى. بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ماقالىلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئارقىلىق ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرىدىكى ئاكادېمىيە ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە جىددىي رەۋىشتە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى قوللىنىپ، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ سىياسەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. شۇلار قاتارىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى، جۈملىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىمۇ دىققەت قوزغىغان تېمىلارنىڭ بىرى. يېقىندا ئامېرىكا بىخەتەرلىك ۋە ئىستىخبارات ئورگانلىرى مەسئۇللىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئورگانلىرىنى نىشانغا ئالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پروفېسسور، ئىلمىي تەتقىقاتچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى جاسۇسلۇققا سېلىشقا ئوخشاش غەيرىي ئەنئەنىۋى جاسۇسلۇق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۈگۈن، ئامېرىكىدىكى «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ قولى ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلارغىچە يېتىپ كىردى» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە بۇ ھەرىكىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەنىكەن. مەزكۇر گېزىت ماقالىسىدە، ئامېرىكىدىكى «خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە تەتقىقاتچىلار ئۇيۇشمىسى» (CSSA) نىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن بولغان قويۇق ئالاقىسىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا بۇ ئۇيۇشمىلارنىڭ داۋاملىق ھالدا شۇ جايلاردىكى خىتاي كونسۇلخانىلىرىدىن پۇل ئېلىپ تۇرىدىغانلىقى ۋە بۇ ئۇيۇشمىلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ رەسمىي ھالدا ئۆزىنى «خىتاي ئەلچىخانىسى باشقۇرۇشى ئاستىدىكى» دەپ تونۇشتۇرىدىغانلىقىنى بايقىغان.

مانا بۇ ئۇيۇشمىلارغا ئەزا بولغان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ۋە ھەتتا بەزى ئۇيۇشما باشلىقلىرى ئۆز ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 2016-يىلىدىن بېرى خىتاي كونسۇلخانىلىرىنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىلەن ئالاقىنى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا سىياسىي-ئىدىيە تەربىيەسىنى قاتتىق چىڭىتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي كونسۇلخانىلىرى بېيجىڭدىكى 19-قۇرۇلتاي ئېچىلىش ئالدىدا ھەرقايسى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرىغا ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى 19-قۇرۇلتاينى تېلېۋىزوردىن كۆرۈش، قۇرۇلتايدىكى نۇتۇقلارنى ئۆگىنىش ۋە ئۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۇ پائالىيەتلەر ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقانلارنى رەسىمگە تارتىپ ئەۋەتىپ بېرىشكە بۇيرۇغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق قويۇق سىياسىي-ئىدىيە بېسىمدىن بىئارام بولۇشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتقان.

بۈگۈن، ئامېرىكىدىكى نيۇ-يورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى، خىتاي مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى دوكتور شا مىڭ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۇرغۇن يىللاردىن بېرى ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا دىققەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلار ھەممىسى خىتاي جەمئىيىتىدىكى يۇقىرى ئورۇندىكى ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرى. شۇڭا ئۇلار كېيىن جەمئىيەتكە چىققاندىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىدۇ. مانا شۇ سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتى ناھايىتى نۇرغۇن يىللار ئىلگىرىلا بۇ ئوقۇغۇچىلارنى كونترول قىلىش، ئۇلارنىڭ سىياسىي ئىدىيە تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇشقا جىددىي قاراپ كەلگەن. ئۇلار بۇنى ‹خىتاي تەتقىقاتچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى› ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغان. ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئامېرىكىدىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتلارغىچە بولغان ئۇنىۋېرسىتېتلاردا خىتاي كومپارتىيەسىگە ياقمايدىغان تېمىلارنى، كىشىلەرنى، پائالىيەتلەرنى بايقۇت قىلىپ كەلگەن. ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى شۈبھىسىزكى، خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋە ئۇلارنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغانلارمۇ خىتاي كونسۇلخانىلىرىدۇر».

شا مىڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، «خىتاي تەتقىقاتچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» ۋە ئۇنىڭ تارماق ئۇيۇشمىلىرى ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتمەكتىكەن. خىتاي كومپارتىيەسى بۇ ئۇيۇشمىلار ئارقىلىق مەكتەپلەردىكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە يارىمايدىغان ھەرقانداق بىر پائالىيەت بولسا، مەسىلەن، بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ كىتابلىرىنى، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى، ياكى دالاي لاماغا ئوخشاش ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى مەكتەپلەرگە تەكلىپ قىلىدىغان ئىشلارنى، ھەتتا ئۇيغۇر سۆزلىگۈچىلەر بار بولغان يىغىنلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا دەرھال نامايىش ئۇيۇشتۇرۇش ۋە بايقۇت قىلىش ئارقىلىق توسقۇنلۇق قىلىدىكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا قىلىۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر تۈرىنىڭ بۇ يەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق داۋاسىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات چولپىنى بولغان ئۇيغۇر فوتوگراف قۇربانجان سەمەتنىڭ 2015-يىلى ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا بەرگەن ‹مەن شىنجاڭدىن كەلدىم› ناملىق لېكسىيە پائالىيىتىنى دەل مۇشۇ ‹خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە تەتقىقاتچىلار ئۇيۇشمىسى› ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە يېقىندا ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىنى «مەن شەرقىي تۈركىستانلىق» دەپ تونۇشتۇرغىنى ئۈچۈن خىتاي ساۋاقداشلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراش ۋەقەسىنىمۇ مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.

«تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي كونسۇلخانا خادىملىرى داۋاملىق ھالدا بۇ ئۇيۇشتۇرما باشلىقلىرىدىن كونسۇلخانىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىپ-قىلمىغانلىقىغا دائىر رەسىم ياكى دوكلات قاتارلىق ئىسپاتلارنى تەلەپ قىلىپ تۇرىدىكەن ۋە ئۇنى يۇقىرىغا يوللايدىكەن. شۇڭا خىتاي ئوقۇغۇچىلارمۇ خىتاي كونسۇلخانىسى بىلەن يامانلىشىپ قېلىپ، ئۆزىگە ئىش تېرىشنى خالىمايدىكەن.

دوكتور شا مىڭ ئەپەندىنىڭ بىزگە ئېيتىشىچە، خىتاي كونسۇلخانا خادىملىرى ئامېرىكىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى بىر-بىرىنى نازارەت قىلىشقا سالىدىكەن ھەم ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكىدىكى ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ خىتايغا قايتقاندا بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ خىتاي كونسۇلخانىسى بىلەن يېقىن ئالاقە ئىچىدە بولۇپ-بولمىغانلىقىغا قاراپ تۇرۇپ، ئۇلارغا «تەۋسىيە خېتى» يېزىپ بېرىدىكەن ياكى خىتاي ئىچىدە خىزمەت تېپىش قاتارلىق باشقا نۇرغۇن ئىشلىرىغا ياردەم قىلىدىكەن. شۇڭا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار خىتاي كونسۇلخانىسىغا يېقىن تۇرۇپ، ئۇلار نېمە دېسە شۇنى قىلىدىكەن. شا مىڭ ئەپەندى سۆزىدە يەنە؛ «بۇ يەردە يەنە خىتاي كونسۇلخانىلىرى بىلەن ئالاقىسى بولمىغان ئوقۇغۇچىلارمۇ بار. ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاقىسى بولمىغان بىلەن باشقا دوستلىرى ياكى ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالاقىسى بارلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلارمۇ ئۆزىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىدۇ» دېدى.

شا مىڭ ئەپەندى سۆزىدە: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا ئۇزارغان قولىنى كېسىپ تاشلاش ئۈچۈن چوقۇم ئالدى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ دۆلەتتىكى پائالىيەتلىرىنىڭ توختۇتۇلۇشى كېرەك» دېدى. ئۇ، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىسى بولمىغان، مۇستەقىل ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى، ھەرقانداق بىر ئوقۇغۇچى تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىلىرىدىن پۇل ئېلىشىنىڭ قەتئىي چەكلىنىشى، بارلىق ئالاقىلىرىنىڭ ئۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

شا مىڭ ئەپەندى يەنە: «ئامېرىكىغا كەلگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇرغۇنلىرى ئوقۇش، بىلىم ئىگىلەش ئۈچۈن كەلگەن بولسىمۇ، بىر قىسىملىرى مەخسۇس خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جاسۇسلۇققا ۋە تىڭ-تىڭچىلىققا ئەۋەتىلگەن دەپ قارايمەن. شۇڭا ئامېرىكىدىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلار ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى مۇشۇ خىل كىشىلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئۇلارغا قارىتا تەدبىر قوللىنىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن باشقا گۇناھسىز ئوقۇغۇچىلارغا ئىشەنچ بەرگىلى، ئۇلارنى قوغدىغىلى ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن بىر پىكىر ئەركىنلىكى، دىنغا ئىشىنىش ئەركىنلىكى، ئاكادېمىيە ئەركىنلىكى ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكى بولغان بىر جەمئىيەتتە ياشاۋاتقانلىقىغا ئىشەندۈرگىلى بولىدۇ. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلارغىچە ئۇزارغان قولى كېسىلمىگەن تەقدىردە، مەيلى خىتايدىن قانچە كۆپ ئوقۇغۇچى كېلىپ ئامېرىكىدا ئوقۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارنىڭ يۇقىرىدىكى ئەڭ مۇھىم قىممەت قاراشلىرىنى ئۆگىنىشى، ئۇنىڭدىن بەھىرلىنىشىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس» دېدى.

يېقىنقى ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ھەتتا ئامېرىكىدىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ھەر قايسى ئەللەردىن كەلگەن ساۋاقداشلىرى ئالدىدا ئۆزىنى «شەرقىي تۈركىستاندىن كەلدىم» دەپ تونۇشتۇرغانلىقى ئۈچۈن شۇ سىنىپتىكى خىتاي ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۇنى «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن «خىتاي كونسۇلخانىسىغا ئەرزى قىلىمىز» دەپ تەھدىت سېلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ۋە شا مىڭ ئەپەندىلەر سۆزىدە، نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىنى بايقىغانلىقىنى ۋە ئاللىقاچان بەزى تەدبىرلەرنى ئېلىشنى باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.