خىتاينىڭ بەش ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتىنى يېنىغا تارتىشىدىكى ئارقا كۆرۈنۈشى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2023.05.17
xitay-ottura-asiya-shangxai-hemkarliq-1.JPG شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سەمەرقەنت باشلىقلار يىغىنى، 2022-يىلى سېنتەبىر، سەمەرقەند.
Reuters

خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئىقتىسادىي كېڭەيمىچىلىك قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارغا قەرز توزاقلىرى قۇرغانلىقى خېلىدىن بېرى دىققەت قىلىنىۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرى ئىدى. ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرى يەنىلا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش يولىغا ماڭماقتا.

يېقىندا «ئەركىن ياۋروپا رادىيوسى» تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، تاجىكىستاننىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى 5-ئاينىڭ 18-، ۋە 19-كۈنلىرى خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىگە كېلىپ، خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشىدىكەن. بۇ شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ بەش دۆلەت رەھبىرىنى تۇنجى قېتىم مەخسۇس خىتايدا كۈتۈۋېلىشى ھېسابلىنىدىكەن. 2022-يىل 1-ئايدا، خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن توردا ئۆتكۈزۈلگەنىدى.

خىتاي تاراتقۇلىرىدا شى جىنپىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشى ھەققىدە كۆپلىگەن خەۋەر ۋە تەشۋىقاتلار بېرىلگەن بولۇپ، خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورى «خىتايدا ئۇچرىشىش: تاغ-دەريادىن ھالقىغان دوستلۇق» دېگەن ھۆججەتلىك فىلىمنى تارقاتقان.

خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، «دەۋر بۆلگۈچ ھەمكارلىقنىڭ باشلىنىشى» دەپ تەرىپلەنگەن بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىش كۈنتەرتىپكە قويۇلغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا مەبلەغ سېلىش، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ۋىزىسىز ساياھەت قىلىش قاتارلىق ئىشلار مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

تۈركىيەدە سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىلمى بويىچە ئىلىم تەھسىل قىلغان خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا خىتاينىڭ بۇ قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت باشلىقلىرىنى چىللاپ كېلىشىدىكى سەۋەبلەرنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

مەلۇم بولغىنىدەك، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن خىتاينىڭ پۈتكۈل مەقسىتى ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن دەرھال دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش بىلەنلا قالماي، رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نى قۇردى. بۇنىڭلىق بىلەن قانائەتلەنمىگەن خىتاي 2013-يىل «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى باشلىدى.

«ئەركىن ياۋروپا رادىيوسى» تورىدا بېرىلگەن «خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇناسىۋىتى يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى: دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى، ۋىزىسىز ساياھەت، مەبلەغ سېلىش» ناملىق ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «نۆۋەتتە خىتاي نەچچە ئون مىليارد دوللارلىق ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى يېڭىدىن جانلاندۇرماقچى، شۇنداقلا قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان شىنجاڭ رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى نورماللاشتۇرماقچى. خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيانى ياۋرو-ئاسىياغا قاراتقان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قارايدۇ. خىتاي يەنە بۇ دۆلەتلەرگە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن كېيىن قايتا كۈچلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە بېشارەت بەرمەكچى».

ئىستانبۇلدىكى ساباھاتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورى بۇرھان ئۇلۇيول ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭەيمىچىلىك قىلىش يولىنى ئاچقانلىقى ۋە «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قۇرغان قەرز توزاقلىرى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

بۇرھان ئۇلۇيول ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ مەقسىتى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىلا ئەمەس، پاكىستان، سىرىلانكا ۋە ئافرىقا ئەللىرىدىكى نامرات دۆلەتلەرنىمۇ قەرزگە بوغۇپ، ئۆزىگە باغلىۋېلىش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش. غەرب ئەللىرى خىتاينىڭ بۇ رەزىل مەقسىتىگە قارشى تەدبىر ئېلىشقا باشلىدى.

يۇقىرىقى ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، «ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ھازىر خىتاينىڭ يېڭىدىن ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىسادىدىن مەنپەئەت ئالماقچى ۋە قوشنا رايون شىنجاڭ بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتمەكچى ئىكەن. قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ سودىسىدا شىنجاڭ بىلەن بولۇۋاتقان تىجارەت 40 پىرسەنتنى ئىگىلىگەن. مانا بۇلار شىنجاڭنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرگەن. گەرچە ئۆتكەن يىللاردا يۇقۇم سەۋەبىدىن خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئوتتۇرا ئاسىياغا سالغان مەبلىغى داۋاملىق كۆپەيگەن، 2020-يىلدا سالغان مەبلىغى 70 مىليارد دوللارغا يەتكەن».

مەمەتتوختى ئاتاۋۇللانىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن يېڭى ھەمكارلىق دەۋرى ئېچىشتىكى مەقسىتى، ئۆزىنىڭ خاراپلىشىۋاتقان ئىقتىسادىنى قۇتۇلدۇرۇش، ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش، ئۈچىنچىدىن، شەرقتىكى دېڭىز يولىغا تايىنىپ قېلىشتىن قۇتۇلۇپ، غەربتە قۇرۇقلۇق يولى ئېچىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئېنېرگىيە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.