خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى كۈچەيتىشى ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2022.12.16
shi-jinping-shawket-mirziyayev.jpg ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيايېۋ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىغا كەلگەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. 2022-يىلى 15-سېنتەبىر، سەمەرقەنت، ئۆزبېكىستان.
AP

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن تارقىتىدىغان «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى ھەمدە سودا كارخانا ۋەكىللىرىدىن تەشكىللىگەن تاشقى سودا زىيارەت ئۆمىكى ئوتتۇرا ئاسىيانى زىيارەت قىلىشقا ئاتلانغان.

خىتاينىڭ ئوتتۇر ئاسىياغا ئەۋەتكەن سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇنجى بېكىتى قازاقىستانغا يېتىپ كېلىپ، 12-ئاينىڭ 13-كۈنى سودا مۇنبىرى ئۆتكۈزگەن. ئۇلار ئۆز-ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتىن باشقا خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى قۇرۇش مېخانىزمى ۋە قوللاش سىياسىتىنى مۇزاكىرە قىلغان.

خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئىقتىسادىي ۋە سودا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشكە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ھەمكارلىق كېلىشىملىرى ۋە پىلانلىرىنى تۈزگەن.

خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، 2022-يىلى، 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، ئۇيغۇر رايونى بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى سودا مىقدارى 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، ئۇيغۇر رايونى تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %34.2 نى، خىتاي-قازاقىستاننىڭ ئومۇمىي سودا سوممىسىنىڭ %39.3 نى ئىگىلىگەن.

ئوتتۇرا ئاسىيا، مول كان بايلىقلىرى ۋە ياۋرو-ئاسىيا قاتناش كارىدورىغا ئىگە كەڭ زېمىن بولۇش سۈپىتى بىلەن، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشى ۋە غەربنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان جازاسى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى قاتارلىق خەلقئارالىق ۋەزىيەت تەسىرىدە، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە مەنبەسى ھەمدە قىتئەلەر ئارا ھالقىلىق قاتناش يولىغا ئايلانغانلىقى مەلۇم.

خەۋەر ۋە ئانالىزلاردىن مەلۇمكى، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاشۇرۇپ بارماقتا، بولۇپمۇ «شاڭخەي 6»، «بىر بەلۋاغ بىر يول» قاتارلىق ئارقىلىق ئورنىتىلغان مۇناسىۋەتلەر سەۋەبلىك، رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا خىتاينى نىسپىي ئەۋزەللىككە ئىگە قىلغان. ھازىر بار بولغان ئىككى تۇرۇبا يولى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا خىتاينى مۇقىم نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيدۇ.

9-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى مىرزىيويېف خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى سەمەرقەنتتە، داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى بىلەن كۈتۈۋالغانىدى. مۇراسىمىدىن كېيىن، شى جىنپىڭ باياناتىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «خىتاي بىلەن ئۆزبېكىستان ئىككى تەرەپ بىر بىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئەتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئورتاق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك». شى جىنپىڭ بۇ سۆزلەرنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىغىنىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە ئوخشاش تەكىتلىدى.

قازاقىستان دۆلەت نېفىت شىركىتى باشلىقى كازمۇناىگاس ئۇزاقباي قارابالىن ۋە خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جوۋ جىپىن رۇسىيە ۋە قازاقىستاندىن خىتايغا ئاقىدىغا نېفىت تۇرۇبا يولىنى ئېچىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2005-يىلى 15-دېكابىر.
قازاقىستان دۆلەت نېفىت شىركىتى باشلىقى كازمۇناىگاس ئۇزاقباي قارابالىن ۋە خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جوۋ جىپىن رۇسىيە ۋە قازاقىستاندىن خىتايغا ئاقىدىغا نېفىت تۇرۇبا يولىنى ئېچىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2005-يىلى 15-دېكابىر.
REUTERS

نەتىجىدە ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشىغا قارىتا خىتاينى قوللاپ قارشى ئاۋاز بېرىشى، خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە باشقا ھەمكارلىقنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ كۆرسەتكەنىدى.

قازاقىستاندىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىستراتېگىيەسى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن، قازاقىستان دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور شېرىپجان نادىروف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گەرچە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى سىياسىي جەھەتتىن مۇستەقىل بولسىمۇ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن مۇستەقىل بولمىغانلىقى ئۈچۈن يېنىك سانائەت، تېخنىكا ۋە باشقا ھەر جەھەتتە خىتايغا تايىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئىقتىساد ئارقىلىق سىڭىپ كىرىپ ئوتتۇر ئاسىياغا كۆرسىتىۋاتقان سىياسىي، بىخەتەرلىك ھەر جەھەتتىكى تەھدىتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ۋە ھۆكۈمىتىنى بەلگىلىك ئەندىشىگە سېلىۋاتقان مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ ھەقتە ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس ئەپەندى بولسا خىتاي ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا نېمە ئۈچۈن مۇھىم ۋە ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان ئىستراتېگىيەلىك مەقسەتلىرىنى مۇنداق ئانالىز قىلدى: «خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيە، قاتناش ۋە بولۇپمۇ بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ئاتالمىش ‹ئۈچ خىل كۈچ›-تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى سەۋەبىدىن ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم رايون بولۇپ كەلدى. شى جىنپىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى› نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، قازاقىستان ۋە باشقا ئوتتۇر ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە، تېخنىكا، سودا ۋە بىخەتەرلىك قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىق يولغا قويۇلدى. ئافغانىستان ۋە ئۇكرائىنادا يۈز بەرگەن يېقىنقى ۋەقەلەردىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيە ۋە قاتناشتىكى ھەل قىلغۇچ رايونغا ئايلاندى. خىتاي بۇ رايوندىكى ئەڭ چوڭ رولچىغا ئايلانماقتا، غەرب دۆلەتلىرى بولسا ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئارىلىشىشتا ئارقىدا قالدى».

شان روبېرتس ئەپەندىنىڭ بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇھىملىقىنى غەرب ھۆكۈمەتلىرى ئۇزۇندىن بۇيان تۆۋەن مۆلچەرلەپ كەلگەن بولۇپ، يېقىندا ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىمۇ بۇ رايوندىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش يوللىرىنى كېڭەيتىشكە تىرىشىشقا باشلىغان. ئەمما غەرب ھۆكۈمەتلىرى دېموكراتىيەلىشىش ۋە ئەركىن ئىقتىسادىي ئىسلاھاتنى بۇ رايونغا ئارىلىشىشنىڭ تۈۋرۈكى سۈپىتىدە مەركەزلەشتۈرگەن، ئوتتۇرا ئاسىيا ھۆكۈمەتلىرى بولسا مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان. ھالبۇكى غەرب ئەللىرى قوللانغان بۇ ئۇسۇللار ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مايىللىقى بىلەن ماسلاشماسلىقنى شەكىللەندۈرگەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي پۇرسەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك ئالاقىسىنى كۈچەيتىش سالمىقىنى ئاشۇرغان.

شان روبېرتسنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە يەنە، ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى-ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يول تورى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دېڭىز ترانسپورتىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ بارغانچە ئەھمىيەتكە ئېرىشمەكتە. كوۋىد-19 مەزگىلىدە مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە يۈك توشۇشنىڭ كېچىكىشىدە، بازار ئېھتىياجى سەۋەبىدىن تۆمۈر يول ترانسپورتى خىتاي بىلەن ياۋروپا ئارىسىدا تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ قالماقتا. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى بىلەن، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى رۇسىيەگە بولغان تايىنىشنى ئازايتىشقا باشلىغان پەيتتە، ئەلۋەتتە خىتاي ئوتتۇر ئاسىيا ئارقىلىق مەنپئەتلىنىدىغان پۇرسەتلەرنى قاچۇرمايدۇ.

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق قىسمى قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تارقالغان. خىتاينىڭ ئوتتۇر ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئاساسىدا كۈچلىنىۋاتقان ھەر تەرەپلىمىلىك تەسىرلىرى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما بۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىر كۈرسىتىۋاتقانلىقى ئاساسەن تىلغا ئېلىنماي كەلمەكتە.

دوكتور سېرىپچان بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق شەرھلىدى: «ئۇيغۇرلار ئەلۋەتتە ئەندىشە قىلىمىز، ئەمما ئۇيغۇرلار بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويالمايدۇ. قازاقىستان پۇقراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ھەقتە قارشى پىكىر بايان قىلىش بۇيەردە ئىككى دۆلەت دوستلۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق سانالماقتا».

شان روبېرتس ئەپەندى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىقلارنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ۋە بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«خىتاينىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە تېخنىكىسى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغاندەك، خىتاي ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر رايونى بىلەن تاغ-دەريالىرى تۇتاش ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە ئىستراتېگىيەلىك ئورنى. خىتاينىڭ ئوتتۇر ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بولغان ئىقتىسادىي تەسىرى ئاخىرىدا خىتاينىڭ دۇنيادىكى رولى توغرىسىدىكى تونۇشىنى كېڭەيتىش ۋە سىياسەت ئىدىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سوۋغاتلىرىنى قايتۇرالمىسىمۇ، ئۇلار خىتاينىڭ سىياسىي نشانىغا يېتىش ئارقىلىق قىسمەن جاۋاب قايتۇرىدۇ.

ئۇلار بىر خىتاي پرىنسىپى ۋە ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ئۈچ خىل كۈچكە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن باشقا يەنە، ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ئاۋازى چىقارماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ كەلمەكتە. شۇڭا خىتاينىڭ تەسىرى كۈچەيگەنسېرى بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغىمۇ بېسىم ئاشىدۇ».

نۆۋەتتە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى تەبىئىي بايلىقلىرى، ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى خىتاينىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىنىپلا قالماستىن بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىشمۇ ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.