خىتاينىڭ توزىقى ئىشقا ئاشامدۇ؟

0:00 / 0:00

«تەڭرىتاغ تورى»دا 10-نويابىر كۈنى «ئاپتونوم رايونلۇق ج خ تارماقلىرى بىخەتەر شىنجاڭ بەرپا قىلىشقا تىرىشىدۇ» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. خىتاي ھۆكۈمىتى «ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا شىنجاڭدا تېرورلۇق ھادىسىسى كۆرۈلۈپ باقمىدى، كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى 99 پىرسەنتكە يەتتى» دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەنىدى. دەرۋەقە، كىشىلەردە «99 پىرسەنتلىك بىخەتەرلىك تۇيغۇسى» پەيدا قىلىشنىڭ ئۆزى «بىخەتەر شىنجاڭ» بەرپا قىلىنغانلىق ئەمەسمۇ؟ شۇنداقكەن، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى يەنە نېمە ئۈچۈن «ج خ تارماقلىرى بىخەتەر شىنجاڭ بەرپا قىلىشقا تىرىشىدۇ» دېگەن بۇ خەۋەرنى يەنە ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ؟ بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدىكى «كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى 99 پىرسەنتكە يەتتى» دېگەن لاپلارنى يەنە ئۆزىنىڭ خەۋەرلىرى ئارقىلىق ئىنكار قىلىش ئەمەسمۇ؟ بۇنى زادى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

مەزكۈر ماقالىدە دىققەت تارتىدىغان يەنە بىر نوقتا شۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ج خ تارماقلىرىنىڭ «بىر مىنۇتتىن، ئۈچ مىنۇتقىچە ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا بېرىپ بولۇش» تەك پەۋقۇلئاددە تېز سۈرئەتلىك ساقچى تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلقنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكى، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدا «فېڭچياۋ مېتودى»دىكى ج خ تارماقلىرىنى كېڭەيتكەنلىكى، شۇنداقلا بۇ خىزمەتلەرنى «پۈتۈنلەي خەلق ئۈچۈن ۋە پەقەت خەلققە تايىنىپلا ئېلىپ بارغان»لىقىنى داۋراڭ قىلغانلىقىدۇر.

مەلۇمكى، ئاتالمىش «فېڭچياۋ مىتودى» ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-60-يىللىرىدا خىتايدا يولغا قويۇلغان «سىنىپىي كۈرەش ئارقىلىق، تۆت خىل ئۇنسۇرلار (ئەكسىلئىنقىلاپچىلار، باي-پومىششېكلار، باي دېھقانلار ۋە ناچار ئۇنسۇرلار) نى ئىنقىلابنىڭ دۈشمىنى دەپ قارايدىغان، ئۇلارغا سىياسىي-ئىدىيە تەربىيەسى ئېلىپ بېرىپ، قايتا ئادەم قىلىش ئۈچۈن يۈرگۈزۈلگەن تۈزۈم»دۇر.

خىتاي ھاكىمىيىتى 1950-يىللاردا «تۆت خىل ئۇنسۇرلارنى يوقىتىش ئوبيېكتى» دەپ بېكىتكەن. ئەمما جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ فېڭچياۋ ناھىيەسىدە «تۆت خىل ئۇنسۇرلار»غا زەربە بېرىشتە، ئاز قىسمىنى يوقىتىپ، كۆپ قىسمىنى قايتا تەربىيىلەپ، ياخشى ئادەم قىلىش ئۇسۇلى يولغا قويۇلغان. بۇ ئۇسۇلدا ئاتالمىش «تۆت خىل ئۇنسۇرلار» جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلدىغان، باشقۇرۇشقا بويسۇنىدىغان، ئۆزىنى-ئۆزى تەكشۈرۈپ، تەنقىد قىلىدىغان ۋە كۆپچىلىك ئالدىدا خاتالىقىنى تونۇپ، تۈزىتىشنى قوبۇل قىلىدىغان... قىسقىسى، «تۆت خىل ئۇنسۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى خەلققە بېرىلگەن» بىر تۈزۈمدۇر. بۇ خىل تۈزۈم فېڭچياۋ ناھىيەسىدە ئەڭ دەسلەپ يولغا قويۇلۇپ ئۈنۈم پەيدا قىلغانلىقى سەۋەبلىك، «فېڭچياۋ مېتۇدى» دەپ ئاتىلىپ، پۈتۈن خىتايغا كېڭەيتىلگەن.

ئاڭلىماققا «فېڭچياۋ مىتودى» بىر ئاز ئىنسانپەرۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلغاندەك تەسىرات بەرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ تۈزۈم يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئاتالمىش «تۆت خىل ئۇنسۇرلار» كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ئائىلىسى زەربە بېرىش ۋە زىيانكەشلىك قىلىشنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغان. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەر ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، يوقىتىلغان.

ئۇيغۇر دىيارىنى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ئىدارە قىلىشقا باشلىغان ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-60-يىللىرىدا «چەت ئەلگە باغلانغان ئۇنسۇر»، «پومىشچىكنىڭ بالىسى»، «ئەكسىلئىنقىلابچى»، «سىنىپىي دۈشمەن» دېگەن قالپاقلار بىلەن ئوتتۇرىغا تارتىپ چىقىرىلىپ، جامائەت ئالدىدا ئاتالمىش «خاتا»لىقىنى تونۇتقۇزۇش، تەنقىدلەش، ئۇرۇپ-دۇمبالاش ۋە باشقا تۈرلۈك زىيانكەشلىكلەرنىڭ ھەممىسى دەل شۇ «فېڭچياۋ مىتودى» ئېلىپ كەلگەن قاباھەتلەردۇر.

ئۇيغۇر دىيارىدا ئاتالمىش «فېڭچياۋ مىتودى»دا «ئۈچ خىل كۈچلەرنى يوقىتىش» يولغا قويۇلغان 2013-يىلىدىن بۇيان، ئۇيغۇرلار يوقۇرىقى قىسمەتلەرنى قايتىدىن باشتىن كەچۈرۈپ كەلمەكتە. 2014-يىلى 200 مىڭ خىتاي مەمۇرى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈلۈپ، يېزا-كەنتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە كۆچۈپ كىرگەن ئىدى. ئۇلار شۇ مەزگىللەردە يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئارخىپلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسى، تۇغقاندارچىلىق ئالاقىسى، دىنىي ئېتىقاد دەرىجىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كاتېگورىيەلەشتۈرگەن ۋە «چوڭ ساندان» (سانلىق مەلۇمات ئامبىرى) قۇرۇپ چىققان ئىدى. ئارقىدىنلا «مەيدانىنى ئاشكارا ئىپادىلەش»، «‹ئۈچ خىل كۈچ› لەردىن چەك-چېگرا ئاجرىتىش»، «‹ئىككى يۈزلىمىچى›لەرگە زەربە بېرىش» قاتارلىق سىياسىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. شۇنداقلا «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ئوچۇق خەت» دېگەن تۇنجى باياناتتىن باشلاپ، بارلىق ئۇيغۇر مەسئۇل كادىرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كومپارتىيەگە بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلەيدىغان «ئوچۇق خەت» ئېلان قىلىش شامىلى قوزغالغان ئىدى.

قەشقەر سەنئەت مەكتەپنىڭ «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ئوچۇق خەت» نى تەشۋىق قىلىش، ئۆگىنىش پائالىيىتى، 2017-يىلى ماي.
قەشقەر سەنئەت مەكتەپنىڭ «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ئوچۇق خەت» نى تەشۋىق قىلىش، ئۆگىنىش پائالىيىتى، 2017-يىلى ماي. (xjart.edu.cn)

دەۋەقە، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ»لەر ئايرىپ چىقىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ زەربە بېرىش ياكى قايتا تەربىيىلەش ۋە پروگراممىلاش ئوبيېكتىگە ئايلاندۇرۇلغان ئىدى. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك «مېڭە يۇيۇش» ھەرىكىتى قوزغاپ، «ئۈچ خىل كۈچلەرنى يوقىتىش» نامىدا ئۇلارنى بىر-بىرىگە دۈشمەن كۆرسىتىش، بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچىنى سۇندۇرۇش ياكى ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇرلار ئارقىلىق تىزگىنلەش، ئاز كۈچ سەرپ قىلىپ، كۆپ ئۈنۈم يارىتىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان ئىدى.

مانا بۈگۈن مىليۇنلىغان ئۇيغۇرلار «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ، «قايتا تەربىيە»لىنىپ، ئاتالمىش «ياخشى ئادەم بولۇشقا بېرىلگەن پۇرسەت»تە خىتايدىكى ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرىگە، قۇل ئىشچىلىرىغا، ئورگان سودىسىنىڭ مەنبەسىگە، تىببىي تەتقىقاتلارنىڭ سىناق ماتېرىياللىرىغا ئايلاندۇرۇلماقتا.

شۇنىسى ئېنىقكى، «ئۈچ خىل كۈچ» كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەن، خىتاي ھاكىمىيىتىگە «تەھدىت شەكىللەندۈرىدۇ» دەپ قارالغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچسى خىتاينىڭ يېقىنقى بىرقانچە يىللىق يوقۇرى بېسىملىق تۇتقۇن ۋە تەقىپلىرى جەريانىدا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىندى. ئۇنداقتا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلمىگەن ئۇيغۇرلارچۇ؟ ئۇلار خىتاي ئۈچۈن تەھدىت ئەمەسمۇ؟

دەرۋەقە، خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسىي نەزەرىيەسى بويىچە، «خىتاي چۈشى»نى روياپقا چىقىرىشنىڭ ئاساسىي خىتاي ئۇلۇسى بەرپا قىلىشتۇر. خىتاي ئۇلۇسىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىش دېگەنلىك خىتايدىكى ھەر قانداق بىر مىللەت ئۆز مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىپ، خىتاي بولۇشنى قوبۇل قىلىش دېمەكتۇر.

ئۇنداقتا، ھازىرقى مەۋجۇت ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ئۆز مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە ھازىرمۇ؟ بۇ، جاۋاب بېرىش ئىنتايىن قىيىن بىر سوئال. شۇڭىمۇ خىتاي تاراتقۇلىرى «ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى 99 پىرسەنتكە يەتتى» دېيىش ئارقىلىق، قالغان 1 پىرسەنتكە ئورۇن قالدۇرغان. بۇ دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى «100 پىرسەنتكە يەتتى» دېيەلمەسلىكىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەردىن بىرى بولۇشى تەبىئىي.

خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن «فېڭچياۋ مىتودى»نى داۋاملىق قوللىنىش، ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك يوقىتىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدۇر. چۈنكى بۇ ئۇسۇل «ئۈچ خىل كۈچ»لەرنى يوقىتىشتا ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، خىتايدىكى «شىنجاڭ مېتودى»نى شەكىللەندۈرگەن. دېمەك، بۇ ئۇسۇل بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئارا بىر-بىرىگە دۈشمەن قىلغىلى، خىتاينىڭ ھەرقانداق چەكتىن ئاشقان زۇلۇملىرىغا ئاۋاز چىقىرالمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بۇ رەزىل پىلاننى تۈزگەن خىتاي، كۆپ كۈچ سەرپ قىلمايلا ئۇيغۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا «باش ئاغرىقى»دىن قۇتۇلۇشنى، ئۇلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ تۇرۇپمۇ ھېچقانداق جىنايى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماسلىقنى، قىسقىسى، «بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقۇش»نى ئويلايدۇ.

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئامما مۇداپىئە كۆرۈش، ئامما تۈزەش مۇكاپاتلاش چارىسى، 2018-يىلى يانۋار.
خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئامما مۇداپىئە كۆرۈش، ئامما تۈزەش مۇكاپاتلاش چارىسى، 2018-يىلى يانۋار. (sohu.com)

شۇنىسى ئېنىقكى، ئىنسانىيەت تارىخىدا قارا داغ قالدۇرغان ناتسىزم، فاشىزم ۋە مىلىتارىزم تۈزۈملىرى، شۇنداقلا بۇ ئاشقۇن ئىدىيەنى ئۆزىگە قىبلىنامە قىلغان مۇستەبىت ھەم دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ سىياسىي قارا نىيەتلىرى ھېچقانچان ئەمەلگە ئاشقان ئەمەس. ناتسىستلار گېرمانىيەسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە 6 مىليون يەھۇدىنى ئۆلتۈرگەن؛ ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت بولشېۋىكلار ھاكىمىيىتى 1930-يىللاردا نەچچە ئون مىليۇن خەلقنى «گۇلاگ» لارغا قامىغان ۋە يوقاتقان؛ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد رەھبىرى ماۋ زېدۇڭ 1958-1960-يىللىرى «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» «پولات تاۋلاش»، «كومۇنالاشتۇرۇش» قاتارلىق ئاشقۇن سىياسىي ھەرىكەتلەرنى قوزغاپ، سۈنئىي ئاچارچىلىق ئارقىلىق نەچچە ئون مىليون ئىنساننىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچ بىرى ئۆزلىرىنىڭ رەزىل سىياسىي مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرالمىدى. بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يوقۇرى بېسىملىق باستۇرۇشلىرى تەپەيلى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ پاجىئەلەر، خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ قارالماقتا. مانا مۇشۇنداق بىر ئەھۋالدا، خىتاينىڭ قانداق رەزىل ۋاستىلەرنى قوللىنىشىدىن قەتئىينەزەر، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك بېسىمىغا دۇچ كېلىدىغانلىقى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكى ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇقىدىن ئەسلا ۋاز كەچمەيدىغانلىقى مۇقەررەردۇر!

***

بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.