بلۇمبېرگ : خىتاي پاكىستاندا غەربنىڭ خاتالىقىنى سادىر قىلىۋاتىدۇ

0:00 / 0:00

«بلۇمبېرگ خەۋەرلەر» تورىدا3 ‏-ماي خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ قەشقەر-گۋادار ئىقتىسادى كورىدورى ھەققىدە بىر ماقالە ئېلان قىلىنىپ، ئەگەر خىتاي قاتتىق ئېھتىياتچان بولمىسا، بۇ كارىدورغا سالغان مەبلىغى ئۇنىڭغا زور باش ئاغرىقى تېپىپ بېرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

مەزكۇر پىلاندا، خىتاي قەشقەر بىلەن گۋادارنى تومۈريول، تاشيول، ھاۋا ئارقىلىق باغلاش، پاكىستان قاتناش ئاساسىي ئەسلىھەلىرىنى، ئېلىكتىر، يادرو ئىستانسىسى، پورت قۇرۇلۇش ۋە تېز سۈرئەتلىك تاش ۋە باشقا ئاساسىي ئەسلىھەرلەر قۇرۇلۇشلىرىنى قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەشنى ئۈستىگە ئالغان. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر، پاكىستاننىڭ گىلگىت-بالتىستان ۋە بالۇجىستان ئۆلكىلىرىدىكى يەرلىك خەلقنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان بۇ قۇرۇلۇشقا 46 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

«بلۇمبېرگ خەۋەرلەر» تورىدىكى «خىتاي پاكىستاندا غەربنى خاتالىقىنى سادىر قىلىۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە كۆرسىتىشىچە، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ پاكىستانغا ئىقتىسادى گۈللىنىش ئېلىپ كېلىشى ناتايىنكەن. ماقالىدە، خىتاينىڭ مەبلىغى پاكىستان ئارمىيەسىنى كۈچەيىتىدىغانلىقىنى، نەتىجىدە بۇ، خەلق سايلاپ چىققان پاكىستان ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىپ، پاكىستاندا ئىزچىل سىياسى پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ماقالىدە مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، مۇقىم ۋە گۈللەنگەن پاكىستاننىڭ جەنۇبىي ۋە غەربىي ئاسىيا، خىتاي ھەم دۇنيا ئۈچۈن ئەھمىيىتى زور. بىراق ناھايىتى روشەنكى، پاكىستان -خىتاي ئىقتىسادى كارىدورىنىڭ بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشى يىراقتىكى مەسىلە.

بەزى ئانالىزچىلار، پاكىستان-خىتاي ئىقتىسادى كارىدورىنىڭ مۇقىملىق، گۈللىنىش ئېلىپ كېلەلمەسلىكىدىكى سەۋەبلەرنىڭ يەنە بىرىنى ئۇنىڭدا يەرلىك خەلقلەرنىڭ رولىغا سەل قارالغانلىقىغا باغلايدۇ.

ئامېرىكا ۋاشىنگتوندىكى «گىلگىت -بالتىستان تەتقىقات مەركىزى»نىڭ مەسئۇلى سەنگې سېرىن مۇنداق دەيدۇ: «بىز ھېچقاچان ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشقا، يول ياساشقا قارشى تۇرۇپ باقمىدۇق. چۈنكى بۇ ، خەلقنى مەنپەتدار قىلىپ، ئۇلارنىڭ مائارىپ، سالامەتلىك ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەتكە ئېرىشىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. بۇ نەرسىلەر تەرەققىيات ئۈچۈن بەك مۇھىم. بىراق بۇ يەردىكى مەسىلە، بۇ كارىدور ئۆتۈدىغان بەلۋاغ تالاش-تارتىشتىكى رايونلار بولۇپ، يەرلىك خەلقنىڭ بۇ قۇرۇلۇشتىكى رولى ۋە پايدىنى قانداق تەقسىم قىلىش مەسىلىسى بەلگىلەنمىگەن. زور مەبلەغ سېلىنغان مۇشۇنداق بىر مۇھىم قۇرۇلۇش گىلگىت-بالتىستان رايونىدىن ئۆتسىمۇ، بىراق يەرلىك خەلققە بېرىشكە تېگىشلىك ھەق بېرىلمىدى. مانا بۇ، بىزنىڭ بۇ قۇرۇلۇشنى خەلقىمىزگە زىيانلىق، دەپ قارىشىمىزدىكى سەۋەب.»

سەنگې سېرىننىڭ قەيت قىلىشىچە،، ئۇيغۇرلار گىلگىت-بالتىستان ۋە بالۇجىستان خەلقلىرىگە ئوخشاش قەشقەر-گۋادار ئىقتىسادى كارىدورىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغۇچىلاركەن. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قۇرۇلۇش سەۋەبلىك ئىجتىمائىي، دېموگرافىك، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيەلىك بەدەللەرنى ئۆتەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭدا، ئۇيغۇرلار زىيان تارتىدىغان خەلقلەرنىڭ بىرى. ئۇلار رايوندا يالغۇز. ئەپسۇسكى، تەرەققىيات ئۇيغۇرلارغا مۇھىت مەسىلىسى پەيدا قىلىپ، تاغ -دەريا، مۇز قاتلىمى، سۇ مەنبەسى، ئورمان ۋە پۈتكۈل ئېكولوگىيەلىك سېستىمىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. بۇ، تۇرمۇشى بۇنىڭغا تايىنىدىغان نۇرغۇن كىشىلەرگە تەسىىر قىلىدۇ. بۇ كىشىلەر تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. بەلكى، كەلگۈسى يىللاردا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئاتا-ئانىسىدىن پەرقلىق كەسپلەرنى قىلىشقا ئۆتۈشى مۇمكىن. بۇ پاكىستان، شىنجاڭنىڭ ھەر ئىككىسىدە يۈز بېرىدۇ، دەپ قارايمەن. بىراق بۇ يەردىكى ئەڭ زور مەسىلە، بۇ قۇرۇلۇش پەيدا قىلىدىغان مەدەنىيەت ۋە نوپۇستىكى ئۆزگىرىش. بۇنى كونترول قىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا ئەمەس. شۇڭا بۇ، ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق زىيان سالىدۇ.»

بەزى ئۇيغۇر ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، رايوننىڭ ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، قەشقەر-گۋادار كارىدورىنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئەمەلگە ئېشىشى گۇمانلىقكەن. قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئانالىزچى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى، «چۈنكى، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ نوقۇل ئىقتىسادى قۇرۇلۇش ئەمەسلىكى»نى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «پاكىستان سىرتقى كۆرۈنۈشى بىر پۈتۈن بولغىنى بىلەن، تارىخقا قارىسىڭىز، ئۇنىڭ بالۇجىستان مەسىلىسى ناھايىتى مۇھىم مەسىلە. تەبىئىي پاكىستان ھۆكۈمىتى 46 مىليارد دوللارنى كۆرۈپ، شۇنىڭدىن پايدا كېلىدۇ، دېگەن نىيەتتە يۈگرەۋاتىدۇ. بىراق بۇ، نوقۇل ئىستراتېگيەلىك ئىقتىسادى پىلان ئەمەس. بۇ، سىياسەت، ھەربىي ھەممىسى ئارىلاشقان، سىياسىي جۇغراپىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مەسىلە. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ كەلگۈسى تۇماندا.»

«خىتاي پاكىستاندا غەربنىڭ خاتالىقىنى سادىر قىلىۋااتىدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە يەنە، خىتاينىڭ پاكىستاندا يەنە ئىسلامئاباد ۋە لاھوردىكى سەرخىللەر بىلەن بالۇجىستان يەرلىك رايونى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى قانداق تەڭشەشكە دۇچ كېلىدىغانلىقى بىلدۈرگەن. ماقالىدە، «ئەگەر ئۇ، بۇ تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىيالمىسا، پاكىستان تېخىمۇ مۇقىمسىزلىققا پاتىدۇ» دېگەن. قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى بولسا، خىتاينىڭ پاكىستاندا ئۇنداق بىر تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىيالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي بۇنى تەڭشىيەلمەيدۇ. چۈنكى بۇ، پاكىستاننىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى، ئىچكى مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. پاكىستاندا ھەربىيلەر بىلەن سىياسىيلار ئارىسىدا قارىمۇ-قارشىلىق بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئاقسۆڭەكلەر بىلەن كەڭ ئاممىنىڭ ئارىسىدا چوڭ قارشىلىق مەۋجۈت. پاكىستاننىڭ مۇقىملىقى ۋاقىتلىق نەرسە. پاكىستاندا مۇقىم بىر سىياسىي دۆلەت شەكىللەنگىنى يوق. لېكىن، خىتاي پۇلنى بەرسەكلا بۇ ئىش ماڭىدۇ، دەپ ئويلايدۇ.»

«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى»نىڭ تورىدىكى ماقالىدە قەيت قىلىشىچە، ئۇ دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ يەنە بىرى، پاكىستان ھەربىي كۈچىنىڭ تەسىرى. ماقالىدە، پاكىستانغا چەتئەل مەبلىغى كىرسە، ئۇنى ئارمىيە كونترول قىلىۋېلىپ، ئۆزىنى كۈچەيتىپ كەلگەنلىكىنى، بۇ ئەھۋال پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كارىدور قۇرۇلۇشىغا بولغان قىزغىنلىقىغا تەسىر قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گىلگىت- بالتىستان تەتقىقات مەركىزىدىكى سەڭگې سېرىننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، پاكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ئارمىيەسىنىڭ كارىدور قۇرۇلۇشىنى كونترول قىلىشنى تالىشىدىغانلىقى مۇقەررەركەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «كۆپ بىخەتەرلىك ھوقۇقى ئارمىيەنىڭ قولىدا ئىكەنلىكى راست. بىخەتەرلىك ھوقۇقى قولىڭىزدا بولغاندا، ئەلۋەتتە سىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ كۈچىڭىز بولىدۇ. ھازىر پاكىستان ئارمىيەسى دەل شۇنداق. شۇڭا، ئۇ ئىجتىمائىي ئىشلاردا ھەيۋە قىلالايدۇ، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرىدا ھۆكۈمەتكە بېسىم قىلالايدۇ. پاكىستان-خىتاي ئىقتىسادى كارىدورىنى قوغداشقا ناھايىتى زور بىخەتەرلىك كۈچى كېتىدۇ. شۇڭا، بۇ ئارمىيەنىڭ قولىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ قارارلىرىغا ئارىلىشىدىغان ناھايىتى چوڭ كوزۇر. ھۆكۈمەت بىلەن ئارمىيەنىڭ كارىدورنى كىم كونترول قىلىدۇ، دېگەن مەسىلىدىكى كۈرىشىدە شۈبھىسىز ئارمىيە غەلىبە قىلىدۇ. بۇ، ئارمىيەگە نىسبەتەن ناھايىتى زور غەزىنە.