خىتاي ھۆكۈمىتى 3 - سېنتەبىر بېيجىڭدا زور كۆلەملىك ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈپ، ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتقا ئامېرىكا ۋە غەرپ دېموكراتىك دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ قاتناشماسلىقى، خىتاي رەئىسى شى جىڭپىڭنىڭ مۇراسىمدا 300 مىڭ خىتاي ئەسكىرىنى قىسقارتىدىغانلىقى ھەققىدىكى نۇتقى قاتارلىقلار خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ۋە خىتاي ۋەزىيەت كۈزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ پروگراممىسىدا بولسۇن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان تەييارلىق قىلىۋاتقان ئاتالمىش ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىقىنى خىتىرلەش نامىدەئىكى ھەربىي پارات، قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئىچىدە تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيىسىدا بۇ قېتىمقى ھەربىي پارات ھەققىدە 3 سائەتلىك مەخسۇس پروگرامما نەق مەيداندىن دۇنياغا تارقىتىلدى.
پارات ئاياقلاشقاندىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ۋە چەتەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىدە، بېيجىڭدە ئۆتكۈزۈلگەن پارات ھەققىدە ئانالىز ۋە مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنماقتا.
بۇ ئانالىزلاردا، خىتايدا پاي چېكى بازىرىدا زىيان كۆرۈلۈپ، خىتاي ئىقتىسادىدا چېكىنىش بولۇۋاتقان مەزگىلدە، شىجىڭپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مىليون دوللارلىق ئىقتىسات سەرپ قىلىپ بۇنداق چوڭ ھەربىي پاراتنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى؛ مۇراسىمغا رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۇمھۇرىيەتلەر، پاكىستان، سۇدان، جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق ئەللەر دۆلەت باشلىقلىرى قاتناشقاندىن باشقا ئامېرىكا ۋە ئاساسلىق غەرب دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ قاتناشماسلىقى؛ مۇراسىمدا نۆۋەتتە چەتەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى ئارىسىدا مۇنازىرە تېمىسى بولىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى ئىككى گوروھ كۈرۈشىدىكى جىئاڭ زېمىن تەرەپدارلىرىنىڭمۇ رەسى سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىشى؛نۆۋەتتىكى خىتاي رەئىسى شى جىڭپىڭنىڭ ئۆزى يالغۇز ئاپتوموبىلدا ئايلىنىپ پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈشى ؛ ۋە خىتاي رەئىسى شى جىڭپىڭنىڭ دۇنياغا 300 مىڭ خىتاي ئەسكىرىنى قىسقارتىدىغانلىقىنى جاكارلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇنازىرە تېمىسى بولدى.
غەرپ مەتبۇئاتلىردىن ئېۋيورك ۋاقتى گېزىتى، ۋاشىنگىتون پوچتىسى،رويتېرس، ئەنگىلىيە ب ب س ئاگنتلىقى، گېرمانىيە دولقۇنلىرى، فرانسىيە ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىقلاردا خىتاينىڭ ھەربىي مانىۋېرىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ياپونىيە فىلىپپىن قاتارلىق قوشنا دۆلەتلىرىگە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق غەرپ دۆلەتلىرىگە ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۆرسىتىش ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، خىتاي رەسى شى جىڭپىڭنىڭ 300 مىڭ ئەسكەرنى قىسقارتىدىغانلىقى ھەققىدىكى بايانىنىڭ ئەمىلىيەتتە "قۇرۇقلۇق ئارمىيە پىيادە ئەسكەرلىرىگە سەرپ قىلىدىغان ئىقتىساتنى ھەربىي تېخنىكا سەرپىيىتى ئۈچۈن ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقى؛ خىتايدا ئىقتىسات تۆۋەنلەۋاتقان، خىتايدىكى ئىجتىمائى مەسىلىلەر كۆپىيىۋاتقان، مەزگىلدە خىتياينىڭ "ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش" نامىدا، خىتاي پۇقرالىرىدا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىق كەيپىياتىنى باشقا ياققا نۇراش قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە مەقسەتلەردە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ۋاڭ كۈن ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلغان "شىجىڭپىڭنىڭ 3 - سېنتەبىر پاراتتنى كۆزدىن كەچۈرۈشىدىكى ئۈچ نۇقتا "سەرلەۋھەلىك ماقالىسىدا، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزگەن ھەربىي پاراتنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى كۆرسىتىپ ئۆز ئەتراپىدىكى قوشنىلىرىغا ھەيۋە قىلىش بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىچكى قىسمىغا قارىتىلغانلىقى تەكىتلەندى.
چەتەللەردىكى سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ھەربىي پاراتى ھەققىدە غەرپ مەتبۇئاتلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتقان مۇلاھىزىلەر ۋە خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ قاراشلىرى ھەققىدە توختالدى.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بايانىدا غەرپ مەتبۇئاتلىردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشلارنىڭ ئاساسلىرى ئۈستىدە ئۆز ئانالىزىنى بايان قىلىپ، شى جىڭپىڭنىڭ خىتاي ئىقتىسادىي تۆۋەنلەۋاتقان، خىتاي خەلقى ۋە دۇيا جامائەتچىلىكى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەسىرىدىن ئەنسىرەۋاتقان شارائىتتا، شى قىڭپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ زور مەبلەغ سەرپ قىلىپ بۇنداق چوڭ ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈشى، خىتاي ئىچىدە ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش، خەلقئاراغا خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى كۆرسىتىپ، قوشنىلىرىغا ھەيۋە قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئېلشات ئەپەندى يەنە شى جىڭپىڭ تىلغا ئالغان 300 مىڭ ئەسكەرنى قىسقارتىش ۋە بۇ ھەقتە غەرپ مەتبۇئاتلىرى ۋە خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ مۇلاھىزىلىرى ھەققىدە توختالدى.
ئېلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ مەسىلىدە غەرپ مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان " خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم ئەسكەرنى قىسقارتىشى، تېخىمۇ كۆپ ئىقتىساتنى ھەربىي تېخنىكا سەرپىيىتى ئۈچۈن ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلغان" دېگەن قاراشنىڭ ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، خىتاي دېموكراتلىرى تىلغا ئالغان " شىجىڭپىڭنىڭ 300 مىڭ ئەسكەرنى قىسقارىتىشتىكى مەقسىدى دۆلەت ئىچىدىكى جىئاڭ زېمىن تەرەپدارلىرىنىڭ ھەربىدىكى كۈچىنى تازىلاش" دېگەن قاراشنىڭ مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما شى جىڭپىڭنىڭ يەنىلا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ مەنپەئەتى مەسىلىسىدە جىياڭ زېمىن قاتارلىق ئىلگىرىكى خىتاي رەخبەرلىرى بىلەن ئورتاقلىقى ۋە باغلىنىش بولغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ جىياڭ زېمىن گۇروھىدىكىلەرگە قاراتقان زەربە بېرىش ھەركىتىنى ئۇ قەدەر كېڭەيتىۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00