مۇتەخەسسىسلەر: «خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىر قورالى» (1)
2022.12.08
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 4-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئاساسىي قانۇن كۈنى» بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىلاشتۇرۇش، ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش» تېمىسىدا تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.
بۇ پائالىيەتتە خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، قانداق سىياسىي پرىنسىپ ۋە ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ياكى ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە گەپ بولمىغان، پەقەت «خىتاي كومپارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي-قانۇن ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىدىكى رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق ۋە توغرا ئىزچىللاشتۇرۇش» ھەققىدە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىلغان.
مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاينىڭ ھازىرقى ئاساسىي قانۇنى 1982-يىل 12-ئاينىڭ 4-كۈنى ئېچىلغان 5-نۆۋەتلىك خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىندا ماقۇللانغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 4-دېكابىرنى «ئاساسىي قانۇن كۈنى» قىلىپ بېكىتىپ، جايلاردىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئارقىلىق تەشۋىقات پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ «4-دېكابىر ئاساسىي قانۇن كۈنى» تەشۋىقات پائالىيىتى ئۇچىغا چىققان بىر بىمەنىلىك. كوممۇنىست خىتايدا قانۇن دېگەن شەكىلدىلا مەۋجۇت، ئەمەلىيەتتە يوق نەرسە. خىتاينىڭ قانۇن دەۋالغىنى غەربتىن قوبۇل قىلغان سۆز بولۇپ، غەرب ئەللىرىنىڭ چۈشەنچىسىدىكى قانۇن خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلسا، خىتايدىكى ئاتالمىش قانۇن ھۆكۈمدارلارنىڭ ئىرادىسى ۋە بۇيرۇقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
خىتاي ئاساسىي قانۇنىنىڭ 33-ماددىسىدا: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيەتى پۇقرالىرى قانۇن ئالدىدا تەڭ-باراۋەر. دۆلەت كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى قوغدايدۇ» دېيىلگەن؛ 35-ماددىسىدا: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيەتى پۇقرالىرىنىڭ سۆز ئەركىنلىكى، مەتبۇئات ئەركىنلىكى، يىغىلىش، جەمئىيەت قۇرۇش، ساياھەت قىلىش، نامايىش قىلىش ئەركىنلىكى بار» دېيىلگەن. ھالبۇكى، ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قانۇنلىرىنىڭ بىرىگىمۇ ئەمەل قىلماي كەلگەن.
تېڭ بىياۋ ئەپەندى 2014-يىل ئېلان قىلغان «خىتاي ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزۈلمە كەمچىلىكى» ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «خىتاي ئاساسىي قانۇنى ھەققىدە گەپ بولغاندا، كىشىلەر بۇ قانۇننىڭ 2-قىسمىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا ئائىت ماددىلارنى، مەسىلەن، سۆز ئەركىنلىكى، مەتبۇئات ئەركىنلىكى، يىغىلىش ۋە نامايىش قىلىش ئەركىنلىكى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقلىرىنى، باراۋەرلىك ھوقۇقى، سايلام ھوقۇقى، مائارىپ ھوقۇقى قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىشىدۇ. ئەگەر بىر دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ماددىلىرىغا ئاساسەن ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولسا، خىتاينى ياخشى دۆلەت دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇكى، خىتاي دۇنيا بويىچە كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ئەڭ ناچار دۆلەت. 2007-يىل مەن خۇ جىيا بىلەن بىرلىكتە «خىتاينىڭ ئولىمپېك يىغىنىدىن ئىلگىرىكى ھەقىقىي ئەھۋالى» ناملىق بىر دوكلات تەييارلىغانىدىم، ئۇنىڭدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى، يەنى ئەركىن سۆزلىگەنلەرگە جازا بېرىش، دىنىي زىيانكەشلىك، خالىغانچە قاماش، خالىغانچە قىيناش، مەخپىي ساقچى، بازار باشقۇرغۇچىلارنىڭ زومىگەرلىكى، مەجبۇرىي ئۆي كۆچۈرۈش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇش، ئەدلىيە چىرىكلىكى، كىملىك كەمسىتىشى… قاتارلىقلارنى بايان قىلغانىدۇق. 7 يىل ئۆتتى، كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىدا قىلچە ياخشىلىنىش بولمىدى؛ ئەكسىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار باستۇرۇلدى، دىنىي زىيانكەشلىكلەر ئەۋج ئالدى. بولۇپمۇ تىبەت ۋە شىنجاڭدا پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى كۈندىن كۈنگە يوقالماقتا».
تېڭ بىياۋ ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىملەر بار. مەسىلەن، سايلام ھوقۇقى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقى دېگەندەك. بىراق ناھايىتى ئېنىقكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلمايدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا ‹تۆت ئاساسىي پىرىنسىپ›، ‹خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقى› دېگەندەك نەرسىلەر بار، بۇلار ئاساسىي قانۇن روھىغا خىلاپ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاساسىي قانۇننى تەشۋىق قىلىمىز دەيدۇ، ئەمما نېمىنى تەشۋىق قىلغىنىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ھەر قانداق دۆلەتتە ئاساسىي قانۇن باشقا قانۇنلاردىن مۇھىم، ئورنى يۇقىرى بولىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەشۋىقات ئارقىلىق ئۆزىنى ئاساسىي قانۇنىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىۋاتقاندەك كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ، ئەمما ئاساسىي قانۇن خىتايدا ھېچنېمە ئەمەس، ھەممىنى قارار قىلىدىغىنى ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسى، ئۇ بىر مۇستەبىت ھاكىمىيەت».
خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، 1988-يىل، 1993-يىل، 2004-يىل ئېچىلغان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنلىرىدا ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن. 2018-يىل 3-ئايدا ئېچىلغان 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا بۇ قانۇنغا يەنە تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، ئىككى قارار ھوقۇق تۇتۇش ماددىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئۆمۈرلۈك ھۆكۈمدار بولۇشىغا يول ئېچىپ بېرىلگەن.
خىتاي ئاساسىي قانۇنىنىڭ 5-ماددىسىدا: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيەتى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، سوتسىيالىستىك قانۇن دۆلىتى بەرپا قىلىدۇ. ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخس ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇقتىن ئۈستۈن تۇرالمايدۇ» دېيىلگەن. ئەمما تېڭ بياۋ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتايدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىممۇتلەق ئورنى خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدىن ئۈستۈن بولۇپ، خىتاي رەھبەرلىرى بۇ قانۇننى ئۆز ئىرادىسى بويىچە خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى سىياسىي ۋەزىيەتكە بېقىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ھازىرقى ئاساسىي قانۇن 1982-يىل تۈزۈلگەن بولسىمۇ، خىتاي كومپارتىيەسىدىكى ئىدېئولوگىيەلىك ئۆزگىرىش ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئىرادىسى بىلەن كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىلگەن، يەنى ئۇنىڭغا ‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش ئىدىيەسى›، ‹شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر سوتسىيالىزم ئىدىيەسى› دېگەندەك نەرسىلەر قېتىلىپ تۇرغان. شۇڭا ئۇ پۈتۈنلەي بىر سىياسىي قورال. ئۇنىڭ ئىچىدە ئىجابىي كۆرۈنگەن ماددىلارنى ئۇلار ئىجرا قىلمايدۇ.»
ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى ئەمەلىيەتتە ئېقى قەغەز، قارىسى سىياھ بىر نەرسە. شى جىنپىڭ گۇرۇھى ئۆزىنى غەرب ئەللىرىگە قارا گۇرۇھ قىلىپ كۆرسىتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن «دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش» دېگەن ۋېۋىسكىنى ئېسىۋالغان. شى جىنپىڭغا ئوخشاش مۇستەبىتلەر ئاساسىي قانۇننى خالىغانچە بۇزىدۇ ۋە دەپسەندە قىلىدۇ.
پروگراممىمىزنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئاتالمىش مىللىي ئاپتونومىيە ھوقۇقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش» دېگەن نام ئاستىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەققىدە توختىلىمىز.