خىتاينىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇنىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىپ بېرىشى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ قازاقىستاننىڭ سۇ بىخەتەرلىكىگە جىددىي تەھدىت پەيدا قىلماقتا.
سۇ مەسىلىسى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما رايون ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ھالقىما تەرەققىيات پىلانىنى يولغا قويۇپ، زور كۆلەمدە كۆچمەن يۆتكەشكە باشلىغاندىن بۇيان قازاقىستاننىڭ جىددىي سۇ كرىزىسىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى، كەلگۈسى يىللاردا بۇ تەھدىتنىڭ تېخىمۇ ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. تۆۋەندە بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز ئىرادەدىن مەلۇمات ئاڭلىغايسىلەر.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، تەڭرىتاغلىرىدىن باشلىنىدىغان ئىلى دەرياسى ۋە ئالتاي تاغلىرىدىن باشلانغان ئېرتىش دەرياسى قازاقىستانغا ئېقىپ كىرىدىغان ۋە قازاقىستاننى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم ئىككى سۇ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، قازاقىستاننىڭ بۇ ئىككى دەريادىن ئېرىشىدىغان سۇ مىقدارى 19 مىليارد كۇپمېتىرغا يېتىدىكەن. ئەمما خىتاينىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىپ بېرىشى نۋۆەتتە قازاقسىتاننىڭ سۇ بىخەتەرلىكىگە جىددىي تەھدىت پەيدا قىلىشقا باشلىغان.
بۇ ھەقتە ئامېرىكىدىكى جەيمىس توۋن تەتقىقات ئورگىنى ئېلان قىلغان دوكلاتتىن قارىغاندا، خىتايدىكى تەرەققىيات بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەرەققىيات پىلانلىرى خىتاينىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجىنى قاتتىق ئاشۇرغان. گەرچە خىتاينىڭ تەرەققىياتى رايون دۆلەتلىرىگە پايدىلىق بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىر جەھەتتىن ئۇنىڭ قوشنا ئەللەرمۇ ئورتاق پايدىلىنىۋاتقان بۇ سۇ مەنبەلىرىنى ئىشلىتىشتىكى شەخسىيەتچىلىكى كۈچلۈك ئەندىشە يارىتىشقا باشلىغان. مەزكۇر دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئالدىنقى يىلى قازاقىستاننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى مۇرات ئەۋىزوف بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىنننىڭ چېگرا ھالقىيدىغان بۇ ئىككى دەريانىڭ سۈيىدىن يالغۇز خىتاينىڭ ئۆزىلا پايدىلىنىش ھەققىدە بىر مەخپى بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سۇ مەنبەلىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش ھەققىدىكى كېلىشىملەرگە ئالدىراپ يېقىن كەلمەسلىكىمۇ بۇ ھەقتىكى گۇماننى كۈچەيتىۋاتقان يەنە بىر ئامىل.
دوكلاتتا خىتاي ھازىر سۇ ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەتتىن ئىككى چوڭ رىقابەتتە نەتىجە ھاسىل قىلىشقا بەكرەك ئالدىراپ كەتكەنلىكتىن، زىيادە ئالدىراڭغۇلۇقتىن كېلىپ چىقىدىغان ئەكس تەسىرلەرنى كۆرەلمەيۋاتىدۇ، دېيىلگەن. دوكلاتتىن قارىغاندا، خىتاي دۇنيادىكى يېڭىلىنىدىغان پاكىز سۇ مىقدارىنىڭ ئاران 5 پىرسەنتىگە ئىگە، ئەمما خىتاي بۇ سۇ بىلەن دۇنيا نوپۇسىنىڭ 20 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان نوپۇسنى تەمىنلىشى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتايدىكى سۇنىڭ 75 پىرسەنتى ئادەم ئىچىشكە مۇۋاپىق ئەمەس. 90 پىرسەنت يەر ئاستى سۈيى بۇلغانغان. 2012 - يىلى 400 گە يېقىن خىتاي شەھىرىدە سۇ قەھەتچىلىكى يۈز بەرگەن. يۇقىرىدىكى بۇ ئەھۋاللار تۈپەيلى خىتاي ھۆكۈمىتى سۇ ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىغا 635 مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا سۇغا بولغان ئېھتىياجى كۈندىن - كۈنگە ئۆرلەۋاتقان بولۇپ، بۇ، ئاساسلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ پاختا بازىسى ۋە نېفىت بازىسىغا ئايلاندۇرۇش پىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بۇ پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىتايلارنى غەربكە يۈرۈش قىلىشقا، يەنى ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچۈشكە تەشۋىق قىلماقتا. خىتاينىڭ جۇڭگو نېفىتلىكى شېركىتىنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىنى 2020 - يىلىغىچە 60 پىرسەنتكە يېقىن ئاشۇرۇش ئۈچۈن 30 مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان. دوكلاتتىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 2030 - يىلىغىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇسىنى 20 مىليوندىن 100 مىليونغا چىقىرىشنى پىلان قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ دېگەنلىك يۇقىرىدىكى ئامىللار ھەممسىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سۇ ئىشلىتىش مىقدارىنىمۇ ئاشۇرىدۇ، دېگەنلىك بولۇپ، بۇ ئىلى ۋە ئېرتىش دەريالىرىغا چۈشىدىغان بېسىمنى ئاشۇرىدىكەن ۋە نەتىجىدە بۇ مۇھىت مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن ۋە بۇ يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا قازاقىستاننىڭ يېزا ئىگىلىكىگە پايدىسىز ئامىللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
ئامېرىكىدا ياشايدىغان مۇھىت مەسىلىلىرى بويىچە دوكتور پەيزۇللا زەيدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ پىكرىنى بايان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سۇ مەنبەلىرىنىڭ ئاللىقاچان ئېغىر بېسىم ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، ئەگەر يۇقىرىدىكى پىلانلارنى يولغا قويغان تەقدىردە بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلى مۇھىتى ئۈچۈن ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دوكلاتتىن قارىغاندا، قازاقىستاننىڭ سۈيىنىڭ 75 پىرسەنتى يېزا ئىگىلىك ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، خىتاينىڭ يىللىق سۇغا بولغان يىللىق ئېھتىياجى 2030 - يىلىغىچە ئەسلىدىكى 555 مىليارد كۇپمېتىردىن 818 مىليارد كۇپمېتىرغا يېتىپ بارىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستانغا ئېقىپ كىرىدىغان سۇنىڭ زور مىقداردا كېمىيىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. مۇتەخەسسسىلەرنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىدىكى ئىككى دەريادىن پەقەت ئىلى دەرياسىدىن ئىقىپ كىرىدىغان سۇ مىقدارىنىڭ 10 پىرسەنت كىمىيىپ كېتىشىنىڭ ئۆزىلا بالقاش كۆلىنى خۇددى ئارال كۆلىگە ئوخشاش قۇرۇپ كەتكەندەك ئاقىۋەتنى پەيدا قىلالايدىكەن.
قازاقىستان بىلەن خىتاي 2001 - يىلى ۋە 2007 - يىللىرى چېگرا ھالقىپ ئۆتىدىغان بۇ دەريالارنىڭ سۈيىدىن ئورتاق پايدىلىنىش مەسىلىسدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىنمىغان. قازاق ھۆكۈمىتى بۇ ئىشتا رۇسىيىنى ئىشقا سېلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، رۇسىيە قازاقىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان سۇ كرىزىسىدە ئوتتۇرىغا چۈشۈپ گەپ قىلىشنى خالىمىغان. خىتاي بۇ مەسىلىدىمۇ خۇددى ئۆزىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىلىرىگە ئوخشاش مەسىلىنى خەلقئارا مۇنبەردە ئەمەس، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن.
جەيمىس توۋن تەتقىقات ئورگىنى بۇ ھەقتىكى دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى چوڭ بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن قوشنا ئەللەر بىلەن سۇنى ئورتاقلىشىش مەسىلىسىدە مەسئۇلىياتچان بولۇشى كېرەكلىكىنى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنىڭ مۇقىم سۇ مەنبەسىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، ئوتتۇرا ئاسىيا تەرەققىي قىلسا بۇنىڭ خىتاي ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇلار يەنە قازاقىستاننىڭمۇ سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سۇ ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاش، سۇ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، سۇ ئامبارلىرىنى تولۇقلاشقا ئوخشاش خىزمەتلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى ۋە چېگرا ھالقىيدىغان سۇلارنى ئىشلىتىش مەسىلىسىدە خەلقئارانىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. پەيزۇللا ئەپەندى بولسا سۇ مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چوقۇم ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن ھەمكارلىشىشى ۋە بۇنىڭغا دەرھال بىر چارە تېپىشى كېرەكلىكىنى، ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى دەرھال ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
0:00 / 0:00