خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەر-جاي ناملىرىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشى، ھەتتا ئەسىرلەر بويى داۋاملىشىپ كەلگەن ئۇيغۇرچە يەر-جاي ناملىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتايچە ناملارنى بېكىتىپ ئىشلىتىشى، ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.
«تەڭرىتاغ تورى»نىڭ 19-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، قەشقەر ئايرودرومىنىڭ ئىسمى «قەشقەر لەينىڭ خەلقئارالىق ئايرودرومى» دەپ رەسمىي ئۆزگەرتىلگەن. خەۋەردە يەنە بۇ ئايرودرومنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئايرودروم بولۇشتىن باشقا، تۇنجى تارماق لېنىيەلىك خەلقئارالىق ئايرودروم بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان.
خىتاينىڭ «قەشقەر ئارودرومى»نىڭ نامىنى بىر دومىلاپلا خىتايچىلاشتۇرۇشى، يەنى ئۇنىڭغا «لەينىڭ» دېگەن خىتايچە نامنى قوشۇشىغا روشەن ھالدا سىياسىي مەقسەتنىڭ يوشۇرۇنغانلىقى ئاشكارا بولماقتا. يەنى خىتاي تاراتقۇلىرىدا «قەشقەر ئايرودرومىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىش- غەربىي دىيار - ساياھەتچىلىك ساھەسىنىڭ يېڭى مۇقەددىمىسىنى ياراتتى. لەينىڭ شەھىرىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدە ئېتىبارغا سازاۋەر بولۇشى، ئۇنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش ۋە دۈشمەن كۈچلەرگە قارشى تۇرۇشنىڭ سىمۋولى بولغانلىقىدا» دېگەندەك مەزمۇنلار كۈچەپ تەشۋىق قىلىنماقتا.
ئۇنداقتا، «لەينىڭ» دېگەن بۇ خىتايچە سۆز نېمە مەنىنى بىلدۈرىدۇ؟ خىتاي نېمە ئۈچۈن قەشقەر ئايرودرومىنىڭ نامىنى «لەينىڭ ئايرودرومى» غا ئۆزگەرتىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر ئايرودرومىنىڭ نامىنى «لەينىڭ ئايرودرومى»غا ئۆزگەرتىشنىڭ سەۋەبى، قەشقەرنىڭ تارىختىكى «يىپەك يولى» ۋە بۈگۈنكى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى لىنىيەسىدىكى مۇھىم ئاۋىئاتسىيە تۈگۈنى ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈش، قەشقەرنىڭ دۆلەتلەر ئارا چېگرا ھالقىغان سودا تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىكەن.
قەشقەر ئايرودرومىنىڭ نامىنى خىتايچە «لەينىڭ»گە ئۆزگەرتىشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە خىتاينىڭ چوڭقۇر سىياسىي مۇددىئاسى ۋە «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى» دېگەن سىياسىي سەپسەتەسىنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس، ئەلۋەتتە. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمىي مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان قەشقەردىكى ئايرودرومنىڭ نامىنى خىتايچىلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ تارىختىن بۇيان قەشقەرنى مەركەز قىلغان رايونلارنى باشقۇرۇپ كەلگەنلىكى، بۇندىن كېيىنمۇ بۇ رايوندا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دەۋر سۈرىدىغانلىقى، شۇنداقلا خەلقئاراغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقانداق بىر جاينىڭ نامىنىڭ ئۇيغۇرچە ئەسلى ئاتالغۇسى بىلەن ئەمەس، بەلكى خىتايچىلاشتۇرۇلغان نامى بىلەن بىلىنىشىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن پىلانلىق ئېلىپ بېرىلغان بىر ھەرىكەتتۇر.

يېقىندا «خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدە ئىزاھلىنىشىچە، «لەينىڭ» دېگەن بۇ نام قەشقەر كوناشەھەرگە جايلاشقان ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە «يۇمۇلاق شەھەر» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن جاينىڭ خىتايچە ئاتىلىشى ئىكەن. «لەينىڭ قەلئەسى» مەنچىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قەشقەرنى مەركەز قىلغان جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇپراقلارنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن سېلىنغان ھەربىي قەلئە بولۇپ، قەشقەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان ئىكەن. مەزكۇر ماقالىدە مانجۇ ئىمپىراتورى چىيەن لوڭنىڭ مەنچىڭ ئەسكەرلىرى بازا قىلغان قەشقەردىكى بۇ قەلئەگە «لەينىڭ» دېگەن نامنى تەقدىم قىلغانلىقى، بۇ سۆزنىڭ «قەشقەرىيەنى تىنجىتىپ، خەلقىنى ئەمىن تاپقۇزۇش» دېگەن مەنىنى بېرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ماقالىدە يەنە قەشقەردىكى «لەينىڭ شەھىرى» (لەينىڭ قەلئەسى)نىڭ ئەينى ۋاقىتتا چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭغارلارنىڭ ھۇجۇملىرى مەغلۇپ قىلىش، خوجىلار يېغىلىقلىرىنى تىنجىتىش جەريانىدا مەنچىڭ ئەسكەرلىرى ئۈچۈن «تەۋرەنمەس قورغان» بولغانلىقى، شۇنداقلا چىڭ سۇلالىسىنىڭ «غەربىي رايون»نى قايتۇرىۋالغانلىقىنى غەلىبىسىگە سىمۋول قىلىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. خىتاي مەنبەلىرىنىڭ قەشقەردىكى «لەينىڭ شەھىرى» ھەققىدە بەرگەن بۇ بايانلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلغىنىمىزدا، چىيەن لوڭنىڭ خىتاي تارىخچىلىرى تەسۋىرلىگىنىدەك «تىنچلىق ئەلچىسى» بولماستىن، بەلكى پروفېسسور ئابلەھەت خوجايېف ئېيتقىنىدەك، «قەشقەرىيە ۋە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان تۇنجى خىتاي ھۆكۈمرانى» ئىكەنلىكىنى؛ شەرقىي تۈركىستاننىڭ 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مەنچىڭ ئىمپىرىيەسى تەرىپىدىن دەسلەپكى قەدەمدە بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرەلەيمىز.
خىتاي ھۆكۈمىتى نەشىر قىلغان «قەشقەر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» ناملىق كىتابتا قەيت قىلىنىشىچە، مەنچىڭ ئىمپىراتورلىرىدىن چىيەن لوڭ بۇ جايدا سېپىللىق شەھەر سالدۇرۇپ، ھەربىي مەھكىمە ۋە ئەسكىرىي بازا تەسىس قىلغان، 1771-يىلى يارلىق چۈشۈرۈپ، بۇ قەلئەگە «لەينىڭ شەھىرى» دەپ نام بەرگەن ئىكەن. قەشقەردىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار «يۇمۇلاق شەھەر» دەپ ئاتاپ كەلگەن، كېيىنچە خارابىلىققا ئايلانغان بۇ جايغا يېقىنقى يىللاردا «لەينىڭ شەھىرى خارابىلىقى» دېگەن تاختاي ئېسىلىپ، ساياھەت نۇقتىسى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكى مەلۇم.

خىتاي تارىخىدا يەر-جاي ناملىرىنى ئۆزگەرتىش قىلمىشى تارىختىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بىر ئادەتتۇر. خىتاي تارىخىغا قارايدىغان بولساق، غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ تاكى مەنچىڭ سۇلالىسىغىچە بولغان ئۇزاق تارىختا يېڭىدىن ھاكىمەت بېشىغا چىققان خىتاي پادىشاھلىرى ئالدىنقى خانىدانلىق دەۋرىدە بەرپا قىلىنغان يەر-جاي ناملىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى نامايىش قىلىپ كەلگەن. مەنچىڭ سۇلالىسى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىنى «دىخۇا»، باركۆلنى «جېنشى»، ماناسنى «سۈيلەي» دەپ ئاتىغانلىقى بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر.
مۇستەبىت دۆلەتلەردە ئادەتتە يەر-جاي ناملىرىنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى روشەن سىياسىي مۇددىئانى چىقىش قىلغان بولىدۇ. مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى يەر-جاي ناملىرىنى بېكىتىشتە خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ۋە ئەمىنلىكىنى كۆزلەش، دۆلەتنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا زىيان ئېلىپ كېلىدىغان يەر-جاي ناملىرىنى چەكلەشتىن ئىبارەت سىياسىي مىزاننى ئاساس قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر-جاي ناملىرىنى ئۆزگەرتىش سىياسىتىنىڭ ئىچ يۈزى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ زېمىندىكى ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىش، ئۆزىنىڭ ئىشغالىيەتچىلىك قىلمىشىنى پەردازلاش ۋە خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرۇش مەقسىتىنى چىقىش قىلغانلىقى ئېنىق.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر-جاي ناملىرىنىڭ ئۆزگىرىشى گەرچە تارىختىن بۇيان يۈز بېرىپ تۇرغان بىر ھادىسە بولسىمۇ، ئەمما چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە مانجۇ-خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بولغان كونتروللۇقىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ھادىسە يوقىرى پەللىگە چىققان. بۇ دەۋرلەردە ئۈرۈمچى، قاراشەھەر، ماناس، قورغاس، باركۆل قاتارلىق جايلارغا خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنى ئەكس-ئەتتۈرىدىغان خىتايچە ئىسىملارنىڭ قويۇلۇشى شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. 1949-يىلى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەر-جاي ناملىرىدا كۆپ قېتىم ئۆزگىرىش بولدى. مەسىلەن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ كوچا ۋە يوللىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئۇيغۇرچە نامى ئۆزگەرتىلىپ، ئورنىغا «جۇڭسەن يولى»، «ئازادلىق كوچىسى»، «ئىتتىپاق مەيدانى» دېگەندەك ناملار قويۇلغان. تارىخچى جەيمىس مىلۋاردنىڭ «ياۋرو-ئاسىيانىڭ كېسىشىش نۇقتىسى: شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابىدا كۆرسىتىلىشىچە، 20-ئەسىردە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆپ قىسىم يەر-جاي ناملىرىنى بۇرۇنقى خىتايچە ئىسىملارغا ئۆزگەرتىۋەتكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 2011-يىلى ئېلان قىلغان «يەر-جاي ناملىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە يولغا قويۇش چارىسى»نىڭ 8-9-ماددىلىرىدا: «ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدىكى يەر-جاي ناملىرىنى خالىغانچە قىسقارتماسلىق، تەرجىمىدە يەرلىك تىلنىڭ تەلەپپۇزى بويىچە خىتايچىغا تەرجىمە قىلىش، دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى يەر-جاي ناملىرى قىلىپ قوللانماسلىق» دەپ كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بۇ ماددىلارغا تولۇق ئەمەل قىلمىغان. بۇ بەلگىلىمىدە يەنە «شۇ جايدىكى ئامما قوللىنىپ ئادەتلەنگەن ئىسىملارنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئىسىم قويۇشقا توغرا كەلسە يەرلىك خەلقنىڭ پىكرىنى ئېلىش لازىم» دەپ بەلگىلەنگەن. ئەمەلىيەتتە خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر ئايرودرومىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشتە ھەرگىزمۇ قەشقەر ئاھالىسىنىڭ ئىسىم ئۆزگەرتىشكە دائىر پىكرىنى ئالمىغان. ئەكسىچە خىتاي دائىرىلىرى ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىپ بېكىتكەن.
يەر-جاي، ئورۇن ناملىرى مەلۇم نۇقتىدىن ئالغاندا ئۆتمۈشنىڭ تامغىسىدۇر. يەر-جاي ناملىرىنىڭ تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم خەلقئارادا «توپولوگىيە» دەپ ئاتىلىدۇ. يەر-جاي ناملىرىنىڭ ئېتېمولوگىيەسى مەلۇم مىللەت ياكى خەلقنىڭ تارىخى، ئۆتمۈشى، يەرلىك مەدەنىيىتى ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋاللىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەر-جاي ناملىرىنى، بولۇپمۇ قەدىمىي تارىخقا ئىگە قەشقەر قاتارلىق مەشھۇر شەھەرلەردىكى يەر ناملىرىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاينىڭ ئەبەدىي بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇش، بۇ رايوندا ئۇيغۇرلار مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق بىر ئىز ياكى بەلگە قالدۇرماسلىقنى نىشان قىلىشتەك سىياسىي قارا نىيىتىنىڭ ئىچ يۈزىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
***
(بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ)