«ئۇيغۇرلار كىم ۋە خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇلاردىن قورقىدۇ»
2016.10.05
دۇنيادىكى مۇھىم ئېقىم مەسىلىلىرى، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ۋەقەلەر ئۈستىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىر - ئانالىزلىرى ئېلان قىلىنىدىغان خەلقئارالىق تور بەتلەردىن بولغان «خەلقئارالىق خەۋپ كۆرسەتكۈچى» تور بېتىدە 3 - ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە بىر دوكلات ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ماقالىدە ئاپتور ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ سىياسى ۋەزىيىتىنى تونۇتۇش بىلەن بىرلىكتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا قوللىنىۋاتقان تاكتىكىلىرىنى مۇلاھىزە قىلغان. بۇ ماقالىگە «ئۇيغۇرلار كىم ۋە خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇلاردىن قورقىدۇ» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بولۇپ، تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئىرادە سىلەرگە بۇ ماقالىدىكى مەزمۇنلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، «خەلقئارالىق خەۋپ كۆرسەتكۈچى» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلار كىم ۋە خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردىن قورقىدۇ؟» ماۋزۇلۇق ئالاھىدە دوكلات مەزكۇر ئورگاننىڭ تەتقىقاتچىسى جېرېمىي لۇدى تەرىپىدىن يېزىلغان. ئۇ دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن قوللانغان تاكتىكىلىرىنى ھەم شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەلگەندە قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ دېپىنى چالىدىغان قىلغانلىقى ئۈستىدە نۇقتىلىق توختالغان.
ئۇ ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئىچكى ۋە خەلقئارالىق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئېلىگە خوشنا بولغان ئاجىز دۆلەتلەر، ئېنىقسىز چېگرا، مىللەتلەر مەسىلىسى، دىنى مەسىلىلەرنىڭ خىتاي ئۈچۈن چوڭ بىر باش ئاغرىقى بولغاچقا خىتاينىڭ دەرھال ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇپ، چېگرىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئالاقىلەرنى كۈچەيتىش ئارقىلىق بىخەتەرلىك مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئاخىرقى مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان :
- بۆلگۈنچىلىك، رادىكاللىق ۋە تېرررولۇق تىن ئىبارەت «ئۈچ خىل كۈچ» دېگەن سەپسەتىنى قوللىنىپ تۇرۇپ، خىتاي شىنجاڭنى دىنى رادىكاللىقنى ئاساس قىلغان بۆلگۈنچىلىك ۋە زوراۋانلىق بىلەن تولغان بىر جاي قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇندى. خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنى يۇقىرىقىدەك گەۋدىلەندۈرۈشىنىڭ ئاساسىي ئاجىز، مۇبالىغە ۋە خاتا. بىراق، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، خىتاي ھۆكۈمىتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئورگانلار ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قويغان ئۆلچىمى ۋە باھاسىنى قوبۇل قىلدۇرۇشتا ئاجايىپ غەلىبە قازاندى.
ئاپتور ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تۇتقان سىياسىتىدە ئاساسلىق «ۋەتەنپەرۋەرلىك» نى تەرغىپ قىلىش، مۇنداقچە ئېيتقاندا «خىتايلاشتۇرۇش» نى ئاساس قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەڭپۇڭسىز ئىقتىسادىي تەرەققىيات، باراۋەرسىزلىك ۋە خىتاي كۆچمەنلىرى نارازىلىقنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى 1996 - يىلىدىن باشلاپ ئىجرا قىلغان «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى ئۈستىدە توختىلىپ، ئۇنى شۇ چاغدىكى ۋەزىيەتكە باغلىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇنداق قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈشى شۇ چاغدىكى ئۆزگىرىۋاتقان ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تاشقى جەھەتتىن ئالغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چېگرىسىدىلا سىياسىي جەھەتتىن مۇقىمسىز، ئىقتىسادىي ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلگىرى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نى ئېلان قىلىپ مۇستەقىل بولۇپ باققان بىر جاي بولۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىگە يېڭى بىر خەۋپسىزلىك رىقابىتى پەيدا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن خىتاي يەنە بىر تىبەتنىڭ يارىتىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، مەيلى راست بولسۇن،مەيلى خىيالىي بۆلگۈنچىلىكنىڭ ھەممىسىنى سىستېمىلىق ھالدا «ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش» نى قوللىنىپ تۇرۇپ يوقىتىش ھەرىكىتىنى باشلىغان.
ئاپتور مۇلاھىزىسىدە بۇنىڭغا مىسال بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئى تېررورلۇق بىلەن بۆلگۈنچىلىكنى بىرلەشتۈرۈپ، چەتئەللەردىكى مۇستەقىللىقنى تەرغىپ قىلىدىغان ۋە ھەتتا قىلمايدىغان بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى «تېررورچىلار» دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى ھەم شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولغان مىللىي سىياسەتنى تەنقىد قىلغۇچىلارنىڭمۇ ئوبرازىنى خۇنىكلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ تۇرۇپ، ئۇلارنى «بۆلگۈنچى، تېررورچى، دىنى رادىكال» دەپ قارىلىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئاپتور يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى مۇبالىغە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە، ئافغانىستاندا ھەتتا قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا مەخپىي چېنىقىش، تەربىيىلىنىش بازىلىرى بارلىقىنى، يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كەينىدە ئەل - قائىدە تېررور تەشكىلاتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەنلىكىنى ئەمما كۈلكىلىك بولغىنى، ئەل - قائىدىنىڭ پەقەت 2009 - يىلىدىكى ۋەقەدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرغاندا ئاندىن ئوتتۇرىغا چىقىپ، خىتايغا قارشى بايانات بەرگەنلىكىنى بايان قىلغان.
ئەمما ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر مەسىلىسىدە چەتئەل كۈچلىرىنىڭ تەسىرىدىن ئەنسىرىسىمۇ، ئەمما ئەڭ كۆپ ئەندىشە قىلىدىغىنى يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى، خوشنا دۆلەتلەردىكى ۋە شۇنداقلا خەلقئاراغا تارقالغان ئۇيغۇر جامائىتى ۋە تەشكىلاتلىرى ئىكەن. شۇڭا ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشنى زور ئۇيغۇر نوپۇسىغا ئىگە بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىش بىلەن باشلىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى قوللىماسلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش بەدىلىگە قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان بىلەن بولغان چېگرا داۋالىرىدىن ۋاز كېچىپ، بۇ دۆلەتلەرگە ئىقتىسادىي ياردەم قىلىش، بۇ دۆلەتلەردىكى سىياسىي ئېلىتلارنى سېتىۋېلىش ۋە ھەتتا پرېزىدېنت ئائىلىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتلەرنى قۇرۇش ئارقىلىق ئاخىرى بۇ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى ئۇيغۇرلارغا خۇددى خىتايغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغان دەرىجىگە ئەكەپ قويغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېررولۇققا قارشى ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ يېقىن قوللىغۇچىلىرى بولغانلىقىنى بايان قىلغان. ئاپتور شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى بىردىن - بىر مەقسەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى تىنجىتىش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. ئۇ مۇلاھىزىسى ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇنداق دەپ يىغىنچاقلىغان:
- - خىتاينىڭ شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇرلاردىن ئەنسىرىشى ئۇلارنى خىتاينىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردى. ئۇلار ھەم خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ مەركىزى نوقتىسى. خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىچىدە ئۆزىنىڭ نورمىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، تەشكىلات ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قارشى تۇرىدىغان سىياسەتلىرىنى خەلقئارالاشتۇرۇشتا غەلىبە قازاندى. بۇ دۆلەتلەر ئارا شەكىللەنگەن بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئاجىز دۆلەتلەردىن ئۆزىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە كېلىدىغان تەھدىتكە تاقابىل تۇردى. بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگىچە كىرىپ، ئۆزىگە تەھدىت دەپ ھېس قىلغانلارنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان بولدى. جۈملىدىن بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ بۇ ئاتالمىش«تەھدىت» كە قارشى ئېلىۋاتقان مۇبالىغە خاراكتېرلىق تەدبىرلىرى سايىسىدە پەقەت شىنجاڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنماقتا.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، سىلەر يۇقىرىدا «خەلقئارالىق خەۋپ كۆرسەتكۈچى» تور بېتىدە بۇ ئورگاننىڭ تەتقىقاتچىسى جېرېمىي لۇدى تەرىپدىن يېزىلغان ئانالىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار بىلەن تونۇشۇپ ئۆتتىڭلار.