خىتاينىڭ مۇستەملىكە زېمىن ۋە «تېررورلۇق» قا باھا بېرىشتىكى قوش ئۆلچىمى

0:00 / 0:00

ئىسرائىلىيە بىلەن خاماسنىڭ غەززەدىكى توقۇنۇشى داۋاملىشىۋاتقان ۋەزىيەتتە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خەلقئارا كېلىشىم ۋە قانۇن مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ما شىنمىڭ 22-فېۋرال كۈنى گوللاندىيەدە ئېچىلغان خەلقئارا ئادالەت سوتىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسى ھەققىدىكى يىغىنىدا خىتاينىڭ مەيدانىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «بىز مۇستەملىكىچىلەر ۋە چەت ئەل ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، جۈملىدىن قوراللىق كۈرەش قىلىشنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيمىز» دېگەن.

ما شىنمىڭنىڭ گېپىدىن قارىغاندا، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەش يولىدا ئىسرائىلىيەگە قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىش ھوقۇقى بار ئىكەن. خاماس تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 1200 دىن ئارتۇق پۇقرانى ئۆلتۈرسىمۇ يوللۇق بولىدىكەن.

«ئىسرائىلىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سوتتا ما شىنمىڭ يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ قوراللىق كۈرەش ئارقىلىق مۇستەملىكىچىلىكتىن قۇتۇلغانلىق تارىخى بارلىقىنى، خاماسنىڭ ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىشىنىڭ تېررورلۇق ئەمەس، بەلكى «قانۇنلۇق قوراللىق كۈرەش» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

«ئىسرائىلىيە ۋاقتى» گېزىتى 26-كۈنى ئوبزور ئېلان قىلىپ، ما شىنمىڭنىڭ «پەلەستىنلىكلەرنىڭ قوراللىق كۈچ ئىشلىتىش ھوقۇقى بار» دېگەن سۆزىگە رەددىيە بەرگەن. ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لىيور ھەيات (Lior Hiaat) X دا پىكىر بايان قىلىپ: «ئۇرۇش قانۇنى پۇقرالارغا سىستېمىلىق ۋە قاراتمىلىق ھۇجۇم قىلىشقا، شۇنداقلا پۇقرالارنى قالقان قىلىپ ئۇلارنى قۇربان قىلىشقا يول قويمايدۇ. خاماس ‹قوراللىق كۈرەش› نامىدىن پايدىلىنىپ، يۇقىرىقى ھەر ئىككى ئۇرۇش جىنايىتىنى سادىر قىلدى. خىتاي ئۆزىدىن شۇنى سوراپ بېقىشى كېرەك: تېررورلۇق تەشكىلاتى بولغان خاماس ئۆزىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسىنىڭ (ما شىنمىڭنىڭ) خەلقئارا ئادالەت سوتىدىكى سۆزلىرىنى نېمىشقا دەرھال قارشى ئالىدۇ؟ ».

جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پىروفېسسورى، دوكتور شان روبېرتس (Sean R. Roberts) خىتاينىڭ بۇ يەردە قوش ئۆلچەم قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ يەردە قوش ئۆلچەم مەسىلىسى مەۋجۇت. ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىمۇ ئوخشىمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، بىر دۆلەتنىڭ ئەركىنلىك جەڭچىسى يەنە بىر دۆلەتنىڭ تېررورچىسى بولۇپ قالىدۇ. چاتاق يېرى شۇكى، كۈچلۈك دۆلەتلەر دائىم قوش ئۆلچەم قوللىنىدۇ ۋە ئۆزىنى ئۇنىڭغا ھەقلىق ھېسابلايدۇ» .

تۈركىيە سەلجۇق ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئادىلجان ئەر ئۇيغۇرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ خەلقئارا ئادالەت سوتىدا پەلەستىننىڭ ئادۋوكاتلىقىنى قىلىشى تامامەن كۈچ ۋە مەنپەئەت مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدىكەن.

خىتاي ۋەكىلى ما شىڭمىڭنىڭ بايانىدا، مۇستەملىكە قىلىنغان زېمىندىكى خەلقنىڭ قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىشىنى قوللايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. جورج تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورلىرىدىن، خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخچىسى جەمېس مىلۋارد (James A. Millward) نىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىمۇ بېسىۋېلىنغان زېمىندۇر. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى چىڭ سۇلالىسىدىن تارتىپ ئىگىلىۋېلىنغان ئۇيغۇر زېمىندا مۇستەملىكىچىلىك قىلىپ كەلمەكتە. ئۇ يېقىندا رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مىللەتچى خىتاينىڭ مەنچىڭ ئىمپېرىيەسىدىن قالغان زېمىنلارنى، جۈملىدىن 18-ئەسىردىن ئىلگىرى خىتايغا تەۋە بولمىغان ئۇيغۇر رايونىنى خىتاينىڭ بىر قىسمى قىلىۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئۇ يەنە خەلقئارادا كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونى ۋە تىبەتكە بولغان ھۆكۈمرانلىقى ئېتىراپ قىلىنغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ زېمىنىنى يۇتۇۋېلىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تونۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنىدى.

پىروفېسسور جەمېس مىلۋارد بىلەن جورج تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق تەتقىقاتچىسى نادىر ھاشىمى 23-فېۋرال كۈنى «سۈبھى» (Dawn) گېزىتىدە ئېلان قىلغان «شىنجاڭ ۋە غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ساۋاقلىرى» ناملىق ماقالىدە، يېقىندا خەلقئارا ئادالەت سوتىدا پەلەستىن توغرۇلۇق ئېچىلغان ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىنى چۆرىدەپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىمۇ سېلىشتۇرما قىلىنغان. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئېنىق قانۇنىي ئېنىقلىمىسى بار تۇرۇقلۇق، نېمىشقا نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە ئىسرائىلىيەنى ئاقلايدۇ؟ ھالبۇكى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلەۋاتقان دۆلەتلەر نېمىشقا خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئاقلايدۇ؟ مانا بۇلار شىنجاڭ بىلەن غەززەدە يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ باھالاشتا قوش ئۆلچەم قوللىنىلغانلىقىنى، شۇنداقلا خەلقئارا تەرتىپنىڭ تۈپ پىرىنسىپلىرىدا كۆرۈلگەن يوچۇقلارنى ئاشكارىلايدۇ» .

پىروفېسسور جەمېس مىلۋارد رادىيومىزغا يوللىغان يازما ئىنكاسىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكا شىنجاڭدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىپ غەززەدىكىنى ئېتىراپ قىلمىدى؛ خىتاي بولسا شىنجاڭدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىپ، غەززەدىكىنى ئېتىراپ قىلدى. بۇلار كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان ئەھۋال» .

BBC تورىنىڭ 29-فېۋرال كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خاماس سەھىيە مىنىستىرلىقى ئۆتكەن يىل 10-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن بۇيان غەززەدە ئۆلگەنلەرنىڭ 30 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئاياللار ۋە بالىلار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، خاماسنىڭ ھۇجۇمى كەلتۈرۈپ چىقارغان توقۇنۇشتا ئۆلگەن پەلەستىن پۇقرالىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپ بولۇشى «غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇۋاتىدۇ» دېگەن ئەيىبلەشلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغان.

ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ۋەكىلى خاماسنىڭ ھۇجۇمىنى «قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىش» دەپ ئاتىغان. شان روبېرتىسنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى ۋە ھەققانىي كۈرەشلىرىنى تېررورلۇققا باغلاپ، قەبىھ ئۇسۇلدا باستۇرۇپ كەلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ-كىچىك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» دېگەندەك ئىسمى بار جىسمى يوق تەشكىلاتلارغا باغلاپ قويغان.

-2020يىلى ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى «تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكى» دىن ئۆچۈرۈپ تاشلىغان بولسىمۇ، خىتاي ئۇنى داۋاملىق بار قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن. ئۆتكەن يىل 4-ئايدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن: «‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا بىر قاتار زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى پىلانلىدى ۋە ئېلىپ باردى» دەپ سۆزلىگەنىدى. پىروفېسسور شان روبېرتىس بۇنداق بىر تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇت بولمىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ خىتاينىڭ بۇ قېتىم يەنە خاماسنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى كۆرمەسكە سېلىپ، ئۇنى ئاقلىغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاپ باستۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن يەنە شۇنداق قارايمەنكى، خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىگە قارشى تەشكىلاتلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىشىنىڭ بىر مىسالىدۇر. خەلقئارادا تېررورلۇققا بېرىلگەن ئورتاق ئېنىقلىما يوق. شۇڭا ھەر قايسى دۆلەتلەر بۇ ئۇقۇمدىن خالىغانچە پايدىلانماقتا؛ ئۇلار دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن جەڭ قىلغۇچىلارنى ئەركىنلىك جەڭچىلىرى دەپ ئاتىسا، ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلغۇچىلارنى تېررورچىلار دەپ ئاتىماقتا».

دوكتور ئادىلجان ئەر ئۇيغۇر كۈچلۈك ئورۇندىكى خىتاينىڭ ئاجىز ئورۇندىكى ئۇيغۇرلارنى دائىم ئۆز مەيلىچە سۈپەتلەپ، باشقىلارغا ئۇلارنى ناچار، خۇنۈك، خەتەرلىك كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايانىغا قارىغاندا، بۈگۈنكى دۇنيادا «ئىرقى قىرغىنچىلىق» دېيىلگەن ھامان خىتاينىڭ پېشانىسىگە بۇ تامغا ئۇرۇلىدىكەن؛ مەيلى ئۇرۇش يۈز بېرىۋاتقان ئۇكرائىنا ياكى پەلەستىندە بولسۇن، مىللىي قىرغىنچىلىق تۈسىنى ئالغان ئۇرۇش جىنايەتلىرى يۈز بەرگەندە خىتاينىڭمۇ ئۇيغۇرلارغا يوشۇرۇن ۋە قەبىھ ئۇسۇلدا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.