بىر ئۇيغۇر ئانا: «ئوغلۇمنى قوش تىل مائارىپىنىڭ چاڭگىلىدىن يۇلۇپ ئەپچىقتىم»

0:00 / 0:00


پۇتۇنلەي قوش تىل ئوقۇتۇشىدا تەربىيىلەنگەن ئۇيغۇر بالىلىرى تۇنجى تۈركۈمدە بۇلتۇردىن باشلاپ ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئۆرلەپ ئوقۇشقا باشلىدى، ئىنكاس ۋە ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئوقۇتقۇچىلارنى، ئاتا ئانىلارنى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئېچىندۈرۇۋاتقىنى - ئوتتۇرا مەكتەپكە قەدەم قويۇۋاتقان بۇ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچىدىمۇ، خىتايچىدىمۇ ئوخشاشلا تولۇق ساۋاتلىق بولالمايلا قالماي، كەسپىي دەرسلەردە باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن سەۋىيىگە يەتمەيۋاتقانلىقىدەك ئاچچىق رىئاللىق.

مانا بۇ نەتىجە خىتاي ھۆكۈمىىتى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتىىنىڭ پۈتۈنلەي خاتا ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ئىسپاتلاپ كۆرسەتمەكتە. ئۇيغۇرلار قوش تىل مائارىپ سىياسىتىگە قارشى ئانا تىلنى قوغداش يولىدا قولىدىن كېلىشىچە ئىزدەنمەكتە، قانۇن دائىرىسى ئىچىدە قولىدىن كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىپ ئانا تىل يەسىلىسى، ئانا تىل مەكتىپى قۇرۇشقا ئۇرۇنۇپمۇ كۆردى. ھەتتا بالىلىرىنى قوش تىل مائارىپنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغداش ئۈچۈن يۇرت ئەلنى تاشلاپ چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىۋاتقانلارمۇ بار، ئەنە شۇنداق، ئوغلىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ھىجرەتتە ياشاش يولىنى تاللاپ ئامېرىكىغا كەلگەن بىر ئۇيغۇر ئانا - ئارزۇگۇل خانىم بىلەن سۆھبەتتە بولدۇق،

نۆۋەتتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ بۇ ئۇيغۇر ئانا بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە ئىشتراك قىلغايسىلەر.