13-مارت كۈنى خىتاينىڭ ئىككى يىغىنى ئاياغلاشتى. خەلقئارا تاراتقۇلار ۋە چەتئەللەردىكى سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ئۆز مۇلاھىزىلىرىدە، بۇ قېتىمقى يىغىندا خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىدا يىللاردىكىدىن پەرقلىق ھالدا جىددىي كەيپىيات ئەكس ئەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئىككى يىغىننىڭ خىتاي ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى ئىچكى زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىكىنى ئاشكارا ئىپادىلىگەنلىكى ۋە بۇنىڭ خىتاي كومپارتىيە ھاكىمىيىتىدە يەنە بىر قېتىملىق ئىچكى داۋالغۇش يۈز بېرىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
بېيجىڭدا ئېچىلغان خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش يىغىنى يەكشەنبە كۈنى ئاياغلاشتى.
چەتئەللەردىكى سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن«بېيجىڭ باھارى»ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى، مۇستەقىل ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئوبزورچى چېن پوكوڭ ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىلەر رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
چەتئەلدە نەشر قىلىنىدىغان «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى بۇ قېتىمقى يىغىندا دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ كەيپىياتىدىكى سوغۇق جىددىي ھالەتكە دىققەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
خۇ پىڭ ئەپەندى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان بارلىق ئاماللار بىلەن ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما يىغىندىكى كەيپىياتتىن شى جىنپىڭنىڭ قارشى كۈچلەرنىڭ نارازىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىن ھەققىدىكى تەسىراتىم، ھوقۇقنى ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كوممۇنىست ھاكىمىيەت قاتلىمى ئىچىدە نارازىلىققا ئۇچراپ، تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇرلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دېگەن تۇيغۇ بولدى. بەلكىم ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى لى كېچياڭ ياكى باشقا بىرى ئۈستىگە ئېلىشى مۇمكىن. يىغىن ھەققىدىكى خەۋەرلەردە شى جىڭپىڭنىڭ باشتىن-ئاخىر سوغۇق جىددىي ھالەتتىكى سۈرەتلىرى كۆپلەپ بېسىلدى، يىغىن ھەققىدىكى سىنئالغۇلاردا خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ ھۆكۈمەت دوكلاتىنى ئوقۇغاندا ئاۋازى تىترەپ بوغۇلۇپ چىقىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر ئەينەن بېرىلدى. لى كېچياڭ دوكلات ئوقۇۋاتقاندا 5-6 قېتىم چاۋاك چېلىندى، ئۇ دوكلاتىنى ئوقۇپ بولغاندا بولسا يېرىم مىنۇتقا سوزۇلغان چاۋاك چېلىندى. ئەمما شى جىنپىڭ لى كېچياڭنىڭ دوكلاتى جەريانىدا سوغۇق كەيپىياتنى ئىپادىلىدى، قاپىقىنى تۈرۈپ ئولتۇردى، چاۋاكمۇ چالمىدى. ئىلگىرىكى بۇنداق يىغىنلاردا خىتاي رەئىسلىرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەنئەنە بويىچە، دوكلاتتىن كېيىن دۆلەت رەئىسنىڭ باش مىنىستىر بىلەن قول ئېلىشىپ ھۆرمەت بىلدۈرىدىغان قائىدىنى شى جىنپىڭ ئىپادىلىمىدى. بىرنەچچە كۈندىن بۇيان خەلقئارا تاراتقۇلاردا شى جىنپىڭنىڭ يىغىن جەريانىدىكى سوغۇق خاپا ھالىتى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر بېرىلمەكتە. خىتاي كومپارتىيە ھاكىمىيىتى ئىچىدىكى جىددىي كۈرەشنىڭ يىغىندا ئاشكارا ئەكس ئەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.»
مۇستەقىل ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئوبزورچى چېن پوكۇڭ ئەپەندى يىغىن ھەققىدە توختىلىپ: «خەلقئارا تاراتقۇلاردا يىغىنغا قاتناشقان ئاتالمىش خەلق ۋەكىللىرىنىڭ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتقانلىقى ۋە زىيارەتنى قوبۇل قىلغانلارنىڭمۇ ئۆز پىكرىنى يۈزەكى بايان قىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلدى، شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى چەكلەش سىياسىتى يىغىن ۋەكىللىرىدىكى ئېھتىياتچانلىقنى كۈچەيتىۋەتكەن. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەر-ماقالىلەردە يىغىن مەزگىلىدە شى جىنپىڭ بىلەن لى كېچياڭنىڭ كەيپىياتىدىكى جىددىيلىك ھەققىدىكى سۈرەتلەرمۇ بېسىلدى. بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىن خىتاي ئىقتىسادىدىكى چېكىنىش كۈچەيگەن، خىتاينىڭ تەيۋەن، تىبەت، ئۇيغۇر سىياسىتى خەلقئارا تاراتقۇلاردا مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانغان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەزگىلىدە قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى جىددىيلەشكەن ۋەزىيەتتە ئېچىلدى. مېنىڭچە، شى جىنپىڭنىڭ يىغىندىكى جىددىي كەيپىياتىغا خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ھوقۇق كۈرىشىدىن باشقا يەنە يۇقىرىقى ئامىللارمۇ تەسىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن» دېدى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ، بېيجىڭدا ئېچىلغان ئىككى يىغىن مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ كەيپىياتىدىكى جىددىي ھالەتنىڭ مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ھوقۇق-مەنپەئەت توقۇنۇشى ئاشكارا ئىپادىلەنگەن بۇ ئەھۋالنىڭ خىتايدا يېقىن ئارىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان بىر قېتىملىق داۋالغۇشنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ۋەزىيەتكە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، بولۇپمۇ خەلقئارانىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ سۇمۇرغ تېلېۋىزىيىسى مۇخبىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە «بىر-ئىككى يىلدىن بۇيان رايوندىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە دىنىي رادىكاللىق ئازايدى» دېيىش بىلەن بىللە باستۇرۇشمۇ كەچەيتىلگەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى، جاڭ چۈنشيەننىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرىمەن دەپ يوشۇرۇپ بولالماي، ئەكسىچە بىر-بىرىگە زىت بايانلارنى بەرگەنلىكىنى ۋە شى جىنپىڭغا ئەگىشىش مەسىلىسىدە مۈجمەل جاۋاب بەرگەنلىكى قاتارلىقلارنى نەقىل ئېلىپ، خىتاي ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى ئىچكى تالاش-تارتىشنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ تەقدىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.