«20-قۇرۇلتاي» دىن كېيىنكى مىللەتلەر سىياسىتى ۋە «خىتاي ئۇسلۇبى» دىكى زامانىۋى ئىرقىي قىرغىنچىلىق
2022.10.26
مىللىي كىملىك ئېڭى، بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق ئاساسىي. بىر مىللەتنى بارلىق ئىنسانىي ھەقلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىپ، ئاندىن ئۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن يوقىتىش، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ يىرگىنچلىك جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. ئەپسۇس بۈگۈنكى كۈندە، زامانىۋىلىق ئېلىپ كەلگەن ئەۋزەللىكلەر ۋە ئورتاق قىممەت قاراشلار ئاتا قىلغان دېموكراتىيەدىن پايدىلىنىپ، بىر مىللەتكە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش تېخىمۇ كەچۈرگۈسىز جىنايەتتۇر. ھالبۇكى، خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتى دەل بۇ جىنايەتنى سادىر قىلىپلا قالماستىن، بەلكى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى شى جىنپىڭنىڭ قايتا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى بىلەن بۈگۈن دۇنياغا جاكارلىدى.
شى جىنپىڭ «20-نۆۋەتلىك پارتىيە ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى» دا بەرگەن دوكلاتىدا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى» نى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پارتىيەنىڭ «مىللەتلەر خىزمىتى» نى ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە، «ھەر مىللەت خەلقلىرىنىڭ ۋەتەنگە، جۇڭخۇا مىللىتىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان سوتسىيالىزمغا بولغان يۈكسەك تونۇشى» دىن ئىبارەت «بەشنى تونۇش» نى مۇتلەق ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىگەن. دېمەك، مەزكۇر «بەشنى تونۇش» ئىدىيەسى بولسا، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى» نى يارىتىشنىڭ نېگىزلىك ئاساسىدۇر.
دېمەك، خىتاينىڭ كېيىنكى بەش يىللىق پىلانىدا ئاتالمىش «مىللەتلەر سىياسىتى» ئومۇميۈزلۈك خىتايلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى باش نىشان قىلىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ بەلكى شى جىنپىڭنىڭ ئۆز دوكلاتىدا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە سۆزىنى بىر قېتىممۇ تىلغا ئالماسلىقىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ بۇ يىل ئىيۇلدا ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىشى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى يارىتىش تەتقىقات بازىسى» نى ئالاھىدە كۆزدىن كەچۈرۈشى، قۇرۇلتايدىن كېيىنكى خىتايدا ئومۇميۈزلۈك خىتايلاشتۇرۇش ئاساسىي ئېقىم بولىدىغانلىقىنىڭ شەپىسى ئىدى. چۈنكى ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي كىملىكى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىنغاندىلا، ئاندىن ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون نامىنى ساقلاپ قېلىشقا قىلچە ھاجەت قالمايتتى.
گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئەزەلدىن ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى بەرمىگەن تۇرسا، ئاپتونوم رايون نامىنىڭ خىتاي ئۈچۈن تەھدىتى نېمە؟ دېگەن سوئال كېلىشى تەبىئىي. خىتاي ئۈچۈن مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنىڭ ساختا بولسىمۇ مەۋجۇت بولۇشى، بۇ رايونلاردا مەزكۇر مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنىڭ ھەقلىق ئىگىسى بولغان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ داۋاملىق مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. دەل بۇ ھەقىقەت خىتاينى ئىزچىل بىئارام قىلىۋاتقان مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ خەلقئارا قانۇنلاردىكى ھەقلىرىگە ئاساسەن، زۇلۇمغا، تەڭسىزلىككە ئۇچرىغاندا قارشىلىق كۆرسىتىشى، ھەتتا مۇستەقىللىق يولىغا مېڭىشى خەلقئارادا جىنايەت دەپ قارالماستىن بەلكى ھەقلىق كۈرەش دەپ قارىلىدۇ. شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ماۋ زېدوڭ غەربكە قارشى ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنى قولغا كەلتۈرۈشتە، ئۇلارنىڭ غەرب مۇستەملىكىسىگە قارشى مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىنى كۈچەپ قوللىغانىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە بولسا، ماۋ زېدوڭنىڭ بۇ ئىستراتېگىيەسى خىتاينى ئوتتۇرا شەرق قاتارلىق ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ يېقىن دوستىغا ئايلاندۇرغان.
1953-يىلى ستالىننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىنكى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى باشلانغىنىدا، خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلدى. بۇ دەل سوغۇق ئۇرۇش ئەۋجىگە چىققان مەزگىل بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن غەرب ئوخشىمىغان شەكىلدە ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنىڭ زىددىيەتلىرىگە چېتىلىپ، خىتاينىڭ بۇ بوشلۇققا كىرىشىگە پۇرسەت ياراتتى. خىتاي بۇ ۋاقىتتا پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، ئوتتۇرا شەرق، لاتىن ئامېرىكاسى ۋە ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنىڭ مۇستەملىكىچىلىككە قارشى كۆرۈشىنى ھەر جەھەتتىن قوللاشقا باشلىدى. دېمەك خىتاي ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىدە بەلگىلىك تەسىر كۈچىنى پەيدا قىلدى. ئەمما خىتاينى خاتىرجەم قىلمايدىغىنى يەنىلا ئۇيغۇرلار ئىدى. چۈنكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا چېگراداش بولغان ئۇيغۇر ئېلى سوۋېتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغىنىدا، خىتاينىڭ ھاكىمىيىتىنى تەۋرىتىپ قويۇشتەك خەۋپنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىدى. بۇ ۋەجىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى يوقىتىشى بۇ مەزگىللەردە خىتاي ئۈچۈن تېخىمۇ زۆرۈر مەسىلىگە ئايلاندى.
دەرۋەقە، بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ زۇلۇمنىڭ شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيانلا يۈز بەرمىگەنلىكى بىر ھەقىقەت. شۇڭا بۇ زۇلۇم قاچان، قانداق سەۋەبلەردىن بۈگۈنگىچە داۋاملاشقانلىقىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مۇنداق بىر قانچە باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. مەسىلەن:
بىرىنچى باسقۇچ: ئۇيغۇرلارغا ئاپتونومىيە نامىنى بېرىش، ھوقۇق بەرمەسلىك
گەرچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1955-يىلى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نى يولغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ھەقىقىي مەنىدىكى ئاپتونومىيە ۋە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ھەققىدىن بەھرىمەن بولغان ئەمەس. يەنى، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» پەقەت «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» دىن ئىبارەت قانۇنسىز ئەسكىرىي نازارەت ئاستىدىكى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىدۇر. ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەرلىك خەلقى سۈپىتىدە ئۆز ۋەتىنىنىڭ پەقەت نامىغىلا ئىگە بولۇش قىسمىتىگە ئۇچرىغان خەلقتۇر. چۈنكى ئاتالمىش مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە ئۇيغۇر نامىدا ئاتىلىشتىن بىر قانچە يىل بۇرۇنلا، ئۇيغۇر زېمىنىدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر بولمىغان خەلقلەرنىڭ مىللىي ئاپتونوم ناھىيە ۋە ئوبلاستلىرى، خىتاينىڭ بىڭتۇەن دېۋىزىيەلىرى قۇرۇپ چىقىلغان. ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دېگەن ناملا ئۇيغۇر خەلقىگە بېرىلگەن. بۇ ۋەقەنىڭ ھەجۋىيلىكى گويا «نەسرىدىن ئەپەندىم» فىلىمىدىكى، توخۇ گۆشىنى تەقسىم قىلىش ۋەقەلىكىگە ئوخشىتىش تولىمۇ باب كېلىدۇ. يەنى ئۇيغۇرلار ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەرلىك خەلقى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسى باشقىلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن. ئۇ ھالدا خىتاي نېمە ئۈچۈن بۇ مەزگىلدىلا ئۇيغۇرلارغا ئاپتونومىيە بېرىشتىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچمىدى؟
مەسىلە شۇكى، بۇ مەزگىل يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلى ۋە خىتاينىڭ ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنى ئۆز ئېھتىياجى تۈپەيلى يېنىغا تارتىشقا موھتاج مەزگىل ئىدى. ئۇلارنى يېنىغا تارتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى، شۇ دۆلەتلەردىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ مۇستەملىكىچىلىككە قارشى ھەرىكەتلىرىنى، مۇستەقىللىقى ۋە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشىنى قوللاش ئىدى. دەل بۇ سەۋەبتىن، ئۇ خىتايدا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇشقا مەجبۇر ئىدى. شۇڭا خىتاي ئىچى ۋە سىرتىنى تەڭلا ئالداپ، ئۆز مەقسىتىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىش مەقسىتىدە، ساختا ئاپتونومىيە ئويۇنى، «خىتاي ئۇسلۇبى» دا سەھنىگە چىقتى.
ئىككىنچى باسقۇچ: ئۇيغۇرلارنى تەرەققىياتتىن ئايرىپ، نامراتلاشتۇرۇش ۋە قارشىلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇرلاش
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر يوقىتىلىشىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى دەل دېڭ شاۋپىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئاتالمىش «ئىسلاھات دەۋرى» دۇر. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە 30 يىللىق بېكىنمىلىك سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئېغىر سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كرىزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن «ئىسلاھات» قا موھتاج ئىدى. ئەمما بۇ ئىسلاھاتنىڭ خىتاينى باشلاپ ئاپىرىدىغان مەنزىلى يەنىلا خىتاينى ئەنسىرىتەتتى. چۈنكى بازار ئىگىلىكى ئۇقۇمى كاپىتالىزمنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، پىلانلىق ئىگىلىككە مەنسۇپ كوممۇنىستىك تۈزۈمى بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق ئىدى. شۇنداقتىمۇ دېڭ شاۋپىڭ يەنىلا «بىر قىسىم شارائىتى يار بەرگەن رايون ۋە ئادەملەرنىڭ ئالدىن بېيىشىغا يول قويۇش كېرەك» شوئارىنى كۆتۈرۈپ چىقتى. بىڭتۇەننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشمۇ بۇ شوئار بىلەن تەڭلا يۈز بەرگەن بولۇپ، دېڭ شاۋپىڭنىڭ بىڭتۇەننىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەيتىش يوليورۇقى، بىڭتۇەننىڭ «ئالدىن تەرەققىي قىلىش» ىغا تولۇق سالاھىيەت ھازىرلىغانىدى. دېمەك، خىتاينىڭ ئىسلاھات دەۋرىدە، ئۇيغۇرلار تەرەققىياتتىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇپ، بىڭتۇەننىڭ كۈچىيىشى ۋە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا شارائىت ھازىرلاندى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» تۆھمىتىدە قارىلىنىشى، 90-يىللاردا ئۇيغۇرلار بەكلا نامراتلىشىپ، بىڭتۇەن بەكلا بېيىپ كەتكەنكەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ بىر تاسادىپىيلىق بولماستىن، بەلكى ئۇزۇن يىللىق ئالدىن پىلانلىغان، پۇختا قەدەملەر بىلەن داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىدى.
ئۈچىنچى باسقۇچ: ئۇيغۇر تەھدىتىنى ئومۇميۈزلۈك يوقىتىش باسقۇچى
بۇ باسقۇچنى ئاساسەن 1994-يىلىدىكى پۈتكۈل خىتاي بويىچە باشلانغان «نامراتلىقنى يىلتىزىدىن يوقىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيە يارىتىش» سىياسىتىگە باغلاشقا بولىدۇ. چۈنكى بۇ دەۋردە نامراتلىقنى يىلتىزىدىن يوقىتىشتا، ئۇيغۇرلار نوپۇسى زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارى خىتايدىكى ئەڭ نامرات رايونغا، ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىق دەرىجىسى خىتاي بويىچە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا تىزىلغانىدى. بۇ مەزگىلدە خىتاي كۆتۈرۈپ چىققان شوئار «ئەسەبىيلىككە، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» ۋە «نامراتلىقنى يىلتىزىدىن يوقىتىش» بولغان. بۇ ۋاقىتتا، خىتاي نامراتلىقنى يوقىتىشنى باھانە قىلىپ يولغا قويغان «شىنجاڭغا ياردەم» سىياسىتىدە، ئۇيغۇر مائارىپى، تىلى، مەدەنىيىتى. . . . قاتارلىقلارغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. «غەربنى ئېچىش» سىياسىتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرى خىتايلار تەرىپىدىن تالان-تاراج قىلىندى. بۇ زۇلۇملارغا قارشى ئۇيغۇرلار يىللاردىن بۇيان ھەر خىل شەكىلدە ئۆز قارشىلىقلىرىنى ئىپادىلەپ كەلدى. ئەمما خىتاي بۇ قارشىلىقلارنى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنى پۇرسەت بىلىپ، خەلقئارا تېررورىزمغا باغلىدى. شۇنداقلا 2009-يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك بويسۇندۇرۇشنىڭ بۈيۈك پۇرسىتى ھېسابلىدى. بۇ مەزگىل خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىرىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى» نىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالغاندەك قىلاتتى. گەرچە خىتاي ئىزچىل ھالدا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى يارىتىش» نىڭ ئۆزىلا ئاپتونومىيە ۋە مىللىي كىملىكنىڭ تارىخ سەھنىسىدىن چۈشىشىگە يېتەرلىك سەۋەب بولالايتتى. 2010-يىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق «مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى پۈتۈن خىتاينىڭ ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ كۈچى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ۋەيران قىلىشنىڭ بىر تۈرلۈك پىلان تەدبىرلىرى بېكىتىلىپ چىقىلغان يىغىن بولدى. يەنى، مەزكۇر يىغىندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرى ۋە بىڭتۇەنگە ئومۇميۈزلۈك بۆلۈپ بېرىلدى. 2013-يىلى شى جىنپىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىدارە قىلىشتا ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى «تۆت خىل ئۇنسۇرنى يوقىتىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنىڭ «يېپيېڭى ئۇسۇلى» مەيدانغا چىقىپ، «تۆت خىل ئۇنسۇرنى يوقىتىش» نىڭ ئورنىنى «ئۈچ خىل كۈچلەرنى يىلتىزىدىن يوقىتىش» ئالدى. تارىختىكى تۆت خىل ئۇنسۇرلار پۈتكۈل خىتاي جەمئىيىتىنىڭ يوقىتىش ئوبيېكتىغا قانداق ئايلاندۇرۇلغان بولسا، ئۇيغۇرلارمۇ شۇنداق ئايلاندۇرۇلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن خۇددى خىتاينىڭ ئاق تاشلىق كىتابىدا تىلغا ئالغىنىدەك «يىللاردىن بۇيان خىتايدا تېررورلۇق ھادىسىسى كۆرۈلمىدى»، يەنى خىتايدىكى «ئۇيغۇر تەھدىتى» پۈتۈنلەي يوقىتىلدى.
تۆتىنچى باسقۇچ: ئاپتونومىيە ۋە مىللىي كىملىكنىڭ ئورنىغا، «دۆلەتچىلىك ۋە ئۇلۇسچىلىق» نى دەسسىتىش
گەرچە ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلاردىن كېلىدىغان تەھدىت پۈتۈنلەي يوقىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار تېخى مىللەت سۈپىتىدە غايىب بولغىنى يوق. مانا بۇ ھەقىقەت خىتاينى يەنىلا خاتىرجەم قىلمايدىغان ئامىلدۇر. شۇڭا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى يارىتىش» نىڭ سەۋەبى بۇ ئامىلنى ئومۇميۈزلۈك يوقىتىش ئارقىلىق «خىتاي چۈشى» نى روياپقا چىقىرىش دەپ قاراشقا بولىدۇ. يەنى، شى جىنپىڭ ئۆزى ئېيتقاندەك، خىتايلار ئىككى يۈز يىللىق بۈيۈك پىلانىنىڭ بىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. يەنى بۇ ئىككى پىلاننىڭ بىرى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ يۈز يىللىقىدا ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش؛ يەنە بىرى بولسا، خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ يۈز يىللىقىدا ئامېرىكانى بېسىپ چۈشۈپ، دۇنيادىكى قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلىنىشتىن ئىبارەت. شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە نىزامىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆمۈرلۈك ۋەزىپىدە ئولتۇرۇش پىلانى دەل 2049-يىلىدا خىتاينىڭ ئىككىنچى يۈز يىللىق پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەنلىكى ئېنىق. بۇ سەۋەبتىن، شى جىنپىڭ خىتايدا بىرلا مىللەت، بىرلا پارتىيە بولۇشتەك مەنزىرىنى «جۇڭخۇا مىللىتى» يارىتىش ئارقىلىق كۈچەيتىدۇ. چۈنكى خىتاي، «ئۇيغۇرلارغا خىتاي دۆلىتىنى مەجبۇرىي قوبۇل قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى خىتاي ئۇلۇسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىقلا مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ» دەپ قارايدۇ. ھالبۇكى، خىتاينىڭ بۇ ئىدىيەسى غەرب باشچىلىقىدىكى مەدەنىي دۇنيا ياراتقان ۋە پۈتكۈل دۇنيادا زور كۆپچىلىك ئىنسانلار قوبۇل قىلىدىغان ئورتاق قىممەت قاراشلارغا پۈتۈنلەي زىت كېلىدۇ. ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى كەينىدە، ئىمپېرىئالىزملىق، مۇستەملىكىچىلىك ۋە فاشىزملىقنىڭ زىيانكەشلىكىنى باشتىن كەچۈرگەن ئىنسانىيەت، خىتايدەك بىر مۇستەبىت كۈچنىڭ قايتا تەھدىت بولۇپ باش كۆتۈرۈشىگە ئەسلا يول قويمايدۇ. شۇڭا شى جىنپىڭنىڭ «خىتاي چۈشى» بەلكى بىر قېتىملىق «قارا بېسىش» بولۇپ قېلىشىمۇ ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس.
***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.